مارالبېشى بازىرىدىكى تۇماقچى ھاجىئاخۇن ۋە ئايالى مەخپىرەمخان تۇمشۇق تۈرمىسىدە جان ئۈزگەن
2023.06.06
مارالبېشىنىڭ تۇمشۇق تۈرمىسىدىن روزا ھېيتنىڭ ئالدىدا بىر تۈركۈم كىشىلەرنىڭ جەسىتى چىققانلىقى ھەققىدىكى ئىنكاس ئۈستىدە ئېلىپ بېرىۋاتقان ئېنىقلاشلىرىمىز داۋامىدا، ئەسلىدە مارالبېشى بازىرىدا تۇماقچىلىق بىلەن تىرىكچىلىك قىلىۋاتقان ۋە 2017 -يىلدىكى چوڭ تۇتقۇندىن كېيىن كېسىۋېتىلگەن ھاجىئاخۇن ۋە مەخپىرەمخان ئىسىملىك ئەر-ئايالنىڭ جازا مۇددىتىنى ئۆتەۋاتقان تۇمشۇق تۈرمىسىدە جان ئۈزگەنلىكى دەلىللەندى.
مارالبېشىلىق بىر مۇھاجىر ئۆتكەن ئايدا مارالبېشىدىكى تۇمشۇق تۈرمىسىدىن روزا ھېيتتىن بىر ھەپتىچە بۇرۇن ئابدۇغېنى قادىر قاتارلىق بىر تۈركۈم كىشىلەرنىڭ جەسىتى چىققانلىقى ۋە بۇ جەسەتلەرنىڭ مەخپىي شەكىلدە ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا تارقىتىلغانلىقىنى ئىنكاس قىلغان ئىدى. ئۆتكەن ھەپتىدىكى ئېنىقلاشلىرىمىز داۋامىدا بۇ تارقىتىلغان جەسەتلەردىن بىرسىنىڭ مەمەتتۇرسۇن مەتنىياز ئىسىملىك موتسىكلىت رېمونتچىسى ئىكەنلىكى ئايدىڭلاشقان ئىدى. بىز بۇ ھەپتە مارالبېشىغا قارىتا ئېلىپ بارغان تېلېفون زىيارەتلىرىمىز داۋامىدا، مەزكۇر جەسەتلەرنىڭ كىملىكى ۋە ئۆلۈم سەۋەبلىرى ھەققىدە ھەرقايسى ساقچى ئورۇنلىرىدىن مەلۇمات سورىدۇق.
مارالبېشىدىكى بىر ساقچىخانا باشلىقى روزا ھېيتنىڭ ئالدىدا، تۇمشۇق تۈرمىسىدىن بىر تۈركۈم مەھبۇسلارنىڭ جەسىتى چىققانلىقىنى ئىنكار قىلمىدى. ئۇ بۇ خىل ئۇچۇرلارنى مەخپىي تۇتۇش ھەققىدە مەخسۇس ھۆججەت بارلىقىنى تەكىتلەپ، بۇ ھەقتە ناھىيەلىك ساقچى ئىدارىسىدىكى مەسئۇل خادىملاردىن ئەھۋال ئىگىلىشىمىزنى تەۋسىيە قىلدى. تۇمشۇق شەھىرىدىكى 54-پولك (تۇەن) ساقچىخانىسىنىڭ خادىمى، روزا ھېيتنىڭ ئالدىدا تۇمشۇق تۈرمىسىدىن بىر تۈركۈم كىشىلەرنىڭ جەسىتى چىققانلىقىنى دەلىللىدى، ئەمما جەسەتلەرنىڭ سانى ۋە كىملىكلىرى ھەققىدە مەلۇمات بەرمىدى. ئۇنىڭ دېيىشىچە، ئۇ تۇمشۇق تۈرمىسىدىن جەسەتلەرنى ئېلىپ چىقىشقا بۇ ساقچىخانىنىڭ باشلىقى ۋە يەنە بىر خادىم بىلەن بىرلىكتە بارغان. شۇ كۈنلەردە پۈتۈن ساقچىخانىلار بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى ئالاھىدە كۈچەيتكەن. بولۇپمۇ جەسەت ئىگىسىنىڭ ئائىلە قورۇسى ۋە مەھەللىسى نۇقتىلىق كۆزىتىلگەن ۋە نازارەت قىلىنغان. ئەمما بۇ خادىممۇ جەسەتلەرنىڭ كىملىكلىرى ۋە ئۆلۈم سەۋەبى ھەققىدە مەلۇمات بېرەلمىدى.
تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان، ئەمما ئۆزىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان خادىملاردىن بىرى، تۇمشۇق تۈرمىسىدىن بىر تۈركۈم مەھبۇسلارنىڭ جەسىتى چىققانلىقىدىن ئۆزىنىڭ خەۋىرى بارلىقى، ئەمما بۇنىڭ يېڭى بىر ئەھۋال ئەمەسلىكىنى، تۇمشۇق تۈرمىسىدە پەۋقۇلئاددە ئادەم كۆپ بولغاچقا، بەزىدە ھەر كۈنى بەزىدە ھەپتىدە بىر قېتىم جەسەتلەر ئېلىپ چىقىلىپ، مەخپىي شەكىلدە تارقىتىلىدىغانلىقىنى بايان قىلدى. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ قېتىمقىسى روزا ھېيتنىڭ ئالدىدا بولغاچقا، ئەھۋالنى تولۇق يوشۇرۇش مۇمكىن بولمىغان، ھەتتا جەمئىيەتتە تۇمشۇق تۈرمىسىدە بىر تۈركۈم مەھبۇسلارنىڭ تاماقتىن زەھەرلىنىپ ئۆلگەنلىكى ھەققىدە گەپ-سۆز تارقالغان. ئۇ بۇ ئۇچۇرنىڭ توغرا-خاتالىقىغا ئۆزىمۇ بىر نەرسە دېيەلمەيدىغانلىقىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىرلىكتە، جەسەتلەردىن بىرىنىڭ مارالبېشى بازىرىدىكى تونۇلغان بىر تۇماقچى كىشى ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىدى.
بىز بۇ يىپ ئۇچىغا ئاساسەن مارالبېشى بازار ئىچىدىكى بىر ساقچىخانىغا تېلېفون قىلدۇق. تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان خادىم، بۇ ساقچىخانا تەۋەلىكىدىكى تونۇلغان تۇماقچىنىڭ ھاجىئاخۇن ئىسىملىك كىشى ئىكەنلىكى، ئۇنىڭ مەخپىرەمخان ئىسىملىك ئايالى بىلەن بىرلىكتە تۈرمىدە جان ئۈزگەنلىكىنى دەلىللىدى. مەلۇم بولۇشىچە، 70 ۋە 65 ياشلاردىكى بۇ بىر جۈپ ئەر-ئايال، 2017-يىلى تۇتقۇن قىلىنىپ، 2019-يىلى كېسىۋېتىلگەن ئىكەن.
***
ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى ئۇيغۇر بۆلۈمى مۇخبىرلىرى قىيىن ئەھۋالدا مەشغۇلات قىلىدۇ، شۇڭا بۇ خەۋەرنى ئىشلەش جەريانىدا مۇخبىرلىرىمىزنىڭ بىخەتەرلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئۇلارنىڭ ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ئاشكارىلىماسلىقنى تاللىدۇق.