مۇتەخەسسىسلەر: «كۈنتاختا مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭلا ئەمەس، بەلكى بۇلغىنىشنىڭمۇ مەھسۇلىدۇر» (2)
2024.04.03
خىتايدىكى پاكىز ئېنېرگىيە ساھەسى، يەنى كۈنتاختا سانائىتى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى ئەڭ ئېغىر بولغان ساھەلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. شۇڭلاشقا خىتايدا ئىشلەنگەن كۈنتاختىلار ئىككى يىلدىن بۇيان ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئىمپورت قىلىنىشى چەكلەندى. ئامېرىكا تاموژنا ۋە چېگرا قوغداش ئىدارىسى 2022-يىل 6-ئايدا «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» رەسمىي ئىجرا قىلىنىشقا باشلىغاندىن بېرى، مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق 1000 دىن ئارتۇق كۈنتاختا يوللانمىسىنى تۇتۇپ قالغان ئىدى.
مۇتەخەسسىسلەر، خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا ئىشلەپچىقارغان ۋە ئۇيغۇر دىيارىدا كەڭ كۆلەمدە ئورنىتىۋاتقان كۈنتاختىلارنىڭ يالغۇز مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭلا مەھسۇلى بولۇپ قالماي، بەلكى ئۇنىڭ يەنە ئېغىر دەرىجىدىكى بۇلغىنىشنىڭمۇ مەھسۇلى ئىكەنلىكىدىن ئاگاھلاندۇرماقتا. ھالبۇكى، خىتاي كارخانىلىرى كۈنتاختا سانائىتىنىڭ كېيىنكى باسقۇچلىرىدىمۇ داۋاملىق ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەپ كەلمەكتە. خىتاي كۈنتاختا مەھسۇلاتلىرى دۇنيا بازىرىنىڭ 80 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلىدىغانلىقى، شۇنداقلا ئۇنىڭ خام ئەشيالىرىنىڭ 42 پىرسەنتى ئۇيغۇر دىيارىدىن چىقىدىغانلىقى مەلۇم.
خىتاي كۈنتاختا ئىشلەپچىقىرىش شىركەتلىرى كۈنتاختا ياساش جەريانىنىڭ سىلكوننى ئايرىپ ساپلاشتۇرۇشتىن باشلاپ باشقا بارلىق ئىشلەپچىقىرىش جەريانلىرىنى ئۇيغۇر دىيارىدا داۋام قىلدۇرماقتا. يېقىنقى يىللاردا يەنە كۈنتاختا مەيدانلىرىنى قۇرۇشنى كېڭەيتىلىۋاتقانلىقى مەلۇم.
ئۆتكەن يىلى خىتاي دۆلەتلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى ۋە دۆلەتلىك ئېنېرگىيە باشقۇرۇش ئىدارىسى «يېڭى دەۋردە يېڭى ئېنېرگىيەنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى يولغا قويۇش پىلانى» نى ئېلان قىلغانىدى. بۇ پىلانغا ئاساسەن ئۇيغۇر دىيارىدا جەمئىي 21 خىل تەدبىرنى يولغا قويغان. بۇنىڭ ئەڭ مۇھىم نۇقتىسى، «چۆل ۋە قۇملۇق رايونلىرىنى ئاساس قىلغان چوڭ تىپتىكى شامال ئېنېرگىيەسى ۋە كۈنتاختا بازىسى قۇرۇش» ئىكەن
خىتاي ھۆكۈمىتى بىر تەرەپتىن ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتقان بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇيغۇر دىيارىنىڭ بىپايان چۆل-جەزىرە ۋە قۇملۇق قاتارلىق ئىشلىتىلمىگەن جايلارغا كۈنتاختا مەيدانلىرىنى قۇرماقتا ئىكەن. بۇ قۇرۇلۇشلارغا دەسلەپتە ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سالغان بولسا، نۆۋەتتە كۈنتاختا فېرمىلىرىنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، مەخسۇس كۈنتاختا قۇراشتۇرۇش ئۈچۈن يەنىمۇ كۆپ خىتاي كۆچمەنلىرىنى ئۇيغۇر دىيارىغا يۇقىرى مائاش بىلەن يۆتكەشكە باشلىغانلىقى مەلۇم.
