تۇمشۇقتا قۇرۇلغان «جەنۇبىي شىنجاڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ۋە ئارخېئولوگىيە بازىسى» نىڭ ماھىيىتى ۋە ئىچ يۈزى

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز شادىيە تەييارلىدى
2023.05.24
tumshuq-muziy خىتاي مەملىكەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ۋە ئارخېئولوگىيە تەتقىقات مەركىزىنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭ بازىسىنىڭ يوپۇقىنى ئېچىش ۋە ۋىۋىسكا ئېسىش مۇراسىمى، 2023-يىلى، 18-ماي، تۇمشۇق شەھىرى
btwmw.net

«خىتاي خەۋەرلەر تورى» نىڭ 18-مايدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، بىڭتۇەن 3-دېۋىزىيەسىنىڭ باش شىتابى تۇرۇشلۇق تۇمشۇق شەھىرىدە «خىتاي مەملىكەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ۋە ئارخېئولوگىيە تەتقىقات مەركىزىنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭ بازىسى» قۇرۇلغان. شۇ كۈنى 47-نۆۋەتلىك «18-ماي خەلقئارا مۇزېي كۈنى» مۇناسىۋىتى بىلەن بۇ بازىنىڭ يوپۇقىنى ئېچىش ۋە ۋىۋىسكا ئېسىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلگەن.

خەۋەردە، 2021-يىلدىن بۇيانقى ئىككى يىل مابەينىدە خىتاي ئارخېئولوگلىرىنىڭ تۇمشۇق شەھىرى ئەتراپىدىن «تاڭ پادىشاھى شەھەرچىسى» نىڭ خارابىسىنى تاپقانلىقىنى، بۇ جايدىن تۈرلۈك ساپال بۇيۇملار، تاش قوراللار، مىستىن ياسالغان جابدۇقلار، شۇنداقلا تۈرلۈك بۇددا ھەيكەللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 515 دانە مۇھىم ئاسارئەتىقىلەرنى قېزىۋالغانلىقى تىلغا ئېلىنغان.

تارىم ئويمانلىقىنىڭ غەربىي-جەنۇبىي قىسمىغا جايلاشقان قەدىمىي بارچۇق شەھەر خارابىسى ۋە تۇمشۇق ئەتراپىدىكى قەدىمكى ئىزلار، ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكى ئەجدادلىرى بولغان يەرلىك تارىملىقلارنىڭ شانلىق مەدەنىيىتىنىڭ بۈگۈنگىچە يېتىپ كەلگەن ئىزنالىرىدۇر. ھالبۇكى، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ ئىزلارنى خىتاي تارىخىدىكى تاڭ سۇلالىسىگە باغلاپ ئىزاھلىشى، ھەتتا تۇمشۇق شەھىرىنى خىتاي مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ۋە ئارخېئولوگىيەسىنىڭ «جەنۇبىي شىنجاڭدىكى بازىسى» غا ئايلاندۇرۇش پىلانى، بۇ ساھەدىكى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى قوزغىماقتا.

ئىسرائىلىيەدە ياشاۋاتقان خىتاي يازغۇچى تاڭ دەنخۇڭ خانىم بۇ ھەقتە رادىيومىزنىڭ مەخسۇس زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى: «خىتاينىڭ ئۇ يەردە ئارخېئولوگىيە تەتقىقات مەركىزى قۇرۇشى ۋە تەتقىقات ئېلىپ بېرىشى، ئىلمىي تەتقىقات ئەركىنلىكى بولغان ۋە ھەقىقىي تۈردە ئىلمىي تەتقىقات ئېلىپ بارىدىغان باشقا دۆلەتلەردىن مۇقەررەر ھالدا پەرقلىنىدۇ. چۈنكى خىتاي تارىخنى پۈتۈنلەي ئۆزىنىڭ مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىقىنى يۈرگۈزۈش ۋە مۇستەھكەملەش ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرىدۇ. خىتاي تارىخچىلىرى ئۇ ھەر ۋاقىت سۆز ئويۇنى ئارقىلىق، خىتاينىڭ ئەزەلدىنلا كۆپ مىللەتتىن تەركىب تاپقان چوڭ دۆلەت ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاشقا ئۇرۇنۇپ كەلگەن. ئەلۋەتتە، خىتاي تەرىپىدىن كۆپتۈرۈلۈپ ۋە بۇرمىلىنىپ ياساپ چىقىلغان تارىخ ئىنىقكى خەلقئارا ئىلمىي تەتقىقات ساھەلىرىدە پۇت تىرەپ تۇرالمايدۇ. ئاتالمىش بۇ ئارخېئولوگىيە تەتقىقات بازىسى پۈتۈنلەي دېگۈدەك خىتاي ياساپ چىققان ساختا تارىخ ئارقىلىق سىياسىي ئىدېئولوگىيەنى تەشۋىق قىلىش ئۈچۈن قوللىنىلىشى تۇرغان گەپ. خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى قەدىمىي يىپەك يولى ئىزنالىرىدا تېپىلغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىغا ئۆز ئالدىغا خىتايچە ئىسىملارنى قويۇپ، ئۇنى پەردازلاپ كۆرسىتىشىدىن قەتئىينەزەر، بۇ ھەرگىزمۇ ئۇلارنىڭ خىتايغا ئائىت ئىكەنلىكىنى كۆرسەتمەيدۇ. ۋەھالەنكى، خىتاينىڭ بۇ تۈردىكى سۆز ئويۇنلىرى ئارقىلىق ساختا تارىخ ئويدۇرۇشى، خەلقئارا ئىلمىي ساھەدىكى تولىمۇ كۈلكىلىك بىر ئىش ھېسابلىنىدۇ. خىتاي بۇ يەردە پەقەتلا ئۆزىنىڭ سىياسىي غەرىزىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى مەقسەت قىلغان.»

