ئۇيغۇر ناخشىچىنىڭ «خو خېي» ناخشىسى خىتاينىڭ مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقىنىڭ قايسى دەرىجىگە يەتكەنلىكىنى كۆرسەتتى
2024.10.24
خىتاينىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇلىرىدا تارقىلىۋاتقان ئۇيغۇر مودا ناخشا-مۇزىكىلىرىنىڭ بارغانسېرى خىتايچە ئۇسلۇبنى ئېلىشى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر سەنئەتكارلار ۋە كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتماقتا. جۈملىدىن يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىدە خەلق ناخشىلىرىنى يېڭىچە ئۇسلۇبتا ئېيتىپ تونۇلغان ياش ناخشىچىلاردىن ئادىلجان مەمتىمىننىڭ خىتاينىڭ «ياڭگېر ئۇسسۇلى» مۇزىكىسىغا تەڭكەش قىلىپ ئېيتقان «خو خېي» (吼嘿) ناملىق ناخشىسى خىتاينىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇلىرىدا كەڭ تارالماقتا.
مەزكۇر ناخشىنىڭ تېكىستى ئۇيغۇرچە بولسىمۇ، ئاھاڭى پۈتۈنلەي خىتايچە، يەنى خىتاينىڭ ئەنئەنىۋى «ياڭگېر ئۇسسۇلى» مۇزىكىسىنىڭ ئاھاڭىدا بولۇپ، ئۇيغۇر ئېلىدىكى چولپانلار ئۇنىڭدا رول ئېلىپ، ناخشىنىڭ نەقرات قىسىمىدا «吼嘿» دەپ تەڭ توۋلايدۇ.
ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ۋىدىيودا بىر توپ ياشنىڭ ھاراق سورۇنىدا قىزلارغا «گەپ ئېتىش» ى ناخشىغا سېلىنغان بولۇپ، خىتايچە تېكىست ئۇيغۇر خەلق ناخشىلىرىنىڭ ئاھاڭىغا ماسلاشتۇرۇلغان. مەزكۇر ناخشىنىڭ ۋىدىيوسىدا بولسا زابوي يىگىتلەر بىلەن ئۇسسۇلچى قىزلار تەشۋىقات ئوبيېكتى بولغان.
كۆزەتكۈچىلەر بۇ خىل يۈزلىنىشنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا كەڭ تەشۋىق قىلىنىشىنى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى مەدەنىيەت جەھەتتە ۋەيران قىلىش سىياسىتىنىڭ بىر قىسمى دەپ كۆرسەتمەكتە. مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر سەنئەتكارلار بولسا خىتاينىڭ ئۇيغۇر سەنئەتكارلىرىنى تەشۋىقات قورالى قىلىۋالغانلىقىدىن ئۆكۈنگەن.
فىرانسىيەدىكى «WTFkistan» روك مۇزىكا ئەترىتىنىڭ قۇرغۇچىسى مىركامىل تۇرغۇن بۇ ھەقتە رادىيومىزغا سۆز قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مۇشۇنداق تەشۋىقات ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت سەنئىتىگە ھاقارەت قىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ يەنە خىتاينىڭ ئەزەلدىن ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئۇيغۇر قىزلىرىنى «ئۇسسۇلچى گۇلى»، ئوغۇللىرىنى «كاۋاپچى مەيمەيتى» دەپ تەشۋىق قىلىش ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنى پەس كۆرسىتىپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى.
خىتاينىڭ CGTN قانىلىنىڭ بۇ يىل سېنتەبىردىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ باش سېكرېتارى شى جىنپىڭ شى جىنپىڭ مەركىزى پارتىيە مەكتىپى كۇرسانتلىرىغا بەرگەن يوليورۇقىدا، ئۇيغۇر ئېلىدە «جۇڭخۇا مىللەتلىرى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى بەرپا قىلىش» تەشۋىقاتىنى تېخىمۇ قاتتىق كۈچەيتىشنى تەلەپ قىلغانىدى.
بۇ ھەقتە ئاۋسترالىيەدىكى سەنئەتكار، ئۇيغۇر مۇقام ۋارىسى شۆھرەت تۇرسۇن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت سەنئىتىنى يوقىتىش ئۇرۇنۇشىغا بولغان ئەندىشىسىنى، شۇنداقلا ئۇيغۇر سەنئىتىنىڭ يوقالمايدىغانلىقىغا بولغان ئۈمىدىنى بىلدۈردى.
ئامېرىكادىكى سىياسىي ئانالىزچى ئىلشات ھەسەن ئەپەندى بۇ ھەقتە رادىيومىزغا سۆز قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن پۈتۈن كۈچى بىلەن ماڭقۇرتقا ئايلاندۇرۇلۇش كىرىزىسىگە دۇچ كېلىۋاتقانلىقنى تەكىتلىدى.
چېن چۈەنگو 2016-يىلى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا پارتكوم سېكرېتارى بولغان يىللاردا «جۇڭخۇا مىللەتلىرى ئورتاق ئېڭى» نى تەكىتلەپ، ئۇيغۇرلارنى «خىتاي كىملىكى» نى قوبۇل قىلىش، خىتايلار بىلەن «قوشماق تۇغقان» بولۇش سىياسىتىنى يۈرگۈزگەن. بۇنى قوبۇل قىلمىغانلارنى «دىنىي ئەسەبىي» ياكى «بۆلگۈنچى» دېگەندەك قالپاقلار بىلەن لاگېرلارغا قامىغان ياكى تۈرمىلەرگە بەنت قىلغانىدى.
قازاقىستانلىق ئۇيغۇر سەنئەتكار سانىيەم ئىسمائىل ئۇيغۇر سەنئىتىنىڭ ئۇزۇن يىللىق تارىخقا ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر سەنئەتكارلارنى بۇ مەدەنىيەتكە ئىگە چىقىشقا چاقىردى.