مارمارا ئۇنىۋېرسىتېتىدا «شەرقىي تۈركىستان: كىملىك ۋە كۈرەش» دېگەن تېمىدا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى
2024.12.13

يېقىندىن بۇيان تۈركىيەنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇنىۋېرسىتېتلاردا ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە ئائىت يىغىن، كۆرگەزمە پائالىيەتلىرى ئۇيۇشتۇرۇلۇپ كەلمەكتە.
11-دېكابىر چارشەنبە كۈنى ئىستانبۇلدىكى مارمارا ئۇنىۋېرسىتېتىدا 10 دىن ئارتۇق ياش پىدائىيلار كۇلۇبىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن «شەرقىي تۈركىستان: كىملىك ۋە كۈرەش» دېگەن تېمىدا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. يىغىنغا مارمارا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلىرى بولۇپ كۆپ ساندا كىشى قاتناشتى.
يىغىندا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنىڭ تۈپ مەقسىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىملىكىنى يوقىتىش ئىكەنلىكى، بىراق خىتاي 1949-يىلى شەرقىي تۈركىستان ئىشغال قىلغاندىن بۇيان ھازىرغىچە ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ھەر تۈرلۈك زۇلۇم ۋە بېسىم سىياسىتى يۈرگۈزگەن بولسىمۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكى ۋە دىنىي ئېتىقادىنى يوقىتالمىغانلىقى، ئۇلارنى تۈركىي خەلق كىملىكى ۋە مۇسۇلمانلىق ئەقىدىسىدىن ۋاز كەچتۈرەلمىگەنلىكى تەكىتلەندى.
مارامارا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، دوتسېنت دوكتور ئاتاۋۇللاھ شاھيار يىغىندا ئېچىلىش سۆزى قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتە دۇچ كېلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق كىرىزىسىنى ئەسكەرتتى، ئۇيغۇرلارنىڭ چەتئەللەردىكى تۇغقانلىرى بىلەن ئۇچۇر-ئالاقە قىلالمايدىغانلىقىنى، بىر كىم ئۆلۈپ كەتسە ئۇنىڭ چەتئەلدىكى تۇغقىنىنىڭ بىر قانچە ئاي ياكى بىر قانچە يىلدىن كېيىن خەۋەر تاپىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
ئۇ مۇنداق دېدى: «پەن-تېخنىكا ۋە ئۇچۇر-ئالاقە تەرەققىي قىلغان بۈگۈنكى كۈندە، بىز چەتئەللەردە ياشاۋاتقان شەرقىي تۈركىستانلىقلار ۋەتەن ئىچىدىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىمىز بىلەن ئالاقىلىشىش ئۇياقتا تۇرسۇن، ھېچ قانداق مەلۇماتقا ئېرىشەلمەيمىز، خىتاي دۇنيادىكى ئەڭ ئېغىر زۇلۇمنى سادىر قىلىۋاتىدۇ ھەمدە ئۇنى دۇنيا جامائىتىدىن يوشۇرۇشتا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىۋاتىدۇ. بۈگۈنكى كۈندە غەززە ۋە سۈرىيەدە يۈز بېرىۋاتقان ھادىسىلەرنى دۇنيا كۆرۈپ بىلىپ تۇرۇۋاتىدۇ، ئەمما شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بېرىۋاتقان ھادىسىلەرنى ھېچ كىم كۆرەلمەيدۇ، بىلەلمەيدۇ، خىتاينىڭ زۇلۇمىغا ئالاقىدار بىزنىڭ قولىمىزدا يېتەرلىك ئىسپات بولمىغانلىقى سەۋەبىدىن باشقىلارنى ئىشەندۈرۈشكە ئىمكانسىز قېلىۋاتىمىز».
دوكتور ئاتاۋۇللاھ شاھيار ئەپەندى، ئاقسۇ شاياردىكى ئاكىسى بىلەن ئەڭ ئاخىرقى قېتىم 2016-يىلى تېلېفوندا كۆرۈشكەنلىكىنى، ئاكىسىنىڭ ئۇنىڭغا «ئەگەر مېنىڭ ھايات ياشىشىمنى خالىساڭ بۇنىڭدىن كېيىن ماڭا تېلېفون قىلما» دەپ ئاگاھلاندۇرغانلىقىنى، ئاكىسى ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بىلەن 2016-يىلىدىن بۇيان ئالاقە قىلالمىغانلىقىنى، بەش يىل ئىلگىرى ۋاپات بولغان ئاكىسىنىڭ ئۆلۈم خەۋىرىنى بىر قانچە ئاي ئىلگىرى ئالغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە «بۇ خىل پاجىئەلەر پەقەت مېنىڭ بېشىمغا كەلگەن مۇسىبەت بولماستىن، بەلكى چەتئەللەردە ياشاۋاتقان پۈتۈن شەرقىي تۈركىستانلىقلار ئوخشاش ئېچىنىشلىق ئەھۋالغا دۇچ كېلىۋاتىدۇ»،-دېدى.
