دوكتور ئەركىن سىدىق: «پائالىيىتىمىز ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ يوقاپ كەتمىگەنلىكىنى ۋە يوقاپ كەتمەيدىغانلىقىنى ئىسپاتلايمىز!»
2024.09.27
21-ۋە 22-سېنتەبىر كۈنلىرى «ئۇيغۇر پىروجېكت فوندى» نىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ئىستانبۇلدا چاقىرىلغان «دەۋر ۋە بىز: ئىستانبۇلدا 20 لېكسىيە-2024» تېمىسىدىكى يىغىندا ئېچىلىش سۆزى قىلغان ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسىنىڭ ئىنژېنېرى، «ئۇيغۇر پىروجېكت فوندى» نىڭ رەئىسى دوكتور ئەركىن سىدىق ئەپەندى «بىز بۇ پائالىيىتىمىز ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ يوقاپ كەتمىگەنلىكىنى ۋە يوقاپ كەتمەيدىغانلىقىنى ئىسپاتلايمىز» دېدى.
2023-يىلىدىن باشلاپ چاقىرىلىۋاتقان مەزكۇر لېكسىيە پائالىيىتى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنى بىر يەرگە جەم قىلىپ، ئۇيغۇر جەمئىيىتى دۇچ كېلىۋاتقان تۈرلۈك ئىجتىمائىي مەسىلىلەرنى كەڭ-كۇشادە مۇھاكىمە قىلىشنىڭ بىر قېتىملىق پۇرسىتى، دەپ قارىلىۋاتقانلىقى مەلۇم. يىغىنغا دۇنيانىڭ ئوخشىمىغان جايلىرىدىن كەلگەن ئۇيغۇر زىيالىيلار، شۇنىڭدەك تۈركىيەدىن كۆپ ساندا زىيالىيلار ۋە ياشلار قاتناشتى. يىغىن دائىمقىدەك «شەرقىي تۈركىستان ئىستىقلال مارشى» ئوقۇش بىلەن باشلاندى.
دوكتور ئەركىن سىدىق ئەپەندى يىغىن ئارىلىقىدا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا بۇ يىللىق يىغىننىڭ مەقسىتى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: «ۋەتەندىكى سەرخىل زىيالىيلىرىمىز ئاساسەن غايىب بولۇپ كەتتى. چەتئەلگە چىقىۋالغان ۋە قولىدا قەلەم قۇۋۋىتى بار، ماقالە يازالايدىغان بىر قىسىم زىيالىيلىرىمىز بار. مۇشۇ زىيالىيلار ھازىرقىدەك دەۋردە مىللىتى ئۈچۈن قانداق رول ئوينايدۇ، نېمە قىلىشى كېرەك دېگەندەك نۇقتىلاردا مۇزاكىرە قىلىپ، مۇشۇنداق بىر لېكسىيە پائالىيىتى ئورۇنلاشتۇرايلى دەپ بۇ يىغىننى ئۇيۇشتۇردۇق. ‹ئىستانبۇلدا 20 لېكسىيە› دېگەن نام بىلەن ئۆتكەن يىلى تۇنجى قېتىملىقىنى ئۇيۇشتۇرغان ئىدۇق، بۇ يىل ئىككىنچى قېتىملىقىنى ئۇيۇشتۇردۇق. بۇ قېتىم ئاساسلىقى نۆۋەتتە ئۇيغۇر مىللىتى دۇچ كەلگەن مەسىلىلەر، ئۇنىڭ كېلىپ چىقىش مەنبەسى ۋە ئۇنى ھەل قىلىشنىڭ تەدبىر-چارىلىرى دېگەن تېمىلارنى چۆرىدىگەن ئاساستا زىيالىيلار مۇزاكىرە قىلىپ، ئۇنى خەلق ئاممىسى بىلەن ھەمبەھىرلىنىشنى مەقسەت قىلىپ بۇ يىغىن ئۇيۇشتۇرۇلدى.»
يىغىنغا قاتناشقان ۋەكىللەر ئوخشىمىغان تېمىلار بويىچە دوكلات بەردى. ئەنگلىيەدىن كەلگەن ئۇيغۇر زىيالىيسى ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن ئەپەندىنىڭ «ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ 2000 يىللىق ئىزناسى» ناملىق ماقالىسى، شىۋېتسىيەدىن مۇختار ئابلىكىم جانباز ئەپەندىنىڭ «مۇھاجىرەتتە ئۇيغۇر سەنئىتى ھەققىدە» ناملىق ماقالىسى، شىۋېيتسارىيەدىن كېلىپ قاتناشقان ئۇيغۇر زىيالىيسى دوكتور ئابدۇرېشىت ئابدۇشۈكۈر ئەپەندىنىڭ «نۆۋەتتىكى ئىس-تۈتەكسىز ئۇرۇش: ئۆزەك (chip) ئۇرۇشى» دېگەن تېمىدىكى دوكلاتى، «تەكلىماكان ئۇيغۇر نەشرىياتى» نىڭ مەسئۇلى ئابدۇجېلىل تۇراننىڭ «مۇھاجىرەتتىكى شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىق ھەرىكىتى» ناملىق ماقالىسى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن 20 نەپەر ئۇيغۇر زىيالىيسىنىڭ ماقالىلىرى قاتارىدا ئوقۇپ ئۆتۈلدى.
