لوندوندا خىتاينىڭ زور كۆلەملىك ئەلچىخانا سېلىش پىلانىغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز جەۋلان تەييارلىدى
2025.02.10
london-xitay-elchixanisi-namayish-01

ئەنگلىيەدىكى ئۇيغۇر، تىبەت، خوڭكوڭلۇقلارنىڭ دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى لوندوندا خىتاينىڭ «دەرىجىدىن تاشقىرى ئەلچىخانا» قۇرۇش پىلانىغا قارشى كەڭ كۆلەملىك نامايىش ئېلىپ بارغان كۆرۈنۈش. 2025-يىلى 8-فېۋرال، لوندون

london-xitay-elchixanisi-namayish-02

ئەنگلىيەدىكى ئۇيغۇر، تىبەت، خوڭكوڭلۇقلارنىڭ دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى لوندوندا خىتاينىڭ «دەرىجىدىن تاشقىرى ئەلچىخانا» قۇرۇش پىلانىغا قارشى كەڭ كۆلەملىك نامايىش ئېلىپ بارغان كۆرۈنۈش. 2025-يىلى 8-فېۋرال، لوندون

london-xitay-elchixanisi-namayish-03

ئەنگلىيەدىكى ئۇيغۇر، تىبەت، خوڭكوڭلۇقلارنىڭ دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى لوندوندا خىتاينىڭ «دەرىجىدىن تاشقىرى ئەلچىخانا» قۇرۇش پىلانىغا قارشى كەڭ كۆلەملىك نامايىش ئېلىپ بارغان كۆرۈنۈش. 2025-يىلى 8-فېۋرال، لوندون

london-xitay-elchixanisi-namayish-04

ئەنگلىيەدىكى ئۇيغۇر، تىبەت، خوڭكوڭلۇقلارنىڭ دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى لوندوندا خىتاينىڭ «دەرىجىدىن تاشقىرى ئەلچىخانا» قۇرۇش پىلانىغا قارشى كەڭ كۆلەملىك نامايىش ئېلىپ بارغان كۆرۈنۈش. 2025-يىلى 8-فېۋرال، لوندون

london-xitay-elchixanisi-namayish-05

ئەنگلىيەدىكى ئۇيغۇر، تىبەت، خوڭكوڭلۇقلارنىڭ دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى لوندوندا خىتاينىڭ «دەرىجىدىن تاشقىرى ئەلچىخانا» قۇرۇش پىلانىغا قارشى كەڭ كۆلەملىك نامايىش ئېلىپ بارغان كۆرۈنۈش. 2025-يىلى 8-فېۋرال، لوندون

london-xitay-elchixanisi-namayish-06

ئەنگلىيەدىكى ئۇيغۇر، تىبەت، خوڭكوڭلۇقلارنىڭ دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى لوندوندا خىتاينىڭ «دەرىجىدىن تاشقىرى ئەلچىخانا» قۇرۇش پىلانىغا قارشى كەڭ كۆلەملىك نامايىش ئېلىپ بارغان كۆرۈنۈش. 2025-يىلى 8-فېۋرال، لوندون

london-xitay-elchixanisi-namayish-07

ئەنگلىيەدىكى ئۇيغۇر، تىبەت، خوڭكوڭلۇقلارنىڭ دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى لوندوندا خىتاينىڭ «دەرىجىدىن تاشقىرى ئەلچىخانا» قۇرۇش پىلانىغا قارشى كەڭ كۆلەملىك نامايىش ئېلىپ بارغان كۆرۈنۈش. 2025-يىلى 8-فېۋرال، لوندون

london-xitay-elchixanisi-namayish-08

ئەنگلىيەدىكى ئۇيغۇر، تىبەت، خوڭكوڭلۇقلارنىڭ دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى لوندوندا خىتاينىڭ «دەرىجىدىن تاشقىرى ئەلچىخانا» قۇرۇش پىلانىغا قارشى كەڭ كۆلەملىك نامايىش ئېلىپ بارغان كۆرۈنۈش. 2025-يىلى 8-فېۋرال، لوندون

london-xitay-elchixanisi-namayish-09

ئەنگلىيەدىكى ئۇيغۇر، تىبەت، خوڭكوڭلۇقلارنىڭ دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى لوندوندا خىتاينىڭ «دەرىجىدىن تاشقىرى ئەلچىخانا» قۇرۇش پىلانىغا قارشى كەڭ كۆلەملىك نامايىش ئېلىپ بارغان كۆرۈنۈش. 2025-يىلى 8-فېۋرال، لوندون

