كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى خەلقئارا ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ يادروسى كىشىلىك ھوقۇق بولۇشى كېرەك، دېدى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2013.05.10
qeshqer-cheqish-305 ﺳﯜﺭﻩﺗﺘﻪ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﭼﯧﻘﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻛﻮﻧﺎ ﺷﻪﮪﻪﺭ ﺭﺍﻳﯘﻧﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ
AFP Photo

بۈگۈن، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي ھوقۇقلار مەركىزى، ئاياللار تەرەققىيات ھوقۇقى بىرلەشمىسى قاتارلىق 18 كىشىلىك ھوقۇق ئورگىنى بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىپ، كىشىلىك ھوقۇق - خەلقئارا ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ يادروسى بولۇشى كېرەك، دەپ تەلەپ قىلدى.

ئۇلار بۇ چاقىرىقىنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يېڭى ئىقتىسادىي تەرەققىيات كۈنتەرتىپىنى بېكىتىپ چىقىش ئالدىدا ئېلان قىلغان بولۇپ، ئۇنىڭدا مۇقىم ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك ئىقتىسادىي تەرەققىيات بىلەن كىشىلىك ھوقۇقنىڭ زىچ مۇناسىۋىتى تەكىتلەنگەن. ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر بولسا خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇر ئېلىدە ئىقتىسادىي تەرەققىيات پىلانلىرىنى يولغا قويغاندا ئالدى بىلەن يەرلىك خەلقلەرنىڭ مەنپەئەتىنى چىقىش قىلىش، يەرلىكلەرنىڭ ھوقۇقلىرىغا ھۆرمەت قىلىشقا چاقىردى.

ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، مۇشۇ ئاينىڭ ئاخىرى ھەرقايسى دۆلەت رەھبەرلىرى 2015 - يىلىدىن كېيىنكى ئىقتىسادىي تەرەققىيات كۈنتەرتىپىنى بېكىتىپ چىقىش ئۈچۈن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ساھىبخانلىقىدا بىر ئارىغا جەم بولىدۇ. مەزكۇر يىغىندا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يولغا قويغان ئىقتىسادىي تەرەققىيات پىلانىنى غەلىبىلىك ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك ھالدا پاراۋانلىقنى بەرپا قىلىش پىلانلىرىنىڭ قۇرۇلمىسى بېكىتىلىپ چىقىدۇ. بۇ يىغىندا ب د ت غا قاراشلىق 60 ئورگان، دۇنيا بانكىسى ۋە خەلقئارا پۇل - مۇئامىلە فوندى قاتارلىق ئورگانلار ۋە ھەرقايسى دۆلەت رەھبەرلىرى قاتنىشىدۇ. بۈگۈن مانا مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن خەلقئارادىكى ھېچقانداق ھۆكۈمەتكە قاراشلىق بولمىغان 18 مۇستەقىل كىشىلىك ھوقۇق ئورگىنى بىرلىشىپ بايانات ئېلان قىلىپ، ب د ت غا خىتاب قىلدى. ئۇلار «بۇ يېڭى تەرەققىيات پىلان قۇرۇلمىسى چوقۇم پۇقرالارنىڭ كۈچىنى ئاشۇرۇپ، ئۇلارنىڭ كىشىلىك ۋە ئىجتىمائىي ھوقۇقلىرىنى دەپسەندە قىلغان ھۆكۈمەتلەرگە قارشىلىق بىلدۈرۈش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇشقا قارىتىلغان بولۇشى كېرەك» دېدى.

ئۇلار يەنە، ھەرقايسى ھۆكۈمەتلەرنى نامراتلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقان ئامىللارغا مەركەزلىشىش، پۇقرالارنىڭ ئەڭ ئاساسىي ئىجتىمائىي قوغدىنىش ھوقۇقلىرىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇپ «ھەرقايسى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى ئىجتىمائىي - سىياسىي ھوقۇق بىلەن ئىقتىسادىي ھوقۇقنىڭ بىر - بىرى بىلەن زىچ باغلىنىشلىق ئىكەنلىكىنى تونۇپ يېتىپ، ھەر ئىككى جەھەتتىكى تەرەققىياتقا ئوخشاش ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك» دېدى.

مەزكۇر چاقىرىقنامىدە ئالاھىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان مەسىلىلەر بولسا، پۇقرالارنىڭ يەر ۋە ئۆي - مۈلك ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىش، ئاياللارنىڭ تەرەققىياتتىكى ئورنىنى تونۇش، پۇقرالارنىڭ سەھىيە خىزمەتلىرىدىن پايدىلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىشتىن ئىبارەت بولۇپ، ئۇلار ھەرقايسى ھۆكۈمەتلەرنى ئوخشىمايدىغان ئىرق، دىندىكى كىشىلەرنىڭ، يەرلىك خەلقلەرنىڭ، ئاز سانلىقلارنىڭ، ئاياللارنىڭ يۇقىرىدىكى ھەقلىرىنى كاپالەتكە ئىگە قىلغان ئاساستا تەرەققىياتنى يولغا قويۇشى كېرەكلىكىنى، بۇنداق بولمايدىكەن، مۇقىم ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك تەرەققىياتتىن سۆز ئىچىشنىڭ مۇمكىن بولمايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

بۈگۈن، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىمۇ بۇ مۇناسىۋەت بىلەن رادىئومىزغا بايانات بېرىپ، دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەت ۋە ھەر تەرەپكە قۇرۇلۇش، تەرەققىيات نامى ئاستىدا مەبلەغ سېلىۋاتقان خىتاينى يۇقىرىدىكى چاقىرىقلارغا قۇلاق سېلىشقا چاقىردى.

