ئىستانبۇلدا ئۇيغۇر تائاملىرى مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى
2024.09.03
ئىستانبۇلدىكى شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىسىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن 9-ئاينىڭ 1-كۈنى ۋەخپە مەركىزىدە ئۇيغۇر تائاملىرى مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى. ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇر ئاياللىرى ئۆزلىرى ئەتكەن پولۇ، لەغمەن، مانتا قاتارلىق ھەر خىل ئەنئەنىۋى ئۇيغۇر تائاملىرى بىلەن بۇ مۇسابىقىگە قاتناشتى. مۇسابىقە ئاخىرىدا 1-، 2-، ۋە 3-بولغانلار ئېلان قىلىنىپ مۇكاپاتلاندى.
بۇ مۇسابىقىدە ئۇيغۇر تائاملىرىنى باھالاش ھەيئىتى قۇرۇلغان بولۇپ، ھەيئەت ئەزالىرى ئىستانبۇلدىكى ئىستىنىيە ئۇنىۋېرسىتېتى تائام سەنئەتلىرى بۆلۈمى ئوسمانلى ساراي تائاملىرى ساھەسىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، ئۇستا ئاشپەز ھالدۇن تۈزەل ئەپەندى، تۈركىيەدە تونۇلغان داڭلىق ئاشپەز ئۇستىلاردىن سەفا سابىرلى، زۇلجەنناھ كونتېر قاتارلىق ئۈچ كىشىدىن تەركىب تاپقان. ئۇلار بۇ قېتىملىق مۇسابىقە ئۈچۈن ئۇيغۇر ئاياللىرى تەييارلىغان تۈرلۈك تائاملارنىڭ تەمى، تەركىبى ۋە سۈپىتىگە قاراپ چىقىپ، ئىنچىكە باھالاش ئېلىپ بارغان ھەمدە دەرىجىسىنى بېكىتىپ چىققان.
بىز بۇ ھەقتە تولۇق مەلۇماتقا ئېرىشىش ئۈچۈن ھاپىز قاراقاش ھاجىم بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
بۇ ھەقتە مەخسۇس زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىسى ئىدارە ھەيئىتىنىڭ ئەزاسى ھاپىز قاراقاش ھاجىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مۇسابىقىگە جەمئىي 25 نەپەر ئۇيغۇر ئايال قاتناشقان. ئۇلار مۇسابىقە جەريانىدا لەغمەن، پولۇ، پېتىر مانتا قاتارلىق ھەر خىل ئۇيغۇر تائاملىرىنى ئۆز ئالاھىدىلىكى بويىچە نەق مەيداندا ئېتىپ ئۆزلىرىنىڭ ماھارەتلىرىنى كۆرسەتكەن. باھالاش ھەيئىتىنىڭ ئىنچىكىلىك بىلەن باھالىشى نەتىجىسىدە، ساجىدە مىجىت خانىم ئەتكەن ئۇيغۇر تامىقى 1-دەرىجىگە ئېرىشىپ، 18000 تۈرك لىراسى قىممىتىدىكى بىر تال جۇمھۇرىيەت ئالتۇنى بىلەن مۇكاپاتلانغان؛ جەۋھەرخان ئۇيغۇر ئىسىملىك خانىمنىڭ ئەتكەن تامىقى 2-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشىپ، 9000 تۈرك لىراسى قىممىتىدىكى يېرىم ئالتۇن بىلەن مۇكاپاتلانغان؛ خەدىچە مەمەت ئىسىملىك ئۇيغۇر ئايالنىڭ تامىقى 3-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشىپ، 2720 تۈرك لىراسى قىممىتىدىكى بىر گىرام ئالتۇن بىلەن مۇكاپاتلانغان. بۇلاردىن باشقا بۇ مۇسابىقىگە قاتناشقان قالغان 22 ئايالنىڭ ھەر بىرىگە بىر تالدىن 500 لىرا قاچىلانغان BIM كارتى بىلەن رىغبەتلەندۈرۈش مۇكاپاتى بېرىلگەن.