london-xitay-elchixanisi-namayish-10

ئەنگلىيەدىكى ئۇيغۇر، تىبەت، خوڭكوڭلۇقلارنىڭ دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى لوندوندا خىتاينىڭ «دەرىجىدىن تاشقىرى ئەلچىخانا» قۇرۇش پىلانىغا قارشى كەڭ كۆلەملىك نامايىش ئېلىپ بارغان كۆرۈنۈش. 2025-يىلى 8-فېۋرال، لوندون

london-xitay-elchixanisi-namayish-11

ئەنگلىيەدىكى ئۇيغۇر، تىبەت، خوڭكوڭلۇقلارنىڭ دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى لوندوندا خىتاينىڭ «دەرىجىدىن تاشقىرى ئەلچىخانا» قۇرۇش پىلانىغا قارشى كەڭ كۆلەملىك نامايىش ئېلىپ بارغان كۆرۈنۈش. 2025-يىلى 8-فېۋرال، لوندون

london-xitay-elchixanisi-namayish-12

ئەنگلىيەدىكى ئۇيغۇر، تىبەت، خوڭكوڭلۇقلارنىڭ دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى لوندوندا خىتاينىڭ «دەرىجىدىن تاشقىرى ئەلچىخانا» قۇرۇش پىلانىغا قارشى كەڭ كۆلەملىك نامايىش ئېلىپ بارغان كۆرۈنۈش. 2025-يىلى 8-فېۋرال، لوندون

london-xitay-elchixanisi-namayish-13

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى لوندون ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى، «ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى توختات» ناملىق تەشكىلاتنىڭ باشلىقى رەھىمە مەھمۇت زىيارەت قىلىنىۋاتقان كۆرۈنۈش. 2025-يىلى 8-فېۋرال، لوندون

london-xitay-elchixanisi-namayish-14

ئەنگلىيەدىكى ئۇيغۇر، تىبەت، خوڭكوڭلۇقلارنىڭ دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى لوندوندا خىتاينىڭ «دەرىجىدىن تاشقىرى ئەلچىخانا» قۇرۇش پىلانىغا قارشى كەڭ كۆلەملىك نامايىش ئېلىپ بارغان كۆرۈنۈش. 2025-يىلى 8-فېۋرال، لوندون

london-xitay-elchixanisi-namayish-15

ئەنگلىيەدىكى ئۇيغۇر، تىبەت، خوڭكوڭلۇقلارنىڭ دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى لوندوندا خىتاينىڭ «دەرىجىدىن تاشقىرى ئەلچىخانا» قۇرۇش پىلانىغا قارشى كەڭ كۆلەملىك نامايىش ئېلىپ بارغان كۆرۈنۈش. 2025-يىلى 8-فېۋرال، لوندون

london-xitay-elchixanisi-namayish-16

ئەنگلىيەدىكى ئۇيغۇر، تىبەت، خوڭكوڭلۇقلارنىڭ دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى لوندوندا خىتاينىڭ «دەرىجىدىن تاشقىرى ئەلچىخانا» قۇرۇش پىلانىغا قارشى كەڭ كۆلەملىك نامايىش ئېلىپ بارغان كۆرۈنۈش. 2025-يىلى 8-فېۋرال، لوندون

london-xitay-elchixanisi-namayish-17

ئەنگلىيەدىكى ئۇيغۇر، تىبەت، خوڭكوڭلۇقلارنىڭ دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى لوندوندا خىتاينىڭ «دەرىجىدىن تاشقىرى ئەلچىخانا» قۇرۇش پىلانىغا قارشى كەڭ كۆلەملىك نامايىش ئېلىپ بارغان كۆرۈنۈش. 2025-يىلى 8-فېۋرال، لوندون

london-xitay-elchixanisi-namayish-18

ئەنگلىيەدىكى ئۇيغۇر، تىبەت، خوڭكوڭلۇقلارنىڭ دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى لوندوندا خىتاينىڭ «دەرىجىدىن تاشقىرى ئەلچىخانا» قۇرۇش پىلانىغا قارشى كەڭ كۆلەملىك نامايىش ئېلىپ بارغان كۆرۈنۈش. 2025-يىلى 8-فېۋرال، لوندون

2-ئاينىڭ 8-كۈنى، ئەنگلىيەدىكى ئۇيغۇر، تىبەت، خوڭكوڭلۇقلارنىڭ دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 30 غا يېقىن تەشكىلات لوندوندا خىتاينىڭ «دەرىجىدىن تاشقىرى ئەلچىخانا» قۇرۇش پىلانىغا قارشى كەڭ كۆلەملىك نامايىش ئېلىپ بارغان.

