ب د ت دا «شەرقىي تۈركىستاندىكى جازا لاگېرلىرى» دېگەن تېمىدا يىغىن ئۆتكۈزۈلدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2019.03.06
bdt-sherqiy-turkistan-dolqun-eysa.jpg 5 چوڭ تەشكىلات ب د ت دا ئۆتكۈزگەن «شەرقىي تۈركىستاندىكى جازا لاگېرلىرى» تېمىسىدىكى يىغىندا د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى سۆز قىلماقتا. 2019-يىلى 6-مارت، جەنۋە.
RFA/Ekrem

5 چوڭ تەشكىلات ب د ت دا «شەرقىي تۈركىستاندىكى جازا لاگېرلىرى» دېگەن مەخسۇس تېمىدا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزدى.

ب د ت نىڭ جەنۋەدىكى مەركىزىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى خادىملىرىدىن بۈگۈن ئىگىلىگەن ئۇچۇرلىرىمىزغا ئاساسلانغاندا، 6-مارت كۈنى د ئۇ ق، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق مەركىزى ۋە دۇنيا خىرىستىيان ھەمكارلىق تەشكىلاتى قاتارلىق 5 چوڭ تەشكىلات بىرلىكتە ب د ت دا «شەرقىي تۈركىستاندىكى جازا لاگېرلىرى» دېگەن تېمىدا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزگەن.

ب د ت دا بىرقانچە كۈندىن بۇيان خىتايغا قارشى پائالىيەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى «شەرقىي تۈركىستاندىكى جازا لاگېرلىرى» ناملىق يىغىندا باشقا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن بىرلىكتە نۇقتىلىق ھالدا جازا لاگېرلىرىنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى، تەسىرى ۋە ئالاقىدار ئامىللىرى ئۈستىدە توختىلىپ ئۆتكەن.

يىغىنغا كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى ۋە ب د ت خادىملىرىدىن سىرت، 30 دەك دۆلەتنىڭ دېپلوماتلىرىمۇ قاتناشقان. ۋەھالەنكى، بۇ يىغىنغا ئىشتىراك قىلغان خىتاي ۋەكىللىرى د ئۇ ق رەئىسىنىڭ سۆزلىرىگە جىددىي ئېتاراز بىلدۈرگەن ھەمدە قۇرۇلتاي رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنى «ب د ت دا سۆز قىلىش سالاھىيىتى بولمىغان تېررورىست» دەپ ئەيىبلىگەن. د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ۋە غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرىنىڭ ۋەكىللىرى نەق مەيداندا خىتايغا قاتتىق رەددىيە بىلدۈرگەن.

د ئۇ ق نىڭ پروگرامما يېتەكچىسى پىتېر ئىرۋىن ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ يىغىندا بىر مەيدان كەسكىن دىپلوماتىك جەڭ بولۇپ ئۆتكەن. جازا لاگېرلىرى مەسىلىسىنىڭ پاكىتلىرى بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى خىتاي ۋەكىللىرىنى بەكمۇ بىئارام قىلغان. ب د ت دىكى ئوبرازىنى ياخشىلاشقا پۈتۈن كۈچى بىلەن تىرىشىۋاتقان خىتاي بۈگۈن دۇنيا جامائىتى ئالدىدا يەنە بىر قېتىم ئوسال ۋەزىيەتكە چۈشۈپ قالغان.

قىزىقارلىقى، بۇ يىلقى 25-فېۋرال باشلانغان ۋە ھېلىمۇ داۋام قىلىۋاتقان ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 40-نۆۋەتلىك يىغىنىدا خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر دىيارىدىكى جازا لاگېرلىرىنى پەردازلاپ كۆرسىتىش ئۈچۈن ب د ت بىناسى ئىچىدە «جۇڭگو شىنجاڭدا كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىدىكى ئىلگىرىلەشلەرگە دائىر رەسىم كۆرگەزمىسى» ناملىق مەخسۇس كۆرگەزمە ئۇيۇشتۇرۇپ، كۆز بويامچىلىقنى بالدۇرلا باشلىۋەتكەن.

د ئۇ ق رەئىسىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، خىتاينىڭ ب د ت دا مەخسۇس ئۇيغۇر دىيارىغا ئائىت رەسىم كۆرگەزمىسى ئۇيۇشتۇرۇشى خىتاينىڭ ئۆتكەن يىلى 8-ئاينىڭ 10-ۋە 13-كۈنلىرى ب د ت ئىرقىي ئايرىمىچىلىققا قارشى تۇرۇش كومىتېتىنىڭ 96-نۆۋەتلىك يىغىنىدا جازا لاگېرلىرى مەسىلىسى سەۋەبلىك قاتتىق بېسىمغا دۇچ كەلگەندىن بۇيان ئۆزىنى ئاقلاش مەجبۇرىيىتىدە قالغانلىقىنىڭ بىر ئىپادىسى ئىكەن. ئەمما بۇ نەيرەڭۋازلىقمۇ ئىجابىي نەتىجە كۆرسىتەلمىگەن.

5-مارت كۈنى ب د ت دا يەنە «دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى» ناملىق يىغىن ئۆتكۈزۈلگەن. د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇ يىغىندىمۇ سۆز قىلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان دىنىي ئېتىقاد دەپسەندىچىلىكلىرىگە ئائىت دەلىللەرنى ئوتتۇرىغا تاشلاپ، خىتاينىڭ ئەپتى-بەشىرىسىنى ئېچىشقا تىرىشقان.

مەلۇم بولغىنىدەك، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى 40-نۆۋەتلىك يىغىنىنىڭ 25-فېۋرالدىكى ئالىي دەرىجىلىكلەر ئۇچرىشىشىدا تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇد چاۋۇشئوغلى خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرى سىياسىتىنى يەنە بىر قېتىم ئەيىبلىگەن ئىدى. قۇرۇلتاي رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇ قېتىمقى جەنۋە سەپىرىدە بىر قىسىم غەرب دېموكراتىك ئەللىرىنىڭ ب د ت دىكى ئەلچىلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇلارنىڭ ب د ت دا نامايان قىلغان جازا لاگېرلىرىغا قارشى ئىپادىلىرى ئۈچۈن ئۇيغۇر خەلقىگە ۋاكالىتەن رەھمەتلىرىنى بىلدۈرگەن.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ 22-فېۋرال ئېلان قىلغان خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئالدىنقى ھەپتىلەردە خىتاي ھۆكۈمىتى ب د ت غا بېسىم ئىشلىتىپ، دالاي لاما ۋە دولقۇن ئەيسا باشلىق 15 نەپەر تىبەت، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنى ب د ت غا كىرگۈزمەسلىكنى تەلەپ قىلغان. ئەمما خىتاينىڭ بۇ تەلىپى رەت قىلىنغان. دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇ قېتىممۇ ب د ت دا پائالىيەتلىرىنى ئەركىن-ئازادە داۋام قىلدۇرماقتا ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.