تومومى شىمىزۇ: « ئۇيغۇر ئاياللىرىدىكى جەسۇر روھنى سىزمىلىرىمدا داۋاملىق جانلاندۇرىمەن»

مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2023.01.04
qelbinu-sidiq-tomomi-shimizu-karton.png
RFA/Youtube videosidin korunush

تونۇلغان مانگا « ياپونچە كارتون سىزما» رەسسامى، كارتونىست  تومومى شىمىزۇ خانىمنىڭ لاگېر شاھىتى قەلبىنۇر سىدىق خانىمنىڭ گۇۋاھلىقى ئاساسىدا يېزىپ چىققان يېڭى كارتون كىتابى « ماڭا نېمىلەر بولدى؟ بىر ئۆزبېك لاگېر شەھىدىنىڭ گۇۋاھلىقى» 21-دېكابىردا نەشر قىلىنىپ تارقىتىلغان. بىر ھەپتە ئىلگىرى بۇ كىتابتىكى مەزمۇنلار قىسقا فىلىم شەكلىدە يوتۇبى ۋىدىيو قانىلىدا قويۇلغان بولۇپ، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە زور ئىنكاس قوزغاشقا باشلىدى.

 كارتونىست  تومومى خانىمنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئارقىمۇ ئارقا نەشر قىلىنىۋاتقان ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى كارتونلۇق سىزما ھېكايە كىتابلىرى ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان قىرغىنچىلىقنىڭ ياپونىيە ۋە خەلقئارادىمۇ كەڭرى ئاڭلىتىلىشىدا بەلگىلىك رول ئويناپ كەلمەكتە . تومومى شىمىزۇ خانىم ئۆتكەن يىلى سېنتەبىردە لاگېر شاھىتى قەلبىنۇر سىدىق خانىم بىلەن مەخسۇس سۆھبەتتە بولغان ۋە ئۇزۇنغا قالماي، ئۇنىڭ كەچمىشلىرى دېكابىردا كىتاب بولۇپ يورۇق كۆرگەن.

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان داڭلىق  تومومى شىمىزۇ خانىم، سوئاللىرىمىزغا يازما جاۋاب قايتۇردى.

مۇخبىر: ھۆرمەتلىك تومومى خانىم زىيارىتىمىزنى قايتا قوبۇل قىلغىنىڭىز ئۈچۈن تەشەككۈر ئېيتىمەن، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچرۋاتقانلىقىغا دائىر يەنە بىر كارتون كىتابىڭىزنىڭ نەشر قىلىنغانلىقىنى تەبرىكلەيمەن. ئۇيغۇرلار ھەققىدە يېڭى بىر كىتاب يېزىشتا، قەلبىنۇر سىدىق خانىمنىڭ ھېكايىسىنى قاچان ۋە نېمە ئۈچۈن تاللىدىڭىز؟

تومومى خانىم: لاگېر شاھىتى قەلبىنۇر سىدىق خانىمنىڭ ئۆزىنىڭ لاگېرلاردا ئوقۇتقۇچى بولۇش جەريانىدىكى كۆرگەن- بىلگەنلىرى ھەققىدىكى گۇۋاھلىقىنى ئېسىمدە قېلىشىچە، 2021-يىلى تۇنجى قېتىم ئاڭلىدىم. ئەينى ۋاقىتتا چوڭ ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە ئۇنىڭ گۇۋاھلىقى خەۋەر قىلىنغانىدى، مەن ئۇلارنى ئوقۇپ، خۇددى ئىلگىرى ئاڭلىغان باشقا گۇۋاھلىقلارغا ھەيران بولغىنىدەك ئوخشاشلا ھەيران قالدىم. مەن بۇ گۇۋاھلىقنى ئوقۇغان ۋاقتىمدىن باشلاپ، ئۇنى سىزىشنى ئويلىغانىدىم ئەمما ۋاقىت يار بەرمىگەنىدى.

ئاخىرى 2022- يىلى سېنتەبىردە قەلبىنۇرنىڭ ياپونىيەگە قەدەم تەشرىپ قىلىشى بىلەن ئۇنىڭ بىلەن يۈزمۇ يۈز كۆرۈشۈشكە مۇيەسسەر بولدۇم. شۇنداقلا، ياپونىيەدىكى ئۇيغۇر دوستلارنىڭ ياردىمىدە ئۇنىڭ مەن بىلەن بىۋاسىتە سۆھبەتلىشىش پۇرسىتى بولدى، قەلبىنۇر خانىممۇ بىر كارتون فىلىم ئىشلەش ئارزۇسى بارلىقىنى بىلدۈردى. ياپونىيەدىكى ئۇيغۇرلارمۇ مەندىن ئۇنى سىزىشنى تەلەپ قىلدى. شۇنداق قىلىپ تاسادىپىي يارىتىلغان بۇ قىممەتلىك پۇرسەتكە ئېرىشتىم.

مۇخبىر: بۇ كىتابىڭىزنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ گۇۋاھلىقى ھەققىدە ئېلان قىلغان باشقا كارتون سىزمىلىق كىتابلار بىلەن پەرقى نېمە؟

 تومومى خانىم: بۇ كىتابنىڭ شەكىل جەھەتتە بۇنىڭ ئالدىدا ئېلان قىلغان كىتابلار بىلەن ئالاھىدە پەرق يوق. ئۇ مەن ئۇچراتقان ۋە بىۋاسىتە سۆزلەشكەن شاھىت شۇنداقلا ئۇ جازا لاگېرلىرىنىڭ ئىچىنى كۆرگەن گۇۋاھچىلارنىڭ بىرى. باشقا شاھىدلارمۇ ياپونىيەگە كېلىشنى پىلانلىغان، ئەپسۇسكى كورۇنا ۋىرۇس ئاپىتى سەۋەبىدىن ئۇلارنىڭ سەپەرلىرى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغانىدى.

