«ئېدمونتون مىراسلار فېستىۋالى» دا 4 ئۇيغۇر چېدىرى تىكىلگەن

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە تەييارلىدى
2024.08.08
Festival-Kanada كانادانىڭ ئالبېرتا ئۆلكىسىنىڭ ئېدمونتون شەھىرىدە 51- نۆۋەتلىك «ئېدمونتون مىراسلار فېستىۋالى» (Edmonton Heritage Festival) بۇ يىل 3-ئاۋغۇستتىن 5-ئاۋغۇستقىچە ئۆتكۈزۈلگەن
Photo: RFA

كانادانىڭ ئالبېرتا ئۆلكىسىنىڭ ئېدمونتون شەھىرىدە يېرىم ئەسىردىن بۇيان ئۆتكۈزۈلۈپ كېلىۋاتقان «ئېدمونتون مىراسلار فېستىۋالى» (Edmonton Heritage Festival) 51- نۆۋەتلىكى بۇ يىل 3-ئاۋغۇستتىن 5-ئاۋغۇستقىچە ئۆتكۈزۈلگەن.

 بۇ بايرامدا بۇ يىل دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى 60 تەك دۆلەتنىڭ ئوخشىمىغان مەدەنىيەت مىراسلىرىدىن مىللىي مۇزىكىسى، ئۇسسۇللىرى، قول ھۈنەر-سەنئىتى ۋە يېمەك-ئىچمەككىچە بولغان بارلىق مەدەنىيەت-سەنئەت ئۆرنەكلىرىنى نامايان قىلىنغان. «ئۇيغۇر دېگەن مۇشۇنداق» دېگەن ناخشىلار ياڭرىغان ئۇيغۇر چېدىرلىرى، تاماشىبىنلىرى ئەڭ كۆپ چېدىرلارغا ئايلانغان.

«ئېدمونتون مىراسلار فېستىۋالى» دىكى ئۇيغۇر چېدىرى ۋە پائالىيەتلەرنىڭ كۆرۈنۈشى. 2024-يىلى 3-ئاۋغۇست، كانادا
«ئېدمونتون مىراسلار فېستىۋالى» دىكى ئۇيغۇر چېدىرى ۋە پائالىيەتلەرنىڭ كۆرۈنۈشى. 2024-يىلى 3-ئاۋغۇست، كانادا
Mukerrem Qurban

مەزكۇر فېستىۋالغا ئۇيغۇرلارنى تەشكىللىگەن ئالبېرتا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى مۇكەررەم قۇربان خانىم، ئالبېرتادىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ بۇ فېستىۋالغا 3-قېتىم قاتنىشىشى ئىكەنلىكى، ئوخشىمىغان دۆلەت ۋە مىللەتلەرنىڭ پۈتۈنلەي مەدەنىيەت-سەنئەتلەرنى تونۇشتۇرۇش تۈسىنى ئالغان بۇ بايرامدا 4 چېدىر تىكىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت ۋە سەنئىتىنى ئىنتايىن زور پەخىرلىك ۋە ئىپتىخارلىق ئىلكىدە تونۇشتۇرغانلىقىنى بىلدۈردى.

مۇكەررەم خانىم بۇ نۆۋەت تېخىمۇ كۆپ ئۇيغۇرلارنىڭ كۈچ قېتىشى بىلەن يەنىمۇ ياخشى ئۈنۈم ھاسىل بولغانلىقىنى بىلدۈردى. بۇ فېستىۋالغا قاتنىشىشنىڭ ئۆزى ۋە ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئەڭ ئەھمىيەتلىك تەرىپى ھەققىدە گەپ بولغاندا ئۇ: «ئىرقى قىرغىنچىلىق قىلىۋاتقان خىتايمۇ ئالاھىدە چوڭ چېدىر تىككەن بۇ بايرامدا، بىز ئۇيغۇرلارنىڭمۇ مۇستەقىل ھالدا، شەرقىي تۈركىستان بايرىقى رەڭگىدە، شۇنداقلا دۆلەت گېربى چۈشۈرۈلگەن ‹ئۇيغۇر› دەپ يېزىلغان چېدىرلارنى تىكەلىشىمىز زور مەنىۋى ئەھمىيەتكە ئىگە ئۇتۇق» دەيدۇ.

