خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇرلارنى قانداق جىنايەتلەر بىلەن ئەيىبلەپ جازالىماقتا؟

مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2014.12.22
tayland-uyghur-balilar.jpg تايلاندا تۇتۇپ تۇرىلىۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن 4 ياشتىكى ئابدۇللاھ ئابدۇۋېلى كېسەل سەۋىپى بىلەن ئالەمدىن ئۆتتى
RFA/Erkin Tarim


ئۇيغۇر دىيارىدىن كەلگەن كىشىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇيغۇرلار ئىچىدە ھەر ئائىلىدە ساقچىغا كىرىپ چىقمىغان كىشى يوق دېيەرلىك ئىكەن. ئۇنداقتا بۇ كىشىلەر نېمە جىنايەت بىلەن ئەيىبلىنىپ تۇتۇپ كېتىلمەكتە؟ يېقىندا ئۇيغۇر دىيارىدىن كەلگەن قانۇنچى مەمەت ئوغۇز ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك خادىملىرى ئۇيغۇرلارنى توپلىشىپ جەمئىيەت تەرتىپىنى قالايمىقان قىلىش جىنايىتى، ئۆكتەملىك قىلىپ ھۆكۈمەت خىزمىتىگە توسقۇنلۇق قىلىش جىنايىتى ۋە مىللىي ئۆچمەنلىككە قۇتراتقۇلۇق قىلىش جىنايەتلىرى بىلەن ئەيىبلەپ تۇتۇپ كېتىپ 3 يىلدىن 12 يىلغىچە قاماق جازاسىغا بۇيرۇۋاتقان ئىكەن. ئۇنداقتا، قايسى جازالار بۇ كاتېگورىيىگە كىرىدۇ؟ بۇلار خىتاينىڭ مۇناسىۋەتلىك قانۇنلىرىغا چۈشەمدۇ؟

تۆۋەندە بۇ تېمىلارنى چۆرىدىگەن ھالدا مەمەت ئوغۇز ئەپەندى بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبىتىمىزنى ئاڭلاڭلار.



پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.