«خىتايدىكى ئىسلام ۋەھىمىسى» ناملىق يىغىندا نېمىلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى؟

بېرندىن ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ھەبىبۇللا ئىزچى تەييارلىدى
2024.07.10
ayuje-turkesh تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى ئەزاسى، مەرھۇم ئالپئارسلان تۈركەشنىڭ قىزى، ئاييۈجە تۈركەش خانىم سۆزلەۋاتىدۇ. 2024-يىلى 5-ئىيۇل، جەنۋە
RFA/Hebibulla Izchi

«سىلەر ھەر كۈنى پەقەت ئېتىقادىڭلار ۋە كىملىكىڭلار سەۋەبىدىنلا كەمسىتىلىش ھەم قورقۇنچ ئىچىدە ئويغانغانلىقىڭلارنى تەسەۋۋۇر قىلىپ بېقىڭلار. بۇ قورقۇنچ ئاسىيادىكى، بولۇپمۇ ئۇيغۇر ئېلىدىكى مىليونلىغان مۇسۇلمانلار ئۈچۈن ئاچچىق رېئاللىق. 1949-يىلى خىتاي كوممۇنىستلىرى بۇ رايوننى ئىشغال قىلغاندىن بۇيان، ئۇيغۇرلار ئەركىن نەپەس ئېلىپ باقمىدى. ئۇيغۇرلار بىلەن تۈركلەر ئورتاق دىنىي ئېتىقادتىكى كىشىلەرلا ئەمەس، بەلكى ئورتاق مەدەنىيەت مىراسلىرىغا ۋە ئورتاق قان سىستېمىسىغا ئىگە قېرىنداشلاردۇر. شۇڭا، بىز بارلىق ئاماللار بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ ھەقلىق داۋاسىنى قەتئىي قوللايمىز! »

بۇ، تۈركىيە پارلامېنتىنىڭ ئەزاسى، تۈرك مىللىيەتچىلىرىنىڭ مەنىۋى داھىيسى، مەرھۇم ئالىپ ئارسلان تۈركەشنىڭ قىزى ئاييۈجە تۈركەش خانىمنىڭ 5-ئىيۇل كۈنى جەنۋەدىكى ب د ت باش ئىشتابىدا ئۆتكۈزۈلگەن «خىتايدىكى ئىسلام ۋەھىمىسى» ناملىق سىنلىق يىغىنىدا سۆزلىگەن سۆزىدۇر.

ئاييۈجە تۈركەش خانىم يەنە مۇنداق دېدى: «بىز بۈگۈن بۇ جەمئىيەتنىڭ ئۇلىغا تەھدىت سېلىپلا قالماي، بەلكى يەنە ئادالەت ۋە باراۋەرلىك ۋەدىمىزگە خىرىس ئېلىپ كېلىۋاتقان جىددىي مەسىلە ھەققىدە ئاۋاز چىقىرىش ئۈچۈن كەلدۇق. ئۇيغۇرلار 1949-يىلدىن باشلاپ ئەركىن نەپەس ئېلىپ باقمىدى. خىتاي خەلقئارا ۋەزىيەتتىن ئۇستىلىق بىلەن پايدىلىنىپ، پۈتۈن ئۇيغۇر خەلقىگە ‹تېرورچى› قالپىقى كىيدۈردى. شۇ زېمىننىڭ ئىگىسى بولغان ئۇيغۇرلار نۆۋەتتە يوقىلىش خەۋپىگە دۇچ كېلىۋاتىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ مۇسۇلمانلىق كىملىكى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ باستۇرۇش ۋە كونتروللۇق نىشانىغا ئايلاندى».

ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ باشلىقى روشەن ئابباس خانىممۇ سۆز قىلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان سىستېمىلىق ۋە پىلانلىق ئىرقىي قىرغىنچىلىقى، شۇنداقلا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ نورمال دىنىي پائالىيەتلىرى ۋە ئادەتلىرىنى «دىنىي ئاشقۇنلۇق» قا باغلاپ باستۇرۇشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

بۇ يىغىن 2009-يىلىدىكى «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى» نىڭ 15-يىللىق خاتىرە كۈنىگە، ب د ت نىڭ جەنۋەدىكى ئىشتابىدا 56-نۆۋەتلىك كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى چاقىرىلىۋاتقان مەزگىلگە توغرا كەلگەن. جەنۋەدىكى ب د ت باش ئىشتابىنىڭ ئالدىدا د ئۇ ق تەرىپىدىن مەخسۇس رەسىم كۆرگەزمىسى ئېچىلغان ۋە نامايىش ئېلىپ بېرىلغان. نامايىشتىن كېيىن د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ يىغىن ھەققىدە ئۆز كۆز قاراشلىرىنى رادىيو ئاڭلىغۇچىلار بىلەن ئورتاقلاشتى.

ھىندونېزىيە مۇسۇلمانلار تەشكىلاتى ئابېمنىڭ ياشلار تەشكىلاتى رەئىسى، دۇنيا ئىسلام ئىتتىپاقىنىڭ ھىندونېزىيە شۆبىسى باش كاتىپى ئادلان ئال ئاتۇرى سۆزلەۋاتىدۇ. 2024-يىلى 5-ئىيۇل، جەنۋە
ھىندونېزىيە مۇسۇلمانلار تەشكىلاتى ئابېمنىڭ ياشلار تەشكىلاتى رەئىسى، دۇنيا ئىسلام ئىتتىپاقىنىڭ ھىندونېزىيە شۆبىسى باش كاتىپى ئادلان ئال ئاتۇرى سۆزلەۋاتىدۇ. 2024-يىلى 5-ئىيۇل، جەنۋە
RFA/Hebibulla Izchi

بۇ يىغىندا ھىندونېزىيە مۇسۇلمان ياشلار تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى، دۇنيا ئىسلام ئىتتىپاقى مالايسىيا شۆبىسىنىڭ باش كاتىپى ئادلان ئەل ئاتۇرى ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ھەققىدىكى دوكلاتىنى سۇندى. ئۇ، خىتاينىڭ يالغۇز ئۇيغۇرلارغىلا ئەمەس، ھەتتا مالايسىيا، ھىندونېزىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىكى ئىسلامغا ۋە مۇسۇلمانلارغا تەھدىت پەيدا قىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

ئۇ رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى ئايرىم قوبۇل قىلغاندا، ھىندونېزىيەدىكى مۇسۇلمان ياشلار تەشكىلاتىنىڭ بۇندىن كېيىن ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ھىندونېزىيەدە كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كېلىشكە تىرىشچانلىق كۆرسىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، مۇنداق دېدى:

 «بىز ھىندونېزىيەدە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى تېخىمۇ كېڭەيتىش ۋە كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كېلىش ئۈچۈن مائارىپ ۋە ئىجتىمائىيلىشىش يولى بىلەن پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتىمىز. بۈگۈنكى بۇ مۇنبەر بىز ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم، چۈنكى بىز بۇ يەردە يۈز بېرىۋاتقان ئىشلارنى بىلىش ۋە بىلدۈرۈش ئارقىلىق، ب د ت دا ئۆز دۆلىتىگە ۋەكىللىك قىلىۋاتقان كىشىلەرنىڭ كۆزىنى ئېچىشقا تىرىشىمىز. بۈگۈنكى رېئاللىق شۇكى، ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى ھەقىقەتەنمۇ قورقۇنچلۇق. بۇنى باشقىلارغا بىلدۈرۈش، بولۇپمۇ ھىندونېزىيەدە كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كېلىش بەكمۇ مۇھىم. خىتاينىڭ ئۇ رايوندىكى باستۇرۇش سىياسىتى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقانلىقى بىر رېئاللىق! »

ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى ئابدۇلھاكىم ئىدرىس سۆزلەۋاتىدۇ. 2024-يىلى 5-ئىيۇل، جەنۋە
ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى ئابدۇلھاكىم ئىدرىس سۆزلەۋاتىدۇ. 2024-يىلى 5-ئىيۇل، جەنۋە
RFA/Hebibulla Izchi

ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىنىڭ دىرېكتورى ئابدۇلھاكىم ئىدرىس ئەپەندى، شەرقىي تۈركىستان داۋاسىنى ئىسلام دۇنياسىدىكى ئەڭ كۆپ نوپۇسنى تەشكىل قىلىدىغان شەرقىي جەنۇبى ئاسىيا دۆلەتلىرىدە ئاڭلىتىشنىڭ بەكمۇ مۇھىملىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

مالايسىيالىق ئادۋوكات، مالايسىيا ئالىي سوت مەھكىمىسى باشلىقىنىڭ ياردەمچىسى، دوكتور مۇھد خەيرۇل ئەنۋەر زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى: «مېنىڭچە، بۇ پائالىيەت ئىنتايىن مۇھىم، بولۇپمۇ شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بېرىۋاتقان پاجىئەلەرنى ئاشكارىلاشتا بۇنداق پائالىيەتلەر ئەڭ ئۈنۈملۈك تەشۋىقات ۋاسىتىسى بولالايدۇ. بىز بۇ يەردە، يەنى ب د ت باش ئىشتابىدا ھەر بىر دۆلەت ۋەكىللىرىنىڭ ئۇيغۇرلار ۋەتىنىدە يۈز بېرىۋاتقان زۇلۇملارغا ئوچۇق-ئاشكارا پوزىتسىيە بىلدۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمىز. مەن شەخسەن مالايسىيا بىلەن ھىندونېزىيەنىڭ ئىلگىرى ب د ت ئۇيغۇرلارنى قوللاشقا ۋەدە بېرىپ كېيىنچە بۇ ۋەدىسىدىن يېنىۋالغانلىقىدىن بەكمۇ ئەپسۇسلىنىمەن، بىز كۆپچىلىك بىلەن بىرلىكتە ئۇيغۇرلار ۋەزىيىتىنىڭ ياخشىلىنىشىنى كۆرۈشنى خالايمىز» .

مالايسىيالىق ئادۋوكات، ئۇيغۇر دوستى، مالايسىيا ئالىي سوتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى مالايسىيا مۇسۇلمانلار تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى موھد خەيرۇل ئەنۋەر ئىسمائىل سۆزلەۋاتىدۇ.2024 -يىلى 5-ئىيۇل، جەنۋە

يىغىن قاتناشچىلىرى بىردەك، بۇ قېتىمقى يىغىن خەلقئارا ۋەزىيەت نۇقتىسىدىن ئالغاندىمۇ، شۇنداقلا ئۆتكۈزۈلگەن ۋاقىت نۇقتىسىدىن ئېيتقاندىمۇ، ئىنتايىن ئەھمىيەتلىك بولغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى. بۇ يىغىندا مالايسىيا ۋەكىلى «خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزگەن باستۇرۇش سىياسىتىنى ئىسلام دۈشمەنلىكى» دەپ ئاتىغان بولسا؛ ھىندونېزىيە مۇسۇلمان ياشلار تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى ئادلان ئەل ئاتورى «ھىندونېزىيە مۇسۇلمانلار نوپۇسى كۆپ سانلىقنى ئىگىلەيدىغان دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا قارشى تۇرۇش ۋە ئۇيغۇرلارنى قوغداش مەجبۇرىيىتى بار» دەپ تەكىتلىگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.