جەۋھەر ئىلھام بىلەن يازغۇچى تېرىسا خانىم خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان دىنىي تەقىپلىرىنىڭ چېكىگە يەتكەنلىكىنى بىلدۈردى

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2022-01-21
Share
Jewher-Ilham-20191218-EU-Saxarow.jpg 2019-يىللىق ساخاروف مۇكاپاتىنى تاپشۇرۇۋېلىش مۇراسىمىدا ئىلھام توختىنىڭ قىزى جەۋھەر ئىلھام سۆزدە. 2019-يىلى 18-دېكابىر.
AFP

20-يانۋار رادىيومىز خىتاي بۆلۈمىنىڭ مەخسۇس زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئىلھام توختىنىڭ قىزى جەۋھەر ۋە ئامېرىكالىق يازغۇچى تېرىسا خانىم، ئۇيغۇرلار خىتايدا ئۇچراۋاتقان زۇلۇم ۋە دىنىي تەقىپلەرنىڭ چېكىگە يەتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

مۇخبىرنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ھەققىدىكى سوئالىغا جاۋاپ بەرگەن جەۋھەر ئىلھام، ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ تېلېفوندا ئۆزئارا ئۇچراشقاندا ياكى تېلىفوندا سۆزلەشكەندە، ئىلگىرى ئادەت سۆزىگە ئايلىنىپ كەتكەن «ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم»، «ئاللاغا ئامانەت» دېگەندەك سۆزلەرنى قوللىنىشتىن ھەزەر ئەيلەيدىغان ھالەتتە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

جەۋھەر مۇنداق دېگەن: «مەن ھازىر ئاڭلىغان سالام-سائەت سۆزلىرى ‹شى جىنپىڭغا ئامانەت›، ‹چېن چۈەنگوغا ئامانەت›، ‹پارتىيىگە ئامانەت› دېگەندەك سۆزلەر بولدى.»

جەھۋەر زىيارەت جەريانىدا ھازىرقى ئۇيغۇرلاردىكى بۇ قەدەر ئېھتىياتچانلىقنىڭ سەۋەبلىرى ھەققىدە ئىزاھات بەرگەن. ئۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ تېلېفون خاتىرىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق سۆز-ھەركەتلىرىنىڭ نازارەت ئىچىدە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتايدا ئۇيغۇرلارنىڭ يان تېلېفونىدا خىتاي ھۆكۈمىتى چۈشۈرۈشنى تەلەپ قىلىدىغان يۇمشاق دېتال قاچىلانغان. شۇڭا تېلېفونلاردىكى ئۇچۇر ۋە سۈرەتلەرمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نازارەت سىستېمىسىدا خاتىرىلىنىپ قالىدىكەن. بۇ ئەھۋال ئۇيغۇرلارنى قورقۇنچ ۋە ۋەھىمىگە سالغان سەۋەبلەرنىڭ بىرىگە ئايلانغان.

جەۋھەر يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشتا زىددىيەتلەرنى چوڭايتىپ كۆرسىتىشنى ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشنىڭ باھانىسى قىلغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتكەن:

«خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ يەردە زىددىيەتنى پەيدا قىلغۇچى رولىنى ئويناۋاتىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر زىددىيەتلەرنى چوڭايتىپ كۆرسىتىش، ھەتتا قەستەن زىددىيەت پەيدا قىلىش تاكتىكىسىنى قوللىنىۋاتىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر بۇ خىل زىددىيەتلەرنى ئۇيغۇرلارنى ۋە باشقا يەرلىك مىللەتلەرنى تولۇق كونترول قىلىشنىڭ سەۋەبى ۋە باھانىسى سۈپىتىدە قوللىنىۋاتىدۇ.»

ئامېرىكالىق يازغۇچى تېرىسا خانىم (خىتايچە ئىسمى خەن شۈ) نىڭ دادىسى 40-يىللاردا خىتايدا دىپلومات بولۇپ ئىشلىگەن ئاق تەنلىك ئوفىسسېر ئىكەن. تېرىسا خانىمنىڭ ئانىسى خىتاي بولۇپ، ئۇ ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 50-يىللىرىدىكى بالىلىق مەزگىلىنى ۋە 60-يىللارنىڭ ئاخىرىدىن 70-يىلارنىڭ باشلىرىغىچە بولغان ئارىلىقتىكى ياشلىق مەزگىلىنى ئۇيغۇر دىيارىدا ئۆتكۈزگەن ئىكەن. تېرىسا خانىم ئامېرىكاغا كەلگەندىن كېيىن، بۇ ئەسلىمىلىرىنى كىتاپ قىلىپ يېزىپ دۇنياغا ئاشكارىلىغان. تېرىسا خانىم ئىلگىرى رادىيومىز ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭمۇ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، خىتايدا ئۆتكۈزگەن ئاچچىق كەچمىشلىرى ۋە 70-يىللارنىڭ بېشىدا ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئۆتكەن ھاياتىنى ئاڭلاتقان ئىدى.

20-يانۋار كۈنى رادىيومىز خىتاي بۆلۈمىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان تېرىسا خانىم، 70-يىللاردىكى «مەدەنىيەت ئىنقىلابى» مەزگىلىدىلا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دىنىي ئېتىقادىي كۈچلۈك بولغان ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش نىشانى قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ شۇ يىللاردىلا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دىنىي جەھەتتىكى تەقەپلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار قوبۇل قىلالمايدىغان چەككە يەتكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.

تېرىسا خانىم مۇنداق دېگەن: «شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلار ئىنتايىن مۆتىدىل ۋە تىنچ مۇسۇلمانلاردۇر. مېنىڭ قارىشىمچە، ھەرقانداق ئىشتا ئۇلارنى مەجبۇرلاپ، ھەتتا ئۇلارنى ئۆزىنىڭ دىنىي-ئېتىقادىدىنمۇ ۋاز كېچىشكە مەجبۇرلاشنىڭ ئۆزى، ئۇلار قوبۇل قىلالمايدىغان ئاخىرىقى سىزىق ھېسابلىنىدۇ.»

تېرىسا خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان زۇلۇم، چەتكە قېقىلىش ۋە كەمسىتىلىش، خىتاي كومپارتىيەسى ئۇيغۇر دىيارىغا بېسىپ كىرگەندىن بۇيان ئىزچىل داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان بىر ئەھۋال ئىكەن.

ئۇ مۇنداق دېگەن: «خىتاي كومپارتىيەسى ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدىكى ئۇيغۇر دىيارىنى بۈگۈن ‹ئۈستى ئوچۇق تۈرمە› دەپ ئاتاشقا بولىدۇ. ئۇلار كىشىلەرنى ئۇزۇن مۇددەت قاماپ قويىدۇ ۋە ئۇلارنىڭ ئەركىن يۆتكىلىشىگە يول قويمايدۇ. ھازىر بۇ ‹تۈرمە› دە توقۇنۇش كېلىپ چىقماقتا، بۇ توقۇنۇش زۇلۇم ۋە زۇلۇمغا قارشى كۈرەشتۇر. چۈنكى بۇ يەردە كىشىلەرنىڭ ئۆز خاھىشى بويىچە ئەركىن ياشىشىغا رۇخسەت قىلىنمايدۇ.»

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت