«ماسكىنىڭ ئارقىسىدا» نېمىلەر بار؟
2024.08.14
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى قىرغىنچىلىقىنى دەلىللەش ۋە بۇنى خەلقئارا جامائەتكە تېخىمۇ ئوچۇق كۆرسىتىپ بېرىش كۆپلىگەن ئەگرى-توقايلىقلارنى باشتىن كەچۈرگەن بولۇپ، بۇنىڭغا ئەجىر سىڭدۈرگەن نۇرغۇن كىشىلەرنى ساناپ ئۆتۈش مۇمكىن. بۇنىڭدا ئەڭ زور سالماقنى ئىگىلىگەن پاكىتلارنىڭ بىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تاشقى دۇنياغا ئاشكارا بولۇپ كەتكەن ساقچى ھۆججەتلىرى بولۇپ، لاگېرلاردىكى دەھشەتنىڭ كىشىلەر ئويلىغاندىنمۇ نەچچە ھەسسە ئېغىرلىقىنى جانلىق نامايان قىلىپ بەردى. ئەنە شۇ ھۆججەتلەر ئاشكارا بولغاندىن كېيىن ئوتتۇرىغا چىققان سابىق خىتاي ساقچى ۋاڭ لېيجەننىڭ بۇ ھەقتىكى گۇۋاھلىقلىرى بۇ جەھەتتىكى بىر ئىجابىي قەدەم سۈپىتىدە ئالقىشلاندى.
لاگېرلار ھەققىدىكى يازما پاكىتلار ۋە ھۆججەتلەرنى خەلقئاراغا تونۇشتۇرۇش ساھەسىدە ئاكتىپ خىزمەتلەردە بولۇۋاتقان ئۇيغۇر ئانا تىل پائالىيەتچىسى ئابدۇۋەلى ئايۇپ ۋە ۋاڭ لېيجيەننىڭ يۈزمۇ-يۈز ئۇچراشقاندىن كېيىنكى سۆھبەتلىرى ئاساسىدا ئىشلەنگەن «ماسكىنىڭ ئارقىسىدا» ناملىق ھۆججەتلىك فىلىم 2023-يىلى تارقىتىلغاندىن كېيىن ئومۇمەن ئىجابىي باھالارغا ئېرىشىپ كەلدى. شۇ قاتاردا مەزكۇر فىلىم12-ئاۋغۇست كۈنى يەنە بىر قېتىم ۋاشىنگتون شەھىرىدە قويۇلدى. ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى تەشكىللىگەن بۇ قېتىمقى پائالىيەتتە مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ خادىملىرىدىن لۇيىزا گرېۋ خانىم فىلىمنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە بەرگەندىن كېيىن يېرىم سائەتلىك ھۆججەتلىك فىلىم كۆرسىتىلدى.
ئابدۇۋەلى ئايۇپ ئىلگىرى ئۈرۈمچى ۋە قەشقەردە ئانا تىل مەكتىپى ئېچىشقا تىرىشقان بولسىمۇ بۇ سەۋەبتىن قولغا ئېلىنغان ھەمدە 2014-يىلى نويابىردا قەشقەرگە قايتقان. ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي ئابدۇۋەلى چەت ئەلگە چىقىپ كەتكەن ھەمدە بىر قاتار دىشۋارچىلىقنى باشتىن كەچۈرگەندىن كېيىن ئاخىرى ئائىلە بويىچە نورۋېگىيەگە ماكانلاشقان. فىلىم ئۇنىڭ نورۋېگىيەدىكى ئائىلىسىدە ھەر كۈنى تەكرارلىنىدىغان داستىخاندا غىزالىنىشتىن باشلىنىدۇ. ئەنە شۇ كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۇ خەلقئاراغا ئۇيغۇر ئېلىدىكى لاگېرلار ھەققىدە گۇۋاھلىق بېرىپ كېلىۋاتقان ۋاڭ لېيجەن بىلەن يۈزمۇ-يۈز ئۇچرىشىش پۇرسىتىگە ئېرىشىدۇ. ۋاڭ لېيجەن ھەممىلا گۇۋاھلىق سورۇنلىرىدا خىتايچە ساقچى فورمىسى كىيگەن، شۇنداقلا ماسكا ۋە قارا كۆزئەينەك تاقىغان ھالدا ئوتتۇرىغا چىققان بولۇپ، بۇ فىلىمدىمۇ شۇ ھالەتتە نامايان بولىدۇ. شۇنىڭدەك ئۇنىڭ قەيەردە تۇرىدىغانلىقى ياكى ماسكىنى ئېلىۋەتكەندىن كېيىنكى چىرايىنىڭ قانداقلىقى كىشىلەرگە نامەلۇم بولۇپ، ئابدۇۋەلى ئۇنى «چاشقاندەك مۆكۈپ ياشايدۇ» دەپ تەسۋىرلەيدۇ.
