مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى بىلەن ئەيىبلىنىۋاتقان خىتاي «شىنجاڭ ياخشى جاي» تەشۋىقاتىنى كۈچەيتكەن

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئۇيغار تەييارلىدى
2024.06.13
ussul-dubai خىتاينىڭ دۇبەيدىكى باش كونسۇلخانىسى ۋە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق چەت ئەل دوستلۇق جەمئىيىتى بىرلىكتە تەشكىللىگەن بىر ئۆمەك ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى دۇبەي شەھىرىدە ئۆتكۈزگەن «شىنجاڭ ياخشى جاي» نامىدىكى ناخشا ۋە ئۇسسۇل كېچىلىكى كۆرۈنۈشى. 2024-يىلى 6-ئىيۇن، دۇبەي
X/@CGPRCinDubai

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىگە سىياسىي ياكى ئىقتىسادىي جەھەتتىن باغلىنىپ قالغان مەملىكەتلەر ۋە مۇسۇلمان دۇنياسىغا قارىتا ئاتالمىش «شىنجاڭ ياخشى جاي» نامىدىكى ناخشا ۋە ئۇسسۇل كېچىلىكى قاتارلىق پائالىيەتلەر ئارقىلىق تەشۋىقاتىنى ھەسسىلەپ كۈچەيتكەنلىكى مەلۇم. ئۇيغۇرلار ۋەزىيىتىگە يېقىندىن دىققەت قىلىپ كېلىۋاتقان مۇتەخەسسىسلەر، خىتاينىڭ مۇشۇ خىل ۋاسىتىلەر ئارقىلىق، بىر تەرەپتىن ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئاقلاشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى، يەنە بىر تەرەپتىن ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى دېموكراتىك غەرب دۆلەتلىرىگە قارشى بىرلىك سەپ شەكىللەندۈرۈۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

«خىتاي خەۋەرلىرى تورى» نىڭ 6-ئاينىڭ 7-كۈندىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، 6-ئىيۇن كۈنى خىتاينىڭ دۇبەيدىكى باش كونسۇلخانىسى ۋە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق چەت ئەل دوستلۇق جەمئىيىتى بىرلىكتە تەشكىللىگەن بىر ئۆمەك ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى دۇبەي شەھىرىدە «شىنجاڭ ياخشى جاي» نامىدىكى ناخشا ۋە ئۇسسۇل كېچىلىكى ئۆتكۈزگەن. 30 غا يېقىن سەنئەتچىلەرنىڭ ئاساسلىقى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مۇقام ۋە سەنئەت ئۆمىكىدىن كەلگەن. دۇبەيدىكى ھەر ساھەدىكى 600 دەك كىشى، خىتاي مۇھاجىرلىرى ۋە خىتاي مەبلەغ سالغان كارخانىلارنىڭ ۋەكىللىرى ئويۇننى كۆرگىلى كەلگەن.

خىتاينىڭ دۇبەيدىكى باش كونسۇلى ئو بوچىيەن سۆزىدە شىنجاڭ چەت ئەل دوستلۇق جەمئىيىتىنىڭ نەچچە مىڭ چاقىرىم يول يۈرۈپ دۇبەيگە كېلىپ، چەت ئەلدىكى يەرلىك خىتايلارغا ئېسىل نومۇر بەرگەنلىكى ئۈچۈن مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ يەنە مۇنداق دېگەن: «ئەگەر سىز شىنجاڭنى زىيارەت قىلمىسىڭىز، خىتاينىڭ قانچىلىك چوڭلۇقىنى بىلمەيسىز، شىنجاڭنى زىيارەت قىلمىسىڭىز، خىتاينىڭ گۈزەللىكىنى بىلەلمەيسىز. ئويۇننى كۆرگىلى كەلگەنلەر خىتاينىڭ كۆلىمى ۋە گۈزەللىكىنى ھېس قىلالايدۇ.».

خىتاينىڭ بۇ خىل «شىنجاڭ ياخشى جاي» تەشۋىقات پائالىيىتىنىڭ ماھىيىتى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى،

گېرمانىيەدىكى ئۇيغۇرشۇناس دوكتور رۇنى ستېنبېرگ (Rune Stenberg) رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى دۇبەي شەھىرىدە «شىنجاڭ ياخشى جاي» نامىدىكى ناخشا ۋە ئۇسسۇل كېچىلىكىنىڭ مەزمۇنى، مەقسىتى ۋە خاراكتېرى ھەققىدە سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: «خىتاي ھۆكۈمىتى شەرقى تۈركىستاندىكى زۇلمى ۋە لاگېرلار تۈپەيلى ئوبرازى خۇنۈكلەشتى ۋە كۆپ زىيانغا ئۇچرىدى. شۇڭا ئۆزىنىڭ جىنايىتىنى ئاقلاش ئۈچۈن يېقىندىن بۇيان كۆپلەپ مەبلەغ سېلىپ ‹شىنجاڭ ياخشى جاي› نامىدىكى ناخشا ۋە ئۇسسۇل كېچىلىكى قاتارلىق تۈرلۈك پائالىيەتلەر ئارقىلىق تەشۋىقاتىنى ھەسسىلەپ كۈچەيتىۋاتىدۇ».