رادىيومىزنىڭ ئىگىلىشىچە، 8-فېۋرال چۈشتىن كېيىن، لوندون مەركىزىدىكى خانلىق پۇل قۇيۇش زاۋۇتى (Royal Mint Court) نىڭ كېسىشمە بىنالار مەيدانىدا، نەچچە مىڭلىغان نامايىشچى خىتاينىڭ بۇ جايدا غايەت زور كۆلەمدىكى ئەلچىخانا قۇرۇشىغا قارشى نامايىش قىلغان. نامايىشچىلارنىڭ كۆپ قىسمى خوڭكوڭلۇقلاردىن تەشكىل تاپقان بولۇپ، ئۇلار مەخسۇس ماشىنا بىلەن نامايىش مەيدانىغا توشۇپ كېلىنگەن. نامايىشنى تەشكىللىگۈچىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ نامايىشقا تەخمىنەن 4000 ئادەم قاتناشقان. نامايىشچىلار لوندوندىكى مۇھىم تارىخىي ئورۇن بولغان خانلىق پۇل قۇيۇش زاۋۇتى رايونىدا خىتاينىڭ يېڭى ئەلچىخانا سېلىش پىلانىغا قارشى تۇرغان، شۇنداقلا ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىدىن بۇ پىلاننى تەستىقلىماسلىقىنى تەلەپ قىلغان.

بۇ نامايىشقا ئەنگلىيەدىكى سىياسىي ئەربابلارمۇ قاتناشقان بولۇپ، ئەنگلىيە پارلامېنت ئەزاسى، سابىق دۆلەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرى توم تۇگېندات (Tom Tugendhat)، ئەمگەك پارتىيەسىنىڭ پارلامېنت ئەزاسى بلەيىر ماكدۇگال (Blair McDougall) ۋە ئادالەت مىنىستىرلىقىنىڭ سېكرېتارى روبېرت جېنرىك (Robert Jenrick)، كونسېرۋاتىپلار پارتىيەسىنىڭ سابىق ئەزاسى دانكىن سىمىس (Duncan Smith) قاتارلىقلار نامايىشچىلارنى قوللىغان ھەم سۆز قىلغان.

توم توگېندانت نامايىشتا قىلغان سۆزىدە مۇنداق دېگەن: «خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ تىبەت، شىنجاڭ ۋە خوڭكوڭدا ئېلىپ بارغان قىلمىشلىرى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى كىشىلەرنىڭ، جۈملىدىن تىبەتلەر، خوڭكوڭلۇقلار، ئۇيغۇرلار ۋە باشقا مۇسۇلمانلارنىڭ قارشىلىقىغا دۇچ كەلدى. چۈنكى خىتاينىڭ قىلىۋاتقانلىرى باستۇرۇش ۋە زۇلۇم. مانا ھازىر لوندوننىڭ شەھەر مەركىزىدە نامايىش باشلىنىپ كەتتى، بۇ جايدا خىتاي ئەلچىخانىسى مەۋجۇت بولماسلىقى كېرەك. بىزگە بۇ يەردە خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ چوڭ ئەلچىخانىسى لازىم ئەمەس».

كونسېرۋاتىپلار پارتىيەسىدىن دانكىن سىمىس رادىيومىز مۇخبىرىنىڭ نەق مەيدان زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، مەزكۇر قۇرۇلۇشنى تەستىقلىغان ھۆكۈمەتنى تەنقىدلەپ، بۇنىڭ ئەنگلىيەنىڭ ئۆزىگە قىلىنغان زىيانكەشلىك، شۇنداقلا ئەنگلىيە پۇقرالىرىغا قىلىنغان خىيانەت ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئۇ مۇنداق دېگەن: «خىتاي بىزگە ئەخلەت ماللىرىنى تۆكۈۋاتىدۇ؛ خىتايدىكى باتارېيە ۋە ئاپتوموبىل ياساش شىركەتلىرى مەجبۇرىي ئەمگەكتىن پايدىلىنىپ، ئەرزان باھالىق توكلۇق ئاپتوموبىللارنى ئىشلەپچىقىرىۋاتىدۇ. خىتاي بانكىسى ئۇلارنى يۆلەۋاتىدۇ، بۇلار دۇنيا سودا تەشكىلاتى قائىدىسىگە خىلاپ. بىز خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنى ھەم قۇل ئەمگىكىدىن پايدىلىنىۋاتقانلىقىنى بىلىمىز. بۇ ئىشلار ھازىر ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى ئۈچۈن مۇھىم بولمىسا كېرەك. ئەگەر بۇ ھۆكۈمەت خىتاينىڭ ھەممە تەلىپىگە ماقۇل دەيدىغان بولسا، قاتتىق خاتالىشىدۇ».