ۋاڭ لېيجەننىڭ قارا رەڭلىك خىتاي ساقچى فورمىسى ئابدۇۋەلى ئائىلىسى، شۇنىڭدەك مىليونلىغان ئۇيغۇر ئائىلىلىرى ئۈچۈن ئوخشاشلا قاباھەت، زۇلۇم، قورقۇنچ ۋە دەھشەتنىڭ سىمۋولى بولۇپ كەلگەن. ئابدۇۋەلىنىڭ ئائىلىسىدە خۇددى مۇھاجىرەتتىكى كۆپلىگەن ئائىلىلەرگە ئوخشاشلا «شەرقىي تۈركىستاننىڭ جۇغراپىيەسى»، «شەرقىي تۈركىستاندىكى ھايات» دېگەندەك تېمىلار پات-پات تىلغا ئېلىنىدۇ. ئەمما ۋاڭ لېيجەننىڭ قارا رەڭلىك ساقچى فورمىسى ۋە يۈزىدىكى ماسكا ئابدۇۋەلىگە ئۆتمۈشنىڭ جاراھەتلىرىنى ئەسلەتسە، ئۇنىڭ گۆدەك پەرزەنتلىرىگە داۋام قىلىۋاتقان زۇلۇمنىڭ دەھشەتلىرىنى ھېس قىلدۇرىدۇ. شۇڭا ئۇلار گەرچە ئەركىن دۇنيادا ياشاۋاتقىنىغا نەچچە يىللار بولغان بولسىمۇ، ئابدۇۋەلىنىڭ باشقا بىر دۆلەتكە بېرىپ ۋاڭ لېيجەن بىلەن ئۇچراشماقچى بولغانلىقى ھەممەيلەننى ساراسىمىگە سېلىۋېتىدۇ. بولۇپمۇ ئەينى ۋاقىتتا خىتاي ساقچىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيلىرىگە ياۋۇزلارچە بېسىپ كىرىپ، دىنىي كىتابلارنى ئاختۇرۇش باھانىسىدە ئۆي تىنتىشلىرىنى كۆپ كۆرگەن قىزى بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغاندىن كېيىن بەكلا قورقۇپ كېتىدۇ. بۇ ھال ئەينى ۋاقىتتىكى «يەھۇدىيلار زور قىرغىنچىلىقى» دا كۆپ كۆرۈلگەن روھىي دۇنيادىكى چوڭقۇر يىلتىز تارتقان مەنىۋى جاراھەتلەرنىڭ نەچچە ئەۋلادتىن كېيىنمۇ يوقالمايدىغانلىقىدەك رېئاللىقنى يەنە بىر قېتىم ئەسلىتىدۇ.
ئابدۇۋەلىنىڭ بۇ قېتىم ئاشۇ خىتاي ساقچى بىلەن يۈزمۇ-يۈز ئۇچرىشىشى نەچچە ئون سائەتلىك فىلىم خاتىرىسى ھاسىل قىلغان بولۇپ، ئۇلار ئۇچراشقاندا سۆز تېمىسى تەبىئىي ھالدا ئەينى ۋاقىتتىكى ئابدۇۋەلى قامالغان تۈرمىلەرنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە بولىدۇ. خىتاي ساقچىنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ مەخسۇس «تەربىيەلەش» تىن كېيىن يۇقىرى مائاش ۋە ئەمەل ۋەدە قىلىنىپ ئۇيغۇر ئېلىگە ئەۋەتىلگەن ساقچىلارنىڭ بىرى. شۇڭا ئۇنىڭغا ئۇيغۇر ئېلىدىكى «تېررورچىلار» نىڭ قانداق ۋەھشىي ئىنسانلار ئىكەنلىكى كۆپ قېتىم چۈشەندۈرۈلگەن. ئەمما قەشقەر ۋە ئۈرۈمچىدە ئىشلەش جەريانىدا بۇ جايدىكى كىشىلەرنىڭ ئۆزى ئاڭلىغاندىن باشقىچە ئىنسانلار ئىكەنلىكىنى بايقىغان. سۆھبەت جەريانىدا ئۇ ئەينى ۋاقىتتىكى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ پارتكوم سېكرېتارى چېن چۈەنگونىڭ «مىڭ كىشى خاتا تۇتۇلسا مەيلى، ئەمما بىرمۇ گۇمانلىق كىشى چۈشۈپ قالماسلىقى لازىم» دېگەن سۆزلىرىنى ئاڭلىغان. بۇ ھال 1940-يىللاردا كوممۇنىستلارنى ئۈزۈل-كېسىل يوقىتىش ئىرادىسىگە كەلگەن جياڭ جېشىنىڭ «مىڭ كىشى خاتا ئۆلتۈرۈلسە مەيلى، ئەمما بىرمۇ كوممۇنىست قېچىپ كەتمىسۇن» دېگەن سۆزلىرىنىڭ ئەينەن تەكرارلىنىشى ھېسابلىنىدۇ.
