ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى ناشتىلىقلىرىدىن نان ۋە ئەتكەن چاينىڭ ئورنىغا خىتاي ئۇسلۇبىدىكى ناشتىلىقلارنىڭ دەسسىتىلىشىگە يوشۇرۇنغان غەرەزلەر
2024.05.23
خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلۈۋاتقان ۋەزىيەتتە رايوندىكى ئۇيغۇرلارغا خىتاي ئۇسلۇبىدىكى ئەتىگەنلىك ناشتىلىقنىڭ ئومۇملاشتۇرۇلۇۋاتقانلىقى دىققەت قوزغىماقتا.
يېقىندا خىتاينىڭ ھۆكۈمەت تارمىقىدىكى «ئاياللار ئاۋازى» تورىدا، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ھەرقايسى رايونلۇق ئاياللار بىرلەشمىسى قارمىقىدىكى «ئائىلە مەكتىپى»دىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ رايوندىكى ئاياللار ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى ناشتىلىقلىرىدىن بولغان نان ۋە ئەتكەن چاينىڭ ئورنىغا پوشكال تاياقچىسى (油条)، گۈرۈچ ئۇمىچى (粥)، پىيازلىق چەلپەك (葱油饼)، «موما» (馒头) ۋە كۆكتاتلاردىن تەييارلانغان قوشۇمچە يېمەكلەرنى ئېتىش ھەققىدە ئەمەلىي دەرس تەسىس قىلغانلىقى ۋە باشقىلار ھەققىدە دوكلات ئېلان قىلىنغان.
مەزكۇر دوكلاتتىن ئۇيغۇر ئېلىنىڭ قەشقەر، خوتەن، يەكەن قاتارلىق جايلىرىدا ئاياللار بىرلەشمىسى قارمىقىدىكى مەزكۇر «ئائىلە مەكتەپ» پىروگراممىسى بويىچە ئۇيغۇر ئاياللىرىغا خىتايچە ناشتىلىقلارنى تەييارلاشنى ئۆگىتىش ھەمدە خىتايچە ناشتىلىقلارنىڭ «ئىلمىي ۋە زامانىۋى ئۇسلۇبتىكى سالامەتلىككە پايدىلىق ناشتىلىق» دەپ چۈشەندۈرۈلۈش ئارقىلىق خىتايچە ناشتىلىقلارنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى ناشتىلىقلىرىنىڭ ئورنىغا دەسسىتىش ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقى ئاشكارىلانماقتا.
ۋاھالەنكى بۇ دوكلاتتا، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئۇزۇن تارىخقا ئىگە ئەنئەنىۋى يېمەك-ئىچمەك مەدەنىيىتىنىڭ بىر قىسمى بولغان ناشتىلىقىدا نان ۋە چايدىن باشقا يەنە، قۇرۇق مېۋە، ھەسەل، مۇراببا، قايماق قاتارلىق مول ئوزۇقلۇق قىممىتىگە ئىگە يېمەكلىكلەرنىڭمۇ بىرلىكتە ئىستېمال قىلىنىدىغانلىقى تىلغا ئېلىنمىغان. ئۇنىڭ ئەكسىچە، ئۇيغۇر ناشتىلىقلىرى جۈملىدىن ئۇيغۇر تائاملىرى زامانغا ماسلاشمىغان، قالاق ھالەتتىكى يېمەكلىك قىلىپ كۆرسىتىلگەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە، رايوندا خىتايچە ناشتىلىق ۋە تائاملارنىڭ ئومۇملىشىشىنىڭ رايوندىكى خەلقلەرنىڭ مەدەنىيەت تۇرمۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، داستىخانلىرىنىڭ رەڭدارلىشىپ موللاشقانلىقىدەك «ئەۋزەللىك» لەرنى ئېلىپ كەلگەنلىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئېغىزى ئارقىلىق ماختاتقۇزۇلغان. ئۇنىڭدا يەنە، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ بەزى جايلىرىدا خىتاي كۆچمەن كادىرلىرى ئۈچۈن مەخسۇس خىتايچە تائاملارنى ئېتىدىغان ئاشخانىلارنىڭ ئومۇملىشىۋاتقانلىقى قەيت قىلىنغان.
ئۇيغۇر يېمەك -ئىچمەك مەدەنىيىتىدە كۆرۈلۈۋاتقان بۇ ئەھۋالنى «ئۇيغۇرلارنىڭ ناشتىلىقلىرىدىكى نان ۋە چاينىمۇ ئۇلارنىڭ داستىخانلىرىدىن يوقىتىشقا ئۇرۇنۇش» دەپ قارىغان تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى، ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋەخپىسىنىڭ رەئىسى دوكتور مەغپىرەت كامال ، ئۇيغۇر نانلىرىنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيەت، ئۆرپ -ئادەتلىرىدىكى ئورنى ۋە تەسىرىنىڭ يۈكسەكلىكى ھەققىدە توختالدى.