مۇخبىر: ئۇيغۇرلار ھەققىدە تېخىمۇ كۆپ كىتاب يېزىش پىلانىڭىز بارمۇ؟

تومومى خانىم: ئەگەر مەن شۇنداق پۇرسەت تاپالىساملا ئەلۋەتتە سىزىشنى خالايمەن. ئالدى بىلەن مەن گۇۋاھچىلارنىڭ ئۇلار ھەققىدە كىتاب يېزىشىمغا ئىجازەت بېرىشىگە موھتاج ئەلۋەتتە. مەن ئىلگىرى ئۇيغۇرلارنىڭ گۇۋاھلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەر كۆپلەپ ئېلان قىلىنغانلىقى ئۈچۈن بەلكىم كىشىلەرنىڭ كارتونلۇق رەسىملەرگە ئېھتىياجى بولماسمىكىن دەپمۇ ئويلىغاىدىم، ئەمما ئەكسىچە، بۇ ئەسەرنى سىزىپ بولغاندىن كېيىن، بۇ جاسارەتلىك روھقا ئىگە ئاياللارنىڭ گۇۋاھلىقىنى تېخىمۇ ئىلگىرى سۈرۈش كېرەكلىكىنى ھېس قىلدىم.

مۇخبىر: نەشر قىلىنغان كىتابلىرىڭىزنىڭ ئۇيغۇرلارغا بولغان تەسىرىدىن رازىمۇ سىز؟ بۇ كىتابلارنى تېخىمۇ كەڭ تارقىتىش ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلىش زۆرۈر دەپ قارايسىز؟

تومومى خانىم: «ئەسەرلىرىمىزنىڭ ھەممىسى كىتاب بولۇپ نەشر قىلىنغان ۋە زور ئىنكاسقا ئېرىشكەن. ئەمما مەنچە ياپونىيەدە يەنە يېتەرلىك ئەمەس، چۈنكى بۇ گۇۋاھلىقلارنىڭ ياپونىيەدىكى ھازىرقى چوڭ تاراتقۇلار تەرىپىدىن خەۋەر قىلىنىشى ناھايىتى ئاز ئۇچرايدۇ. 2019-2020-يىللىرى، ئىنگلىزچە دۇنياۋى تاراتقۇلار تەرىپىدىن خېلى كۆپ خەۋەر قىلىندى. نۇرغۇن كىشىلەر ئۇنى دۇنيانىڭ ئوخشىمىغان جايلىرىغا تەرجىمە قىلىنغان ئىنگلىزچە نۇسخىسىدا ئوقۇۋاتىدۇ. مانگا كىتابچىسىنىڭ ئىنگلىزچە نۇسخىسىنى تارقىتىش ۋە مۇمكىن بولسا كىتاب سۈپىتىدە نەشر قىلىش كېرەك.

 تومۇمى خانىم ئۆزىنىڭ ئارزۇلىرىنى ئورتاقلىشىپ يەنە مۇنداق دېدى.

 «ياپونىيەدە نۇرغۇنلىغان باشلانغۇچ ۋە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئۇيغۇرچە كىتابلار كۆرگەزمە قىلىندى. نۇرغۇن ئۇيغۇر كىتابلىرى ياپونىيەدىكى باشلانغۇچ ۋە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلەردە كۆرگەزمە قىلىنغان بولۇپ، بىر قىسىم ئاق كۆڭۈل ئاھالىلەر ئۇلارنى كۈتۈپخانىلارغا ئىئانە قىلغان. مەن بارلىق ئۇيغۇر ئەسەرلىرىنى ھەقسىز ئېلان قىلىۋاتىمەن، ئەگەر ئۇيغۇر مەسىلىلىرىنى تەشۋىق قىلىش ئۈچۈن بولسا، سودا مەقسىتىدىن باشقا سانلىق مەلۇماتلارنى ئىشلىتىشكە ئىجازەت بېرىمەن. بولۇپمۇ ياشلارنى جەلپ قىلىدىغان تەسىرلىك پروگراممىلار، سىن، رەقەملىك پروگرامما ۋاسىتىلەر قاتارلىقلارنى ئۆزلەشتۈرەلىسەك تېخىمۇ ياخشى بولاتتى. شۇڭا بۇ كارتون ئەسەرلەر پايدىلىق بولسا، كىشىلەرنىڭ دىققىتىگە ئېرىشىش ئۈچۈن ئۇلارنى جەلپ قىلىدىغان باشقا ۋاسىتىلەر ئارقىلىق تارقىتىشنىڭ يېڭى ئۇسۇللىرىنى قارشى بولىمەن».

كارتونىست تومومى شىمىزۇ  لاگېر شاھىتلىرىدىن 4 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ گۇۋاھلىقلىرىنى مۇشۇنداق كارتون كىتاب قىلىپ نەشر قىلدۇرغانىدى. مانگا، يەنى كارتون ھېكايىلىرى، ۋەقەلىكلەر جانلىق ۋە ئىخچام يورۇتۇپ بېرىلىدىغان خاسلىققا ئىگە ژانىر بولۇپ، ياپونىيەدە ئەڭ ئومۇملاشقان. شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ ھەممە چۈشىنەلەيدىغان كارتون شەكلىدە ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى ئاڭلىتىش ياپونىيەدىلا ئەمەس بەلكى دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدىمۇ ئۈنۈملۈك بولۇپ كەلمەكتە.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.