خوتەندە كادىر-ساقچىلارنىڭ نىكاھ-توي مۇراسىملىرىنى نازارەت قىلىدىغانلىقى ئاشكارىلاندى
2017.04.20
بۇلتۇردىن بۇيان پۈتكۈل خوتەن دائىرىسىدە نىكاھ، خەتنە توي، نەزىر قاتارلىق مۇراسىملىرىنىڭ ئىسلاھ قىلىنغانلىقى ۋە بۇلارنىڭ بەلگىلەنگەن كادىر ۋە ساقچىلارنىڭ نازارىتىدە ئۆتكۈزۈلۈۋاتقانلىقى دەلىللەندى. دائىرىلەر بۇنى «دىنىي ئەسەبىيلىكىن چەكلەش تەدبىرى» دەپ ئىزاھلىدى. ئەمما چەتئەللەردىكى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ ئۆز قانۇنىغىمۇ خىلاپ بولغان بۇ بەلگىلىمىلەر ئۇيغۇرلارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىنىڭ بىر قىسمىغا ئايلىنىپ بولغان ئۆرۈپ-ئادەتلىرىنىمۇ يوقىتىشنى مەقسەت قىلغان.
خوتەن چىرا ناھىيىسىنىڭ بىرقانچە يېزىسىغا تېلېفون قىلىپ ئىگىلىگەن ئەھۋاللاردىن
خوتەندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھەرقانداق ئائىلىۋى مۇراسىملىرىنىڭ يېزىلىق ھۆكۈمەتكە ئىلتىماس سۇنۇش، يېزىلىق ھۆكۈمەتنىڭ تەستىقىنى ئېلىش، ئاندىن «كەنت مۇلازىمەت مەركىزى» دە يېزا كادىرلىرى ھەتتا ساقچىلارنىڭ نازارىتى ئاستىدا ئۆتكۈزۈلۈۋاتقانلىقى مەلۇم بولدى.
توي مۇراسىملىرىنى ھۆكۈمەت بەلگىلەپ بەرگەن مەرىكە زالىدا كادىرلارنىڭ نازارىتى ئاستىدا ئۆتكۈزۈش بەلگىلىمىسىگە قارىتا قارىتا خوتەندىكى ھۆكۈمەت كادىرلىرى، ساقچىلار ۋە ئاۋام پۇقرالارنىڭ ھەممىسى بۇ خىل بەلگىلىمىلەرنىڭ چىقىشىغا «مۇقىملىقنى قوغداش» ئېھتىياجى سەۋەب بولغانلىقىنى تەكىتلىسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ سۆز-ئىبارىلىرىدىكى تۇيغۇ ۋە ئىنكاسلار پەرقلىق بولدى.
چىرا ناھىيىسى ئۇلاغساي يېزا ساقچىخانىسىدىن تېلېفونىمىزنى ئالغان كېچىلىك نۆۋەتچى ساقچى، ئۆزلىرىنىڭ خىزمەت دائىرىسىدە پۇقرالارنىڭ ئائىلىۋى مۇراسىملاردىكى بىخەتەرلىككە مەسئۇل بولۇش ۋەزىپىسىنىڭمۇ بارلىقىنى ئېيتتى.
ئۇ يەنە، توي مۇراسىمى ئۆتكۈزمەكچى بولغان ھەرقانداق ئائىلىنىڭ مۇراسىمدىن ئىلگىرى يېزىلىق ھۆكۈمەتكە ئىلتىماس سۇنغان چاغدا ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان مۇراسىمنىڭ ۋاقتى ۋە مېھمانلار ھەققىدە شۇ كەنت ياكى يېزىدىكى ساقچىخانىغىمۇ ئالدىن مەلۇمات بېرىشى كېرەكلىكىنى ساقچىلارنىڭ ئەھۋالغا قاراپ تەدبىر ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
يېزىغا چۈشكەن خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ خادىمى بولسا، دىنىي پائالىيەتلەرنى نازارەت قىلىش تەدبىرىنىڭ «بۇ خىل مۇراسىملاردا مىللىي ئىناقلىق، دۆلەتنىڭ بىرلىكى قاتارلىقلارغا زىيانلىق پىكىرلەر ۋە دىنىي ئاشقۇنلۇق ئىدىيىلىرىنىڭ تارقىلىشىدىن ساقلىنىش» ئۈچۈن ئېلىنغانلىقىنى تەكىتلىدى.