ئۇ يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رايوندا ئۇيغۇر ناشتىلىقلىرىنىڭ ئورنىغا ئۆزلىرىنىڭ خىتايچە ئۇسلۇبتىكى يېمەكلىكلىرىنى دەسسىتىشىنىڭ ئارقىسىغا يوشۇرۇنغان غەرەزلىرى ھەققىدىكى قارىشىنى ئىپادىلىدى.
ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنى يېقىندىن كۆزىتىپ كېلىۋاتقان ئامېرىكادىكى روس-خۇلمان تېخنولوگىيە ئىنستىتۇتىنىڭ دوتسېنتى تىمۇسىي گروس ئۇيغۇر يېمەك مەدەنىيىتىنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ۋە خىتاي يېمەكلىرىنىڭ ئۇيغۇر ناشتىلىقلىرى ۋە باشقىلارنىڭ ئورنىنى ئىگىلەۋاتقانلىقى توغرۇلۇق مەخسۇس ماقالە ئېلان قىلغان. ئۇ 13-مارت كۈنى «خىتاي ئارخىپى» (ChinaFile) تور بېتىدە ئېلان قىلغان مەزكۇر ماقالىسىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بىر تەرەپتىن ئۇيغۇر تائاملىرىنى ئۇيغۇرلارنىڭ داستىخانلىرىدىن يوقىتىشقا ئۇرۇنسا؛ يەنە بىر تەرەپتىن، ئۇنى ئاتالمىش «شىنجاڭ تائاملىرى» دېگەن نامدا ساياھەتچىلەر ئۈچۈن بازارغا سېلىشتەك قىلمىشلىرىنى قاتتىق تەنقىد قىلغان. تىمۇسىي گروس رادىيومىزنىڭ مەخسۇس زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، بۇ ھەقتىكى قارىشىنى ئاڭلارمەنلەر بىلەن ئورتاقلاشتى. ئۇ مۇنداق دېدى:
«ئەلۋەتتە بۇ ئائىلە مەكتەپ پروگراممىلىرىدا رايوندىكى ئۇيغۇر ئاياللىرىغا خىتايلارغا خاس ئۇسلۇبتىكى تاماق ئېتىشنى ئۆگىتىش ھەمدە ئۇلارغا ئۇيغۇرلارنىڭ تىپىك ناشتىلىقلىرىدىن بىرى بولغان نان ۋە چاينىڭ ئورنىنى دەسسىتىشى سۆزلەنگەن. نان ۋە چايغا ئوخشاش تىپىك ئۇيغۇر ناشتىلىقى ماڭا نىسبەتەن قىزارتىلغان بولكا ۋە قەھۋەدىن ئىبارەتتۇر. دېمەككى بۇ، خىتاينىڭ قارىشىدا ئامېرىكا ئۇسلۇبىدىكى ناشتىلىقنىڭمۇ مەلۇم جەھەتتىن ساغلام ئەمەسلىكىنى بىلدۈرىدۇ. ھالبۇكى، خىتاي ئاتالمىش ‹مەدەنىيەت› ۋە ئاشقۇنلۇققا ئوخشاش ئۆرپ-ئادەت بىلەن مەدەنىيەتنى پاراللېل نۇقتىغا قويغان. شۇڭا، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ نۇقتىئىنەزىرىدىن قارىغاندا، ئۇلار ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ بىر ئامىلى بولغان ئۇيغۇر ناشتىلىقلىرىنىڭمۇ تەرەققىي قىلىش كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.»
دوكتور تىمۇسىي گروس بۇ ھەقتىكى ماقالىسىدە مۇنداق يازغان: «گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئائىلىلىرىنى ئاتالمىش ناچار ۋە ساغلام بولمىغان يېمەكلىكلەر ۋە ‹ئاشقۇنلۇق› نى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئىسلامىي يېمەك-ئىچمەككە قارىتا قويۇلغان چەكلىمىلەردە چىڭ تۇرۇشقا ئاگاھلاندۇرغان بولسىمۇ، ئەمما خىتاي ساياھەتچىلىرىنىڭ بۇ يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىشىدا مەسىلە يوقتەك قىلىدۇ. چۈنكى، خىتاي ساياھەتچىلەر ئەمەلىيەتتە بەس-بەستە شىنجاڭغا كېلىپ، يەرلىك مەززىلىك تائاملارنى يەيدۇ. شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 2023-يىلى 11-ئاينىڭ 1-كۈنى خەۋەر قىلىشىچە، 2023-يىلى 7 مىليوندىن ئارتۇق ساياھەتچى بۇ رايوننى زىيارەت قىلغانىكەن. ھالبۇكى، شىنجاڭ مەدەنىيەت ۋە ساياھەت ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ليۇ چۈەن ‹داڭلىق يەرلىك مەززىلىك تائاملار› نىڭ بۇ يۇقىرى ساننى يارىتىشنىڭ ئارقىسىدىكى ئاساسلىق ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچنىڭ بىرى دەپ كۆرسەتكەن.»