نامايىشقا قېتىلغان ئەنگلىيە پارلامېنت ئەزالىرى يەنە ئەنگلىيە ئىستىخبارات ئورگانلىرىنىڭ ئەندىشىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، لوندوندىكى بۇ تارىخىي جايغا خىتاي ئەلچىخانىسى سېلىنىپ قالسا، ئۇنىڭ خىتاينىڭ ئەڭ چوڭ جاسۇسلۇق مەركىزىگە ئايلىنىدىغانلىقىنى، ئۇ ھالدا ئۇنىڭ خوڭكوڭلۇقلارغىلا ئەمەس، ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەرگىمۇ، ھەتتا ئەنگلىيە پۇقرالىرىغىمۇ تەھدىت پەيدا قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي 2018-يىلىلا لوندوندىكى بۇ ئاۋات جاينى، يەنى 200 يىللىق تارىخقا ئىگە خانلىق پۇل قۇيۇش زاۋۇتى ئورنىنى سېتىۋېلىپ، ئەلچىخانا سالماقچى بولغان، بۇ ئەلچىخانىنىڭ كۆلىمى ئەسلىدىكى ئەلچىخانىنىڭ 10 ھەسسىسىگە توغرا كېلىدىغان بولۇپ، ئەگەر قۇرۇلۇش تاماملانسا، ئۇ خىتاينىڭ چەت ئەلدىكى ئەڭ چوڭ ئەلچىخانىسى بولۇپ قالىدىكەن. 2024-يىلىنىڭ ئاخىرى لوندون شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسى بۇ يەرگە غايەت چوڭ كۆلەمدىكى ئەلچىخانا سېلىشقا ماس كەلمەيدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ پىلاننى تەستىقلىماسلىقىنى تەلەپ قىلغان. ھالبۇكى، بۇ يىل 1-ئايدا ئەنگلىيە ئىچكى ئىشلار ۋازارىتى بىلەن ۋە تاشقى ئىشلار ۋازارىتى ساقچى تەرەپنىڭ بۇ ئىلتىماسىنى رەت قىلغان. ئەمەلىيەتتە، يىللاردىن بۇيان بۇ قۇرۇلۇش ئەنگلىيە خەلقىنىڭ قارشىلىقىغا دۇچ كەلگەن، شۇنداقلا ئەنگلىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى دىپلوماتىك مەسىلىگە ئايلانغان.

8-فېۋرال مىڭلىغان نامايىشچى ئەلچىخانا سېلىش پىلانلانغان جايغا يىغىلىپ، «خىتاينىڭ لوندوندا يېڭى ئەلچىخانا سېلىشىغا قارشى تۇرىمىز»، «خىتاي مەخپىي ساقچىلىرىنىڭ ئەنگلىيەدە پەيدا بولۇشىغا قارشى تۇرىمىز» دېگەندەك شوئارلارنى توۋلاشقان.

لوندوندىكى بۇ نامايىشنى تەشكىللەشتە ئاكتىپلىق بىلەن كۈچ چىقارغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى لوندون ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى، «ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى توختات» ناملىق تەشكىلاتنىڭ باشلىقى رەھىمە مەھمۇت خانىم، رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، بۈگۈنكى نامايىش ھەققىدە مەلۇمات بەردى.

تىبەت ۋە خوڭكوڭ نامايىشچىلىرىمۇ رادىيومىزنىڭ مۇخبىرىغا ئېيتقان سۆزىدە، خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ كوممۇنىست خىتايغا ۋەكىللىك قىلىدىغانلىقىنى، ئۇ قانچىكى زورايسا ئۆزلىرىگە شۇنچە چوڭ تەھدىت بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

لوندوندىكى بۇ نامايىش ئىنتايىن يۇقىرى كەيپىياتتا ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، ئەنگلىيە خەلقىنىڭ خىتاينىڭ ياۋروپادا كۈندىن-كۈنگە زورىيىۋاتقان ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي تەسىرىگە بولغان كۈچلۈك نارازىلىقىنى نامايان قىلغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.