چىرا ناھىيىسىدىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بىر دۇكاندار خانىم، نۆۋەتتە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان «دىنىي رادىكاللىق»، «بۆلگۈچىلىك ئىدىيىلىرىگە قارشى تۇرۇش»، «تېررورلۇققا زەربە بېرىش» ھەرىكەتلىرىدىن ئەنسىزلىك ھېس قىلغان ئۇيغۇرلارنىڭ، ئۆزىگە ئارتۇقچە ئاۋارىچىلىك تېپىلىشتىن قورقۇپ، بىر قىسىم دىنىي يوسۇنلارنىڭ ئۆزگىرىشى ھەتتا ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشىنى قوبۇل قىلىشقا مەجبۇر ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىدىن دىنىي ئۆلىما دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ دىنىي ئىشلار مۇدىرى تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، خوتەن دائىرىلىرىنىڭ نۆۋەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ۋە مىللىي كىملىكىنى ئۆزگەرتىش مەقسىتىدىكى بۇ خىل بەلگىلىمىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقىنى تېخىمۇ كۈچەيتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
تۇرغۇنجان ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، دائىرىلەر خوتەننى مەركەز قىلىپ، جەنۇبىي ئۇيغۇر دىيارىدا يولغا قويغان ئۇيغۇرلارنىڭ نىكاھ-توي مۇراسىملىرىنى نازارەت قىلىش بەلگىلىمىسى، ئەمەلىيەتتە خىتاي ھۆكۈمەت تەشۋىقاتىدىكى «مىللەتلەرنىڭ دىنىي-ئېتىقاد، ئۆرۈپ-ئادەتلىرىنى قوغداش» نامىدىكى قانۇنىي-بەلگىلىمىلەرگە خىلاپ قىلمىش ھېسابلىنىدىكەن.
ئامېرىكا فروسبورگ ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ تۇڭگان مىللىتىدىن بولغان پروفېسسورى ما خەييۈن ئەپەندى نۇقتىلىق ھالدا، خىتايدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ دىنىي ئېتىقاد تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىپ كېلىۋاتقان مۇتەخەسسىسلەردىن بىرى.
ئۇ، دائىرىلەرنىڭ قىلمىشىنى تەنقىدلەپ مۇنداق دېدى: «ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسلام دىنىي ئېتىقاد ئادەتلىرى مۇشۇ خىلدىكى باھانىلەر بىلەن ئۈزلۈكسىز چەكلىمىگە ئۇچراپ كەلمەكتە. خەلقئارا دىنىي ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دىنىي سىياسىتى ۋە مىللىي سىياسىتىنى تەنقىدلىگەندە بۇ مەسىلىلەر دائىم تىلغا ئېلىنىدۇ. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى ‹تېررورىزمغا زەربە بېرىش› نى باھانە قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ۋە مىللىي كىملىكىگە بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك بولغان ئائىلىۋى مۇراسىم-ئادەتلىرىنىمۇ ھەر خىل چەكلىمىلەر ئارقىلىق مەجبۇرىي ئۆزگەرتىشكە ئۇرۇنۇۋاتىدۇ.»
ما خەييۈن ئەپەندى يەنە، بۇ خىل رادىكاللاشقان يەرلىك-سىياسەت بەلگىلىمىلەرنىڭ يامان ئاقىۋىتىنى ئاگاھلاندۇرۇپ، ئۇيغۇرلارنى دىنىي ئېتىقادى ۋە مىللىي ئۆرۈپ ئادەتلىرىدىن يىراقلاشتۇرۇش ھەتتا ۋاز كېچىشكە مەجبۇرلاش مەقسىتىدىكى بۇ بەلگىلىمىلەرنىڭ ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنىڭ تېخىمۇ كەسكىنلىشىشىگە پۇرسەت يارىتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
يېقىندا خوتەندە جازالانغان 97 نەپەر كادىر ئارىسىدا «نىكاھنى ئائىلىدە ئوقۇتقان» لىقى ئۈچۈن جازالانغان ئۇيغۇر كادىرلارنىڭ بارلىقى ئاشكارىلانغان ئىدى.