ئىستانبۇلدا «شەرقىي تۈركىستانلىقلار قېرىنداشلىق ئىپتار پائالىيىتى» ئۆتكۈزۈلدى

ئىستانبۇلدىن ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئارسلان تەييارلىدى
2024.03.27
istanbulda-iptar-1 ئىستانبۇلنىڭ كۈچۈكچەكمەجە سەفاكۆي رايونىغا جايلاشقان ئوسمانلى مەرىكە زالىدا ئۆتكۈزۈلگەن «شەرقىي تۈركىستانلىقلار قېرىنداشلىق ئىپتار پائالىيىتى» دىن كۆرۈنۈش. 2024-يىلى 23-مارت، تۈركىيە.
RFA/Arslan

23-مارت ئىستانبۇلنىڭ كۈچۈكچەكمەجە سەفاكۆي رايونىغا جايلاشقان ئوسمانلى مەرىكە زالىدا «شەرقىي تۈركىستانلىقلار قېرىنداشلىق ئىپتار پائالىيىتى» ئۆتكۈزۈلدى.

بۇ قېتىملىق ئىپتار پىروگراممىسىغا تەكلىپ بويىچە قاتناشقان تۈركىيەنىڭ سىياسىي پارتىيە رەھبەرلىرى ئۇيغۇرلارنى قوللايدىغانلىقىنى ۋە زۇلۇمغا قارشى كۈرەشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئىپتار پىروگراممىسىدا سۆز قىلغان تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ سابىق ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ۋە پارلامېنت ئەزاسى سۇلايمان سويلۇ ئالدى بىلەن ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ رامىزان ئېيىنى تەبرىكلىدى. ئۇ، مۇنداق دېدى: «شەرقىي تۈركىستانلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ قېنىنى تۆكۈشنى ۋە ئۇلارغا زۇلۇم قىلىشنى راۋا كۆرگەنلەرگە قارشى ھاياتىمىزنىڭ ئاخىرىغىچە كۈرەش قىلىشنى داۋام قىلىمىز». 

ئىستانبۇلنىڭ كۈچۈكچەكمەجە سەفاكۆي رايونىغا جايلاشقان ئوسمانلى مەرىكە زالىدا ئۆتكۈزۈلگەن «شەرقىي تۈركىستانلىقلار قېرىنداشلىق ئىپتار پائالىيىتى» دىن كۆرۈنۈش. 2024-يىلى 23-مارت، تۈركىيە.

تەكلىپ بويىچە بۇ قېتىملىق ئىپتار پائالىيىتىگە قاتناشقان «ئىيى» )ياخشى) پارتىيەسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، ئىستانبۇل شەھەر باشلىقى نامزاتى بۇغرا كاۋۇنجى ئەپەندى مۇنداق دېدى: «ئەلۋەتتە، بىز شەرقىي تۈركىستاندا داۋاملىشىۋاتقان زۇلۇمنى ھەر ۋاقىت كۈنتەرتىپتە تۇتۇشقا تىرىشتۇق، بىز بۇ دەۋاغا ئىگە چىقىشنى ھېلىھەم داۋام قىلىمىز، چۈنكى شەرقىي تۈركىستان بىزنىڭ جېنىمىز؛ شەرقىي تۈركىستان مەھمۇد قەشقەرىنىڭ، ئوسمان باتۇرنىڭ، مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانىڭ، ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىننىڭ ۋەتىنى؛ شۇنىڭ ئۈچۈن بىزلەرنىڭ ئۇنىڭدىن ۋاز كېچىشىمىز ئەسلا مۇمكىن ئەمەس! شەرقىي تۈركىستاندىكى بېسىم ۋە زۇلۇم ئاخىرلاشقانغا قەدەر، بىز بۇ مەسىلىنى كۆزىتىشتىن ۋاز كەچمەيمىز، ئۇ قەلبىمىزدىكى بىر يارىدۇر. مېنىڭ ئەجدادلىرىم بۇنىڭدىن 200 يىل ئىلگىرى سىلەرگە ئوخشاشلا پەرغانە ۋادىسىدىن چىقىپ بۇ يەرگە كەلگەن ئىكەن، بىز ھېچ ۋاقىت ئۆزبېك، قازاق، ئۇيغۇر دېمىدۇق، باشقىلار سورىسا، بىز تۈركىستانلىق دېدۇق. بىز ھەر ۋاقىت ھەر يەردە سىلەر بىلەن بىرگە بولىمىز، ئاللاھ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئۇ يەردىكى زۇلۇمنى يوق قىلسۇن!»

ئىستانبۇلنىڭ كۈچۈكچەكمەجە سەفاكۆي رايونىغا جايلاشقان ئوسمانلى مەرىكە زالىدا ئۆتكۈزۈلگەن «شەرقىي تۈركىستانلىقلار قېرىنداشلىق ئىپتار پائالىيىتى» دىن كۆرۈنۈش. 2024-يىلى 23-مارت، تۈركىيە.

ئىپتارلىق پائالىيەت ئابدۇجېلىل قارىمنىڭ قۇرئان تىلاۋىتى بىلەن باشلانغاندىن كېيىن، خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان ئېچىلىش سۆزى قىلدى. ئۇ ئالدى بىلەن تۈركىيە ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىنىڭ ئۇيغۇرلارغا كۆرسەتكەن ساھىبخانلىقى ئۈچۈن تەشەككۈر ئېيتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ، «مۇھاجىرەتتىكى شەرقىي تۈركىستانلىقلار ئىستانبۇلدا ئەركىن يىغىلىپ ئىپتارلىشىۋاتقان مۇشۇ پەيتتە، خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا روزا تۇتۇش ۋە باشقا بارلىق دىنى ئىبادەتلەرنى چەكلەپ، سىستېمىلىق ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتىدۇ» دېدى.

ئارقىدىن شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ رەئىسى دوكتور ئالىمجان بۇغدا سۆز قىلىپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقنىڭ روزا تۇتۇش قاتارلىق بارلىق ئىبادەتلىرىنى چەكلىگەنلىكىنى، ئۆزىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى يوشۇرۇشقا، باشقا دۆلەت ۋە خەلقلەرنىڭ كۆزىنى بوياشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

ئىستانبۇلنىڭ كۈچۈكچەكمەجە سەفاكۆي رايونىغا جايلاشقان ئوسمانلى مەرىكە زالىدا ئۆتكۈزۈلگەن «شەرقىي تۈركىستانلىقلار قېرىنداشلىق ئىپتار پائالىيىتى» دىن كۆرۈنۈش. 2024-يىلى 23-مارت، تۈركىيە.

ئارقىدىن ئىسلام دۇنياسى ئاممىۋى تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ باش كاتىپى ئەييۇب ئاقبال ئەپەندى سۆز قىلدى. ئۇ، «زۇلۇم دۇنيانىڭ ھەر يېرىدە داۋاملاشماقتا. تۈركىيە ئىسلام دۇنياسىنىڭ چوڭ قەلئەسى بولۇپ، تۈركىيەنى كۈچلەندۈرۈش تولىمۇ مۇھىم. خىتاي شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى باستۇرۇشنى داۋام قىلىۋاتىدۇ. خىتاينىڭ بۇ جىنايەتلىرىنى توسۇش ئۈچۈن بىز كۈچلۈك بولۇشىمىز كېرەك» دېدى.

بۈگۈنكى ئىپتارلىق پىروگرامما خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، تۈركىيەنىڭ ھۆكۈمەت، پارلامېنت ۋە ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىغا ۋاكالىتەن كۆپ ساندا ئەزىز مېھمانلار ئىشتىراك قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئىپتارلىق پائالىيىتىگە ئىستانبۇلدىكى ھەر ساھە ئۇيغۇر جامائىتى قاتناشتى.  ئىپتارلىق پائالىيەت مەززىلىك ئۇيغۇر تائاملىرىدىن كېيىن شەرقىي تۈركىستان ھەققىدىكى تەسىرلىك دۇئا بىلەن ئاخىرلاشتى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.