بايدېن ھۆكۈمىتىنىڭ «يېشىل ئېنېرگىيە» سىياسىتىدە كۈنتاختا مۇھىم ئورۇن تۇتىدىغان بولۇپ، ئەمەلىيەتتىمۇ كۈنتاختا مەھسۇلاتلىرى دۇنيانىڭ يېڭى توك ئېنېرگىيەسى ئىشلەپچىقىرىش ساھەسىنىڭ بەشتىن ئۈچ قىسىنى ئىگىلەيدىكەن. خىتاي بۇ ساھەدە ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەشكە ئۇرۇنۇپ كەلگەن بولۇپ، 10 يىل بۇرۇن خىتاي دۇنيانىڭ كۈنتاختا بازىرىنىڭ 40 پىرسەنتىنى ئىگىلىگەن بولسا، بۈگۈنكى كۈندە 80 پىرسەنتىدىن كۆپىنى ئىگىلىگەن. چۈنكى 2000-يىلىلا خىتاي ھۆكۈمىتى «توك ئاپتوموبىلى، لىتىي باتارېيەسى، كۈنتاختا» قاتارلىق «ئۈچ قۇرۇلۇش تۈرى» گە نەچچە يۈز مىليارد دوللار سەرپ قىلغانىكەن.
ئۇنداقتا، نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇر رايونى قۇياش ئېنېرگىيە سانائىتىنىڭ ئاساسلىق خام ئەشيا بازىسى بولۇپ قالدى؟ ئامېرىكانىڭ قۇياش ئېنېرگىيە ساھەسى نېمە سەۋەبتىن خىتايغا تايىنىپ قالدى؟ خىتايدا ئىشلەپچىقىرىلغان كۈنتاختىلارنى كىرگۈزۈشنى چەكلەشكە باشلىغاندىن كېيىن، ئامېرىكادا ئىشلىتىلىۋاتقان ياكى ئىشلەپچىقىرىلغان كۈنتاختىلارنى پۈتۈنلەي مەجبۇرىي ئەمگەكتىن خالى دېگىلى بولامدۇ؟
بۇ مەسىلىلەر ھەققىدە بىز مۇتەخەسسىسلەرنىڭ پىكرىنى سوراش ئۈچۈن، ئامېرىكانىڭ مەلۇم كۈنتاختا شىركىتىدە خىزمەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇر تەتقىقاتچى مەمەتجان تۇرسۇن بىلەن ئالاقىلەشتۇق، ئۇ سوئاللىرىمىزغا يازما جاۋاب بەردى.
مەمەتجان ئالدى بىلەن خىتاينىڭ قۇياش ئېنېرگىيە ساھەسىدە نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇر دىيارىنىڭ مۇھىم ئورۇن تۇتىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دەپ يازغان: «مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قەيت قىلىشىچە، كۈنتاختىنى ئامېرىكا ئىشلەپچىقارغان دېگەندە، ئىشلەپچىقىرىش زەنجىرىنىڭ قايسى باسقۇچىنى ئامېرىكا ئىشلەپچىقارغان دەپ سوراشقا توغرا كېلىدۇ. خىتاي كۈنتاختا شىركەتلىرىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىغا ئورۇنلىشىپ قېلىشىدىكى مۇھىم بىر سەۋەب، ئۇ يەردە توك باھاسى پۈتۈن دۇنيا بويىچە دېگەندىمۇ ئەڭ ئەرزان يەرنىڭ بىرسى بولغانلىقىدا. بۇ يەردىكى مۇھىم بىر سەۋەب، ئۇ يەردە توك ئىشلەپچىقىرىش ئىستانسىلىرى كۆمۈرنى يېقىلغۇ قىلغان. كۆمۈر بولسا يەرلىكتە قېزىلىپ يەرلىكتە ئىشلىتىلىدۇ. توك ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى يىللاردىن بۇيان ئۆزىنىڭ ئېھتىياجىدىن ئېشىپ كەتكەن، لېكىن ئىچكىرى ئۆلكىلەر بىلەن ئارىلىق يىراق بولغاچقا، ئارتۇق توكنى ئىچكىرىگە يۆتكەپ كېتىش تەس بولۇش. شۇ سەۋەبتىن توك ئىشلىتىشكە بولغان ئېھتىياجى ھەددىدىن زىيادە ئارتۇق بولغان سانائەتلەر يېقىنقى 10 يىلدىن بۇيان، بىزنىڭ ۋەتەن (ئۇيغۇر دىيارى) گە قۇرۇلغان. نەچچە يىللار بۇرۇن بىت تەڭگىسى (Bitcoin) قازىدىغان شىركەتلەرنىڭ تۇيۇقسىز ۋەتەنگە قۇرۇلۇپ، دۇنيادىكى بىت تەڭگىسى قازىدىغان ئاساسلىق رايون بولۇپ قېلىشىمۇ ئەنە شۇ سەۋەبتىن.»
