كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى
2022.01.13

خەلقئارادىكى نوپۇزلۇق كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىدىن كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى 13-يانۋار كۈنى ئۆزىنىڭ 2022-يىللىق دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتى ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا داۋاملىق ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت سادىر قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. 764 بەتلىك دوكلاتتا، دۇنيانىڭ ئۆتكەن بىر يىللىق دېموكراتىيە، كىشىلىك ھوقۇق تەرەققىياتى، دېموكراتىيە، كىشىلىك ھوقۇق دۇچ كەلگەن خىرىسلار ۋە دۇنيادىكى 100 دىن ئارتۇق دۆلەتلەرنىڭ بۇ جەھەتتىكى ئەھۋالى يورۇتۇپ بېرىلگەن.
خىتاينىڭ ئۆتكەن بىر يىللىق كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى، بولۇپمۇ ئۇنىڭ ئۇيغۇرلار رايونىدىكى سىياسىتى ھەققىدە ئايرىم توختىلىپ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ «شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلار ۋە باشقا تۈركىي مۇسۇلمانلارغا قارىتا ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت سادىر قىلىۋاتقانلىقى»، «سادىر قىلىنغان زىيانكەشلىكلەر كەڭ كۆلەمدە خالىغانچە تۇتقۇن قىلىش، قىيناش، مەجبۇرىي غايىب قىلىش، كەڭ كۆلەملىك نازارەت، مەدەنىيەت ۋە دىنىي زىيانكەشلىك، ئائىلىلەرنى ئايرىش، خىتايغا مەجبۇرىي قايتۇرۇش، مەجبۇرىي ئەمگەك، جىنسىي زوراۋانلىق ۋە تۇغۇش ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقى» تەكىتلەنگەن.
بۇ مەزكۇر خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق ئورگىنىنىڭ تۇنجى قېتىم خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» سادىر قىلغانلىقىنى دوكلات شەكلىدە ھۆججەتلەشتۈرۈشىدۇر. دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، 2021-يىلى شىنجاڭدىن تارقالغان خەۋەرلەر ئىنتايىن چەكلىك بولۇپ، دائىرىلەرنىڭ چەكلىشى سەۋەبلىك ئەسلىدىنلا ئۇچۇر ئېلىش ۋە بېرىش چەكلىك بولغان مەزكۇر رايوندا بۇ كورونا ۋىرۇسى تۈپەيلى تېخىمۇ قىيىنلاشقان.
بۇ تەشكىلاتنىڭ ئىجرائىيە دىرېكتورى كېننېس رۇس، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي مۇسۇلمانلارغا قاراتقان ھەرىكىتىنى رەسمىي «ئىنسانىيەتكە قارشى تۇرۇش جىنايىتى» دەپ خۇلاسە چىقارغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ بۇ سۆزنى 13-يانۋار يىللىق دوكلات ئېلان قىلىش مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن تور ئاخبارات يىغىنىدا ئېيتقان. كېننېس روسنىڭ بۇ ھەقتىكى سۇئالىمىزغا بەرگەن جاۋابىدا كۆرسىتىشىچە، بۇ خۇلاسە خىتاينىڭ قىلمىشى بىلەن بىردەكلىككە ئىگە ئىكەن.
كېننېس رۇس مۇنداق دېدى: «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭدىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي مۇسۇلمانلارغا قارىتا ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت سادىر قىلغانلىقىدىن كۆپچىلىك كىشىنىڭ خەۋىرى بار. كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتى بۇ توغرىسىدا رەسمىي خۇلاسە چىقاردى. ئۇنىڭ بۇ ئىنسانىيەتكە قارشى تۇرۇش جىنايىتى ئۇيغۇرلارنىڭ كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىنىپ، دىنىي ئېتىقادى، تىلى، مەدەنىيىتىدىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇرلىنىشى بىلەن بىردەكلىككە ئىگە. بۇ مەن ھېچقاچان كۆرۈپ باقمىغان ئەڭ قاتتىق نازارەت سىستېمىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، بۇنىڭدا سىز نازارەتسىز ھېچقانداق يەرگە بارمايمىز».
