كانادانىڭ ساياھەت شىركىتى ئۇيغۇر ئېلىگە ساياھەت تەشكىللەشنى توختىتىش قارارى ئالغان
2023.09.18
ۋاشىنگتوندا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى (UHRP) يېقىندا بىر دوكلات ئېلان قىلىپ، دېموكراتىك دۆلەتلەردىكى ساياھەت شىركەتلىرىنى ئۇيغۇر ئېلىگە ساياھەت تەشكىللەشنى توختىتىشقا چاقىرغان ئىدى. كانادانىڭ گوۋۋەي ساياھەت شىركىتى(Goway Tranvel) بۇ دوكلات ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن ئۇيغۇر ئېلىگە ساياھەت تەشكىللەشنى توختىتىش قارارى ئالغان.
ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى 2023-يىلى 8-ئاينىڭ 30-كۈندىكى دوكلاتىدا، ئۇيغۇر ئېلىگە ساياھەتكە بېرىشنىڭ جىنايەتكە كۆز يۇمۇشلا ئەمەس بەلكى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «ۋەزىيەتنى نورماللاشتۇرۇش» ئۇرۇنۇشىغا ياردەم قىلىدىغانلىق بولىدىغانلىقىنى كۆرسەتكەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بۇنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىققا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر توغرىسىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان سۆھبەتكە سەلبىي تەسىر قىلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.
بىز ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشنىڭ دوكلاتى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن گوۋۋەي ساياھەت شىركىتى بىلەن ئالاقە قىلىپ بۇ دوكلات ھەققىدە ئىنكاسلىرىنى سورىدۇق. گوۋۋەي ساياھەت شىركىتى ئېلخەت ئارقىلىق جاۋاب قايتۇرۇپ ئۇيغۇر ئېلىگە يەرلىك ساياھەت شىركەتلەر بىلەن ھەمكارلىشىپ ساياھەت تەشكىللىگەنلىكىنى ۋە ئىنسان ھەقلىرىنى ئاياق ئاستى قىلىدىغان ساياھەتنى قوللىمىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇلار ئىنكاسىنى ئېلخەتتە مۇنداق بايان قىلدى:
«گوۋۋەي شىركىتىمىز ساياھەتچىلەرگە شىنجاڭنى ساياھەت قىلىش ئىمكانىيىتى يارىتىپ بەردى. بىز بۇ ساياھەتنى تەشكىللەش جەريانىدا يەرلىك ساياھەت شىركەتلىرى بىلەن ھەمكارلاشتۇق. ئۇلار ئۇيغۇر ئىنسان ھەقلىرى قۇرۇلۇشىنىڭ دوكلاتىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئەندىشىلەرنى ئەكس ئەتتۈرمەيدىغان يۇقىرى ئەخلاق ئۆلچىمىگە رىئايە قىلىدىغانلىقى ۋە جەمئىيەتكە مۇسبەت تەسىرى بولىدىغانلىقىغا كاپالەت بەردى. بىزنىڭ بۇ تۈردىكى ساياھەتنى تەشكىللەشتىكى مەقسىتىمىز، يەرلىك خەلققە مەنپەئەت ئېلىپ كېلىش ۋە ساياھەتچىلەرگە ساياھەت قىلىش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىش. گوۋۋەي ساياھەت شىركىتى ئىنسان ھەقلىرىنى ئاياق ئاستى قىلىدىغان ساياھەتنى قوللىمايدۇ.»
ئۇيغۇر ئېلىدا ياشاپ ئۆگىنىش ۋە تەتقىقاتلار بىلەن شۇغۇللىنىپ ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن ئۇيغۇرشۇناس دوكتور رۇنى ستېنبېرگ (Rune Stenberg) گوۋۋەي ساياھەت شىركىتىنىڭ باياناتىغا ئۆز قارشىنى بىلدۈرۈپ: «يۈز مىڭلىغان ئۇيغۇر ۋە قازاق خەلقىنىڭ ھېچ بىر گۇناھى يوق ھالدا لاگېر ۋە تۈرمىلەردە يېتىۋاتىدۇ. مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ۋەتەنگە قايتىپ ئائىلىسىنى ۋە ئۇرۇق تۇغقانلىرىنى زىيارەت قىلالمايدۇ. بۇ خىل ئەھۋالدا غەربتىكى شىركەتلەرنىڭ شەرقى تۈركىستانغا ساياھەت تەشكىللىشى توغرا ۋە ئادىل ئىش ئەمەس»دېدى.
گوۋۋەي ساياھەت شىركىتى مەزكۇر ئېلخېتىدە يەنە مۇنداق دېگەن: « بىز بۇنىڭ (ئۇيغۇر ئېلىگە ساياھەت تەشكىللەشنىڭ) بىر مۇرەككەپ مەسىلە ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتتۇق. ئەستايىدىل ئويلانغاندىن كېيىن، بىز ئەھۋالنى جىددىي تەپتىش قىلىشنى باشلىدۇق ۋە بۇ ساياھەتنى توختىتىشنى قارار قىلدۇق.»
ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ تەتقىقات دىرېكتورى ھېنرىك شاجىسكى (Henryk Szadziewski) گوۋۋەي ساياھەت شىركىتىنىڭ باياناتىغا ئىنكاسىنى بىلدۈردى. ئۇ گوۋۋەي ساياھەت شىركىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە ساياھەتنى توختىتىش قارارىنى قىزغىن قارشى ئالىدىغانلىقىنى كۆرسەتتى. ئۇ يەنە باشقا خەلقئارالىق ساياھەت شىركەتلىرىدىن ئۇيغۇر ئېلىگە تەشكىللەۋاتقان ساياھىتىنى توختىتىشنى تەلەپ قىلدى. ئۇ كۆز قارشىنى مۇنداق ئوتتۇرىغا قويدى.
«مېنىڭ گوۋۋەي ساياھەتنىڭ بەرگەن باياناتىغا بېرىدىغان ئىنكاسىم تۆۋەندىكىچە: بىز ئالدى بىلەن، گوۋۋەي ساياھەتنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا ساياھەتنى توختىتىش قارارىنى قارشى ئالىمىز. ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندە قىلىنىۋاتقانلىقى ئىسپاتلانغان يەرگە ساياھەت تەشكىللىمەسلىكى ۋە تەشۋىق قىلماسلىقى بەك مۇھىم. خەلقئارالىق ساياھەت شىركەتلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا بىر مەنپەئەت ئىلىپ كېلىدىغانلىقىنى ئېنىقلىماق بەك قىيىن. ناھايىتى كۆپلىگەن خەلقئارا ساياھەت شىركەتلىرىدە ئۇيغۇرلارغا بىۋاسىتە قانچىلىك مەنپەئەت ئېلىپ كەلگەنلىكى توغرۇلۇق بىر ئۇچۇر يوق. مەسىلەن، بەزى خەلقئارا ساياھەت شىركەتلىرى دۆلەت ئىگىدارچىلىقىدىكى مېھمانخانىلارنى ئىشلىتىدۇ. شۇڭا مېنىڭ دېمەكچى بولغىنىم شۇكى، گوۋۋەي ساياھەت شىركىتىنىڭ ساياھەتنى توختىتىش قارارىنى قىزغىن قارشى ئالىمىز. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بىز دوكلاتىمىزدا ئىسىم يېزىلغان باشقا خەلقئارالىق ساياھەت شىركەتلىرىدىن شەرقىي تۈركىستانغا تەشكىللەۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ساياھىتىنى توختىتىشنى تەلەپ قىلىمىز».
دوكتور رۇنى ستېنبېرگ گوۋۋەي ساياھەت شىركىتىنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ئوبرازىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ئۇيغۇر ئېلىگە ساياھەتنى توختىتىش قارارى ئالغانلىقىنى كۆرسەتتى. ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: «مەنچە، ھازىغا قەدەر غەربتىكى ساياھەت شىركەتلىرى ئۇيغۇر ۋە قازاق خەلقىگە پايدا ئېلىپ كەلمىدى. ھازىر گوۋۋەي ساياھىتى شىركىتى دېگەن تەپتىش (تەكشۈرۈش) نىڭ توغرا يەكۈن چىقىرىدىغانلىقىغا بىر نەرسە دېگىلى بولمايدۇ. تەپتىش شىركەتلىرى ئۆزلىرىنىڭ مەنپەئەتىنى ئويلاپ (پۇل ئۈچۈن) يالغان سۆزلىشى مۇمكىن. شۇڭا بۇ تەپتىشنىڭ نەتىجىسىگە دىققەت قىلىش كېرەك.»
گوۋۋەي ساياھەت شىركىتىنىڭ باياناتى خەلقئارالىق ساياھەت شىركەتلىرىنىڭ ئۇيغۇر رايونىغا تەشكىللەيدىغان ساياھەت پائالىيەتلىرىگە تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقى پەرەز قىلىنماقتا.
ئاخىردا، دوكتور رۇنى ستېنبېرگ غەربتىكى ساياھەت شىركەتلىرىنىڭ خالىسا ئۇيغۇر ۋە قازاق خەلقىگە زور پايدا-مەنپەئەت يەتكۈزەلەيدۇ دېدى. ئۇ يەنە، ئەگەر ئۇلار خىتاي شىركەتلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ ئۆز مەنپەئەتىنىلا ئويلىسا ئۇيغۇر ۋە قازاق خەلقىگە ئېغىر زىيان بېرىدىغانلىقنى كۆرسەتتى.