شىۋېتسىيەلىك ژۇرنالىست يۇييې ئولسسون بىلەن ئۇيغۇر ۋەزىيىتى ئۈستىدە سۆھبەت
2017.04.21

شىۋېتسىيەلىك ژۇرنالىست، يازغۇچى يۇييې ئولسسون، ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىگە دىققەت قىلىۋاتقان يازغۇچىلارنىڭ بىرى. ئۇ ئىلگىرى بېيجىڭدا ئۇزۇن يىل خىزمەت قىلغان. يۇييى ئولسسون بۈگۈن رادىئومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى ھەققىدىكى كۆز قاراشلىرىنى بايان قىلدى.
يازغۇچى يۇييې ئولسسون يېقىندا تەيۋەننىڭ «كۆزەتكۈچى» ژۇرنىلىدا «خىتاينىڭ دىن ۋە ئىرققا قارىتىلغان ھۇجۇملىرى: بىلىنمىگەن ۋە خەۋەر قىلىنمىغانلار» ماۋزۇلۇق بىر ماقالە ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى ئۈستىدە تەپسىلىي توختالغان. ئۇ ماقالىسىدە ئاساسلىق ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان مىللىي ۋە دىنىي بېسىملار ھەققىدە دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ يېتەرلىك تونۇشقا ئىگە ئەمەسلىكىنى بىلدۈرۈپ: «ھازىرقىدەك دىنى ۋە ئىرقىي كەمسىتىش دۇنيادا يەنە قايتىدىن باش كۆتۈرۈۋاتقان بىر شارائىتتا ناھايىتى ئاز كىشىلەرلا خىتايدا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان دىنىي زىيانكەشلىكنىڭ تولۇق جەريانىنى چۈشىنىشكە مۇۋەپپەق بولالايدۇ» دېگەن ئىدى.
ئۇ، ئۇيغۇر ئېلىدە 1-ئاپرېل كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلغان «دىنى ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش نىزامى» دىكى بىر قىسىم مەزمۇنلارنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتكەندىن كېيىن «ئەگەر يۇقىرىدىكى ماددىلار ئەگەر ھەرقانداق بىر باشقا دۆلەتتە ئىجرا قىلىنغان بولسىدى، بۇ چاققا دۇنيا ئاخباراتلىرىنىڭ بىرىنچى كۈن تەرتىپىگە ئايلانغان بولاتتى. بىراق، خىتايدا ئىجرا قىلىنىۋاتقان بۇ تەدبىرلەرگە خەلقئارا جامائەتنىڭ بىر ئىنكاسى يوق دېيەرلىك بولىدۇ. بۇ يېڭى نىزام شى جىنپىڭ ھاكىمىيەتكە كەلگەندىن بۇيان ئۇيغۇرلارغا قارىتا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان پەۋقۇلئاددە قاتتىق قول سىياسەتلەرگە قوشۇلغان پەقەت بىر يېڭى سىياسەت» دەپ بايان قىلغان.
بىز بۈگۈن يۇييې ئولسسوننىڭ ئۆزىنى تېپىپ، ئۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇر مەسىلىسى ئۈستىدە سۆھبەتلىشىش پۇرسىتىگە ئېرىشتۇق.
مۇخبىر: يۇييى ئەپەندىم ياخشىمۇسىز، سىز ئالدى بىلەن رادىيو ئاڭلىغۇچىلىرىمىزغا ئۆزىڭىزنى بىر تونۇشتۇرۇپ ئۆتكەن بولسىڭىز؟
يۇييې: مېنىڭ ئىسمىم يۇييې ئولسسون. مەن شىۋېتسىيەلىك ژۇرنالىست. مەن تۇنجى قېتىم 2007-يىلى بېيجىڭغا خىتايچە ئۆگىنىش ئۈچۈن باردىم. ئۇندىن كېيىن 2009-خوڭكوڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئاخباراتچىلىق كەسپىدە ماگىستىرلىق ئۇنۋانىنى ئالغاندىن كېيىن 2010-يىلى بېيجىڭغا قايتىپ بېرىپ، بىر شىۋېت ئاخبارات ئورگىنىنىڭ مۇخبىرى بولۇپ ئىشلىدىم. مېنىڭ خىتاي ھەققىدە 3 كىتابىم بار. مەن 2017-يىلىدىن باشلاپ تەيۋەندە ياشاۋاتىمەن.
