ما شىڭرۈي ئۇيغۇر ئېلىدىكى ساقچى ۋە ھەربىي ئورگانلارغا يۇقىرى بېسىملىق سىياسەتنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇش كۆرسەتمىسى بەرگەن
2025.01.16

خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئالىي ئەمەلدارى ما شىڭرۈي يېقىنقى بىر ھەپتىدىن بېرى «شىنجاڭ ھەربىي رايونى» غا، «شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى» گە ۋە ھەر دەرىجىلىك ساقچى ئورگانلىرىغا ئارقا-ئارقىدىن كۆرسەتمە بېرىپ، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنى ئىدارە قىلىش خىزمىتىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى يۆنىلىشى ۋە ئالدىنقى ئورۇندىكى ئاساسلىق نۇقتىلىرىنى كۆرسەتكەن.
ما شىڭرۈينىڭ تەكىتلىشىچە، ئارمىيە «تېررورچىلارغا قارشى يۇقىرى بېسىملىق باستۇرۇش» نى داۋاملاشتۇرۇپ، «بالدۇر زەربە بېرىش، كىچىك ۋاقتىدا زەربە بېرىش ۋە بىخ ھالىتىدە زەربە بېرىشتە چىڭ تۇرۇشى»؛ بىڭتۈەن بېيجىڭنىڭ رايوندا كەڭ كۆلەملىك يولغا قويۇۋاتقان «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى» نامىدىكى خىتايلاشتۇرۇش ھەرىكىتىگە تېخىمۇ ئاكتىپ قاتنىشىشى ۋە بۇنى ئۆزىنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى قىلىشى كېرەك ئىكەن. بولۇپمۇ ما شىڭرۈينىڭ ئۆتكەن ھەپتىدىن بېرى ئۇيغۇر ئىلىنىڭ خوتەن، قەشقەر، قىزىلسۇ قاتارلىق ۋىلايەت ئوبلاستلىرىدا ئېلىپ بارغان تەكشۈرۈشتە، يەرلىك دائىرىلەرنىڭ ئاساسىي قاتلامغا بولغان كونتروللۇقنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ، كومپارتىيەنىڭ سىياسىي ۋە تەشكىلىي جەھەتتىكى باشقۇرۇشىنى «ھەر بىر ئائىلە، ھەر بىر شەخسكە قەدەر كونكرېتلاشتۇرۇشى» نى تەلەپ قىلغانلىقى مەلۇم.
ھالبۇكى، مۇتەخەسسىسلەر ما شىڭرۈينىڭ كۆرسەتمىسى خىتاينىڭ رايوندىكى ئۇيغۇرلارنى ئاساسىي نىشان قىلغان خەۋپسىزلەشتۈرۈش سىياسىتىنىڭ تۈپ يۆنىلىشىدە ئۆزگىرىش بولمايلا قالماي، بەلكى دائىرىلەرنىڭ ئۇيغۇرلار كۆپ سانلىقنى تەشكىل قىلىدىغان جايلاردا مىكرولۇق كونتروللۇقنى تېخىمۇ كۈچەيتىدىغانلىقى ۋە تېخىمۇ كونكرېتلاشتۇرۇدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ، دەپ قارىماقتا.
ئامېرىكادىكى «خىتاي مەجمۇئەسى» ژۇرنىلىنىڭ مۇھەررىرى، ۋاشىنگتوننى بازا قىلغان «جېيمىس توۋن فوندى» تەتقىقات ئورنىنىڭ «خىتاي پىروگراممىسى» تۈرىنىڭ مۇئاۋىن دىرېكتورى ئارران خوپ (Arran Hope)، ھازىرقى ئالامەتلەر ئۇيغۇر ئىلى ۋەزىيىتىدە 2025-يىلى بىرەر ئۆزگىرىش بولمايدىغانلىقى، بۇ يىلنىڭ ئۇيغۇرلار ۋە رايوندىكى باشقا خەلقلەر ئۈچۈن تېخىمۇ قاراڭغۇ بىر يىل بولىدىغانلىقىدىن بېشارەت بېرىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەيدۇ. ئارران خوپ 14-يانۋار مۇخبىرىمىزغا ئەۋەتكەن بۇ ھەقتىكى يازما ئانالىزىدا مۇنداق دېگەن: «گەرچە قىش ئايلىرى (خىتاي) جامائەت خەۋپسىزلىك دائىرىلىرىنىڭ دائىم يۇقىرى دەرىجىدە ھوشيار تۇرىدىغان مەزگىلى بولسىمۇ، يەنى مەن بۇنداق مۇمكىنچىلىك بار دەپ قارىمىساممۇ، ئەمما يۇقىرىنىڭ سىياسىتىدە ئۆزگىرىش بولمىغۇچە ھازىرقى يۈزلىنىشتىن شىنجاڭ ۋەزىيىتىنىڭ 2025-يىلى ئۆزگىرىدىغانلىقىنى كۆرۈپ يەتمىدىم».
