كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتى ئۇيغۇرلارغا قانداق بالايى ئاپەتلەرنى ئېلىپ كەلدى؟ (1)

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز مېھرىبان تەييارلىدى
2024.10.20
Uyghur-yigha-boway-hashar-1600 ماۋ زېدۇڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن 1949-1976-يىلغىچە بولغان 27 يىل جەريانىدا يۈز بەرگەن ھەر خىل سىياسىي ھەرىكەتلەر تىلغا ئېلىنىپ، بۇ دەۋرنىڭ بالايى-ئاپەتلەر ئەڭ ئېغىر بولغان دەۋر ئىكەنلىكى تەكىتلەنمەكتە
Photo: RFA

خىتاي داھىيسى ماۋ زېدۇڭ 1949-يىلى 10-ئاينىڭ 1-كۈنى بېيجىڭدىكى تيەنئەنمېن راۋىقىغا چىقىپ، كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىدى. مەلۇم بولۇشىچە 1949-يىلى 9-ئاينىڭ 27 كۈنى بېيجىڭدا ئېچىلغان خىتاي خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ بىرىنچى ئومۇمىي يىغىنىدا، ماۋ زېدۇڭ «خىتاي خەلقى ئورنىدىن تۇردى» تېمىسىدا ئېچىلىش نۇتقى سۆزلەپ، خىتايدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئۆز-ئۆزىگە خوجا بولغان ھالدا باراۋەر، ئەركىن ياشايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئەمما بۈگۈنكى كۈندە كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتىگە بېرىلگەن باھالاردا، ماۋ زېدۇڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن 1949-1976-يىلغىچە بولغان 27 يىل جەريانىدا يۈز بەرگەن ھەر خىل سىياسىي ھەرىكەتلەر تىلغا ئېلىنىپ، بۇ دەۋرنىڭ بالايى-ئاپەتلەر ئەڭ ئېغىر بولغان دەۋر ئىكەنلىكى تەكىتلەنمەكتە.

ئامېرىكىنىڭ نيۇ-يورك شەھىرىدە چىقىدىغان «بېيجىڭ باھارى» ژۇرنىلىنىڭ سابىق باش مۇھەررىرى، ئوبزورچى خۇ پىڭ ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ مەزگىللەردە ماۋ زىدۇڭنىڭ «كونا جەمئىيەتنى ئاغدۇرۇپ تاشلاش» نەزەرىيەسى بويىچە، خىتاي خەلقى ئىنقىلابىي خەلق ۋە سىنىپىي دۈشمەن دېگەن ئىككى قۇتۇپقا بۆلۈۋېتىلىپ، پۈتكۈل خىتاي خەلقى سىياسىي كۈرەشلەر قاينىمىغا سۆرەپ كىرىلگەن.

خۇ پىڭ مۇنداق دېدى: «1949-يىلى خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغىنىدا پۈتۈن خىتاي دۆلىتى ئازات قىلىندى دېيىلدى. بۇ چاغدا ماۋ زېدۇڭ كومپارتىيە خىتابنامىسىدىكى «كونا تۈزۈمنى پۈتۈنلەي ئاغدۇرۇپ تاشلاش» نەزەرىيەسىنى كۈچەپ تەرغىب قىلدى. بۇ كونا دەپ قارالغان بارلىق نەرسىلەرنى پۈتۈنلەي يوقىتىش دېگەنلىكتۇر. ماۋ دەۋرىدە سىنىپىي كۈرەش تەكىتلەندى. خەلق ئەمگەكچى خەلق ۋە ئېكسپلاتاتسىيە قىلغۇچى سىنىپىي دۈشمەنلەر دەپ ئىككىگە بۆلۈندى. ئېكسپلاتاتسىيە قىلغۇچىلارغا قارشى كۈرەش نامىدا، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئەسلىدىكى جەمئىيەت تۈزۈلمىسى بۇزۇپ تاشلاندى، ئۆزگەرتىلدى. ئۇ چاغلاردا شىنجاڭ بىلەن ئىچكى موڭغۇلدا، 1959-يىلدىن كېيىن شىزاڭدا «سىنىپىي دۈشمەنلەرگە زەربە بېرىش» نامىدىكى باستۇرۇپ-يوقىتىش يولغا قويۇلدى. ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ دىنىي ئېتىقادى ۋە ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراپلا قالماستىن، خىتاينىڭ قەدىمىي مەدەنىيىتىمۇ كونىلىق دەپ يوقىتىلىش ئوبيېكتى قىلىندى».