مەمەتجان تۇرسۇن ئامېرىكا ۋە دۇنيا كۈنتاختا سانائىتىنىڭ خىتايغا بېقىنىپ قېلىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەبلەرنى مۇنداق چۈشەندۈرگەن:
«ئالدىنقى 10 يىلدا ئامېرىكا، ياۋروپا، خىتاي، تەيۋەن، كورېيە دېگەندەك سانائەت دۆلەتلىرى قۇياش باتارېيەسى ۋە كۈنتاختا تېخنىكىسىنى تەتقىق قىلىش ۋە ئىشلەپچىقىرىش بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن خىتاينىڭ سىياسەت ۋە دۆلەت كاپىتالىزمغا تايانغان كۈنتاختا شىركەتلىرى بىلەن باھا رىقابىتىدە تەڭ كېلەلمەي، بازاردىن چېكىنگەن. كۈنتاختا ئىشلەشتە پولىسىلىكون ئىشلەپچىقىرىش باسقۇچى مەبلەغ ئەڭ كۆپ كېتىدىغان بولۇپ، خىتايدا زاۋۇتلار ئەرزان باھالىق كۆمۈر يېقىلغۇلۇق توكتىن نەپ ئالىدۇ. شۇڭىمۇ سىلكون ياپراقچىسى ئىشلەش جەريانىنىڭ 95 پىرسەنتى خىتايدا. كۈنتاختا ۋە قۇراشتۇرۇش ھالقىسى ئىشلەپچىقىرىشنىڭ 80 پىرسەنتلىك ئىقتىدارى خىتايدا. شۇڭا ئامېرىكا ئىشلەپچىقارغان كۈنتاختىنىڭمۇ ئاساسلىق تەركىبى قىسمى يەنىلا خىتايدىن ياكى خىتاي مەبلەغ سالغان شەرقى جەنۇبى ئاسىيادىكى دۆلەتلەردىن كېلىدۇ. ھازىر ئامېرىكانىڭ خىتايغا تايانماي ئۆزى مۇستەقىل كۈنتاختا ئىشلەپ، ئۆزىنى تەمىنلەش ئىقتىدارى يوق. »
مەمەتجاننىڭ چۈشەندۈرۈشىچە، قۇياش ئېنېرگىيە تاختىسى يەنى كۈنتاختىنىڭ ھاياتلىق دەۋرى ياساش، قۇراشتۇرۇش، مەشغۇلات ۋە ئاخىرىقى يىغىۋېلىشقىچە بولغان جەريانلار مۇھىت بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك ئىكەن.
ئومۇمىي جەھەتتىن ئالغاندا، خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدا كېڭەيتىپ قۇرۇۋاتقان چوڭ تىپتىكى كۈنتاختا زاۋۇتلىرى قالدۇقلىرىنىڭ كەلگۈسىدە قايسى دەرىجىدە بۇلغىنىشقا سەۋەب بولىدىغانلىقىنى مۆلچەرلەش قىيىن ئىكەن.
2021-يىلى مايدا شېفىلد خاللام ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەتقىقاتچىلىرى مەخسۇس دوكلات ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇر دىيارىدا مەجبۇرىي ئەمگەك ئىشلىتىلگەن كۈنتاختا شىركەتلىرىنىڭ تولۇق تىزىملىكىنى ئېلان قىلغانىدى، شۇنداقلا ئۇيغۇر دىيارىنى مەنبە قىلغان كۈنتاختىلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە ئۇچراش خەۋپىدىن ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى بەرگەنىدى.
شېفلىد خاللام ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك تەتقىقاتلىرىغا قاتنىشىۋاتقان ئۇيغۇر مۇتەخەسسىسلەردىن تۈركىيەدىكى دوكتور يالقۇن ئۇلۇيول ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ قۇياش ئېنېرگىيە ساھەسىدە بازارنى ئىگىلىشىنى چەكلەشتە يەنىلا كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى تۇتقا قىلىشنىڭ ئۈنۈمى كۆرۈنمەكتە ئىكەن.
ئۇ، يېقىنقى تەتقىقاتلاردىن خىتاينىڭ قۇياش ئېنېرگىيەسىدەك نۇقتىلىق سانائەتتە يەنىلا ئۇيغۇرلارنى بۇلغانغان مۇھىتتا مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىۋاتقانلىقىنىڭ مەلۇم بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە خىتاينىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك قوشۇلغان كۈنتاختا مەھسۇلاتلىرىنى چەكلەشتە مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇن تەدبىرلىرىنى يالغۇز ئامېرىكادىلا ئەمەس، ياۋروپا ۋە باشقا جايلاردىمۇ يولغا قويۇشنىڭ ئىنتايىن زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلىدى.