كىكبوكسچى ئابدۇسەمەت تەۋەككۈل: «نىشانىم دۇنيا چېمپىيونى بولۇپ، شەرقىي تۈركىستاننى دۇنياغا تونۇتۇشتۇر»
2024.09.05
9-ئاينىڭ 1-كۈنى تۈركىيەنىڭ ئىسپارتا شەھىرىگە قاراشلىق ئېغىردىر بەلەدىيەسى تەرىپىدىن «كەسپىي كىكبوكس چېمپىيونلار كېچىسى» ناملىق كىكبوكس مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلگەن.
مۇسابىقىگە تۈركىيە، ئەزەربەيجان، تۈركمەنىستان، قازاقىستان ۋە ئافغانىستان قاتارلىق دۆلەتلەردىن كەلگەن كەسپىي كىكبوكس ماھىرلىرى قاتناشقان بولۇپ، ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر بوكسچى ئابدۇسەمەت تەۋەككۈل قاتناشقان. مۇسابىقە جەريانىدا ئۇ رەقىبىنى يېڭىپ، چېمپىيونلۇق كەمىرىگە ئېرىشكەن.
ئېغىردىر شەھىرىنىڭ باشلىقى مۇستافا ئۆزەر ئەپەندى سەھنىگە چىقىپ، ئۇيغۇر بوكسچى ئابدۇسەمەت تەۋەككۈلنى ئالاھىدە تەبرىكلىگەن ۋە خاتىرە رەسىمگە چۈشكەن.
بۇ قېتىملىق مۇسابىقىنى تەشكىللىگەن ئېغىردىر شەھىرىنىڭ باشلىقى مۇستافا ئۆزەر ئەپەندىگە ئۇيغۇر دوپپىسى بىلەن شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆك بايرىقى تەقدىم قىلىنغان. بۇ ھەقتە ئېغىردىر شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ رەسمىي تاراتقۇلىرىدا سۈرەتلىك ئۇچۇرلار تارقىتىلغان. ئۇنىڭدا يېزىلىشىچە، ئانتالىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ «شەرقىي تۈركىستان ئۇيغۇر خەلقى جەمئىيىتى» نامدىكى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى زاكىرجان ئوسمانۇف، مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ ئىدارە ھەيئەت ئەزالىرىنى باشلاپ ئانتالىيەدىن ئېغىردىر شەھىرىگە بېرىپ مۇسابىقىنى قوللىغان. ئۇلار ئېغىردىر شەھەر باشلىقى مۇستافا ئۆزەر ئەپەندىگە ئۇيغۇر دوپپىسى ۋە شەرقىي تۈركىستاننىڭ بايرىقىنى ھەدىيە قىلغان. مۇسابىقە جەريانىدا ئۇيغۇر دوپپىسىنى بېشىدىن چىقارمىغان شەھەر باشلىقى مۇستافا ئۆزەر ئەپەندى، «شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىمىزنىڭ بۇ يەرگە كېلىپ ئارىمىزدا بولۇشىدىن ئىنتايىن خۇشال بولدۇق» دېگەن.
مۇسابىقە باشلىنىش ئالدىدا ئېچىلىش سۆزى قىلغان مۇستافا ئۆزەر ئەپەندى، مۇنداق دېگەن: «ئېغىردىر شەھىرى بۇ خىل خەلقئارالىق تەنتەربىيە پائالىيەتلىرى بىلەن ئۆز نامىنى تونۇتىدۇ. بۇ تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى خەلقىمىزگە بىرلىكنىڭ كۈچىنى ھېس قىلدۇرىدۇ».
بۇ مۇسابىقىدە رەقىبىنى يېڭىپ چېمپىيونلۇق كەمەرىنى ئالغان ئۇيغۇر بوكسچى ئابدۇسەمەت تەۋەككۈل مەخسۇس زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆز تەسىراتلىرىنى بايان قىلدى.
ئىگىلىنىشىچە، مۇسابىقە 3 مىنۇتتىن ئۇدا 3 قېتىم ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، ئابدۇسەمەت تەۋەككۈل 0 گە قارشى 3 نەتىجە بىلەن رەقىبىنى مۇتلەق ئۈستۈنلۈكتە يەڭگەن.
