روزا ھېيتتا ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە ئۇيغۇرلار بىرلىكتە ھېيتلىشىش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى

ئىستانبۇلدىن ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئارسلان تەييارلىدى
2024.04.12
istanbul-roza-heyt-1

ئۇيغۇرلارنىڭ ھېيتلىشىش پائالىيىتىدىن كۆرۈنۈش. 2024-يىلى 11-ئاپرېل، ئىستانبۇل. RFA/Arslan

istanbul-roza-heyt-2

خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى بىرلىكى رەئىسى ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان ئەپەندى ئۇيغۇرلارنىڭ ھېيتلىشىش پائالىيىتىدە سۆزدە. 2024-يىلى 11-ئاپرېل، ئىستانبۇل. RFA/Arslan

istanbul-roza-heyt-3

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەخپى رەئىسى ئابدۇرېشىت ئابدۇلھامىت ئەپەندى ئۇيغۇرلارنىڭ ھېيتلىشىش پائالىيىتىدە سۆزدە. 2024-يىلى 11-ئاپرېل، ئىستانبۇل. RFA/Arslan

istanbul-roza-heyt-4

خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى بىرلىكى رەئىسى ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان ئەپەندى ئۇيغۇرلارنىڭ ھېيتلىشىش پائالىيىتىدە سۆزدە. 2024-يىلى 11-ئاپرېل، ئىستانبۇل. RFA/Arslan

istanbul-roza-heyt-5

جامائەت ئەربابى ئابدۇقادىر ياپچان ئەپەندى ئۇيغۇرلارنىڭ ھېيتلىشىش پائالىيىتىدە سۆزدە. 2024-يىلى 11-ئاپرېل، ئىستانبۇل. RFA/Arslan

istanbul-roza-heyt-6

شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى رەئىسى دوكتور ئالىمجان بوغدا ئۇيغۇرلارنىڭ ھېيتلىشىش پائالىيىتىدە سۆزدە. 2024-يىلى 11-ئاپرېل، ئىستانبۇل. RFA/Arslan

istanbul-roza-heyt-7

شەرقىي تۈركىستانلىقلار فېدېراتسىيەسى رەئىسى مەخمۇت داموللام سۆزلىمەكتە. 2024-يىلى 11-ئاپرېل، ئىستانبۇل. RFA/Arslan

istanbul-roza-heyt-8

شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتى رەئىسى ئالى سالىھ ئەپەندى ئۇيغۇرلارنىڭ ھېيتلىشىش پائالىيىتىدە سۆزدە. 2024-يىلى 11-ئاپرېل، ئىستانبۇل. RFA/Arslan

istanbul-roza-heyt-9

شەرقىي تۈركىستان ئىلى مەشرەپ ئۇيغۇر ۋەخپى رەئىسى ئىمىنجان ئەپەندى ئۇيغۇرلارنىڭ ھېيتلىشىش پائالىيىتىدە سۆزدە. 2024-يىلى 11-ئاپرېل، ئىستانبۇل. RFA/Arslan

ئىستانبۇل تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلار ئەڭ كۆپ ئولتۇراقلاشقان شەھەرلەردىن بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇ شەھەردە بىرقىسم ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى پائالىيەت قىلىدۇ. بۇ يىل روزا ھېيت مۇناسىۋىتى بىلەن ھېيتنىڭ 2-كۈنى، يەنى 11-ئاپرېل پەيشەنبە كۈنى ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى بىر يەرگە جەم بولۇپ روزا ھېيتنى بىرلىكتە ئۆتكۈزدى.

پائالىيەتتە بىر قىسىم ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ رەھبەرلىرى سۆز قىلىپ، ئۆز-ئارا بىرلىك، باراۋەرلىكنى ۋە قېرىنداشلىق رىشتىنى كۈچەيتىشنى تەكىتلىدى.

