كۆپ ئۇيغۇر تەشكىلاتى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەتلىرىنى ئۆملۈكتە خاتىرىلىدى

ئىستانبۇلدىن ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئارسلان تەييارلىدى
2024.11.13
istanbul-2-jumhuriyet-10

ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن ئىككى جۇمھۇرىيەتنى خاتىرىلەش ۋە مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ كۆرۈنۈشى. 2024-يىلى 10-نويابىر، ئىستانبۇل RFA/Arslan

istanbul-2-jumhuriyet-01

ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن ئىككى جۇمھۇرىيەتنى خاتىرىلەش ۋە مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ كۆرۈنۈشى. 2024-يىلى 10-نويابىر، ئىستانبۇل RFA/Arslan

istanbul-2-jumhuriyet-07

ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن ئىككى جۇمھۇرىيەتنى خاتىرىلەش ۋە مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ كۆرۈنۈشى. 2024-يىلى 10-نويابىر، ئىستانبۇل RFA/Arslan

istanbul-2-jumhuriyet-06

ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن ئىككى جۇمھۇرىيەتنى خاتىرىلەش ۋە مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ كۆرۈنۈشى. 2024-يىلى 10-نويابىر، ئىستانبۇل RFA/Arslan

istanbul-2-jumhuriyet-05

ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن ئىككى جۇمھۇرىيەتنى خاتىرىلەش ۋە مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ كۆرۈنۈشى. 2024-يىلى 10-نويابىر، ئىستانبۇل RFA/Arslan

istanbul-2-jumhuriyet-04

ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن ئىككى جۇمھۇرىيەتنى خاتىرىلەش ۋە مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ كۆرۈنۈشى. 2024-يىلى 10-نويابىر، ئىستانبۇل RFA/Arslan

istanbul-2-jumhuriyet-03

ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن ئىككى جۇمھۇرىيەتنى خاتىرىلەش ۋە مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ كۆرۈنۈشى. 2024-يىلى 10-نويابىر، ئىستانبۇل RFA/Arslan

istanbul-2-jumhuriyet-02

istanbul-2-jumhuriyet-09

ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن ئىككى جۇمھۇرىيەتنى خاتىرىلەش ۋە مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ كۆرۈنۈشى. 2024-يىلى 10-نويابىر، ئىستانبۇل RFA/Arslan

istanbul-2-jumhuriyet-08

ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن ئىككى جۇمھۇرىيەتنى خاتىرىلەش ۋە مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ كۆرۈنۈشى. 2024-يىلى 10-نويابىر، ئىستانبۇل RFA/Arslan

1933-يىلى 12-نويابىر قەشقەردە قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ 91 يىللىقى ۋە 1944-يىلى 12-نويابىر غۇلجىدا قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ 80 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن 10-نويابىر كۈنى ئىستانبۇلدا نەچچىلىگەن ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى بىرلىك ۋە ئۆملۈكتە خاتىرىلەش ۋە مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزدى.

ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋەخپىسىنىڭ رەئىسى ئابدۇلھەمىد قاراخان ئەپەندى يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلغان بولۇپ، يىغىنغا ئىستانبۇلدىكى تەشكىلات رەھبەرلىرى، زىيالىيلار ۋە ئوقۇغۇچىلار بولۇپ كۆپ ساندا كىشى قاتناشتى.

يىغىندا ئېچىلىش سۆزى سۆزلىگەن تەكلىماكان ئۇيغۇر نەشرىياتىنىڭ مۇدىرى ئابدۇجېلىل تۇران، 1933-يىلى قەشقەردە قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى ۋە 1944-يىلى غۇلجىدا قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى خاتىرىلەش ئۈچۈن بۇ يىغىننى ئۇيۇشتۇرغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ يىللاردىن بۇيان بۇ ئىككى جۇمھۇرىيەتنى ئەسلەپ كېلىۋاتقانلىقى ۋە يېڭىدىن دۆلەت قۇرۇش غايىسى بىلەن ياشاۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

يىغىندا سۆز قىلغان كونيادىكى سەلچۇق ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئادىلجان ئەرئۇيغۇر ئەپەندى، «جۇمھۇرىيەتنىڭ قۇرغۇچىلىرى ۋە ئەجدادلىرىمىزنىڭ بىزلەرگە قالدۇرغان مىراسى-ئىسيان ئەخلاقى» دېگەن تېمىدا دوكلات بەردى.