ئۇ يەنە ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى مەھسۇلاتلىرىنى چەكلەش توغرىسىدا توختالدى. ئۇنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى مەھسۇلاتلىرىنى چەكلەش ئۇنىڭغا شېرىك بولۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى زۆرۈرىيەت ئىكەن.
كېننېس رۇس مۇنداق دەيدۇ: «يېقىنقى بىر قانچە يىل ئىچىدە مەلۇم ساندىكى كىشىلەر تۇتۇپ تۇرۇشتىن مەجبۇرىي ئەمگەككە يۆتكەلدى. مەجبۇرىي ئەمگەك يېڭى تەسىس قىلىنغان. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تېخى يېقىندىلا قانۇن چىقىرىپ، شىنجاڭدا ئىشلەنگەن ھەرقانداق مەھسۇلاتنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەكتە ئىشلەپچىقىرىلمىغانلىقىنى ئىسپاتلىمىغۇچە ئىمپورت قىلىشنى چەكلىدى. ھالبۇكى، بۇنى ئىسپاتلاش مۇمكىن ئەمەس، چۈنكى خىتاي ھۆكۈمىتى شىنجاڭدىكى تەمىنات زەنجىرىنى تەكشۈرۈشكە يول قويمايدۇ. شۇڭا، بۇ بىز باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئامېرىكىغا ئەگىشىشىنى كۆرۈشنى خالايدىغان بىر پىشاڭ. بۇ ئىجابىي ئىش بولغانلىقى ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى مەجبۇرىي ئەمگەككە شېرىك بولۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى زۆرۈرىيەت بولغانلىقى ئۈچۈندۇر».
دوكلاتتا، تەتقىقاتچى راھىلە داۋۇتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بەزى ئۇيغۇرلارنىڭ «تېررورلۇققا قارشى قاتتىق زەربە بېرىش ھەرىكىتى» دە غايىب بولغانلىقى، ئۇنىڭ ئاتالمىش جىنايىتى، قانچە يىل كېسىلگەنلىكى ۋە قەيەردە ئىكەنلىكى ئېنىق ئەمەسلىكى، مېھراي ئەركىن، ياقۇپ ھاجى، مىرزاھىت كېرىمدەك تەتقىقاتچى، تىجارەتچى ۋە يازغۇچىلارنىڭ تۇتقۇندا ئۆلگەنلىكى، بەزى ئۇيغۇرلارنىڭ مال-مۈلكىنى مۇسادىرە قىلىنىپ، 21 كىشىگە ئائىت بولغان 84 مىليون 800 مىڭ دوللار مال-مۈلكىنىڭ كىمئارتۇق قىلىپ سېتىلغانلىقى تەكىتلەنگەن.
كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ ئاسىيا ئىشلىرىغا مەسئۇل ئالىي دەرىجىلىك تەتقىقاتچىسى مايا ۋاڭنىڭ ئېيتىشىچە، ئۆتكەن يىلى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار رايونىدىكى «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايىتى» داۋاملاشقان بولسىمۇ، بىراق خىتاينى جاۋابكارلىققا تارتىشتا يېتەرلىك كونكرېت تەدبىرلەر يۈرگۈزۈلمىگەن. مايا ۋاڭ 13-يانۋار بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ جەھەتتە 2022-يىلى تېخىمۇ كۆپ ھەرىكەتلەرنى بولۇشىنى ئۈمىد قىلدى.
مايا ۋاڭ: «بىز باشقا ھۆكۈمەتلەرنىڭ بولۇپمۇ ئامېرىكا، شۇنداقلا مەلۇم جەھەتتىن ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭمۇ بۇ دەپسەندىچىلىكتە ئەمەلدارلارنى جاۋاپكارلىققا تارتىش توغرىسىدىكى بەزى ئۈمىدۋار بىشارەتلىرىنى كۆرۈۋاتىمىز. شۇنداقتىمۇ قوللانغان كونكرېت تەدبىرلەرنى بۇ دەپسەندىچىلىكنىڭ ئېغىرلىقىغا سېلىشتۇرغىلى بولمايدۇ. شۇڭا، بىز 2022-يىلى جاۋابكارلىققا تارتىش جەھەتتە تېخىمۇ كۆپ ھەرىكەتلەرنىڭ بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز» دېدى.
ئۇنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئەگەر خەلقئارا جەمئىيەت خىتاينىڭ بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىكىگە قارىتا بېسىمنى كچەيمىگىچە خىتاي ئۆزىنىڭ سىياسىتىدە ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىشنى ئويلاشماسلىقى مۇمكىن ئىكەن.
مايا ۋاڭ مۇنداق دەيدۇ: «چېن چۈەنگو توغرىسىدىكى قارارنىڭ كونكرېت ئىجرائاتىنىڭ قانداق مەنە ئىپادىلەيدىغانلىقى ناھايىتى ئوچۇق ۋە ئېنىق. مەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دەپسەندىچىلىكنى داۋاملاشتۇرۇشى ۋە رايونغا ئائىت ئۇچۇرلارنى توسۇشىغا قاراپ، ئۇنىڭ تۈركىي مۇسۇلمانلىرىغا بولغان پوزىتسىيەسىدە كۆرۈنەرلىك ئۆزگىرىش بولمايدىغانلىقىنى ئېيتالايمەن. يەنە بىر سۆز بىلەن ئېيتقاندا بۇ جازالاش داۋاملىشىدۇ، ئۆزگىرىش بولمايدۇ دېگەنلىك. لېكىن مېنىڭچە خەلقئارا تەنقىدنىڭ زورىيىشى، بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىكىغا قارىتىلغان بېسىم، بەلكىم خىتاينى ئۆزگىرىشنى ئولىشىشقا مەجبۇرلىشى مۇمكىن» دېدى.
كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ ئاخبارات يىغىنىدا كېننېس رۇس، ب د ت باش كاتىپىنى ئانتونىي گۇتېررىسنى تەنقىد قىلدى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، گۇتېررىسنىڭ بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىكىگە بېرىشنى قارار قىلىشى بەك ئەپسۇسلىنارلىق ئىكەن.
ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «ئەپسۇسلىنارلىقى ب د ت باش كاتىپى ئانتونىي گۇتېررىس بېيجىڭغا بېرىشنى پىلانلىدى. ئۇ بۇنىڭغا ئۆزىنىڭ خىزمىتى بەك ئالدىراش بولسىمۇ، ۋاقىت ئاجراتقان. ئەگەر ئۇ بارىدىغان بولسا، مەن ئۇنىڭ بىر يولىنى تېپىپ شىنجاڭ توغرىسىدا سۆزلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئەپسۇسلىنارلىق يېرى ھەتتا ئۇ 2-قارار ۋەزىپىسىنى ئاتقۇرۇۋاتقان، خىتاينىڭ ئۇنىڭغا توسقۇنلۇق قىلىپ، ئۇنىڭ غايىسىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشىدىن ئەنسىرىشىنىڭ ھاجىتى بولمىسىمۇ، ئۇ يەنىلا دۇنيادىكى ئەڭ ئېغىر باستۇرۇش يۈز بېرىۋاتقان شىنجاڭ توغرىسىدا سۆزلىمىدى. بۇ ئۇنىڭ ئەخلاقىي ئۆلچەمنى پۈتۈنلەي نەزەردە تۇتمىغانلىقىدۇر».
كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ دوكلاتىدا يەنە، بەزى قوشنا ھۆكۈمەتلەر خىتاينىڭ زىيانكەشلىك قىلىشىنى قولايلاشتۇرۇش بىلەن ئەيىبلەنگەن. دوكلاتتا، قازاقىستاننىڭ ئۆتكەن يىلى 9-ئايدا ئامېرىكىلىق رۇس تەتقىقاتچى يېۋگېنىي بۇنىننىڭ قازاقىستانغا كىرىشىنى چەكلىگەنلىكى، تۈركىيەنىڭ د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسانى كىرگۈزمىگەنلىكى، ئافغانىستاندىن تارتىپ ماراكەشكە قەدەر بولغان دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلۇش ئەندىشىسىدە ياشايدىغانلىقى تەكىتلەنگەن.