دوكتور ئاتاۋۇللاھ شاھيار ئەپەندى مۇنداق دېدى: «شەرقىي تۈركىستانغا سىرتتىن قارايدىغان بولسا ھېچ ئىش بولمىغاندەك كۆرۈنىدۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇ يەردە ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈلۈۋاتىدۇ، ئەمما خىتاي، ئىسلام دۇنياسىنى ھەم پۈتۈن دۇنيا ئىنسانلىرىنى ئالداپ، ئۇ يەردە ھېچ قانداق مەسىلە يوق دېگەن سەپسەتىگە ئىشەندۈرۈشتە مۇۋەپپەقىيەت قازاندى، دەرد-ئەلەم ۋە قايغۇلىرىمىز ئىچىمىزگە تولدى، ئەمما سىرتقا چىقىرالمايمىز، قولىمىزدا ئىسپات بولمىغاچقا ئىنسانلارنى ئىشەندۈرەلمەيمىز، شەرقىي تۈركىستانلىقلار مۇشۇنداق بىر ۋەزىيەتكە دۇچ كېلىۋاتىدۇ».
بۇ مۇھاكىمە يىغىنىغا مەدەنىيەت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ۋە شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ رەئىسى دوتسېنت دوكتور ئالىمجان بۇغدا رىياسەتچىلىك قىلغان بولۇپ، يىغىندا ئىستانبۇل تىجارەت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سابىق مۇدىرى، پىروفېسسور دوكتور ئابدۇلھەمىت ئاۋشار «خىتاينىڭ ئاسسىمىلياتسىيە ۋە كۆچمەنلەر سىياسىتى» دېگەن تېمىدا سۆزلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «بۈگۈنكى كۈندە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنىڭ تۈپ مەقسىتى ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىملىكىنى يوقىتىشتۇر. ئەمما خىتاي شەرقىي تۈركىستاننى ئىشغال قىلغان 1949-يىلىدىن بۇيان ھەر تۈرلۈك زۇلۇم ۋە بېسىم سىياسىتى يۈرگۈزگەن بولسىمۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ۋە دىنىي كىملىكىنى يوقىتالمىدى، مەن تۈرك، مەن مۇسۇلمان دېگەن چۈشەنچىدىن ۋاز كەچتۈرەلمىدى. شۇ سەۋەبتىن 2016-يىلى باشلاتقان يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنى قۇرۇش پىلانى بولسا، پىكرى جەھەتتىن ئۆزگەرتەلمىگەن مىللىي ۋە دىنى چۈشەنچىنى، جىسمانىي جەھەتتىن ئۇيغۇرلارنى يوقىتىش، قىرغىن قىلىش ئارقىلىق تۈگىتىش سىياسىتىنىڭ نەتىجىسىدۇر».
پىروفېسسور دوكتور ئابدۇلھەمىد ئاۋشار ئەپەندى، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش ئۈچۈن ئېلىپ بارغان بىر تۈركۈم بېسىم سىياسەتلىرىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتتى. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇيغۇرلارنىڭ «ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم» دېگەنگە ئوخشاش دىنى ئاتالغۇلارنى ئىشلىتىشىنىڭ، ساقال-بۇرۇت قويۇشىنىڭ، ئۇيغۇر مىللىتىگە سىمۋوللۇق قىلىدىغان كىيىم-كېچەكلەرنى كىيىشىنىڭ چەكلىنىشى، ئۇنىڭ ئورنىغا خىتاينىڭ كىيىملىرىنى كىيىشكە مەجبۇرلىنىشى، ئۇيغۇر تىلىنىڭ يەسلىدىن باشلاپ ئۇنىۋېرسىتېتلارغىچە بارلىق مەكتەپلەردە دەرسلىكلەردىن چىقىرىپ تاشلىنىشى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى خىتاينىڭ ئوچۇق ھالدا ئۇيغۇرلارنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش سىياسىتىنىڭ بىر قىسمى ئىكەن.
