لاگېر شاھىتلىرى: «لوندوندىكى سوتتىن ئىلگىرى خىتاينىڭ تەھدىتلىرى كۈچىيىۋاتىدۇ»
2021.06.02

ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق دائىرىلەر ئۆتكەن ھەپتە، يەنى 25-ماي كۈنى بېيجىڭدا 9-قېتىملىق ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى چاقىرىپ، ئۆزلىرىنىڭ نۇقتىلىق ھۇجۇم نىشانىنى قەلبىنۇر سىدىق، ئۆمەر بېكئالى، سايراگۈل ساۋۇتباي، زۇمرەت داۋۇت، گۈلباھار جېلىلوۋا قاتارلىق چەت ئەللەردىكى لاگېر شاھىتلىرىغا قاراتقان، شۇنداقلا ئۇلارنى «يالغان گۇۋاھلىق بېرىش» بىلەن ئەيىبلىگەن ئىدى. خىتاي دائىرىلىرى 1-ئىيۇن كۈنى يەنە «شىنجاڭ گېزىتى»، «شىنجاڭ تېلېۋىزىيەسى»، «تەڭرىتاغ» تورى قاتارلىق ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدا ئاتالمىش «ئۇيغۇر ۋەكىللىرى» نىڭ نامىدا ئېلان قىلىنغان ماقالىلەر ۋە سىن فىلىملىرىنى كەڭ تارقىتىپ، ئامېرىكا قاتارلىق غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرىگە ۋە چەت ئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىغا نۇقتىلىق ھۇجۇم قىلغان.
«تەڭرىتاغ» تورىدىكى خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىتى مەدھىيەلەنگەن ماقالىلەردە ئامېرىكا، گوللاندىيە، كانادا، ئەنگىلىيە قاتارلىق دۆلەتلەر تەرىپىدىن ماقۇللانغان «ئۇيغۇرلار ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچرىماقتا» دېگەن قارار «يالغانچىلىق» ۋە «ئويدۇرمىچىلىق» بىلەن ئەيىبلەنگەن. بۇ خىل يازمىلاردا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر سىياسىتىنى قاتتىق ئەيىبلەۋاتقان ئامېرىكا، ئەنگىلىيە قاتارلىق غەرپ دېموكراتىك دۆلەتلىرىنى «جۇڭگونىڭ شىنجاڭ سىياسىتىنى قارىلىدى، جوڭگونىڭ ئىچكىي ئىشلىرىغا قوپاللىق بىلەن ئارىلاشتى» دەپ ھۇجۇم قىلىنغان. بۇ ماقالىلەردە يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاتالمىش «ئاز سانلىق مىللەتلەر سىياسىتى» ئاقلىنىپ، «شىنجاڭدا ئۇيغۇر قاتارلىق ئاز سانلىق مىللەتلەر كومپارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە بەختلىك، خاتىرجەم ۋە باياشات ياشاۋاتىدۇ،» دېيىلگەن.
چەت ئەللەردىكى لاگېر شاھىتلىرىدىن قەلبىنۇر سىدىقنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاينىڭ بۇ نۆۋەتلىك ھۇجۇمى ئالدىنقى قېتىمقىلارغا قارىغاندا تېخىمۇ شىددەتلىك ۋە كەڭ كۆلەملىك بولغان.
قەلبىنۇر خانىمنىڭ قارىشىچە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇنداق قىلىشىدىكى سەۋەپ 4-ئىيۇن كۈنى ئەنگىلىيەدە باشلىنىدىغان «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» نىڭ سوتىغا ۋە سوتتا گۇۋاھلىق بېرىدىغان لاگېر شاھىتلىرىغا بېسىم قىلىش ئۈچۈن ئىكەن.
قەلبىنۇر سىدىق خانىم يەنە يېقىندا بېلگىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى لاگېرلىرى ھەققىدىكى گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىنىڭ خىتاي تور خاككېرلىرىنىڭ ھۇجۇمى بىلەن كېچىكتۈرۈلگەنلىكىنى تىلغا ئالدى.
ئىگىلىشىمىزچە، نۆۋەتتە لاگېر شاھىتلىرىدىن قەلبىنۇر سىدىق خانىم، سايراگۈل ساۋۇتباي خانىم، گۈلباھار جېلىلوۋا خانىم ۋە ئۆمەر بېكئالى ئەپەندىلەر خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى باھالاشنى مەقسەت قىلغان «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» دە گۇۋاھلىق بېرىش ئۈچۈن بىرنەچچە كۈن ئىلگىرى لوندۇنغا يېتىپ بارغان.
مەزكۇر سوتتا گۇۋاھلىق بېرىش ئۈچۈن شىۋېتسىيەدىن كەلگەن سايراگۈل ساۋۇتباي خانىممۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى.
سايراگۈل خانىم خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ھۇجۇمى ۋە تەھدىتلىرى ھەققىدىكى سوئالىمىزغا جاۋاپ بېرىپ، ئۆتكەن ھەپتە خىتاي دائىرىلىرى بېيجىڭدا ئۆتكۈزگەن 9-قېتىملىق ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا ئۇنىڭغا ۋە باشقا لاگېر شاھىتلىرىغا نۇقتىلەىق ھۇجۇم قىلغانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.
زىيارىتىمىز ئاخىرىدا سايراگۈل خانىم خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقئارانىڭ جازالىشىدىن قېچىش ۋە ئۆزىنى قوغداش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىۋاتقان بۇ خىل يالغانچىلىقلىرى ۋە تەشۋىقات ھۇجۇملىرىنىڭ ھەر ۋاقىت ئەكسىچە ئۈنۈم بېرىپ كېلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.
ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىگە ئوخشاش لاگېر شاھىتلىرىنىڭ شەخسىيىتىگىچە ھاقارەتلەش دەرىجىسىگە يەتكەن. بۇ ھاقارەتلەر ۋە يالغانچىلىقلار ئۇلارنىڭ خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ ھەقىقى يۈزىنى دۇنياغا ئاشكارىلاش ئىرادىسىنى تېخىمۇ كۈچەيتىكەن.
مەلۇم بولۇشىچە، لوندۇندا ئۆتكۈزۈلۈش ئالدىدا تۇرغان «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» نىڭ تۇنجى قېتىملىق سوتى 4-ئىيۇندىن 7-ئىيۇنغىچە 4 كۈن داۋام قىلىدىكەن. بۇ قېتىمقى سوتقا لاگېر شاھىتلىرىدىن باشقا يەنە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، ئۇيغۇر ھەركىتى تەشكىلاتى، ئۇيغۇر ئەدلىيەسى ئارخىپى قاتارلىق ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە باشقا بىر قىسىم خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى، تونۇلغان سىياسىي پائالىيەتچىلەر، كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتلىرى ھەمدە چەت ئەللەردىكى ئۇيغۇرشۇناس ئالىملارمۇ قاتنىشىدىكەن.