تۈركىيە ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوتسېنتى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئۆز ئىنكاسنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ خىل پائالىيەتلەر ئارقىلىق بىر تەرەپتىن شەرقى تۈركىستاندىكى ئىرقى قىرغىنچىلىقىنى ئىنكار قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ناخشا ئېيتىپ ئۇسۇل ئويناپ خۇشال-خۇرام ياشاۋاتقانلىقىنى تەشۋىق قىلىۋاتىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن ئەرەب دۇنياسىدىكى ئامېرىكىغا قارشى پىسخىكىسىدىن پايدىلىنىپ ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى دېموكراتىك غەرب دۆلەتلىرىگە قارشى بىرلىك سەپ شەكىللەندۈرۈۋاتىدۇ».

مەزكۇر خەۋەردە دېيىلىشىچە، دۇبەيدە 30 نەچچە يىل تۇرغان ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدىكى «شىنجاڭ سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى» نىڭ رەئىسى ئابلەت مەمەت «شىنجاڭ ياخشى جاي» نامىدىكى ناخشا ۋە ئۇسسۇل كېچىلىكىگە قاتناشقان كىشىلەردىن بىرى بولۇپ، ئۇ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق چەت ئەل دوستلۇق جەمئىيىتىنىڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنى باشلاپ، ئويۇن قويۇشقا رەھبەرلىك قىلغانلىقىغا ئىنتايىن مىننەتدار ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ مۇنداق دېگەن: «بۇ ئويۇن ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى دۇبەيدە ياشايدىغان مۇھاجىر قېرىنداشلارغا شىنجاڭنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئىگە سەنئەت زىياپىتى بەرگەن بولدى».

نېمە ئۈچۈن مۇخبىرلار «شىنجاڭ سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى» نىڭ رەئىسى ئابلەت مەمەتنى زىيارەت قىلىپ ئۇنىڭ سۆزىگە ئالاھىدە ئۇرۇن بېرىدۇ؟ خىتاينىڭ بۇ خىل تەشۋىقاتى بىر نەتىجە بېرەمدۇ؟

دوكتور ئەركىن ئەكرەم بۇ سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: «خىتاي مۇسۇلمانلارغا قارىتا بىر ئۇيغۇر ۋە مۇسۇلماننى ئىشلىتىپ تۇرۇپ تەشۋىقات قىلسا ئىشەنچلىك بولىدۇ دەپ ئويلىدى. ئۇيغۇرنىڭ ئېغىزىدىن يالغان ئۇچۇر تارقىتىۋاتىدۇ. خىتاينىڭ بۇ تەشۋىقاتى ۋاقىتلىق ئۈنۈملۈك بولسىمۇ، ئۇزۇن مۇددەتتە خىتاينىڭ بۇ خىل تەشۋىقاتى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولمايدۇ».

6-ئاينىڭ 2- ۋە 3-كۈنى كەچتە خىتاي دائىرىلىرى باشلاپ كەلگەن مەزكۇر سەنئەتچىلەر تۈركىيەنىڭ ئەڭ چوڭ شەھىرى ئىستانبۇل ۋە پايتەخت ئەنقەرەدە «شىنجاڭ ياخشى جاي» نامىدىكى ناخشا ۋە ئۇسسۇل كېچىلىكى ئۆتكۈزگەنىدى. بۇ ناخشا-ئۇسسۇل كېچىلىكى ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلگەندە، تۈركىيەدە ياشاۋاتقان يۈزلىگەن ئۇيغۇرلار ئۇنىڭغا قارشى نامايىش ئېلىپ بارغانىدى.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇرلارنىڭ ئېسىل ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى، جۈملىدىن ناخشا-ئۇسسۇل سەنئىتىنى ئاتالمىش «جۇڭخۇا مەدەنىيىتى» بىلەن يۇغۇرۇشنى كۈچەپ تەشۋىق قىلغانلىقى ۋە ئەمەلىيلەشتۈرگەنلىكى مەلۇم. ئۇيغۇرلار توي-تۆكۈن ۋە ھېيت-بايراملىرىنى ئۆز ئادىتى ھەم ئارزۇسى بويىچە ئۆتكۈزەلمەيۋاتقان بولۇپ، بۇنىڭ ئورنىغا خىتايلارنىڭ چاغان، پانۇس بايرىمى ۋە تاڭزۇڭزا بايرىمى قاتارلىق بايراملىرىنى تەبرىكلەشكە مەجبۇرلىنىپ كېلىۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا. دوكتور رۇنى ستېنبېرگ ۋە ئەركىن ئەكرەم قاتارلىق تەتقىقاتچىلار خىتاينىڭ بۇ سىياسىتىنى «مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى» دەپ ئەيىبلەپ، «خىتاي ھۆكۈمىتى مىللىي ۋە دىنىي كىملىكى كۈچلۈك بولغان ئۇيغۇرلارنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىپ، خىتايدىن ئىبارەت بىرلا ئۇلۇس دۆلىتى يارىتىشقا ئۇرۇنماقتا» دەپ ئەيىبلىگەن ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.