لاگېر شاھىدى قاستەر مۇساقان قازاقىستاندا نامەلۇم كىشىلەر تەرىپىدىن ئۇرۇپ ئېغىر يارىلاندۇرۇلغان

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر تەييارلىدى
2024.01.02
qaster-1024 قازاقىستاندىكى لاگېر شاھىتى قاستەر مۇساقان 2023-يىلى 12-ئاينىڭ 22-كۈنى جۈمە نامەلۇم كىشىلەرنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ ئېغىر يارىلاندۇرۇلغاندىن كېيىن تارتىلغان سۈرەت. 2023-يىلى 22-دېكابىر، قازاقىستان
ئاتايۇرت تەشكىلاتى

قازاقىستاندىكى «ئاتا يۇرت» تەشكىلاتنىڭ  نۆۋەتتە گېرمانىيەدە ياشاۋاتقان رەئىسى ئەربول دۆلەتبەكنىڭ رادىيومىزغا ئىنكاس قىلىشىچە، قازاقىستاندىكى لاگېر شاھىدى قاستەر مۇساقان، ئۆتكەن جۈمە نامەلۇم كىشىلەرنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ ئېغىر يارىلاندۇرۇلغان. ئاتايۇرت تەشكىلاتىنىڭ مەسئۇل خادىمى نەق مەيدانغا يېتىپ كېلىپ، جىددىي ئەھۋالنى جىددىي قۇتقۇزۇش ئورنىغا  ۋە ساقچىلارغا مەلۇم قىلغان. قاستەر مۇساقان دوختۇرخانىغا ئەكىلىپ تەكشۈرۈلگىنىدە 4 تال قوۋۇرغىسىنىڭ سۇنغانلىقى مەلۇم بولغان.

 بۈگۈن تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان قاستەر مۇساقان شۇ كۈنى بېشىدىن ئۆتكەنلەر ھەققىدىكى سوئالىمىزغا مۇنداق جاۋاب بەردى:

سوئال: چوڭ بىر كېلىشمەسلىككە ئۇچراپسىز؟

جاۋاب: شۇنداق22 ‏-چېسلا ئىدى، نامەلۇم 4 كىشى ئۇرۇپ كەتتى.

سوئال: نەدە ئىدىڭىز؟

جاۋاب : بىر ئاشخانىدا تاماق يەۋاتقان. ئارىلىقتا ھاجەتخانىغا كېتىۋاتسام، بىرسى قولۇمدىن تارتىپ «تاماقنىڭ پۇلىنى بېرىۋەت» دېدى، مەن «پۇلنى ئاشخانىنىڭ ئىگىسىگە بېرىمەن» دېسەم،  «ئىگىسى مەن بولىمەن» دەپلا ئۇرۇپ كەتتى. يەنە 3 كىشىمۇ ئۈستۈمگە يوپۇرۇلۇپ كەلدى. ھېچ بىرسىنى مەن كۆرۈپ باقمىغان....مېنى ئۇرۇپ ياتقۇزۇۋەتكەندىن كېيىن سىرتقا چىقىپ كەتتى.

سوئال: نېمە بىلەن ئۇردى؟

جاۋاب : ئۇردى، تەپتى، دەسسىدى، بىرلىرىنىڭ قولىدا بىليارت تايىقى بار ئىدى، شۇنىڭ بىلەنمۇ ئۇردى.

سوئال: قەيەرلىرىڭىز زەخىملەندى؟

جاۋاب:  4 تال قوۋۇرغام سۇنۇپ كەتتى، بىر تال چىشىمنىڭ يېرىمى سۇنۇپ كەتتى، يەنە بىر تال چىشىم لىڭشىپ قالدى. يۈز-كۆزۈم يېغىر...

سوئال: ئاندىن قانداق بولدى؟

جاۋاب: جىددىي قۇتقۇزۇش بىلەن دوختۇرخانىغا ئاپىرىلدىم. تەكشۈرۈلگەندىن كېيىن، قولۇمدا رەسمىيەتلىرىم بولمىغاچقا، بالنىستقا ئالمىدى. ئۆيدە داۋالىنىۋاتىمەن.

سوئال: ئاشخانىنىڭ خوجايىنىغا دېمىدىڭىزمۇ، بۇ كىملەر دەپ؟

جاۋاب : ئاشخانا ئۈچ قەۋەتلىك ئاشخانا ئىدى. ئاشخانا ئىگىسى  «كۆرمەي قاپتۇق، بىزگە نېمىشقا دەرھال دېمىدىڭ، ئۇلار بىزنىڭ ئاكىلىرىمىز بولىدۇ» دېدى.

سوئال: دېمەك ئاشخانا ساھىبى سىزنى ئۇرغۇچىلار بىلەن يېقىنچىلىقى بارلىقىنى يوشۇرمىدى.

ئۆزىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان گۇۋاھچىلاردىن بىرىنىڭ بايان قىلىشىچە، قاستەر مۇساقاننى ئۇرغان كىشىلەرنىڭ بىر قىسىم يېقىنلىرى قاستەر ۋە ئۇنىڭ يېقىنلىرىغا تېلېفون قىلىپ، سۇنغان ئەرزىدىن ۋاز كېچىشنى، بولمىسا ھاياتىغا خەتەر يېتىدىغانلىقىنى ئېيتقان.  مەلۇم بولۇشىچە، قاستەر مۇساقان لاگېر ھەققىدىكى گۇۋاھلىقلىرىنى توختاتماي كېلىۋاتقان ۋە 20 كۈننىڭ ئالدىدا بىر خەلقئارا ئاخبارات ئورگىنىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.