ما شىڭرۈينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە «ئايرىملىق» نى ئەمەس، «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى» نى تەكىتلىشى نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز مېھرىبان تەييارلىدى
2025.02.11
junghua-milliti-ortaq-gewdisi-1024 «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئومۇمىي بايان» دېگەن كىتابنى ئوقۇش تەسىراتىنى ئورتاقلىشىۋاتقان كۆرۈنۈش. 2024-يىلى 24-ئاپرېل، لەنجۇ
xbmu.edu.cn

يېقىندا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرېتار ما شىڭرۈينىڭ تەشۋىقات بۆلۈمى باشلىقلىرىغا «شىنجاڭدا ‹ئايرىملىق› نى ئەمەس، بەلكى تەشۋىقات ساھەسىدە ‹جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى› نى تەكىتلەش كېرەك» دېگەن كۆرسەتمىسى، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ۋەزىيىتىگە يېقىندىن دىققەت قىلىۋاتقان مۇھاجىرەتتىكى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىماقتا.

خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى كارنىيى بولغان «شىنجاڭ گېزىتى» ۋە «تەڭرىتاغ تورى» قاتارلىق تاراتقۇلىرى تارقاتقان خەۋەرگە قارىغاندا، 7-فېۋرال كۈنى ئۈرۈمچىدە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بويىچە ۋىلايەت ۋە ناھىيەلىك پارتكوملارنىڭ تەشۋىقات بۆلۈمى باشلىقلىرى مەخسۇس يىغىنى ئېچىلغان. بۇ يىغىندا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرېتارى ما شىڭرۈي ئالاھىدە كۆرسەتمە بېرىپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ تەشۋىقات، مەدەنىيەت ۋە ئەدەبىيات-سەنئەت ساھەسىدە ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ «ئايرىملىقى» ياكى «پەرقى» نى ئەمەس، بەلكى «جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مەدەنىيەت جەھەتتىكى ئورتاقلىقى ۋە بىر پۈتۈنلۈكىنى تەكىتلەش» نى ئالاھىدە تەلەپ قىلغان

ما شىڭرۈي سۆزىدە يەنە «شىنجاڭغا مۇناسىۋەتلىك تاشقى تەشۋىقات خىزمىتى بىلەن جامائەت پىكرى كۈرىشىنى كۈچەيتىش، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى ئىلگىرى سۈرۈش، شىنجاڭنىڭ تارىخى ۋە مەدەنىيىتىنى تەتقىق قىلىشنى كۈچەيتىپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ ئورتاقلىقى ۋە بىر گەۋدىلىشىشنىڭ تارىخى پاكىتلىرىنى تېپىپ چىقىش» نى ئوتتۇرىغا قويغان.

ئەنگلىيەدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى ۋە شائىر ئەزىز ئەيسا ئەلكۈننىڭ بىلدۈرۈشىچە، ما شىڭرۈينىڭ بۇ قېتىم ئۇيغۇر ئېلىدە مەخسۇس تەشۋىقات بۆلۈمى باشلىقلىرى يىغىنى ئېچىپ، ئۇلارغا ئاتالمىش «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش» ھەققىدە كۆرسەتمە بېرىشى، خىتاينىڭ يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىدە تەكىتلەپ كېلىۋاتقان «شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش» شوئارىنىڭ، يەنى خىتايلاشتۇرۇش سىياسىتىنىڭ داۋامى ئىكەن.

 ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، شى جىنپىڭ تەختكە چىققاندىن بۇيان، ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقادىنى ۋە مىللىي كىملىكىنى چەكلەيدىغان بىر قاتار سىياسەتلەرنى يولغا قويغان. يېقىنقى ئون نەچچە يىلدىن بۇيان، ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ۋە مىللىي بايراملىرى چەكلەنگەن، خىتاي مەدەنىيىتى ۋە خىتاينىڭ ئەنئەنىۋى بايراملىرى ئۇيغۇرلارغا مەجبۇرىي تېڭىلغان.

ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن يەنە، كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيەت بېشىغا كەلگەندىن بۇيان ئۇيغۇر يازغۇچى شائىرلىرى ۋە ئۇيغۇر تىلىدىكى ئەدەبىي ئەسەرلەرگە قارىتىلغان ئۈزلۈكسىز سىياسىي چەكلىمىلەر ھەققىدىمۇ توختىلىپ ئۆتتى.

 ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە ئەدەبىيات-سەنئەت ساھەسىدىكى تەقىبنى ئۈزلۈكسىز داۋام قىلىپ، بەزىدە كۈچەيتىپ، بەزىدە بوشىتىپ كەلگەن. 2017-يىلدىن كېيىن، ئۇيغۇر كىملىكى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن ئۇيغۇر تىلىدىكى ئەدەبىي ئەسەرلەرگە بولغان چەكلىمىلەر تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى پەللىگە چىققان.

بۇ يىللاردا تارىخ ۋە ئەدەبىي ئەسەرلەرنى ئاساس قىلغان بىر قىسىم ژۇرناللار نەشردىن توختىغان، يازمىلىرىدا ئۇيغۇر كىملىكى ۋە ئۇيغۇر تارىخىنى ئەكس ئەتتۈرگەن يازغۇچى شائىرلار، ژۇرنالىستلار تۇتقۇن نىشانى قىلىنغان، ئۇيغۇرچە گېزىت-ژۇرناللارنىڭ كۆپ قىسمى تاقىلىپ كەتكەن. گەرچە بىر قىسىم ئۇيغۇرچە ئەدەبىي ژۇرناللار ساقلاپ قېلىنغان بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىي پەرمانلىرىنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىنى ئېلان قىلىدىغان تەشۋىقات ۋاسىتىلىرىگە ئايلاندۇرۇلغان.

شىۋېتسىيەدىكى ئۇيغۇر شائىرە راھىلە كامال خانىم، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئەدەبىيات-سەنئەت ساھەسىنى ھەر ۋاقىت ئۆزىنىڭ سىياسىتىنى تەشۋىق قىلىدىغان تەشۋىقات ۋاسىتىسىگە ئايلاندۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ما شىڭرۈينىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى تەشۋىقات مەسئۇللىرىغا «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش» بويىچە مەخسۇس كۆرسەتمە بېرىشى، رايوندىكى بارلىق مەدەنىيەت ھادىسىلىرىنى خىتاي ئېيتىمى بويىچە شەرھلەشنى تەلەپ قىلىشى، شۇنداقلا ئۇنى ئاتالمىش «جۇڭخۇا مەدەنىيىتى» نىڭ بىر قىسمى قاتارىدا تەشۋىق قىلىشنى تەكىتلىشى، ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ زېمىندىكى تارىخىي ئىزلىرىنى ئۆچۈرۈش، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىگە مىللىي كىملىكىنى ئىنكار قىلىش، ئۇلارنى خىتايلارنىڭ گەۋدىسىگە ئېرىتىپ قوشۇۋېتىش ۋە ئاخىرىدا يوقىتىش سۇيىقەستىدىن باشقا نەرسە ئەمەس ئىكەن.

شائىرە راھىلە خانىمنىڭ تەكىتلىشىچە، ما شىڭرۈينىڭ بۇ يىغىندا قىلغان سۆزلىرىدىن خىتاينىڭ ئەڭ تېز ۋاقىت ئىچىدە ئۇيغۇرلارنى پۈتۈنلەي خىتايلاشتۇرۇشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.