ئارران خوپنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ رايوندىكى ئاساسىي قاتلاملارغا بولغان مىكرولۇق كونتروللۇقنى كۈچەيتىش تەدبىرى، خىتاينىڭ «قىشلىق ئوپېراتسىيە» ھەرىكىتى بىلەن باغلىنىشلىق ئىكەن. ئارران خوپ مۇنداق دەيدۇ: «بۇ ھەرىكەت ‹مەسىلىنى بىخ ھالىتىدە يوقىتىش› نى مەقسەت قىلماقتا… شۇنداقلا ئاساسىي قاتلامنى كونترول قىلىشنى ‹ھەر بىر ئائىلە، ھەر بىر شەخسكە قەدەر كېڭەيتىش› بولسا، بۇ مۇددىئاغا خىزمەت قىلىدۇ».
ما شىڭرۈي «شىنجاڭ ھەربىي رايونى» پارتكومىنىڭ 14-يانۋار كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن 13-نۆۋەتلىك 8-قېتىملىق يىغىنىدا قىلغان سۆزىدە، ئارمىيە «تېررورچىلارغا يۇقىرى بېسىملىق زەربە بېرىش ھالىتىنى ھەر ۋاقىت ساقلاپ، بالدۇر زەربە بېرىش، كىچىك ۋاقتىدا زەربە بېرىش، بىخ ھالىتىدە زەربە بېرىش، نۇقتىلىق رايونلار ۋە مۇھىم قاناللارنى كونترول قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، چېگرانىڭ بىخەتەرلىكى ۋە مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك» دېگەن. ئۇ بۇنىڭ ئالدىدا، يەنى 8-يانۋار كۈنى بىڭتۈەن پارتكومىنىڭ 8-نۆۋەتلىك يىغىندا سۆز قىلغاندىمۇ، بىڭتۈەننىڭ نۆۋەتتىكى ئاساسلىق ۋەزىپىسىنى شەرھلەپ ئۆتكەن. ما شىڭرۈي، بېيجىڭنىڭ بىڭتۈەنگە قويغان تەلىپى ئۇنىڭ «يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭ ئىستراتېگىيەسىنى بارلىق خىزمەتلەرنىڭ ئاساسىي قىلىشى، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئاساس قىلىشى» ئىكەنلىكىنى ئېيتقان ئىدى.
باش ئىشتابى گېرمانىيەدىكى «تەھدىت ئاستىدىكى خەلقلەر جەمئىيىتى» نىڭ قانۇن دىرېكتورى، ئادۋوكات ھانۇ شەدلېرنىڭ (Hano Schadler) كۆرسىتىشىچە، بۇ ھەرىكەتلەر خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدا تېخى مەقسىتىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ بولالمىدۇق دەپ قارايدىغانلىقىنى كۆرسىتىدىكەن. ھانۇ شەدلېر مۇنداق دەيدۇ: «يەرلىك ئاھالىلەرگە قارىتا بۇرۇندىن داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان، شۇنىڭدەك يېڭى يۈرگۈزۈلۈۋاتقان بېسىم خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ رايوندىكى ‹مەقسىتىنى تېخى ئىشقا ئاشۇرۇپ بولالمىدۇق› دەپ ئويلايدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. شۇڭا ئۇلار بارلىق كۈچىنى ئىشلىتىپ، بۇ خىل ھەرىكەتلەر ئارقىلىق، ئۇيغۇرلارنىڭ ‹ئىتائەتمەن پۇقرا› بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىنىشى كېرەك، دەپ ئويلايدۇ».