«خىتاي خەۋەرلەر تورى» نىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، تۇمشۇق شەھىرىدە تەسىس قىلىنغان مەزكۇر بازا «شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش» قۇرۇلۇشىنىڭ تۈرتكىسى بىلەن قۇرۇلغان ئىكەن. «خىتاي مەملىكەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ۋە ئارخېئولوگىيە تەتقىقات مەركىزى» نىڭ نامى ئاستىدا قۇرۇلغان مەزكۇر بازا، خىتاي تارىخىدىكى سۇلالىلەرنىڭ «غەربىي رايون» نى ئىدارە قىلىش تارىخىنى ئۆگىنىش؛ تارىخ بىلەن يېڭى دەۋردىكى «بىڭتۇەن مەدەنىيىتى» نى بىر گەۋدە قىلىپ يۇغۇرۇش؛ جەنۇبىي ئۇيغۇر دىيارىدىكى بىپايان زېمىنلارنىڭ قەدىمكى دەۋرلەردىن بۇيان خىتاي بىلەن غەرب ئوتتۇرىسىدىكى مۇھىم قاتناش تۈگۈنى بولغانلىقىنى تەشۋىق قىلىش مەقسىتىدە قۇرۇلغان ئىكەن.

ئامېرىكادا ياشاۋاتقان ئارخېئولوگ ۋە تارىخچى قۇربان ۋەلى ئەپەندىمۇ بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلدى. ئۇ، خىتاينىڭ بىڭتۇەن 3-دېۋىزىيەسىنىڭ باش شىتابى تۇرۇشلۇق تۇمشۇق شەھىرىدە «خىتاي مەملىكەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ۋە ئارخېئولوگىيە تەتقىقات مەركىزى» نىڭ كۈنلۈكى ئاستىدا ئاتالمىش «جەنۇبىي شىنجاڭ بازىسى» نى قۇرۇشى، پۈتۈنلەي سىياسىي مەقسەتنى چىقىش قىلغانلىقى، ئۇيغۇرلارغا مەنسۇپ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى خىتاي تارىخىغا باغلاپ چۈشەندۈرۈپ، ئۇيغۇرلارنى خىتايلاشتۇرۇشنى تېزلىتىش ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

مەزكۇر خەۋەردە يەنە تۇمشۇق ئەتراپىدىن قېزىۋېلىنغان ئارخېئولوگىيەلىك تېپىلمىلارنىڭ «شىنجاڭنىڭ خەن سۇلالىسىدىن بۇيان خىتاي تۇپراقلىرىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى» بولغانلىقىنى، «خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمەتلىرىنىڭ يىراق تارىختىن بۇيان شىنجاڭنى ئىدارە قىلىپ كەلگەنلىكى» نى ئىسپاتلاپ كۆرسىتىشتە مۇھىم سىياسىي ئەھمىيەتكە ھەم ئىلمىي قىممەتكە ئىگە ئىكەنلىكى ئالاھىدە تەكىتلەنگەن.

دەرۋەقە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر دىيارىدا ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان يەرلىك خەلقلەرگە قارىتا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە مەدەنىيەت جەھەتتىكى قىرغىنچىلىقىنىمۇ بارغانسېرى كۈچەيتىۋاتقانلىقى مەلۇم. خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇرلارغا ئائىت تارىخ، ئارخېئولوگىيە، قەدىمكى مەدەنىيەت ئىزلىرى ۋە يەرلىك ئەنئەنىۋى ھۈنەر-سەنئەت ساھەلىرىدە كەڭ كۆلەملىك «قايتا قۇرۇش» قۇرۇلۇشى ئېلىپ بېرىپ، ئۇيغۇرلارغا تەۋە پۈتكۈل تارىخىي ئىزلارنى ئۆزگەرتىش، قايتا ياساش ۋە ئۇنى خىتاي مەدەنىيىتىگە باغلاپ ئىزاھلاشقا باشلىغان.