پىروفېسسور ئابدۇلھەمىد ئاۋشار سۆزىدە يەنە مۇنداق دېدى: «خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا 2017-يىلى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنى ئاچقاندىن كېيىن تۇنجى قىلغان ئىشى، خەلقنى يېتەكلەيدىغان ئۇيغۇر زىيالىي، ئەدىب-يازغۇچى، سەنئەتچى ۋە دىنى ئالىملارنى تۇتۇپ لاگېرلارغا قاماش بولدى، ئۇنىڭدىن كېيىن ئومۇميۈزلۈك ھەرىكەتكە ئۆتۈپ، 3 مىليوندىن ئارتۇق ئىنساننى ھېچ قانداق قانۇنىي جىنايەت بېكىتمەستىن خالىغانچە تۇتقۇن قىلىپ، لاگېرلارغا قامىدى، بۇ بولسا سىستېمىلىق بىر ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتىنىڭ ئىسپاتىدۇر. خىتاي ئۇيغۇر خەلقىنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستاندىن غەربكە چىقىش ئۈچۈن ئىستراتېگىيەلىك بىر كارىدور ئېچىشنى مەقسەت قىلىدۇ».
پىروفېسسور دوكتور ئابدۇلھەمىد ئاۋشار سۆزىدە يەنە ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى دۇنيا جامائىتى ۋە دۆلەتلەرنىڭ ئېتىراپ قىلغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ئۆزىنى دۇنيانىڭ ئىككىنچى چوڭ ئىقتىسادى كۈچى دەپ دەۋا قىلىۋاتقان خىتاي تەرىپىدىن شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان بېسىم، زۇلۇم ۋە يوقىتىش سىياسىتى نەق ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىدۇر. بۇ قىرغىنچىلىق، ب د ت، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە بەزى دۆلەتلەر تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىندى ۋە ئەنگە ئېلىندى».
بىز بۇ يىغىننى ئۇيۇشتۇرغان مارامارا ئۇنىۋېرسىتېتى پىدائىي ئوقۇغۇچىلار كۇلۇبىدىن مۇھەممەد ئىمىن ئاۋجى ئەپەندىنى زىيارەت قىلدۇق. ئۇ بۇ ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىننى ئۇيۇشتۇرۇشتىكى مەقسىتى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: «شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى كۈنتەرتىپتە تۇتۇش كېرەك بولغان بىر مەسىلە بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇ جايدىكى مىللىي ۋە دىنى قېرىنداشلىرىمىز چېكىۋاتقان زۇلۇمنى ئەڭ يېقىن شاھىتلاردىن ئاڭلاش ھەم مارمارا ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ بۇ مەسىلىگە قارىتا چۈشەنچىسىنى ئاشۇرۇش مەقسىتىدە ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى بىر قانچە كۇلۇب بىلەن بىرلىكتە بۇ مۇھاكىمە يىغىننى ئۇيۇشتۇردۇق».
مۇھەممەد ئىمىن ئەپەندى سۆزىدە ئۇيغۇرلار توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: «بىز ئاناتولىيەدە ياشاۋاتقان بولساقمۇ ئاتا يۇرتىمىز بولغان تۈركىستان زېمىنىنى—ئوتتۇرا ئاسىيانى ھېچ بىر ۋاقىت ئېسىمىزدىن، قەلبىمىزدىن چىقارمايمىز. ئۇ يەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىز دىنى ھەم مىللىي قېرىنداشلىرىمىز بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇلارنى ھەر ۋاقىت ئويلايمىز، شەرقىي تۈركىستان ئازاد بولۇپ ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايراق شەرقىي تۈركىستان ئاسمىنىدا لەپىلدەيدىغان كۈنلەرنى، ئۇ يەردىكى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ مىللىي، دىنى ئەركىنلىككە ئېرىشىدىغان، ئىززەت-ئابرۇيىنى قوغدايدىغان كۈنلەرنىڭ تېزرەك كېلىشىنى ئارزۇ قىلىمىز ۋە تىلەكداشلىق بىلدۈرىمىز».
مۇھاكىمە يىغىندا يەنە دەم ئېلىشقا چىققان تۈركىيەلىك ئۇيغۇر دىپلومات قەمەر ئارتىش خانىم، «شەرقىي تۈركىستاندىكى جازا لاگېرلىرىنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالى»، دېگەن تېمىدا، شەرقىي تۈركىستان نۇزۇگۇم مەدەنىيەت ۋە ئائىلە جەمئىيىتى رەئىسى مۇنەۋۋەر ئۆزئۇيغۇر خانىم، «شەرقىي تۈركىستاندا ئاياللار ھوقۇقىنىڭ دەپسەندىچىلىكى» دېگەن تېمىدا سۆز قىلدى.