مۇخبىر: سىزنىڭ تەيۋەنگە كۆچۈپ كېلىشىڭىزنىڭ ئالاھىدە سەۋەبى بارمۇ؟
يۇييې: شۇنداق ئەسلىدە چوڭ بىر سەۋەبى بار. 2016-يىلى خىتاي ھۆكۈمىتى مېنىڭ ۋىزامنى ئۇزارتىپ بېرىشنى رەت قىلدى. مەن ئىككى قېتىم ئىلتىماس قىلغان بولساممۇ ئۇلار ھېچقانداق سەۋەب كۆرسەتمەي تۇرۇپلا ئۇنى رەت قىلدى. ئەلۋەتتە بۇنىڭ سەۋەبى چوقۇم مېنىڭ يازغان ماقالىلىرىم ۋە كىتابىم. ئەمما ئۇلار ماڭا ئېنىق بىر نەرسە دېمىدى. شۇندىن بېرى مەن ئاخبارات ۋە پىكىر ئەركىنلىكى بولغان تەيۋەندە خىزمەت قىلىشقا باشلىدىم. ھازىر خىتايغا ئائىت 4-كىتابىمنى يېزىۋاتىمەن.
مۇخبىر: سىز ئۇيغۇر مەسىلىسى بىلەن قاچان تونۇشتىڭىز؟
يۇييې: 2009-يىلىدىكى ئۈرۈمچى ۋەقەسى مېنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسى بىلەن تونۇشۇشۇمغا سەۋەب بولدى. مەن ۋەقەنى غەرب ئاخباراتلىرىدا كۆرگەندىن كېيىن بۇنىڭ سەۋەبىگە قىزىقىپ قالدىم. چۈنكى مەن ئۆزۈممۇ ئادەتتە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىگە قىزىقىمەن. شۇڭا مەن بۇ نامايىشنى كۆرگەندىن كېيىن نامايىشقا سەۋەب بولغان زادى نېمە بولغىيتتى، دېگەنگە قىزىقىپ قالدىم ۋە ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئىزدىنىشكە باشلىدىم. مەن بېيجىڭدا خىتايچە ئوقۇۋاتقان ۋاقتىمدا جىق ئۇيغۇر بالىلار بىلەن تونۇشتۇم. ئۇلار بىلەن بىللە پۇتبول ئوينىدىم. بېيجىڭدا ئۇيغۇر ئاشخانىلىرىمۇ جىق ئىدى.
مۇخبىر: سىز ماقالىڭىزدا ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ دۇنيادا كۆپ تونۇلمايدىغانلىقىنى، بولۇپمۇ بۇ ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان زۇلۇم شۇنچە ئېغىر تۇرۇپ دۇنيا كۈن تەرتىپىدە يېتەرلىك ئورۇنغا ئېرىشەلمەيۋاتقانلىقىدىن سۆز ئېچىپسىز؟ سىز بۇنىڭ سەۋەبىنى نېمە دەپ ئويلايسىز؟
يۇييې: مەنچە بۇنىڭ بىر قانچە خىل سەۋەبى بار. بىرىنچىسى، نۇرغۇن دۆلەتلەر خىتاي بىلەن بولغان ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلىرىنى كۆزدە تۇتۇپ تۇرۇپ خىتاينى ئەيىبلەشتىن ئۆزىنى قاچۇرىدۇ. ئۇلار باشقا ھۆكۈمەتلەرنى ئەيىبلىگەندەك خىتاينى ئەيىبلەشتىن قورقىدۇ. ئىككىنچىسى، كۆپ كىشىلەر ۋە ھۆكۈمەتلەر شىنجاڭدا ھەقىقەتەن نېمە بولۇۋاتقانلىقىدىن خەۋەرسىز. مەلۇماتى يوق. چۈنكى، چەتئەللىك ژۇرنالىستلار ئۇيغۇر ئېلىگە بارالمايدۇ. بارغانلىرىمۇ تەقىبگە ئۇچرايدۇ. شۇڭا شىنجاڭدىن چىقىۋاتقان ئۇچۇر بەك