ھانۇ شەدلېر، ئۇيغۇر رايونىدىكى بۇ ھەرىكەتلەرنىڭ تاشقى دۇنياغا شى جىنپىڭنىڭ بىرلىككە كەلگەن دۆلەت چۈشەنچىسى خىتايلارنى مەركەز قىلىدۇ، دېگەن سىگنالنى بەرگەنلىكىنى تەكىتلىمەكتە.
ھانۇ شەدلېر 14-يانۋار بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دەيدۇ: «بۇ سىياسەت ھەر خىل ھالەت ۋە شەكىللەردە داۋام قىلماقتا. قىسقىسى، بۇ تاشقى دۇنياغا شۇ سىگنالنى بەرمەكتە: شى جىنپىڭنىڭ دۆلەتنى بىرلىككە كەلتۈرۈش ئىدىيەسى، ئۇيغۇر ئېلىدەك چېگرا رايونلارنىڭ ئۆزىگە خاس مەدەنىيىتى، تارىخى، ئەنئەنىسى ۋە تىلى بولغان تەقدىردىمۇ، يەنىلا خىتايلارنى مەركىزىي نۇقتا قىلىدۇ».
ما شىڭرۈينىڭ خوتەن، قەشقەر، قىزىلسۇ قاتارلىق جايلاردا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، باشقۇرۇشنى «ھەر بىر ئائىلە ۋە شەخسلەرگە قەدەر» كېڭەيتىش تاپشۇرۇقى؛ شۇنىڭدەك ئۇنىڭ يەنە «شىنجاڭ ھەربىي رايونى» ۋە بىڭتۈەنگە بەرگەن ھەرقانداق مۇقىمسىزلىق بېشارىتىگە «ئالدىنئالا زەربە بېرىش»، خەۋپنى «بىخ ھالىتىدە يوقىتىش» كۆرسەتمىسى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ج خ نازارىتى پۈتكۈل ئۇيغۇر ئېلى مىقياسىدا «قىشلىق ئوپېراتسىيە» ھەرىكىتى قوزغاپ، «بىخەتەرلىكى مۇرەككەپ ساھەلەر» گە قارىتا نىشانلىق تازىلاش ئېلىپ بېرىۋاتقان بىر ۋاقىتتا ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
ئامېرىكادىكى خىتاي ئۆكتىچى ئادۋوكات، ئامېرىكا «خۇنتېر ئىنستىتۇتى» نىڭ ئىلمىي خادىمى ۋە چىكاگو ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ زىيارەتچى پىروفېسسورى تېڭ بياۋ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە بۇ خىل ھەرىكەت خاراكتېرلىك «قاتتىق زەربە بېرىش» نى ھازىرمۇ داۋاملاشتۇرۇشى، ئۇنىڭ بۇ رايوندىكى «دۆلەت تېررورلۇقى» دا ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولمىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ، دېگەنلەرنى تەكىتلەيدۇ. تېڭ بياۋ مۇنداق دەيدۇ: «(ئۇنىڭ) بۇ خىل ھەرىكەت خاراكتېرلىك ‹قاتتىق زەربە بېرىش› نى يەنىلا قانات يايدۇرۇشى، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ شىنجاڭدىكى كونتروللۇقى، شۇنىڭدەك ئۇنىڭ دۆلەت تېررورلۇقىدا ھېچقانداق ئاجىزلاش ئالامىتى بولمىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ».
تېڭ بياۋنىڭ قارىشىچە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بىر تەرەپتىن، ئۇيغۇر ئېلىدە «تېررورلۇق» نىڭ تۈگىتىلگەنلىكى، «مۇقىملىق» نىڭ ئىشقا ئاشقانلىقىنى تەكىتلەپ، يەنە بىر تەرەپتىن، يۇقىرى بېسىملىق سىياسىتىنى داۋاملاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلىشى ئۆزئارا زىددىيەتلىك ئىكەن. تېڭ بياۋ 14-يانۋار بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا، «ھازىر (رايوندا) ئاتالمىش ئاشقۇنلۇق، تېررورلۇق ۋە بۆلگۈنچىلىككە ھېچقانداق بوشلۇق قالمىغان بولسىمۇ، ئەمما خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ داۋاملىق يۇقىرى بېسىملىق ھۆكۈمرانلىقنى داۋاملاشتۇرۇشى، كۆرۈنۈشتە بىر-بىرىگە ئىنتايىن زىددىيەتلىكتۇر» دەيدۇ. ھالبۇكى، «جېيمىس توۋىن فوندى» نىڭ «خىتاي پىروگراممىسى» تۈرىدىكى ئارران خوپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە ئالدىنى ئېلىش خاراكتېرلىك باستۇرۇشنى تېخىمۇ كۈچەيتىشىنى، رايوندا تۆۋەن كىرىملىك ئاھالىلەر نوپۇسىنىڭ كېڭەيگەنلىكى بىلەنمۇ باغلىنىشلىق بولۇشى مۇمكىنلىكىنى تەكىتلەيدۇ.
ئارران خوپ مۇنداق دەيدۇ: «رايوندىكى تۆۋەن كىرىملىك نوپۇسنىڭ كىرىم ۋە خىزمەت ئەھۋالىنى تەقىب قىلىدىغان ‹ئىشسىزلىقنى نازارەت قىلىش ۋە ئالدىن ئاگاھلاندۇرۇش بېرىش مېخانىزمى› غا ئاساسلانغاندا، 2023-يىلى رايوندىكى تۆۋەن كىرىملىك نوپۇسنىڭ كۆلىمى كېڭەيگەن. شۇنىڭدىن بېرى خىتاينىڭ ئومۇمىي ئىقتىسادىي ۋەزىيىتىدە كۆرۈنەرلىك ياخشىلىنىش بولمىدى. شۇڭا، مەن بەلكىم كومپارتىيە دۆلىتى ئالدىنى ئېلىش خاراكتېرلىك باستۇرۇش تەدبىرلىرىنى ھەسسىلەپ كۈچەيتىش زۆرۈرىيىتى ھېس قىلغان بولۇشى مۇمكىن، دەپمۇ ئويلاۋاتىمەن».
ھالبۇكى، «تەھدىت ئاستىدىكى خەلقلەر جەمئىيىتى» دىكى ھانۇ شەدلېرنىڭ قارىشىچە، بۇ ئامېرىكا ۋە گېرمانىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دېموكراتىك غەرب دۆلەتلىرىنىڭ خىتايغا بولغان بېسىمنى تېخىمۇ كۈچەيتىشى، خىتاي ئەمەلدارلىرىغا قارىتا داۋاملىق جازا يۈرگۈزۈشىنى تەقەززا قىلماقتا ئىكەن.
ھانۇ شەدلېر مۇنداق دەيدۇ: «بۇ تاشقى دۇنيانىڭ رايوندىكى ئۆلكە دەرىجىلىك كومپارتىيە رەھبەرلىك قاتلىمىدىكى ئەمەلدارلارنى جازالاشنى كېڭەيتىشىنى تەقەززا قىلماقتا. مېنىڭ نۇقتىئىنەزەرىمدە، نۇرغۇن جازالاش تەدبىرلىرى بولسىمۇ، ئەمما بۇ دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇقنى ھىمايە قىلغۇچى دۆلەتلەر تەرىپىدىن تېخى تولۇق ئىشلىتىلمىدى».
خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە مۇقىملىق تەدبىرلىرىنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ، «ئالدىنى ئېلىش خاراكتېرلىك باستۇرۇش» نى قايتا تەكىتلىشى، ئامېرىكادا پىرېزىدېنت بايدېننىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى توشۇپ، كېلەر ھەپتە يېڭى سايلانغان پىرېزىدېنت دونالد ترامپ ھوقۇقنى ئۆتكۈزۈۋالىدىغان ئۆتكۈنچى بىر ۋاقىتتا ئوتتۇرىغا قويۇلماقتا. يېڭى پىرېزىدېنتنىڭ خىتاي سىياسىتىنىڭ قانداق بولۇشى، ئۇنىڭ قايسى يۆنىلىشكە قاراپ مېڭىشى، بۇ سىياسەتتە ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ قانداق ئورۇن تۇتۇشى ئېنىقسىز بىر پەيتتە، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يۇقىرى بېسىملىق باستۇرۇشنى قايتا قانات يايدۇرۇشى، ئامېرىكادا ھۆكۈمەت ئالمىشىش دەۋرىدىكى ئېنىقسىزلىقنى «پۇرسەت كۆرۈۋاتامدۇ-، قانداق» دېگەن سوئاللارنى پەيدا قىلماقتا.