گېرمانىيەدىكى مۇستەقىل تەتقىقاتچى، تۈركولوگىيە پەنلىرى دوكتورى ئابلەت سەمەت ئەپەندىمۇ بۇ ھەقتە مەخسۇس زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، خىتاينىڭ نۆۋەتتە تۈرلۈك ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ، ئۇيغۇر دىيارىدىكى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ۋە تارىخىي ئىزلارنى ئۆزى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى، تارىخ، ئارخېئولوگىيە، تىل-يېزىق، قەدىمكى ئىزلار ۋە مەدەنىيەت ئۇچۇرلىرىنى مونوپول قىلىش دائىرىسىنى يەنىمۇ كېڭەيتىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.

دوكتور ئابلەت سەمەت ئاخىرىدا ئۆزىنىڭ بۇ ھەقتىكى ئەندىشىلىرىنى رادىيو ئاڭلىغۇچىلىرىمىز بىلەن ئورتاقلاشتى.

مەلۇمكى، جەنۇبىي ئۇيغۇر دىيارى ئۇيغۇرلار نوپۇسى ئەڭ زىچ مەركەزلەشكەن رايوندۇر. بۇ يەردە تارىختىن بۇيان ئىنتايىن پارلاق بوستانلىق مەدەنىيىتى يارىتىلغان بولۇپ، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ ئانا بۆشۈكى بولۇپ كەلگەن. ھالبۇكى، خىتاينىڭ يۇقىرىقى خەۋىرىدە، خىتاي مەملىكەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ۋە ئارخېئولوگىيە تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى توڭ ۋېينىڭنىڭ سۆزلىرى نەقىل كەلتۈرۈلۈپ، تۇمشۇقتا قۇرۇلغان «جەنۇبىي شىنجاڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ۋە ئارخېئولوگىيە بازىسى، بىڭتۇەننىڭ يېڭى دەۋردىكى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ۋە ئارخېئولوگىيە ساھەسىدە يېڭى بىر سەھىپە يازىدۇ» دېيىلگەن.

ئامېرىكادىكى سىياسىي ئانالىزچى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئىلشات ھەسەن ئەپەندى بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلىپ، ئارخېئولوگىيە گەرچە مەخسۇس بىر ئىلىم بولسىمۇ، ئەمما خىتاينىڭ ئۇنى سىياسىي مەقسەت ئۈچۈن قوللىنىۋاتقانلىقىنى، يەنى ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئىشغالىيەت تارىخىنى ھەقلىق قىلىپ كۆرسىتىش ئۈچۈن تارىخ ۋە ئارخېئولوگىيەنى سۇيىئىستېمال قىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

يېقىندىن بۇيان «تەڭرىتاغ تورى»، «شىنخۇا تورى» قاتارلىق خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدا بېرىلىۋاتقان بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەردە، دائىرىلەرنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا ئاتالمىش «ئارخېئولوگىيەلىك يېڭى بايقاش»، «مۇزېي قۇرۇلۇشى»، «قىزىل گېن تەلىم-تەربىيە بازىسى» ۋە «ئىنقىلابىي ساياھەت نۇقتىسى» قاتارلىق تۈرلەرگە زور مەبلەغ سېلىپ، ئۇلارنى ئۆزىنىڭ سىياسىي تەشۋىقاتى ئۈچۈن قوللىنىۋاتقانلىقى مەلۇم بولغان ئىدى. نۆۋەتتە خىتاينىڭ بىڭتۇەنگە قاراشلىق تۇمشۇق شەھىرىدە «خىتاي مەملىكەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ۋە ئارخېئولوگىيە تەتقىقات مەركىزى» نىڭ نامىدا ئاتالمىش «جەنۇبىي شىنجاڭ بازىسى» نى تەسىس قىلىشى ھەمدە ئارخېئولوگىيەنى سىياسىي مەقسەت ئۈچۈن قوللىنىشى، چەت ئەللەردىكى بىلىم ئادەملىرىنى، بولۇپمۇ تارىخ، ئارخېئولوگىيە، مەدەنىيەت ۋە قەدىمكى تىل-يېزىق ساھەسىدىكى مۇتەخەسسىسلەرنى كۈچلۈك ئەندىشىگە سالماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.