بۇ مۇسابىقە توغرىسىدا شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ رەئىسى ئىلھان تۇرانلى ئەپەندى مۇنداق دېدى: «خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان ھەر تۈرلۈك بېسىم ۋە قىرغىنچىلىقلىرى داۋامىدا ئۇيغۇر مەدەنىيىتى، جۈملىدىن ئۇيغۇر تائاملىرىمۇ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىدى. بىز خىتاينىڭ بۇ بۇزغۇنچىلىقنى كۆز ئالدىمىزغا قويۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتى، ئەنئەنىۋى تائاملىرى ۋە ئىجتىمائىي ھاياتىنى جانلاندۇرۇش؛ ئۇلارنى ئەۋلادتىن ئەۋلادقا مىراس قالدۇرۇشنى مەقسەت قىلىپ بۇ پىروگراممىنى ئورۇنلاشتۇردۇق. بۇ پىروگرامما ناھايىتى ياخشى ئۆتتى، مەن بۇ پىروگراممىدا بىزگە ياردەملەشكەن ئاشپەز ئۇستىلارغا، نۇرغۇن ئەجىر سىڭدۈرۈپ گۈزەل تائاملارنى پىشۇرغان شەرقىي تۈركىستانلىق خانىملارغا تەشەككۈر ئېيتىمەن».
ئىلھان تۇرانلى ئەپەندى يەنە ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى قوغداش ۋە دۇنياغا يەنىمۇ كەڭ دائىرىدە تونۇشتۇرۇش كېرەكلىكى توغرىسىدا پىكىر بايان قىلىپ، مۇنداق دېدى: «دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى يەنىمۇ بىخ سۈردۈرگەن ھالدا خىتايلارغا شۇنى كۆرسىتىمىزكى، خىتاي شەرقىي تۈركىستان زېمىنىدا قانچىلىك ئېغىر قىرغىنچىلىقلار ۋە بۇزغۇنچىلىقلارنى ئېلىپ بېرىشىدىن قەتئىي نەزەر، ئۇ يەردىكى تۈرك-ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ھەم ئىسلام روھىنى ھېچ قاچان يوق قىلالمايدۇ. بىز دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا شەرقىي تۈركىستاننىڭ مەدەنىيىتىنى تونۇشتۇرۇپ ھەم ئاۋازىنى ئاڭلىتىپ، مۇستەقىللىق كۈرىشىمىزنى قەتئىي داۋاملاشتۇرۇشىمىز! بۇ قېتىمقى پىروگرامما ئەنە شۇ پائالىيەتلىرىمىزنىڭ بىر قىسمى ھېسابلىنىدۇ» .
بىز بۇ مۇسابىقە توغرىسىدا پىكىر-قاراشلىرىنى ئېلىش ئۈچۈن ئۇيغۇر تائاملىرىنى باھالاشقا قاتناشقان ئۇستا ئاشپەز ھالدۇن تۈزەل ئەپەندىنى زىيارەت قىلدۇق. ئۇ، مۇنداق دېدى: «بىز بۈگۈن شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىدە ناھايىتى گۈزەل بىر كۈننى ئۆتكۈزدۇق. شەرقىي تۈركىستاننىڭ لەززەتلىك تاماقلىرىنىڭ تەمىنى تېتىدۇق، ئۇنىڭدىن ئالغان لەززەتلەرنى زېھنىمىزگە سىڭدۈرۈشكە تىرىشتۇق. بۈگۈن ئۇيغۇر خانىملار قالتىس لەززەتلىك ۋە ئاجايىپ گۈزەل تائاملارنى بىزگە تەقدىم قىلدى، ئۇلارنىڭ ھەممىسى بىر-بىرىدىن گۈزەل تاماقلار ئىدى. بىز 100 خىلدىن ئارتۇق تاماقنىڭ تەمىنى تېتىدۇق، تاماقلار بىر-بىرىدىن لەززەتلىك ۋە گۈزەل بولغانلىقىدىن باھالاشتا خېلى قىينالدۇق. تۈركىيەدە ياشاۋاتقان ھەممە كىشىنىڭ بۇ ئالاھىدە ۋە گۈزەل تائاملارنىڭ لەززەتلىك تەمىنى تېتىش پۇرسىتىگە ئېرىشىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. پۈتۈن خەلق ئاممىسىنى ئىستانبۇلدىكى شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ مەركىزىنى زىيارەت قىلىپ، بۇ لەززەتلەرنىڭ تەمىنى تېتىشقا تەكلىپ قىلىمەن! »
ئىگىلىنىشىچە يېقىندا شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىسىنىڭ مەركىزىدە بىر ئۇيغۇر رېستورانى ئېچىلغان بولۇپ بۇ رېستوراندا ھەر خىل ئۇيغۇر تاماقلىرى تېپىلىدىكەن.