ئۇيغۇر ياش: «22 يىل ئىچىدە چىدىغۇسىز تراگېدىيەلەرگە شاھىت بولدۇم»
2019.03.01

تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇل زەيتىنبۇرنى رايونىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن ئىشقىيار ئابدۇرېھىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىگە ئائىلە ئەزالىرى ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرىدىن بولۇپ، جەمئىي 35 كىشىنىڭ جازا لاگېرلىرى ياكى تۈرمىدە ئىكەنلىكى توغرىسىدا ئېنىق ئۇچۇر كەلگەنلىكىنى، ئۆزىنىڭ 1997-يىلى 5-فېۋرال غۇلجا ۋەقەسىدىن تاكى بۈگۈنگىچە بولغان 22 يىل ئىچىدە چىدىغۇسىز تراگېدىيەلەرگە شاھىت بولغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئىشقىيار ئابدۇرېھىم ئەپەندى قورغاس ناھىيىسىدىن بولۇپ، ئۇ 2014-يىلى 3-ئاينىڭ 21-كۈنى مىسىرغا ئوقۇشقا بارغان، مىسىردا 6 ئاي تۇرغاندىن كېيىن بەزى سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن شۇ يىلى 9-ئاينىڭ 19-كۈنى تۈركىيەگە كەلگەن ۋە يەرلەشكەن. ھازىر تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇل شەھىرىدە ئايالى ۋە 3 بالىسى بىلەن بىرلىكتە تۇرمۇش كۆچۈرمەكتە.
ئىشقىيار ئابدۇرېھىم ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، سۆزلەپ بېرىشىچە، ئۇ، 1992-يىلى قورغاستا دۇنياغا كەلگەن بولۇپ، 5 ياشقا كىرگەن ۋاقتىدا دادىسى ئابدۇرېھىم داۋۇت «5-فېۋرال غۇلجا ۋەقەسى» گە چېتىشلىق دەپ تۇتۇپ كېتىلگەن ھەم 15 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئىكەن. ئۇ، 1997-يىلىدىكى 5-فېۋرال غۇلجا ۋەقەسى مەزگىلىدە ھازىرقىغا ئوخشاشلا غۇلجىدىكى زىيالىيلار، ئىقتىساد ئىگىلىرى، دىنىي زاتلار ۋە كۆپلىگەن ياشلارنىڭ تۇتۇپ كېتىلىپ قاماق جازالىرىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقىنى بايان قىلدى.
ئىشقىيار ئابدۇرېھىم، دادىسى ئابدۇرېھىم داۋۇت تۈرمىدىكى مەزگىلدە، ئانىسى ھۆرىگۈل تۇرسۇننىڭ ئۆزى بىلەن قوشۇپ 3 بالىنى قىيىنچىلىق ئىچىدە چوڭ قىلغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ دادىسىز چوڭ بولغانلىقىنى، ساۋاقداشلىرى دادىلىرىغا ئېسىلىپ كۆرۈشكەندە بەكلا مەيۈسلىنىپ كەتكەنلىكىنى بايان قىلدى.
ئىشقىيار ئابدۇرېھىم ئەپەندى ئۆزىنىڭ 8-9 ياش ۋاقتىدا تۇنجى قېتىم ئۈرۈمچىدىكى تۈرمىدە دادىسىنى كۆرگەنلىكىنى، دادىسىنىڭ قولىدا كويزا، ئۇچىسىدا تۈرمە كىيىملىرى بارلىقى، ناھايىتى ئاجىزلاپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ، كۆڭلىنىڭ ئىنتايىن يېرىم بولغانلىقىنى بايان قىلدى.
«5-فېۋرال غۇلجا ۋەقەسى» گە چېتىشلىق دەپ 15 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئابدۇرېھىم داۋۇت ئەپەندى كېيىن ئۈرۈمچىدىكى تۈرمىدىن سانجىدىكى تۈرمىگە يۆتكەلگەن. ئىشقىيار ئابدۇرېھىم دادىسىنى سانجىدىكى تۈرمىگىمۇ يوقلاپ بارغانلىقىنى، دادىسىنىڭ تېخىمۇ ئاجىزلاپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ كۆڭلىنىڭ تېخىمۇ يېرىم بولغانلىقىنى ئەسلىدى.
ئىشقىيارنىڭ ئانىسى ھۆرىگۈل تۇرسۇن سانجىغا ئوغلى بىلەن بىرگە بېرىپ ئابدۇرېھىم داۋۇتنى يوقلىغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ سالامەتلىكىنىڭ بەكلا ناچارلىشىپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ، خىتاي باشلىقلارغا پۇل بېرىپ، ئۇنى غۇلجا قارابۇرۇن تۈرمىسىگە يۆتكىگەن ئىكەن.
دادىسى غۇلجا قارابۇغرا تۈرمىسىگە يۆتكەپ كېلىنگەندىن كېيىن داۋاملىق تۈرمىگە دادىسىنى يوقلاپ بارغان ئىشقىيار ئابدۇرېھىم، قارابۇغرا تۈرمىسىدە دادىسىنىڭ ساقچىلار تەرىپىدىن ھاقارەتكە ئۇچرىغانلىقىنى كۆرگەن. ئۇ ئۆزىنىڭ دادىسىنىڭ ھاقارەتكە ئۇچرىغانلىقىغا چىداپ تۇرالمىغانلىقىنى بايان قىلدى.
«5-فېۋرال غۇلجا ۋەقەسى» يۈز بەرگەندىن كېيىن نامايىشقا قاتناشقانلاردىن سىرت مەشرەپكە قاتناشقان، مەشرەپكە ئىقتىسادىي جەھەتتىن ياردەم قىلغان نۇرغۇن كىشىلەر خىتاي ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغان. ئابدۇرېھىم داۋۇتمۇ «مەشرەپكە ئىقتىسادىي جەھەتتىن ياردەم قىلدىڭ» دەپ تۇتقۇن قىلىنىپ كېسىۋېتىلگەن. ئۇ، تۈرمىدىن چىققان بولسىمۇ بۇ قېتىمقى دولقۇندا تۇتۇپ كېتىلىپ «جازا لاگېرى» غا تاشلانغان. ئۇنىڭ بىلەن بىر يېزىدىن بولغان ھازىر ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان قاسىم ئەپەندى بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردۇق. ئۇ، ئابدۇرېھىم داۋۇت ۋە ئۇنىڭغا ئوخشاش نۇرغۇن كىشىنىڭ مەشرەپكە قاتناشقانلىقى ئۈچۈن خىتاي تەرىپىدىن «5-فېۋرال غۇلجا ۋەقەسى» گە چېتىپ تۇرۇپ تۈرمىگە تاشلانغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئىشقىيار ئابدۇرېھىم «5-فېۋرال غۇلجا ۋەقەسى» دىن كېيىن ئۆز ئائىلىسى ۋەيران بولۇپلا قالماستىن ئانىسىنىڭ دادىسى، يەنى بوۋىسى، ئانىسىنىڭ ئاكىسى ۋە ئىنىسى بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ تۈرمىگە تاشلانغانلىقىنى، ئۆز ئائىلىسىگە قارىتىلغان زۇلۇمنىڭ 22 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ھالدا داۋاملاشقانلىقىنى، ھېچقاچان خاتىرجەملىك بولمىغانلىقى ۋە ئاخىرىدا ئائىلىسىنىڭ ۋەيران بولغانلىقىنى بايان قىلدى.
ئىشقىيار ئابدۇرېھىمنىڭ ئائىلىسى 1997-يىلىدىن تارتىپ «نۇقتىلىق ئائىلە» دەپ قارىلىپ كۆزىتىلىپ كېلىنگەن. 2017-يىلى كەڭ كۆلەمدە لاگېرلارغا سولاش باشلانغاندا، شۇ يىلى 3-ئاينىڭ 21-كۈنى ئىشقىيارنىڭ ئاچىسى مەۋلۈدە ئۈرۈمچىدىكى ئۆيىدىن تۇتۇپ كېتىلگەن. 4-ئاينىڭ بېشىدا ئانىسى ھۆرىگۈل تۇرسۇنمۇ تۇتۇپ كېتىلگەن. چۈنكى ئۇنىڭ ئانىسى ھۆرىگۈل تۇرسۇن 2016-يىلى تۈركىيەگە بېرىپ ئوغلىنى يوقلاپ كەلگەن، مانا شۇنىڭ ئۈچۈن 5 يىل، ئاچىسى مەۋلۈدە ئىنىسىغا تېلېفون قىلغانلىقى ئۈچۈن 3 يىل كېسىۋېتىلگەن. ئۇ، «5-فېۋرال غۇلجا ۋەقەسى» دىن كېيىن غۇلجىدا كۆپ ساندا ئائىلىنىڭ ۋەيران بولغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.