ئاز. ھۆكۈمەت ئاخباراتلىرىدىن باشقا ئۇچۇر مەنبەسى يوق. پەقەتلا ئۇيغۇر ۋە تىبەت مەسىلىسى ئەمەس، خىتايدا قانۇننىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى، ئاخباراتنىڭ بېسىمغا ئۇچرىشى دېگەندەك باشقا نۇرغۇن مەسىلىلەرمۇ ئوخشاشلا خەۋەر قىلىنمايۋاتىدۇ. ئۈچىنچىسى، خىتاينىڭ ئامېرىكا ۋە ياۋروپاغا بەك ئۇزاق بولۇشىمۇ مەسىلىنىڭ يەنە بىر تەرىپى. ئارىلىق بەك ئۇزاق بولغاچقا ئامېرىكالىقلار بولسۇن، ياۋروپالىقلار بولسۇن خىتايدىكى مەسىلىلەر بىلەن ئالاقىسى يوقتەك ھېس قىلىدۇ. ئاخىرقىسى بولسا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەشۋىقاتلىرى. ئەھۋالدىن قارىغاندا ھۆكۈمەتنىڭ تەشۋىقاتلىرىمۇ ئىشقا ياراۋاتقاندەك قىلىدۇ. مانا بۇلار ھەممىسى ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان زۇلۇمنىڭ يېتەرلىك دەرىجىدە كۈن تەرتىپكە كېلەلمەسلىكىگە سەۋەب بولۇۋاتىدۇ.
مۇخبىر: خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە يۈز بېرىۋاتقان زوراۋانلىق ۋەقەلىرىنى چەتئەللەردىكى تېررور تەشكىلاتلىرىغا باغلاپ چۈشەندۈرۈۋاتىدۇ. سىزنىڭ بۇ ھەقتىكى كۆز قارىشىڭىز قانداق؟
يۇييې: مەنچە شىنجاڭدا يۈز بېرىۋاتقانلار ھەممىسى شۇ يەرنىڭ ئۆزىدىن تۇغۇلغان مەسىلىلەر. يەنى بۇ يەردە زوراۋانلىق ۋاسىتىسى قوللىنىپ باشقىلارنى ئۆلتۈرۈشتەك تېررورلۇق مەۋجۇت ھەم شۇنداقلا خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان دۆلەت تېررورلۇقى مەۋجۇت. بۇ خۇددى چەمبىرەك ئايلىنىشىغا ئوخشايدىغان ئەھۋال. ئۇ، دۆلەتنىڭ قاتتىق قول سىياسىتى بىلەن باشلىنىدۇ. ئاندىن ئۇنىڭغا قايتۇرۇلغان ئىنكاس بولىدۇ. شۇڭا بۇ يەردە ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايغا قارشى قايتۇرۇۋاتقان نارازىلىق ئىنكاسىدىن تۇغۇلغان زوراۋانلىق تېررورلۇق بار ۋە خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان دۆلەت تېررورلۇقى بار. ئەمما، ئۇيغۇرلارنىڭ تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىنىڭ يا ئەلقايدا تەشكىلاتى بىلەن، يا ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتى بىلەن ئالاقىسى يوق. بۇنى پەرقلەندۈرۈش كېرەك. خىتاي بۇ تەشكىلاتلار بىلەن ئالاقىسى بار، دېيىش ئارقىلىق پەقەتلا ئۆزىنى ئاقلىماقچى، باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئۆزىنى ئەيىبلىشىدىن ئۆزىنى قاچۇرماقچى بولۇۋاتىدۇ خالاس.
