لوندون كىتاب يەرمەنكىسىدە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارشى «مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى» مۇھاكىمە قىلىندى

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئۇيغار تەييارلىدى
2024.03.18
london-kitab-06-1024 2024-يىللىق لوندون كىتاب يەرمەنكىسىدە، خەلقئارا نەشرىيات جەمئىيىتى، ئەنگلىيە قەلەمكەشلەر جەمئىيىتى ۋە خەلقئارا قەلەمكەشلەر جەمئىيىتى بىرلىكتە ئورۇنلاشتۇرغان «نەشرىيات ئەركىنلىكى: ئىپادىلەش، نەشر قىلىش ۋە ئوقۇش» نامىدىكى يىغىندىن كۆرۈنۈش. 2024-يىلى مارت، لوندون
ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن

2024-يىللىق لوندون كىتاب يەرمەنكىسى (The London Book Fair) دە ئۇيغۇرلارنىڭ پىكىر قىلىش ئەركىنلىكى، نەشر ئەركىنلىكى ۋە كىتاب ئوقۇش ئەركىنلىكىگە قارىتا كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان خەۋپ، جۈملىدىن مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى مۇھاكىمە قىلىندى.

2024-يىلى 3-ئاينىڭ 14-كۈنى خەلقئارا نەشرىيات جەمئىيىتى، ئەنگلىيە قەلەمكەشلەر جەمئىيىتى ۋە خەلقئارا قەلەمكەشلەر جەمئىيىتى قاتارلىق ئورۇنلار بىرلىكتە 2024-يىللىق لوندون كىتاب يەرمەنكىسىدە «نەشرىيات ئەركىنلىكى: ئىپادىلەش، نەشر قىلىش ۋە ئوقۇش» نامىدا ئالاھىدە يىغىن ئۆتكۈزگەن بولۇپ، ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلىلەر مانا شۇ يىغىندا ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

بۇ يىغىن دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا پىكىر ئەركىنلىكى، نەشر قىلىش ئەركىنلىكى ۋە كىتاب ئوقۇش ئەركىنلىكىگە قارىتا كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان خەۋپىنى ھەل قىلىشنى مەقسەت قىلغان. بۇ تەھدىتلەرنىڭ كىتاب ساھەسىدە كەڭ تەسىرگە ئىگە بولۇپ، ئاپتورلار، نەشرىياتچىلار، كىتاب ساتقۇچىلار، كۇتۇپخانىلار ۋە ئوقۇرمەنلەرگە چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەنلىكى بىلىنمەكتە.

لوندون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەتقىقاتچىسى، شائىر ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن ئۇيغۇر شائىرى ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ شېئىرىنى تونۇشتۇرۇۋاتىدۇ. 2024-يىلى مارت، لوندون
لوندون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەتقىقاتچىسى، شائىر ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن ئۇيغۇر شائىرى ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ شېئىرىنى تونۇشتۇرۇۋاتىدۇ. 2024-يىلى مارت، لوندون
ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن

«مۇھاپىزەتچى گېزىتى» (The Guardian) دىكى كلايىر ئارمسىتستېد (Claire Armitstead) رىياسەتچىلىك قىلغان بۇ يىغىنىدا بىرقىسم مۇتەخەسسىسلەر ۋە ھۆرمەتكە سازاۋەر شەخسلەر نۇتۇق سۆزلىگەن. ئەنگلىيە يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، شائىر ئەزىز ئەيسا ئەلكۈنمۇ مەزكۇر يىغىندا سۆز قىلغان. ئۇ ئۇيغۇرلارنىڭ پىكىر ئەركىنلىكى، نەشر قىلىش ئەركىنلىكى ۋە كىتاب ئوقۇش ئەركىنلىكىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن توسقۇنلۇققا ئۇچرىشى ۋە كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان خەۋپى ھەققىدە تەپسىلىي ئۇچۇر بەرگەن.

ئوخشاش كۈندە، خەلقئارا قەلەمكەشلەر جەمئىيىتىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن مەزكۇر 2024-يىللىق لوندون كىتاب يەرمەنكىسىدە ئۇيغۇر شېئىرىيىتى ۋە شائىرلار دۇچ كەلگەن قىسمەتلەر ھەققىدىمۇ بىر مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىلغان. بۇنىڭدا ئەيسا ئەلكۈننىڭ تەرجىمە ۋە تەھرىرلىكىدە تۈزۈلگەن «ئۇيغۇر شېئىرلىرى» ناملىق كىتاب تونۇشتۇرۇلغان. بۇ يىغىندا تۈرمىدىكى كۆپلىگەن يازغۇچى ۋە شائىرلارنىڭ ئىجادىيىتى ۋە بېشىغا كەلگەن ئېغىر كۈنلەر ھەققىدە تەپسىلىي پىكىر ۋە چۈشەنچە بېرىلگەن.