ئۇ يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر تائاملىرىغا بولغان كۆز قارىشىدىكى بۇ روشەن زىددىيەتنى قانداق چۈشەندۈرۈش توغرىسىدا ئۆز قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ مۇنداق يازغان: «ئاددىي قىلىپ ئېيتقاندا، پارتىيە-دۆلەت ئۈچۈن ئەگەر ئۇيغۇر يېمەكلىكلىرى ‹شىنجاڭ يېمەكلىكلىرى› دېگەن نام بىلەن ئاتالسىلا، ئاندىن ئۇنى قوبۇل قىلىشقا بولىدۇ دەپ قارايدۇ… خىتاي كومپارتىيەسى ئاچ قالغان خىتاي ساياھەتچىلەر ئۈچۈن ئۇيغۇر تائاملىرىنى ‹شىنجاڭ يېمەكلىرى› دەپ بازارغا سالماقتا. ئەمما، ئەكسىچە، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى يەرلىك تائاملىرىنى ئۇيغۇر ئۆيلىرىدىن يوقىتىۋاتىدۇ.»
دوكتور تىمۇسىي گروس بۇ ھەقتىكى ئىنكاسىدا مۇنداق دېدى: « مېنىڭچە ئويلىنىشقا تېگىشلىك ئىش شۇكى، ساياھەت نۇقتىلىرىنىڭ، بولۇپمۇ ئۇيغۇر رايونىدىكى نۇرغۇن جايلاردىكى رېستورانلار، ئاشخانىلار ئومۇمى جەھەتتىن، شىنجاڭ ئاشخانىلىرى ياكى شىنجاڭ تائاملىرى دەپ ئاتىلىدۇ. مېنىڭچە بۇ ناھايىتى مۇھىم نۇقتا. چۈنكى بۇ ،خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ تەكرار پايدىلىنىۋاتقان ئومۇمىي ئەندىزىسىنىڭ قايتا كۈچەيتىلىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. يەنى، خىتاي بۇ ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئوخشاش يەرلىك مىللەتلەرگە ئائىت زېمىنى ئەمەسلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، بۇ، خىتايلارنى ئۇيغۇرلارنىڭ زېمىنىغا ئولتۇراقلاشتۇرۇش ئىستراتېگىيەسىنىڭ يەنە بىر قىسمىدۇر. شۇڭلاشقا، يېمەك-ئىچمەكنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ ئېلېمېنتلىرىنىمۇ ئۇيغۇرلارغىلا ئائىت بولماستىن، بەلكى كۆپ خىللاشقان جۇڭخۇا مىللىتىگە ئورتاق بولۇشقا ئۇرۇنۇۋاتىدۇ.»
گېرمانىيەدىكى ئىنسانشۇناسلىق پەنلىرى دوكتورى ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيەت تەتقىقاتچىسى ۋە بىر مەزگىل قەشقەردە ياشىغان رۇنې سىتېنبېرگ (Rune Stenberg) بۇ ھەقتىكى سۆھبىتىمىزگە داخىل بولغىنىدا، خىتاينىڭ نۆۋەتتە ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتىدە قوللىنىۋاتقان ئىستراتېگىيەلىك پىلانى توغرۇلۇق ئۆز قارىشىنى ئىپادىلىدى.
ئۇ يەنە مۇنداق دېدى:
مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاينىڭ نۆۋەتتە ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ ئۆزى ئۈچۈن پايدىسىز دەپ قارىغان تەرەپلىرىنى يوقىتىپ، ئۆزى ئۈچۈن «نەپ بېرىدىغان» ئېلېمېنتلارنى ئاتالمىش جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ بىر قىسمىغا ئايلاندۇرۇشقا ئۇرۇنۇشى ماھىيەتتە ئۇيغۇر كىملىكىنى يوقىتىشنىڭ بىر قىسمى ئىكەن.