 خۇ پىڭ ئەپەندى سۆزىدە، 1949-يىلى كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتى قۇرۇلغاندىن باشلاپ، پۈتكۈل خىتاي مىقياسىدا ئېلىپ بېرىلغان «يەر ئىسلاھاتى»، «ئۈچ چوڭ تاغنى ئاغدۇرۇش»، «5 كە زەربە بېرىش»، «كوپىراتىپلىشىش» «كوممۇنا قۇرۇش»، «چوڭ سەكرەپ ئىلگىرىلەش»، «ئوڭچىلارغا زەربە بېرىش»، «مەدەنىيەت ئىنقىلابىي»، «تۆت كونىنى يوقىتىش»، «ياشلارنىڭ يېزىلارغا چۈشۈپ قايتا تەربىيە ئېلىشى»، «لىن بىياۋ ۋە كۇڭزىچىلارغا زەربە بېرىش» قاتارلىق ھەرىكەتلەرنى نەقىل ئېلىپ ئۆتتى.

 «خىتاي كومپارتىيەسى تارىخى» دېگەن كىتابنىڭ 2-بۆلۈمىدە دېيىلىشىچە، «چوڭ سەكرەپ ئىلگىرىلەش» ھەرىكىتى خىتايدا ئېغىر ئاچارچىلىق ئاپىتىنى كەلتۈرگەن بولۇپ، 1959-يىلدىن-1961يىلغىچە داۋام قىلغان ئاچارچىلىقتا بىر مىليون خىتاي پۇقراسى ئازىيىپ كەتكەن.

خۇ پىڭنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ماۋ زېدۇڭنىڭ ئامېرىكا، ئەنگلىيە قاتارلىق غەرب دۆلەتلىرىدىن ئېشىپ كېتىش چاقىرىقى بىلەن پەيدا قىلغان «چوڭ سەكرەپ ئىلگىرىلەش»، «خەلق كوممۇناسى» ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى «مەدەنىيەت ئىنقىلابى» مەزگىلىدە ئۆلگەنلەر ھەققىدىكى سانلىق مەلۇماتلار ئەڭ تۆۋەن مۆلچەر بولۇپ، مۇستەقىل تەتقىقاتچى ياڭ جىشېڭ تەرىپىدىن يېزىلغان «زور ئاچارچىلىق» ناملىق كىتابتا، شۇ يىللاردا ئاچارچىلىق ۋە ھەر خىل سىياسىي كۈرەشلەردە ئۆلگەنلەرنىڭ سانى تېخىمۇ كۆپ ئىكەنلىكى تىلغا ئېلىنغان ئىكەن.

جاۋ زىياڭنىڭ قول ئاستىدا ئىشلىگەن، ئىلگىرى خىتاي ئىقتىسادىي قۇرۇلما ئىسلاھات ئىنستىتۇتىنىڭ مۇدىرى بولغان چېن يىجېننىڭ مەخپىي دوكلاتىدا، ئەينى ۋاقىتتا ئاچلىقتا ئۆلگەنلەرنىڭ، يەنى بىنورمال ئۆلگەنلەرنىڭ 43 مىليوندىن 46 مىليونغىچە ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلانغان.

خۇ پىڭنىڭ تەكىتلىشىچە، ئۇ يىللاردىكى سىياسىي كۈرەشلەر دولقۇنىدا زىيالىيلار ئاساسلىق كۈرەش نىشانى قىلىنغان. «مەدەنىيەت ئىنقىلابى» مەزگىلىدە خىتايلاردىن باشقا، ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇل قاتارلىق مىللەتلەر ئارىسىدىكى جامائەت ئەربابلىرى، دىنىي ئۆلىمالار ۋە زىيالىيلار قوشۇنى نۇقتىلىق يوقىتىش ئوبيېكتىغا ئايلانغان.

تۈركىيە ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى، تارىخ پەنلىرى دوكتورى ئەركىن ئەكرەم ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ئارمىيەسىنىڭ شەرقىي تۈركىستان زېمىنىنى بېسىۋېلىشى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ياردىمىدە ئېلىپ بېرىلغان ئىشغال ھەرىكىتى بولۇپ، 1949-يىلى 6-ئاي مەزگىلىدە، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى باشلىقى ستالىن ما زېدۇڭغا يوللىغان تېلېگراممىدا «شەرقىي تۈركىستاننى ئىشغال قىلىش» دېگەن سۆزلەر ئىشلىتىلگەن. خىتاينىڭ ۋاڭ جېن يېتەكچىلىكىدىكى ئارمىيەسى 1949-يىلنىڭ ئاخىرى قەشقەرنى ئېلىپ بولغاندىن كېيىن، «ئىشغال قىلىش» دېگەن سۆز «شەرقىي تۈركىستانغا ئارمىيە كىردى» دېگەنگە ئۆزگەرتىلگەن ئىكەن.

دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتايدا 50-يىللارنىڭ باشلىرى باشلانغان «يەر ئىسلاھاتى» شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىلغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئەينى چاغدا ئىقتىسادىي چىقىملىرىنى ھەل قىلىش ئاساسىي مەقسەت قىلىنغان. 1952-يىلى باشلانغان يەر ئىسلاھاتىدا ئاۋۋال بۇ يەردىكى خەلق بايلار ۋە كەمبەغەللەر دېگەن ئىككى سىنىپقا ئايرىلغان. نەتىجىدە بايلارنى باستۇرۇش، بايلارنىڭ بايلىقلىرىنى مۇسادىرە قىلىش ئارقىلىق ھۆكۈمەت زور مىقداردا بايلىق توپلىغان.

ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى ماۋ زېدۇڭ دەۋرىدە شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىلغان «يەر ئىسلاھاتى»، «چوڭ سەكرەپ ئىلگىرىلەش»، «ئوڭچىلارغا زەربە بېرىش» ۋە «مەدەنىيەت ئىنقىلابى» قاتارلىق ھەر خىل سىياسىي ھەرىكەتلەر ھەققىدە توختالدى. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ ھەرىكەتلەرنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى سىياسىي ھۆكۈمرانلىقىنى مۇستەھكەملەشنى مەقسەت قىلغان ئىكەن.

ئەركىن ئەكرەم ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 50-يىللارنىڭ باشلىرىدا خىتاي «كونىلىققا زەربە بېرىش» نامىدا، ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقادى ۋە مەدەنىيەت چەمبىرىكىنى پۈتۈنلەي بۇزۇپ تاشلاشقا ئۇرۇنغان. ئۇنىڭدىن باشقا، «ئوڭچىلارغا زەربە بېرىش» ھەرىكىتىدە ئۇيغۇرلارغا ھەقىقىي يېتەكچىلىك قىلالايدىغان جەمئىيەت ئەربابلىرى، دىنىي زاتلار ۋە زىيالىيلار كۈرەش نىشانى قىلىنىپ، قەدەممۇ-قەدەم يوقىتىلغان.

مەلۇم بولۇشىچە، 50-يىللارنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىن باشلاپ رايوندا ئاتالمىش بىرلىكسەپ قۇرۇلۇشى ئېلىپ بېرىلىپ، خىتاي كومپارتىيەسىگە سادىق 20 مىڭدەك مىللىي كادىر يېتىشتۈرۈلگەن. ئەسلىدىكى شەرقىي تۈركىستان ئارمىيەسى بولسا بارا-بارا قورالسىزلاندۇرۇلغان، ئاندىن تارقىتىۋېتىلگەن. ئىلگىرىكى شەرقىي تۈركىستان ھۆكۈمىتىدە ئىشلىگەنلەرگە ھەر خىل بەتناملار چاپلانغان ھەم يوقىتىش ئوبيېكتى قىلىنغان. 1954-يىلىغا كەلگەندە خىتاي گېنېرالى ۋاڭ جېننىڭ 1949-يىلى شەرقىي تۈركىستانغا بېسىپ كىرگەن 200 مىڭدەك ئارمىيەسى «بىڭتۈەن» نامىدا يەرلەشتۈرۈپ، رايوندا مۇستەقىل ھەربىي مۇستەملىكە ئورگىنى قورۇلغان. بىڭتۈەن كېيىنكى يىللاردا خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ بۇ زېمىندا بارغانچە كۆپىيىشىگە ئاساس سالغان.

ئەركىن ئەكرەم ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، گەرچە ئەينى چاغدىكى سىياسىي ھەرىكەتلەردە سىنىپىي كۈرەش تەكىتلەنگەن بولسىمۇ، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رايوندا يۈرگۈزۈۋاتقىنى ئەمەلىيەتتە ئېنىق ھالدىكى ئىشغالىيەت سىياسىتى. شۇڭا ماۋ زېدۇڭنىڭ بۇ مەزگىلدىكى سىياسىتى ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقادى ۋە مىللى-مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكى يوقىتىشقا قارىتىلغان. بۇنىڭدا مىللەتكە يېتەكچىلىك قىلالايدىغان دىنىي زاتلار ۋە زىيالىيلار ئاساسلىق يوقىتىش ئوبيېكتى قىلىنغان. نەتىجىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز زېمىنىغا بولغان ئىگىدارچىلىقى قەدەممۇ-قەدەم تارتىۋېلىنىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ زېمىنغا بولغان ھۆكۈمرانلىقى تېخىمۇ ئاسانلاشقان.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.