ئۇ، مۇنداق دېدى: «ئىسيان ئەخلاقى ئىنساننىڭ ئۆز قەدىر-قىممىتىنى قوغداش ھەرىكىتىنىڭ نەتىجىسى، بۇ، كىشىگە زۇلۇم قىلغۇچى تۈزۈمگە قارشى ئۆزىنى مۇداپىئە قىلىش ھوقۇقىدۇر. ئەمەلىيەتتە ئىسيان ئەخلاقىغا ئىگە بولغان كىشىلەر نورمالدا ئادالەت ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىدۇ. بۇ ئىككى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى قۇرغانلار ياكى ئۇنىڭ قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولغان ئىنسانلارنىڭ ئىدىيەسىنى ياراتقان نەرسىنى دەل مۇشۇ سىستېمىغا ياكى خىتاينىڭ ئادالەتسىزلىكىگە قارشى چىقىشتىن ئىبارەت ئىسيان ئەخلاقىنىڭ تۈرتكىسى دېيىشكە تامامەن بولىدۇ».

يىغىندا سۆز قىلغان ئەنقەرەدىكى ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ پەنلىرى دوتسېنتى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى، «تارىختىكى ئىككى جۇمھۇرىيەتنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە يىقىلىش سەۋەبلىرى ۋە خەلقئارادىكى سىياسىي تەڭپۇڭلۇقلار» دېگەن تېمىدا توختالدى.

دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى سۆزىدە، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە بىر جۇغراپىيەلىك رايون ئىكەنلىكىنى، شۇنىڭ ئۈچۈن ھون دەۋرىدىن باشلاپ ئىككى مىڭ يىلدىن بۇيان چوڭ كۈچلەر ئارىسىدا توقۇنۇش مەيدانى بولۇپ كەلگەنلىكىنى، كۆكتۈرك ۋە ئۇيغۇر دۆلىتىدىن كېيىنكى ياقۇپ بەگنىڭ قەشقەرىيە دۆلىتى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن قۇرۇلغان ئىككى جۇمھۇرىيەتنىڭ قۇرۇلۇش جەريانىدىكى سىياسىي ھەرىكەتلەرگىمۇ سوۋېت ئىتتىپاقى، ئەنگلىيە، ياپونىيە ۋە خىتاي قاتارلىق دۆلەتلەر داۋاملىق قول سېلىپ كەلگەنلىكىنى ئەمەلىي مىساللار بىلەن سۆزلەپ ئۆتتى.

دوكتور ئەركىن ئەكرەم مۇنداق دېدى: «خىتاي بىلەن سوۋېتلار ئىتتىپاقى ئارىسىدا دوستلۇق كېلىشىمى ئىمزا قىلىندى. كېلىشىمنىڭ قوشۇمچە ئىككى ماددىسى بولۇپ، بۇ ماددىنىڭ بىرسىدە سوۋېتلار ئىتتىپاقى بۇنىڭدىن كېيىن شەرقى تۈركىستان مەسىلىسىگە ئارىلاشمايدۇ ۋە شۇنداقلا 5-ماددىغا بىنائەن خىتاينىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشمايدۇ، دېيىلگەن، سوۋېت ئىتتىپاقى بۇ كېلىشىم بىلەن شەرقى تۈركىستاننى (خىتايغا) سېتىۋەتتى ۋە تاشقى موڭغۇلىستاننى قولغا چۈشۈردى. بۇ كېلىشىمنىڭ سەۋەبى بىلەن 9-ئاينىڭ 15-كۈنى مىللىي ئارمىيە ماناستا توختىتىپ قويۇلغان ۋە ئاقسۇدىكى مىللىي ئارمىيەنىمۇ قايتۇرۇشقا ھەم مۇشۇ كېلىشىم سەۋەب بولغان. ئىككى جۇمھۇرىيەتنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە يىقىلىش سەۋەبلىرى شۇ چوڭ دۆلەتلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ قارىلىدۇ».

 يىغىندا سۆز قىلغان مەركىزى ئىستانبۇلدىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەخپىسى رەئىسى ئابدۇرېشىت ئابدۇلھەمىت، مۇنداق دېدى: «بۇ ئىككى جۇمھۇرىيەتنىڭ قۇرغۇچىلىرى بولغان سابىت داموللام، ئەلىخان تۆرەم، ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىق بىزنىڭ لىدېرلىرىمىزنى ھۆرمەت بىلەن ياد ئېتىمىز، بىز شۇ ئەجدادلىرىمىزنىڭ بىزگە قالدۇرۇپ كەتكەن شۇ روھىنى جانلىق تۇتۇش ئۈچۈن بىز بۇ يەردە بولۇۋاتىمىز، ئەگەر بىز بۈگۈن دۇنيادا شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى قايتا قۇرىمىز ۋە ۋەتىنىمىزنى تەكرار شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا ئىگە بىر زېمىنغا ئايلاندۇرىمىز دەپ كۈرەش قىلىۋاتىمىز. ئەنە ئاشۇلارنىڭ بىزنىڭ روھىمىزغا قالدۇرغان شۇ ئىرادىسىنىڭ بىر نامايەندىسى سۈپىتىدە بىز مۇشۇ يەردە تۇردۇق. بۇ ئىنسانلار شۇنداق ئىنسانلاركى، بىزگە ئەركىنلىكنى، ھۆرىيەتنى ۋە مۇستەقىللىقنى ياشاتقان ۋە بۇ ئىرادىنى بۈگۈنگىچىلىك قەلبىمىزدە، روھىمىزدا ۋە پۈتۈن ۋۇجۇدىمىزدا جانلىق تۇتۇشقا ۋەسىلە قىلدى. ئۇلار شۇنداق كىشىلەر بولغانلىقى ئۈچۈن بىز بۇلارنى خاتىرىلىشىمىز، ھەر ۋاقىت ئۇلارنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىنى قىلىشىمىز لازىم» .