خىتاي ساقچى ئېيتىپ بەرگەن بەزى ۋەھشىيانە جازا ئۇسۇللىرىنى ئابدۇۋەلى بىۋاسىتە باشتىن كەچۈرگەن. شۇ قاتاردا خىتاي ساقچى نېمە ئۈچۈن ماسكىلىق ساقچىلارنىڭ ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنى ئۇرغاندا ئۇلارنىڭ مۇسكۇل قىسمىغا ئۇرىدىغانلىقىنى، ئۇرغانلىقىنى باشقىلارنىڭ بىلىپ قېلىش ئېھتىمالى بولغان ياكى سۇنۇپ كېتىش ئېھتىمالى بولغان پۇت-قول ۋە باش قىسمىغا ئۇرمايدىغانلىقىنى سۆزلەپ بەرگەن. ئۇ شۇ ئەھۋاللارنى سۆزلەپ كېلىپ «ئابدۇۋەلى، سەن تەلەيلىك ئىكەنسەن. ئەگەر 2017-يىلىدىن كېيىن تۇتۇلغان بولساڭ ئاللىقاچان ئۆلۈپ كەتكەن بولاتتىڭ» دەيدۇ.
فىلىم كۆرسىتىلىپ بولغاندىن كېيىن لۇيىزا گىرېۋنىڭ رىياسەتچىلىكىدە قىسقىچە مۇھاكىمە بولۇپ ئۆتتى. مۇھاكىمە جەريانىدا ئابدۇۋەلى ئۆزى ئاشۇ قېتىملىق سۆھبەتتە ئاڭلىغان، ئەمما فىلىمغا كىرگۈزۈلمىگەن بەزى ئەھۋاللارنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى. بولۇپمۇ ئۇ خىتاي ئۇيغۇر ئېلىگە كەلگەندىن كېيىن ھەر كۈنلۈك خىزمەت سالمىقىنىڭ نورمالدىكىدىن كۆپ ئېغىرلىقىنى، دەم ئېلىش دېگەننىڭ يوق ئىكەنلىكىنى، ۋەدە قىلىنغان «ئالاھىدە ئېتىبار سىياسەتلىرى» نىڭ ئۇنچىلىك ئەمەلىيلىشىپ كەتمىگەنلىكىنى، ئەڭ مۇھىمى ئۆزىگە «تېررورچى» دەپ تونۇشتۇرۇلغان ئۇيغۇرلارنىڭ پۈتۈنلەي بۇنىڭدىن باشقا بىر ئىنسانلار تۈركۈمىگە مەنسۇپلۇقىنى بايقىغان.
بۇ قېتىملىق پائالىيەتنى تەشكىللىگەن ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ دىرېكتورى ئۆمەر قانات ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، ئىنسانىيەتنىڭ ھازىرقى زامان تارىخىدا قىرغىنچىلىق كۆپ قېتىم يۈز بەرگەن بولسىمۇ پەقەت سىستېمىلىق ھۆججەتلەشتۈرۈلگەن قىرغىنچىلىقلا ئەستە ساقلىنىپ قالغان. جۈملىدىن ئەينى ۋاقىتتىكى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ گۇلاگ سىستېمىسىدا 20 مىليونچە كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان بولسىمۇ ئەمما بۇلار خەلقئارادا «يەھۇدىيلار زور قىرغىنچىلىقى» دەك ئۇنچە كەڭ بىلىنمىگەن. چۈنكى يەھۇدىيلار دۇچ كەلگەن تىراگېدىيە كۆپلىگەن ساھەنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا ياخشى ھۆججەتلەشتۈرۈپ چىقىلغان. شۇڭا ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىمۇ سىستېمىلىق ۋە ھۆججەتلەشكەن شەكىلدە خاتىرىلەنسە كەلگۈسىدە بۇنىڭ تارىخىي ئەھمىيىتى زور بولىدۇ. بۇ مەنىدىن ئالغاندا «ماسكىنىڭ ئارقىسىدا» ناملىق بۇ فىلىم بەلگىلىك ھۆججەت بولۇش رولىنى ئوينايدۇ.