«ئېدمونتون مىراسلار فېستىۋالى» دىكى ئۇيغۇر چېدىرى ۋە پائالىيەتلەرنىڭ كۆرۈنۈشى. 2024-يىلى 3-ئاۋغۇست، كانادا
«ئېدمونتون مىراسلار فېستىۋالى» دىكى ئۇيغۇر چېدىرى ۋە پائالىيەتلەرنىڭ كۆرۈنۈشى. 2024-يىلى 3-ئاۋغۇست، كانادا
Mukerrem Qurban

مۇكەررەم خانىم يەنە، ئۇيغۇرلارنىڭ باشقا مۇستەقىل دۆلەتلەر بىلەن تەڭ قاتاردا، ئۆز مىللىتىنىڭ مەدەنىيىتىنى تونۇشتۇرغانلىقى ۋە بۇ ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ھەرگىزمۇ يوقاپ كەتمەيدىغانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز مەدەنىيەت مىراسلىرىغا ئىگە چىقىدىغانلىقى، ئۇنى ئېسىل ۋە ئىلغار مەدەنىيەتلەر قاتارىدا داۋاملىق مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ قېلىش ئىرادىسىنى نامايەندە قىلغانلىقىدىن بەكمۇ خۇشال ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇيغۇرلار «ئېدمونتون مىراسلار فېستىۋالى» (Edmonton Heritage Festival) غا تۇنجى قاتنىشىشى بىلەنلا، بايرام ئۇيۇشتۇرغۇچىلىرىنىڭ ياخشى باھاسىغا، ئەھمىيەت بېرىشىگە ۋە يۈز مىڭلىغان بايرام ئىشتىراكچىلىرىنىڭ ئالاھىدە قىزىقىشى ھەم ئالقىشىغا ئېرىشىپ كەلمەكتە. بۇلتۇر ئۆتكۈزۈلگەن «ئېدمونتون مىراسلار فېستىۋالى» دا ئۇيغۇرلار ئېسىل مەدەنىيەت-سەنئەت نومۇرلىرى ۋە تاماقلىرى بىلەن 1-ئورۇننى ئالغانىدى. شۇ قېتىمدا ئۇيغۇر لەغمىنى داڭ چىقارغان ۋە فېستىۋالدىكى ‹ئەڭ لەززەتلىك تاماق› دەپ باھالانغانىدى.

مەزكۇر بايرامدا ئاكتىپ خىزمەت قىلغۇچى ۋە ئۇيغۇر چېدىرىنى تەشكىللىگۈچىلەرنىڭ بىرى بولغان مۇكەررەم خانىمنىڭ قىزى مەھلىيانىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ئۇيغۇر چېدىرلىرى ئۇيغۇر گىلەملىرى، مۇزىكا ئەسۋابلىرى، ھەر تۈرلۈك رەڭدار دوپپىلار بىلەن بېزەلگەن ۋە ئۇيغۇر ياشلىرى ۋە بالىلىرى ئۇيغۇر ناخشا-مۇزىكىلىرىنى ئورۇنلىغان. ئۇيغۇر ناخشا مۇزىكىلىرى ياڭراپ تۇرغان، مەززىلىك ئۇيغۇر تائاملىرىنىڭ خۇش پۇراقلىرى بىلەن تولغان ئۇيغۇر چېدىرى كىشىلەرنى توختىماي ئۆزىگە جەلپ قىلغان. ئايىغى ئۈزۈلمىگەن تاماشىبىنلار ئۇيغۇر ئۇسۇللىرىنى ئۆگىنىپ بىللە ساما ئوينىغان. بۇ مەنزىرە فېستىۋالغا كۈچ قاتقان، ۋاقتىنى سەرپ قىلغان ئۇيغۇرلارنى بەكمۇ خۇشال قىلغانىكەن.

«ئېدمونتون مىراسلار فېستىۋالى» دىكى ئۇيغۇر چېدىرى ۋە پائالىيەتلەرنىڭ كۆرۈنۈشى. 2024-يىلى 3-ئاۋغۇست، كانادا
«ئېدمونتون مىراسلار فېستىۋالى» دىكى ئۇيغۇر چېدىرى ۋە پائالىيەتلەرنىڭ كۆرۈنۈشى. 2024-يىلى 3-ئاۋغۇست، كانادا
Mukerrem Qurban

 ئېدمونتون مىراس فېستىۋالى كانادادىكى ئەڭ كۆپ ئادەم ئىشتىراك قىلىدىغان بايراملارنىڭ بىرى، بۇ چوڭ فېستىۋالدا ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ئىسىملىرى بىلەن چېدىرلار تىكىلىدىغان بولۇپ، چېدىرلاردا ھەر خىل دۆلەتلەرنىڭ مىللىي يېمەكلىك، مىللىي كىيىم ۋە ئۆزلىرىگە خاس مىللىي مەدەنىيەت خاتىرە بۇيۇملىرى كۆرگەزمە قىلىنىدۇ. ئۇيغۇرلار يېقىنقى 3 يىلدىن بۇيان مۇستەقىل بىر ئايرىم مىللەت سۈپىتىدە ئۆز مەدەنىيەت مىراسلىرىنى كۆرسىتىپ كەلمەكتە. شۇنداقلا ھەر خىل ۋاسىتىلەردىن پايدىلىنىپ ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىنى ۋە ئۇلارنىڭ ئەركىنلىك ئارزۇلىرىنىمۇ نامايەندە قىلىپ كەلمەكتە.

مەھلىيا يەنە، ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ بۇ خەلقئارالىق فېستىۋالغا قاتنىشىشنى بارا-بارا ئۆزىنىڭ بىر ئەنئەنىسىگە ئايلاندۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.