مۇخبىر: ماقالىڭىزدا ئۇيغۇر ئېلىدە قاتتىق باستۇرۇش، كۆچمەن يۆتكەش ۋە پاسپورت يېغىۋېلىش سىياسەتلىرى ئىجرا قىلىنغانلىقىنى دەپسىز. يېقىندا يەنە بىر خوتەندىكى ئۇيغۇر كادىر دىنىي زاتلارنىڭ ئالدىدا تاماكا چەكمىگەنلىكى ئۈچۈن «سىياسىي مەيدانى ئېنىق ئەمەس» دېگەن سەۋەب بىلەن خىزمەتتىن ھەيدەلدى. سىزنىڭ بۇنىڭدىن خەۋىرىڭىز بولدىمۇ؟ سىز قانداق قارايسىز بۇ ۋەقەگە؟
يۇييې: مەن ماقالەمدىمۇ تىلغا ئالغاندەك، بۇ بىر يامان ئاقىۋەتلىك چەمبىرەك ئايلىنىشىغا ئوخشايدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر تېخىمۇ قاتتىق قوللۇق سىياسەت يۈرگۈزۈۋاتىدۇ. بۇ دېگەنلىك ئۇلار تېخىمۇ قاتتىق قارشىلىققا دۇچ كېلىدۇ. بۇ كىشى تاماكا چېكىشنى رەت قىلغانلىقى ئۈچۈن خىتاي تەرىپىدىن ئەيىبلەندى. ئۇيغۇر ئېلىدىكى ۋەزىيەتنىڭ نازۇكلۇقىدىن ھېچكىم بۇ ئەيىبلەشكە قارشى چىقىشقا جۈرئەت قىلالماپتۇ. مەنچە بۇنىڭ ھېچكىمگە پايدىسى يوق. ئەلۋەتتە بۇ بىرىنچى بولۇپ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن پايدىلىق ۋەزىيەت ئەمەس، لېكىن خىتاينىڭ ئۆزى ئۈچۈنمۇ پايدىلىق نەرسە ئەمەس. ئەسلىدە 80-يىللاردا خۇ ياۋباڭ مەزگىلىدىكى سىياسەتلەرگە قايتقان بولسىدى، ياخشى بولاتتى. ئەمما ھازىر دەل ئەكسىچە بولۇۋاتىدۇ.
مۇخبىر: سىزچە قانداق بولغاندا ھەر ئىككى تەرەپ ئۈچۈن پايدىلىق ۋەزىيەت شەكىللەنگەن بولاتتى؟
يۇييې: خىتاي ئالدى بىلەن ئۆز ئاساسىي قانۇنىغا ھۆرمەت قىلىش كېرەك. ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ۋە مىللىي ھوقۇقى ۋە كىشىلىك ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىشى كېرەك. ئەمما، بۇ ھۆكۈمەت يېقىن بىر مەزگىل ئىچىدە ئۇنداق قىلىدىغاندەك ئەمەس. چۈنكى ئۇ قاتتىق قول بولۇشنى تاللىغاندەك قىلىدۇ. مەنچە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتلەر ۋە شۇنداقلا خىتايدىكى باشقا كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىدىكى پوزىتسىيىسىنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن خەلقئارادىكى بارلىق ھۆكۈمەتلەر بىرلىشىپ تۇرۇپ بېسىم قىلىشى كېرەك. ئۆتكەندە خىتاي ئۆكتىچىنىڭ قېيىن-قىستاققا ئېلىنغانلىقىغا قارىتا 11 دۆلەت بىرلىشىپ تۇرۇپ خىتاينى ئەيىبلىگەنتى، خىتايمۇ ئۇنىڭغا ئىنكاس قايتۇردى. دېمەك، بىر قانچە ئورگان ياكى دۆلەت ئۆز ئالدىغا ئەمەس، بەلكى بىرلىشىپ تۇرۇپ خىتاينى ئەيىبلىگەندىلا ئاندىن ھەقىقىي ئۈنۈم ئالغىلى بولىدىغاندەك تۇرىدۇ.
ژۇرنالىست يۇييې ئولسسون سۆھبىتىمىز ئاخىرىدا ئۆزىنىڭ ھازىر 4-كىتابى ئۈستىدە ئىشلەۋاتقانلىرىنى، ئۇ كىتابىنىڭمۇ خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئاخبارات ئەركىنلىكىگە مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. بىزمۇ ئۇنىڭ خىزمەتلىرىگە ئۇتۇق تىلەپ سۆھبىتىمىزنى ئاياغلاشتۇردۇق.