يىغىن جەريانىدا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن، ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى رەئىسى دوكتور رىشات ئابباس، ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى باشلىقى روشەن ئابباس، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى مەسئۇللىرىدىن ئۆمەر قانات، ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزى رەئىسى ئابدۇلھاكىم ئىدرىس قاتارلىق ئەپەندى ۋە خانىملارنىڭ يىغىنغا يوللىغان تەبرىك ۋىدىيولىرى يىغىن ئەھلىگە ئېكران ئارقىلىق كۆرسىتىلدى.

مەزكۇر يىغىندا يەنە ئۇيغۇر تارىخچىسى تۇرغۇن ئالماس ئەپەندى تۇغۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى خاتىرىلەندى ۋە مەرھۇم تۇرغۇن ئالماس ئەپەندىنىڭ ھاياتى ۋە ئۇنىڭ ئۇيغۇر تارىخشۇناسلىقىغا قوشقان تۆھپىسى، دۇنيا ئۇيغۇر يازغۇچىلار ئۇيۇشمىسى باش كاتىپى ئابىدە ئابباس نەسرىن خانىم تەرىپىدىن ئەسلەپ ئۆتۈلدى.

يىغىندا يەنە، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەخپىنىڭ ئىدارە ھەيئەت ئەزالىرىدىن ئەكبەر نۇرلۇق ئەپەندى، شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى رەھبەرلىرىدىن مەرھۇم ئەخمەتجان قاسىمى تۇغۇلغانلىقىنىڭ 110 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ ھاياتى ۋە ئۇنىڭ شەرقىي تۈركىستان مىللىي مۇستەقىللىق كۈرىشىدىكى ھەل قىلغۇچ رولى ھەققىدە دوكلات بەردى.

يىغىن ئاخىرىدا يىغىن تەرتىپلىگۈچى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى دىنىي ئىشلار كومىتېتى مۇدىرى ئابدۇجېلىل تۇران ئەپەندى يېپىلىش سۆز قىلدى ۋە ئابدۇجېلىل تۇران ئەپەندى ئۆزى نەشرگە تەييارلىغان ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان «شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى» ناملىق كىتابنى يىغىندا دوكلات بەرگەن زىيالىيلارغا ۋە يىغىننىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېچىلىشىغا ھەسسە قوشقان ۋە ھەمكارلاشقان تەشكىلات رەھبەرلىرىگە رەھمىتىنى بىلدۈرۈپ ئۇ كىتابنى تەقدىم قىلدى ۋە خاتىرە رەسىمگە چۈشتى.

يىغىن ئاخىرىدا، ئۇيغۇر ئىلىم مەرىپەت ۋەخپىسى رەئىسى ھەبىبۇللاھ كۈسەنى ئەپەندى، شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەتلىرىنى قۇرۇش ۋە مىللەتنى قۇتۇلدۇرۇش يولىدا ئەزىز جانلىرىنى پىدا قىلغان بارلىق شېھىتلەرگە ئاتاپ دۇئا قىلدى.

بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ ئۆزگىچىلىكى شۇكى، ئۇنى كۆپ تەشكىلاتلار بىرلىكتە ئۇيۇشتۇردى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەخپىسى، ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى، ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى، شەرقىي تۈركىستانلىقلار فېدېراتسىيەسى، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى، ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزى، شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىسى، دۇنيا ئۇيغۇر يازغۇچىلار ئۇيۇشمىسى، ئۇيغۇر ئىلىم مەرىپەت ۋەخپىسى ۋە تەكلىماكان ئۇيغۇر نەشرىياتى قاتارلىقلار مەزكۇر جۇمھۇرىيەت خاتىرە پائالىيىتىگە ساھىبخانىلىق قىلغۇچى تەشكىلاتلاردۇر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.