زىيارىتىمىز جەريانىدا، ئابدۇسەمەت تەۋەككۈل ئۆزىنىڭ بۇ يىل 24 ياشقا كىرگەنلىكىنى، 9 ياشتىن باشلاپ كىكبوكس ساھەسىدە چېنىقىپ كۆپ قېتىم مۇسابىقىلەرگە قاتناشقانلىقىنى، 18 ياشتىن باشلاپ كەسپىي مۇسابىقىلەرگە قاتنىشىپ كېلىۋاتقانلىقىنى، بۇ قېتىمقى مۇسابىقىگە قاتنىشىش ئۈچۈن بىر ئاي مەخسۇس تەييارلىق مەشقى ئېلىپ بارغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئابدۇسەمەت تەۋەككۈل، ئۆزىنىڭ كىكبوكس تۈرىدە يېتىشىپ چىقىپ، كەلگۈسىدە تۈركىيەنىڭ دۆلەتلىك كوماندىسىغا تاللىنىش، ئاندىن خەلقئارالىق مۇسابىقىلەرگە قاتنىشىش، ئاخىرىدا دۇنيا چېمپىيونى بولۇش ئارزۇسىدا ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئۇ يەنە كەلگۈسىدە دۇنيا چېمپىيونى بولۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، خەلقئارا مۇسابىقىلەردە شەرقىي تۈركىستان بايرىقىنى لەپىلدىتىپ ئۇيغۇرلارنى تونۇشتۇرۇش؛ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان زۇلۇم ۋە باستۇرۇشلىرىنى دۇنياغا ئاڭلىتىش مەقسىتى بارلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.
ئۇ مۇنداق دېدى: «مېنىڭ بىرىنچى مەقسىتىم، ئۇيغۇرلار ۋە شەرقىي تۈركىستاننى بىلمىگەن خەلقلەرگە بىلدۈرۈش، ۋەتەندە يۈز بېرىۋاتقان خىتاينىڭ زۇلۇمنى دۇنياغا ئاڭلىتىشتۇر».
ئابدۇسەمەت تەۋەككۈلنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ بۇ يىل 6-ئايدا ئىستانبۇلنىڭ ئۇيغۇرلار كۆپ ئولتۇراقلاشقان سەفاكۆي رايونىدا «ئۇيغۇر چېنىقىش كۇلۇبى» ئاچقان ئىكەن. بۇ كۇلۇبتا ھازىر 12 ياشتىن 36 ياشقىچە بولغان ئارىلىقتا 20 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر ياش-ئۆسمۈرلەر ۋە بىر قىسىم تۈركلەر ئابدۇسەمەتنىڭ مەشقاۋۇللۇقىدا مەشىق قىلماقتا ئىكەن.
بىز يەنە ئابدۇسەمەت تەۋەككۈلنى يېقىندىن قوللاپ، مۇسابىقىلەردە ئۇنىڭ بىللە بولغان دادىسى ئۇبۇل تەۋەككۈل ئەپەندىنى زىيارەت قىلدۇق. ئۇبۇل تەۋەككۈل ئەپەندى، ئوغلى ئابدۇسەمەتنىڭ 9 ياشتىن باشلاپ چېنىقىشنى باشلىغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ دەسلەپتە ئۇنى بۇ ساھەدىن توسۇپ باشقا بىر كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىشقا ئۈندىگەنلىكىنى، بىراق ئوغلىنىڭ ۋاز كەچمەستىن بۇ ساھەدە دۇنيا سەھنىلىرىگە چىقىپ شەرقىي تۈركىستان بايرىقىنى لەپىلدىتىش ئارزۇسىنى ئىپادە قىلغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ شۇنىڭدىن كېيىن ئوغلىنى قوللاپ-قۇۋۋەتلەپ، ھەر قېتىملىق مۇسابىقىلەردە ئۇنىڭ قېشىدا بولۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
كېكبوكىس مۇسابىقىسى، بوكس تەنھەركەت تۈرىنىڭ بىر خىلى بولۇپ، ئۇنىڭدا ھەم قولىنى ئىشلىتىپ مۇشتلىشىش ھەم پۇتىنى ئىشقا سېلىپ پەشۋا ئېتىش ماھارىتى بىرلەشتۈرۈلىدىكەن.