بۇ ھېيتلىشىش پائالىيىتى، خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى بىرلىكى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەخپىسى، شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى، شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتى، شەرقىي تۈركىستانلىقلار فېدېراتسىيەسى، شەرقىي تۈركىستان ئىلى مەشرەپ ئۇيغۇر ۋەخپىسى قاتارلىق ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، بۇ ھېيتلىشىش پائالىيىتىگە ئەر-ئايال ۋە ئۆسمۈرلەر بولۇپ 2000 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر قاتناشتى.

پائالىيەت قۇرئان كەرىم تىلاۋەت قىلىش بىلەن باشلاندى. پائالىيەتتە خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى بىرلىكى رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: «پۈتۈن ئىسلام دۇنياسى بۈگۈنكى مۇبارەك كۈندە شاتلىق ئىچىدە روزا ھېيتىنى تەنتەنە قىلىۋاتقان بولسىمۇ شەرقىي تۈركىستاندا خەلقىمىزنىڭ رامىزان ئېيىنى، ھېيت بايرامنى ئۆتكۈزەلمەيۋاتقانلىقىنى، ئىسكەنجە ۋە ئاسارەت ئىچىدە ئىڭراۋاتقانلىقىنى ھەممىمىز بىلىمىز. شۇنىڭ ئۈچۈن دىياسپورادىكى شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىمىزمۇ گەرچە ئازاد ۋە ھۆر دۇنيادا ياشاۋاتقان بولساقمۇ، ئوخشاشلا يۈرىكىمىزنىڭ بىر پارچىسى بولغان خەلقىمىز ۋەتەندە ئېغىر بىر ئەھۋالدا تۇرۇۋاتقان بىر پەيتتە يېتىپ كەلگەن بۇ روزا ھېيتنى ھەقىقىي مەنىدە تەنتەنە قىلىپ ئۆتكۈزەلمەيۋاتىمىز».

پائالىيەتتە سۆز قىلغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەخپىسىنىڭ رەئىسى ئابدۇرېشىت ئابدۇلھەمىد يىغىن ئەھلىنىڭ روزا ھېيتىنى تەبرىكلىدى ۋە روزا ھېيتنى خۇشال ئۆتكۈزۈشنى ئەنئەنىۋى ئۇيغۇر سامالىرى ۋە مىللىي ئەنئەنىۋى سەنئەتلىرى بىلەن تەنتەنە قىلىپ ھېيتلىشىپ ئۆتكۈزۈشنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى.

ئۇ سۆزىدە يەنە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بىر يەرگە جەم بولۇپ ھېيتلىشىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈشنىڭ بىرلىك ئۈچۈن ئەھمىيەتلىك ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

پائالىيەتتە سۆز قىلغان شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى رەئىسى دوكتور ئالىمجان بۇغدا ئالدى بىلەن يىغىن ئەھلىنىڭ روزا ھېيتىنى تەبرىكلىدى ۋە ھېيت مۇناسىۋىتى بىلەن بىر يەرگە جەم بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز-ئارا ئىناق ئۆتۈشى، بىرلىك ۋە دوستلۇقنى كۈچەيتىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

جامائەت ئەربابى ئابدۇقادىر ياپچان ئۇيغۇرلارنىڭ بىر يەرگە يىغىلىپ پائالىيەت قىلىشىنىڭ بىرلىكنى كۈچەيتىش رولىنى ئوينايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

پائالىيەتتە ياشلار شېئىر دېكلاماتسىيە قىلدى ۋە يەنە بىر قىسىم جامائەت ئەربابلىرى، تەشكىلات مەسئۇللىرى سۆز قىلىپ، ھېيتنى تەبرىكلەشتى. پائالىيەت قاتناشقۇچىلىرىمۇ ئۆز ئارا بىر-بىرىنى تەبرىكلەشتى.

ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن بۇ ھېيتلىشىش پائالىيىتى تاماق زىياپىتىدىن كېيىن قىزغىن كەيپىيات ئىچىدە ئاخىرلاشتى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.