2024-يىللىق لوندون كىتاب يەرمەنكىسىدە، خەلقئارا نەشرىيات جەمئىيىتى، ئەنگلىيە قەلەمكەشلەر جەمئىيىتى ۋە خەلقئارا قەلەمكەشلەر جەمئىيىتى بىرلىكتە ئورۇنلاشتۇرغان «نەشرىيات ئەركىنلىكى: ئىپادىلەش، نەشر قىلىش ۋە ئوقۇش» نامىدىكى يىغىندىن كۆرۈنۈش. 2024-يىلى مارت، لوندون
2024-يىللىق لوندون كىتاب يەرمەنكىسىدە، خەلقئارا نەشرىيات جەمئىيىتى، ئەنگلىيە قەلەمكەشلەر جەمئىيىتى ۋە خەلقئارا قەلەمكەشلەر جەمئىيىتى بىرلىكتە ئورۇنلاشتۇرغان «نەشرىيات ئەركىنلىكى: ئىپادىلەش، نەشر قىلىش ۋە ئوقۇش» نامىدىكى يىغىندىن كۆرۈنۈش. 2024-يىلى مارت، لوندون
ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن

ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن ئەپەندى تۈرمە-لاگېرلارغا تاشلانغان ئۇيغۇر تارىخى ۋە مەدەنىيىتى ساھەسىدىكى تۆھپىكار ئۇيغۇر زىيالىيلىرى، جۈملىدىن يازغۇچى-شائىرلار، تارىخچىلار، تىلشۇناسلار، فولكلورشۇناسلارنىڭ ئىجادىيىتى ۋە بېشىغا كەلگەن ئېغىر كۈنلەر ھەققىدە سۆز قىلغان. سىياسىي پىكىر ۋە ئىجادىيىتى تۈپەيلى ئۆزىنىڭ ۋە ئائىلىسىنىڭ بېشىغا كەلگەن ئېغىر ئازاب-ئوقۇبەتلەرنى سۆزلەش ئارقىلىق ئۇيغۇرلار ئۇچرىغان زۇلۇمنى يورۇتۇپ بەرگەن.

مىللەتنىڭ تەقدىرى ھەققىدە كۆپلىگەن ماقالىلەرنى يازغان، ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ پىكىر ئېقىمىغا تەسىر كۆرسەتكەن يالقۇن روزى، ئابدۇقادىر جالالىدىن قاتارلىق زىيالىيلاردىن باشقا يەنە تارىخچى ئابلىز ئورخۇن، فولكلورشۇناس راھىلە داۋۇت، تارىخىي رومانلىرى بىلەن داڭ چىقارغان ياسىنجان سادىق چوغلان، جەمئىيەتشۇناسلىق دوكتورى زۇلپىقار بارات ئۆز باش قاتارلىق كۆپلىگەن تەتقىقاتچى ۋە يازغۇچىلارنىڭ تۈرمە-لاگېرلارغا تاشلانغانلىقى دەلىللەنگەنىدى. ئەزىز ئەيسا ئۇلارنىڭ تەتقىقاتى يەنى پىكىر ۋە چۈشەنچىلىرى سەۋەبىدىن زىيانكەشلىككە ئۇچرىغانلىقىنى تىلغا ئالغان.

بۇ يىغىننى تەشكىللىگۈچى خەلقئارا قەلەمكەشلەر جەمئىيىتى ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ باشلىقى رۇس خولدېر (Ross Holder) رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ يىغىن ھەققىدە بىزگە تەپسىلىي ئۆچۈر بەردى. ئۇ مۇنداق دېدى.

«ئۇيغۇر شېئىرلىرى» ناملىق كىتابنىڭ مۇقاۋىسى.
«ئۇيغۇر شېئىرلىرى» ناملىق كىتابنىڭ مۇقاۋىسى.
ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن

«مېنىڭچە بۇ پائالىيەت دۇنيانىڭ دىققىتىنى شىنجاڭدىكى يازغۇچى، تەتقىقاتچى ۋە شائىرلارغا قارىتىشقا تۈرتكە بولىدۇ. بىز تۈرمىگە تاشلانغان يازغۇچى، تەتقىقاتچى ۋە شائىرلارغا دۇنيانىڭ دىققىتىنى جەلپ قىلىشنى ئويلاپ بۇ پائالىيەتنى ئورۇنلاشتۇردۇق. بۇ پائالىيەت ئۇلارنىڭ يېزىقچىلىقىنى گەۋدىلەندۈرۈشنىڭ ياخشى ئۇسۇلى. شۇنداقلا بىز پائالىيەت ئارقىلىق ئەدەبىياتنىڭ كۈچىنى ۋە كۆلەملىك باستۇرۇش ۋە زۇلۇم ئاستىدا يوقىتىلىۋاتقان نەرسىلەرنى نامايان قىلماقچى بولدۇق. بىز ئەزىز ئەيسا ئەلكۈننىڭ تەرجىمە ۋە تەھرىرلىكىدە تۈزۈلگەن ‹ئۇيغۇر شېئىرلىرى› ناملىق كىتابنى تونۇشتۇردۇق. ‹ئۇيغۇر شېئىرلىرى› ناملىق بۇ كىتابنىڭ نەشر قىلىنىشى ئەدەبىياتقا ئۇيغۇرلارنىڭ قوشقان مۇھىم تۆھپىلىرىدىن بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇ كىتابقا تۈرمىگە تاشلانغان كۆپلىگەن يازغۇچى ۋە شائىرلارنىڭ شېئىرلىرى كىرگۈزۈلدى. بۇ كىتاب يازغۇچى ۋە شائىرلارنىڭ ئىجادىيىتى ھەققىدە ياخشى پىكىر ۋە چۈشەنچە بېرىپلا قالماستىن، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىكى زىيانكەشلىكىنىڭ قەبىھ ماھىيىتىنى ھەقىقىي گەۋدىلەندۈرۈپ بېرىدۇ.»

ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن ئەپەندى بۇ يىغىننىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە ھېلىھەم داۋام قىلىۋاتقان «مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى» نى تونۇتۇش ۋە بىلدۈرۈش ئۈچۈن ناھايىتى ياخشى پۇرسەت بولغانلىقىنى ئالاھىدە تىلغان ئالدى.

بۇ يىغىنغا قاتناشقان ئۇيغۇر ئېلىدە 18 يىل ياشىغان تەتقىقاتچى ۋە «زىمىستان» (Bitter Winter) ژۇرنىلىنىڭ يازغۇچىسى رۇس ئىنگرام (Ruth Ingram) رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى. ئۇ ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئېچىلغان بۇ ئىككى يىغىن ھەققىدە ئۆزىنىڭ تەسىراتىنى سۆزلەپ مۇنداق د:

«ئۇ يىغىنغا كەلگەن كىشىلەرنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇرلارغا ۋە خەتەر ئاستىدىكى يازغۇچىلارنى بىلىشكە قىزىقىدىغان كىشىلەردۇر. بۇ پائالىيەتنى خەلقئارا يازغۇچىلار جەمئىيىتى تەشكىللىدى. بۇ يەرگە كەلگەن كىشىلەر ئۇيغۇر ئەدەبىياتى، يازغۇچىلار ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋال توغرۇلۇق كۆپ نەرسە ئۆگەندى. ئاندىن يىغىنغا قاتناشقان كىشىلەر ئېنىقكى بۇ يىغىنغا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى ئىجتىمائىي ئالاقە تورىدا ھەمبەھىرلەيدۇ. ئەزىز ئەيسامۇ ئىجتىمائىي ئالاقە تورىدا ھەمبەھىرلەيدۇ. بۇ ھەقىقەتەن تەسىرلىك بىر پائالىيەت بولدى. مېنىڭچە نۇرغۇن كىشىلەر ھازىرغىچە ئۇيغۇر يازغۇچىلارنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە زۇلۇمغا ئۇچرىغانلىقىنى تېخى ھېس قىلالمىدى. كۆپ ئوقۇرمەنلەر ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتى، تىلى ۋە ئۇيغۇر يازغۇچىلىرى ھەققىدە كۆپ نەرسە بىلمەيدۇ. ئۇيغۇرلارغا سېلىنىۋاتقان زۇلۇم ھەقىقەتەن كۆپ. غەرب دۆلەتلىرى خىتايدىن مال سېتىۋالىدۇ ۋە خىتاي بىلەن داۋاملىق سودا قىلىۋاتىدۇ. بۇ، خىتاينى رىغبەتلەندۈرىدۇ. ھەمدە ئوقۇرمەنلەر خىتايدىن مال سېتىۋېلىش ۋە خىتاي بىلەن داۋاملىق سودا قىلىشنىڭ ئۇيغۇرلار بىلەن قانداق مۇناسىۋىتى بارلىقىنى بىلىپ كەتمەيدۇ. بۇنىڭغا ئۇيغۇرلارنىڭ قانداق قارايدىغانلىقنى بىلمەيدۇ. شۇڭا بۇ پائالىيەت بۇ توغرۇلۇق ئاڭنى ئاشۇرۇش، ئوقۇرمەنلەرگە ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنى بىلدۈرۈشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.»

لوندون كىتاب يەرمەنكىسى 1971-يىلىدىن بۇيان ھەر يىلى ئۆتكۈزۈلىدىغان چوڭ تىپتىكى كىتاب يەرمەنكىسى بولۇپ، ئادەتتە ھەر يىلى مارتتا ئەنگلىيەنىڭ لوندون شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدىكەن. بۇ يەرمەنكە دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ كىتاب يەرمەنكىلىرىدىن بىرى ھېسابلىنىدىكەن. بۇ يىلقى لوندون كىتاب يەرمەنكىسى 2024-يىلى 3-ئاينىڭ 12-كۈنى باشلىنىپ 3-ئاينىڭ 14-كۈنى ئاخىرلاشقان. بۇ يەرمەنكىگە 160 ئارتۇق دۆلەتنىڭ نەشرىيات ساھەسىدىكى ۋەكىللىرى قاتناشقان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.