ئابدۇۋەلى ئايۇپ قارا كىيىملىك خىتاي ساقچىلىرىنىڭ ئىنسان خىيالىغىمۇ كەلتۈرەلمەيدىغان ياۋۇزلۇق ۋە ۋەھشىيلىكنى كۆزىنى مىتمۇ قىلماي تۇرۇپ ئىجرا قىلىشىغا بىۋاسىتە شاھىت بولغان. ئۇنىڭ قارىشىچە، خىتاي ساقچىلىرىنىڭ بۇ قەدەر ياۋۇزلىشىپ كېتىشىدە ئۇلارنىڭ مېڭىسىنى تولۇق يۇيۇپ بولغان، شۇنىڭدەك ئۇلارغا «ئۆچمەنلىكنىڭ تونىنى قوشلاپ كىيدۈرۈپ بولغان» خىتاي ھۆكۈمىتى مۇھىم جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئېلىشى لازىم. ئەمما رېئاللىق شۇنى كۆرسىتىدۇكى، خىتايلاردا ئەۋج ئالغان بۇ خىلدىكى ئۆچمەنلىك قەيەردە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ھېچقاچان بىرەر مەسىلىنى ھەل قىلالىغان ئەمەس، كۆزلىگەن نىشانىغىمۇ يېتەلىگەن ئەمەس. پائالىيەتتىن كېيىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئابدۇۋەلى بۇ نۇقتىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىپ ئۆتتى.
بۇ قېتىمقى پائالىيەتكە قاتناشقان كەرېن خانىم ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى ھەققىدە ئۇزۇندىن بۇيان خەۋەر ئاڭلاپ كەلگەن ئامېرىكا جامائىتىنىڭ بىر ئاددىي ئەزاسى. ئۇ بۇ فىلىمنى كۆرگەندىن كېيىن ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلار ۋە خىتايلار ھەققىدىكى چۈشەنچىسىنىڭ يەنە بىر قېتىم يۈكسەلگەنلىكىنى زىيارىتىمىز جەريانىدا تەكىتلەپ ئۆتتى.
«شۇنداق. بىر يەھۇدىي بولۇش سۈپىتىدە شۇنى ئېيتىمەنكى، بۇنىڭدا ھەممىمىزنىڭ ئورنىمىزدىن دەست تۇرۇش، بۇ ھەقتە سۆز قىلىش ھەمدە بۇنى باشقىلارغا ئاڭلىتىش مەجبۇرىيىتىمىز بار. بۇ يەردە سۈكۈتكە ئورۇن يوق. بولۇپمۇ ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد داۋام قىلىدىغان روھىي زەخمەت تېخىمۇ شۇنداق بولۇشنى تەلەپ قىلىدۇ. گەرچە مېنىڭ ئائىلەمدە ھېچكىم ‹يەھۇدى زور قىرغىنچىلىقى› نىڭ بىۋاسىتە تەسىرىگە ئۇچرىمىغان بولسىمۇ مەن تېخى ئامېرىكا تەۋەسىدە ‹كۈدە-كۆرپىلىرىمنى يىغىشتۇرۇپ ماڭامدىم؟›، ‹پاسپورتۇم ئىناۋەتلىك ھالەتتىمۇ؟› دېگەندەك سوئاللارنى يادىدىن چىقىرىپ قويىدىغان بىرەر يەھۇدىينى كۆرۈپ باقمىدىم. ئۇيغۇرلار بولسا ھازىر مۇھاجىرەتتە سەرسان-سەرگەردان بولۇپ يۈرۈۋاتىدۇ. ئۇلار ئۆز كىملىكىنى ۋە مەدەنىيىتىنى قانداق ساقلاپ قېلىشنىڭ كويىدا تىپىرلاۋاتىدۇ. شۇڭلاشقىمىكىن ھەرقاچان بىر تۈرلۈك ھەمدەرتلىك ۋە ھەمكارلىق تۇيغۇسى ۋۇجۇدۇمنى ئورىۋالىدۇ. بىز ھەرقاچان ئۆزئارا ئۆگىنىش ۋە قوللاشقا موھتاج. »
مەلۇم بولۇشىچە مۇشۇ خىلدىكى فىلىملار ھەر ساھە تاماشىبىنلىرىنىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى ھەققىدىكى چۈشەنچىسىنى يېڭىلاش ۋە ئۆستۈرۈشتە يازما خەۋەرلەردىنمۇ بەكرەك ئۈنۈم قازىنىدىغان بولۇپ، شۇ سەۋەبتىنمۇ يېقىنقى مەزگىللەردە ئىشلەنگەن ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى ھۆججەتلىك فىلىملار ئىزچىل قىزغىن ئالقىشلىنىپ كەلمەكتە.