5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتى«شىنجاڭ خىزمەت يىغىنى» ئېچىپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئىقتىسادنى يۈكسەلدۈرۈپ، مەڭگۈلۈك ئەمىنلىك بەرپا قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى.

شۇندىن بۇيان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ تەشۋىقاتلىرىدا، 19 ئۆلكە، شەھەرنىڭ مەبلەغ سېلىشى بىلەن، رايوندا ئىقتىسادنىڭ يۈكسىلىپ، خەلق تۇرمۇشىدا بولۇپمۇ دېھقانلار تۇرمۇشىدا يۈكسىلىش بولغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەر كۆپلەپ بېرىلدى. ھالبۇكى، رادىئومىز ئىگىلىگەن ئۇچۇرلاردا بىزگە ئەھۋال ئىنكاس قىلغان دېھقانلار بولسا، بۇنىڭ ئەكسىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. ئىگىلىشىمىزچە، 19 ئۆلكىدىن كەلگەن خىتاي شىركەتلىرىنىڭ يەرلىشىشى نەتىجىسىدە، دېھقان، چارۋىچىلار يەرلىرىنى بۇ شىركەتلەرگە ستىپ بېرىشكە مەجبۇرلانغانلىقى سەۋەبىدىن يەرلىرىدىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولغان. ئۇيغۇر ئېلىدە تەرەققىيات ۋە ئىش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىدىغانلىقى ھەدەپ تەشۋىق قىلىنغان بۇ خىتاي شىركەتلىرى يەرلىكلەردىن ئىشچى قوبۇل قىلىش ئەمەس، بەلكى ئۆزى بىلەن بىللە كۆچمەن ئەكەلگەن. نوپۇسنىڭ كۆپىيىپ، رايوندا ھەممە نەرسىنىڭ باھاسى ئۆسكەن. رايوندىكى خىزمەت پۇرسەتلىرى يەنىلا خىتاي كۆچمەنلىرىگە بېرىلگەنلىكى ئۈچۈن، يەرلىك ئۇيغۇرلار يەنىلا ئىشسىزلىق، نامراتلىق ھالىتىدىن قۇتۇلالمىغان.

خىتاي ھۆكۈمىتى بولسا يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىنىڭ بايلىقلىرىنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە توشۇش خىزمىتى تۈرلىرىنىڭ سانىنى ۋە سۈرئىتىنى ھەسسىلەپ ئاشۇردى. مەسىلەن، 2014 - يىلى پۈتۈپ ئىشقا كىرىشىشى كۈتۈلۈۋاتقان ئۇيغۇر ئېلىنىڭ توكىنى ئىچكىرىگە يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى مانا مۇشۇلارنىڭ ئىچىدىكى پەقەتلا بىرى. بۇنىڭدىن سىرت، ئۇيغۇر ئېلىدىكى خەۋەر مەنبەلىرىدە ھەر كۈنى دېگۈدەك يېڭى نېفىت، تەبىئىي گاز بازىلىرى، كۆمۈر، مىس ۋە باشقا قىممەتلىك كان بايلىقلىرى زاپاسلىرى تېپىلىۋاتقانلىقى ياكى ئۇلارنى پىششىقلاپ ئىشلەش سۈرئىتىنىڭ ئېشىۋاتقانلىقى ھەققىدە خەۋەرلەر ھەر كۈنى دېگۈدەك ئۇچرايدۇ. ئەمما ئۇيغۇر رايونلۇق ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىدىن چىققان بايلىقلاردىن يەرلىك خەلقلەرگە زادى قانچىلىك نەپ تېگىۋاتقانلىقى ھەققىدە ھېچقاچان ئېنىق بىر مەلۇمات بېرىپ باققان ئەمەس. ئۇيغۇر رايونلۇق ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادىمىيىسى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان 2012 - يىللىق «كۆك تاشلىق كىتاب»تا 2012 - يىلىنىڭ دەسلەپكى 3 مەۋسۇمىدا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئومۇمى ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى، ئالدىنقى يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىن 11.5 پىرسەنت ئاشقانلىقى، شەھەر، بازار پۇقرالىرىنىڭ كىرىمىنىڭ1.14 پىرسەنت ئاشقانلىقى، يېزا، كەنت پۇقرالىرىنىڭ كىرىمىنىڭ 5.19 پىرسەنت ئۆرلەپ، 5151 سومغا يەتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. بىراق ئۇنىڭدىمۇ ئۇيغۇرلار بىلەن خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ ئىقتىسادتىكى بۇ خىل تەرەققىياتتا قانداق سالماقنى ئىگىلەيدىغانلىقى تىلغا ئېلىنمىغان. ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر بولسا، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ھالقىما تەرەققىياتتىن يەرلىك خەلقلەرنىڭ ئەمەس، بەلكى خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ بېيىۋاتقانلىقىغا ئىشىنىدۇ. دىلشات رىشىت ئەپەندى ئۇيغۇر ئېلىدىن چىقىۋاتقان بايلىقلاردىن ئالدى بىلەن يەرلىك خەلقلەرنىڭ پايدىلىنىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرۈپ، خىتاينى خەلقئارا قانۇنلارغا ھۆرمەت قىلىشقا چاقىردى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.