دوكتور ئەركىن سىدىق ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ قېتىمقى يىغىندا لېكسىيە سۆزلەش ئۈچۈن دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن 32 كىشى 38 پارچە ماقالە يازغان. ئۇلارنىڭ ئىچىدىن 20 پارچە ماقالىنىڭ ئاپتورى بۇ يىغىنغا تەكلىپ بىلەن قاتناشقان ھەمدە ئۆز ماقالىلىرىنى چۆرىدىگەن ئاساستا سۆز قىلغان.
بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىزنى قوبۇل ئۇيغۇر زىيالىيسى ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن بۇ قېتىمقى يىغىندا ئۆزىنىڭ «ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ 2000 يىللىق ئىزناسى» دېگەن كىتابىدىكى مۇھىم مەزمۇنلار تونۇشتۇرۇلغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ ئەسەردە بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ بېشىغا كېلىۋاتقان ئېغىر كۈلپەتلەر، يازغۇچى، ئاكادېمىك ۋە سەنئەتكارلىرىمىزنىڭ قانچىلىك زىيانكەشلىككە ئۇچراۋاتقانلىقى، ئۇيغۇرلارنىڭ يېزىش ئەركىنلىكى، پىكىر قىلىش ۋە كىتاب نەشر قىلىش ئەركىنلىكىنىڭ چەكلىگەنلىكى بايان قىلىنغان.
سۆھبەت زىيارىتىمىز جەريانىدا دوكتور ئەركىن سىدىق ئەپەندى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز مىللىي نىشانىغا يېتىشتە ئۈمىدسىزلەنمەسلىك كېرەكلىكى توغرىسىدا پىكىر بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «بىز ھازىر ئالاھىدە بىر تارىخى دەۋردە ياشاۋاتىمىز، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچىدىمۇ ‹مەن بۇنىڭدىن كېيىن ھاياتىمنى قانداق ئۆتكۈزىمەن› دەپ باش قاتۇرۇۋاتقان ئادەملەر كۆپ، ئۈمىدسىزلىنىۋاتقانلارمۇ ئاز ئەمەس. مەن بۇ يىغىندا شۇ پىكىرنى ئوتتۇرىغا قويدۇمكى، نەتىجىنى نىشان قىلىپ تۇرۇپ، ئۆزىمىزنىڭ مىللىي بۇرچى ۋە تارىخىي مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش يولىدا نەتىجىنى قولغا كەلتۈرۈشنى ئالدىن شەرت قىلىپ ئەمەس، ئۆزىمىز توغرا دەپ قارىغان ئىشلارغا ئۆزىمىزنىڭ بارلىقىنى ئاتاپ تۇرۇپ ياشايلى. مەن ئۆزۈمنىڭ مىللىي بۇرچى ۋە تارىخىي مەسئۇلىيىتىمنى جارى قىلدۇرۇپ ياشايمەن دەپ ياشىسا ھاياتىنىڭ ئاخىرىغىچە توختاپ قالمايدۇ، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن مۇشۇنداق بىر يېتەكچى ئىدىيەنىڭ بولۇشى ئىنتايىن مۇھىم دەپ قارايمەن».
بىز يەنە بۇ يىغىن توغرىسىدا پىكىر قاراشلىرىنى ئېلىش ئۈچۈن شىۋېتسىيەدىن كېلىپ يىغىنغا قاتنىشىۋاتقان دۇنيا ئۇيغۇر يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ سابىق رەئىسى، يازغۇچى ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەد ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەد ئەپەندى بۇ يىغىندا مۇزاكىرە قىلىنغان مەسىلىلەر توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: «ئۇيغۇرلاردا ئۇيغۇرلۇق ئېڭى، ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىي ۋە مەدەنىيىتى ھەققىدە بىر چۈشەنچىگە ئىگە قىلىش، شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتىنى ئۇيغۇرلارنىڭ قەلبىگە سىڭدۈرۈش، شۇ ئارقىلىق ئۇيغۇرلار ھازىر نېمە كۈن كۆرۈۋاتىدۇ، بىز نېمە ئىش قىلىشىمىز كېرەك، قانداق قىلساق ھازىرقى زۇلۇمدىن ۋە قىيىن كۈنلەردىن قۇتۇلۇپ يېڭى بىر ھاياتقا ئېرىشەلەيمىز، دېگەندەك تېمىلارنى چۆرىدىگەن ئاساستا خەلقىنى ئويغىتىش ھەمدە تەشكىللەش ئاساسى مۇزاكىرە تېمىسىنىڭ بىرى بولدى».
ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەد ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ يىغىن جەريانىدا مول مەزمۇنلۇق ۋە رەڭدار لېكسىيەلەر ئارقىلىق ئۇيغۇر تارىخى، تېبابەتچىلىك، ئىقتىساد ۋە باشقا ساھەلەردىكى مەزمۇنلار يورۇتۇلغان. شۇنىڭدەك يىغىن قاتناشقۇچىلىرىغا بۇ ساھەلەر بويىچە بىر مەيدان جانلىق لېكسىيە بېرىلگەن.
بۇ يىغىندا سۆزلەنگەن لېكسىيەلەر ماقالىلەر توپلىمى شەكلىدە نەشر قىلىنغان بولۇپ يىغىنغا قاتناشقۇچىلارغا ھەقسىز تارقىتىلدى. بۇ قېتىملىق يىغىن كېلەر يىلى ئوخشاش ۋاقىتتا يەنە بىر قېتىم چاقىرىلىدىغان بولۇپ، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا پىكىر ۋە مەۋقە بىرلىكى ھاسىل قىلىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە، دەپ قارالماقتا.