كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى سكېچېرس شىركىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىن چېكىنىپ چىقىشنى تەلەپ قىلماقتا
2024.11.25

ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن ئامېرىكالىق ئۇيغۇر ياشلار ۋە پائالىيەتچىلەر بىرلىكتە بىر قانچە ئايدىن بۇيان ۋىرجىنىيە ئىشتاتىنىڭ ھەر قايسى رايونلىرىدىكى سكېچېرس دۇكىنى ئالدىدا نامايىش ئېلىپ بارغان. ئۇلار مەزكۇر شىركەتنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى تەمىنلەش زەنجىرى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىن تامامەن چېكىنىپ چىقىشنى تەلەپ قىلغان.
نامايىشچىلار نامايىش جەريانىدا سكېچېرس دۇكىنىغا كىرىپ-چىقىۋاتقان خېرىدارلارغا مۇنداق دېگەن: «ئەگەر سىز سكېچېرس ماركىلىق ئاياغ كىيگەن بولسىڭىز، ئايىغىڭىز خىتايدىكى زاۋۇتلاردا مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ قان-ياشلىرى بىلەن ياسالغان بولۇشى مۇمكىن. مەسئۇلىيەتچان ئىستېمالچى بولۇڭ. »
ئامېرىكا ئانا ۋەتەن خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى مەھسۇلاتلىرىنى چەكلەش نىشانىنى كېڭەيتىۋاتقان بىر پەيتتە، ئامېرىكانىڭ داڭلىق ئاياغ شىركىتى سكېچېرس، بۇ يىل 28-سېنتەبىر ئۈرۈمچىدە ئۆزىنىڭ تۇنجى ئاياغ دۇكىنىنى ئاچقانىدى. ئەينى ۋاقىتتا كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى سكېچېرس شىركىتىنىڭ بۇ ھەرىكىتىنى، تەمىنلەش زەنجىرى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق شىركەتلەرنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىن سودىسىنى چېكىندۈرۈپ چىقىشى زۆرۈرلۈكىگە سەل قارىغانلىق، دەپ ئەيىبلىگەن.
ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى ئىزچىل سكېچېرس شىركىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلى بىلەن بولغان ئالاقىسىنى ئۈزۈشى كېرەكلىكىنى تەلەپ قىلىپ ھەر خىل پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بېرىۋاتقان بولۇپ، ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئەلفىدار ئىلتەبىر خانىم بۇ ھەقتە رادىيومىزغا تەپسىلىي مەلۇمات بەردى.
ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىشىغا قارشى ئىزچىل پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان تەشكىلاتلارنىڭ بىرى. ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ خادىمى زۇبەيرە شەمسىدىن خانىم رادىيومىزغا سۆز قىلىپ، ئامېرىكادا ماقۇللانغان ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك قانۇنلار ئىچىدە «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» نىڭ ناھايىتى ئۈنۈملۈك بولغانلىقىنى تەكىتلىدى.
ئۇ يەنە يۇقىرىدا تىلغا ئالغان قانۇنلارنىڭ يۈرگۈزۈلۈشى ھەققىدە چۈشەنچە بەردى.
ئەلفىدار ئىلتەبىر خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇلار ھەر قېتىم سكېچېرس دۇكانلىرىنىڭ ئالدىدا نامايىشىنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن، دۇكاننىڭ ئىچىگە كېرىپ ئۆزلىرىنىڭ نامايىش قىلىشتىكى مەقسىتى ۋە سكېچېرس شىركىتىگە سۇنغان تەلەپلىرى يېزىلغان مەكتۇپنى مەسئۇل خادىمغا بەرگەن.
ئۇلار خېتىدە ئاساسلىقى مۇنداق ئۈچ تۈرلۈك تەلەپنى ئوتتۇرىغا قويغان: بىرىنچىدىن، ئۇيغۇر ئېلىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق تەمىنلىگۈچىلەر ۋە زاۋۇتلار بىلەن بولغان ئالاقىنى دەرھال ئۈزۈش. ئىككىنچىدىن، ھەقىقەتەن كىشىلىك ھوقۇق ۋە تىجارەت ئەخلاقىغا ئەمەل قىلسا، ئۈرۈمچىدىكى دۇكىنىنى دەرھال تاقاش. ئۈچىنچىدىن، قاتتىق ۋە مۇستەقىل تەمىنلەش زەنجىرى تەكشۈرۈشىنى قوبۇل قىلىپ، مەھسۇلاتلىرىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەكتىن خالىي بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش.
زۇبەيرە شەمسىدىن خانىم ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق شىركەتلەرنىڭ خىتايدىن چېكىنىپ چىقىشىنىڭ ئۇيغۇر ئىرقى قىرغىنچىلىقىنى توختىتىشتىكى رولى ھەققىدە توختالدى.
سكېچېرس شىركىتى 2021-يىلى مارتتا ئۇيغۇرلار ھەققىدە مەخسۇس بايانات ئېلان قىلغان. ئۇلار ئەينى ۋاقىتتا باياناتىدا مۇنداق دېگەن: «سكېچېرس شىركىتى مەجبۇرىي ئەمگەك ھەققىدىكى دوكلاتقا شۇنداقلا ئۇيغۇرلار ۋە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى باشقا ئاز سانلىق مىللەت ئىشچىلىرىغا قىلىنغان مۇئامىلىلەرگە قاتتىق كۆڭۈل بۆلىدۇ. بىز سودا-سانائەت جەمئىيەتلىرىنىڭ ھۆكۈمەت، سانائەت، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ۋە ئاممىۋى تەشكىلاتلار ئارا ھەمكارلىق ئورنىتىش ئارقىلىق مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسىنى ھەل قىلىش چارىسىنى تېپىش تەكلىپىنى تولۇق قوللايمىز. سكېچېرس شىركىتى ئىلگىرىكىگە ئوخشاشلا تەمىنلىگۈچىلەرگە قارىتا تىجارەت ئەخلاق مىزانىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، ئىقتىسادىي تەپتىش ۋە باشقا تەكشۈرۈشلەرگە ماسلىشىشقا كاپالەتلىك قىلىدۇ.»
سكېچېرس شىركىتىنىڭ بۇ ھەقتىكى ئىنكاسىنى ئېلىش ئۈچۈن ئۇلار بىلەن ئالاقىلىشىشكە تېرىشقان بولساقمۇ، ئۇلار يازغان ئېلخەتلىرىمىزگە جاۋاب قايتۇرمىدى.