ئالماتادا ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى ۋە مەدەنىيىتىگە دائىر تەتقىقات ماقالىلىرى كىتابى نەشر قىلىندى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئويغان
2014.10.31
uyghurshunasliq-tetqiqatliri-kitabining-muqawisi.jpg «ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى ۋە مەدەنىيىتى بويىچە تەتقىقاتلار» ناملىق كىتاب
RFA/Oyghan

يېقىندا ئالماتا شەھىرىدىكى «مىر» نەشرىيات ئۆيى تەرىپىدىن «ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى ۋە مەدەنىيىتى بويىچە تەتقىقاتلار» ناملىق كىتاب يورۇققا چىقتى. مەزكۇر كىتاب قازاقىستان جۇمھۇرىيىتى بىلىم ۋە پەن مىنىستىرلىقى ر. سۈلېيمېنوف نامىدىكى شەرقشۇناسلىق ئىنستىتۇتى يېنىدىكى ئۇيغۇرشۇناسلىق مەركىزىنىڭ خادىملىرى تەرىپىدىن تەييارلاندى.

مەركەز خادىملىرى مۇشۇ يىلى ئۈچ كىتاب نەشر قىلغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىككىسى، يەنى «مەركىزىي ئاسىيادىكى مىللەتلەر ۋە مەدەنىيەت» ھەم «ماھمۇت قەشقەرىنىڭ دۇنيا مەدەنىيەت مىراسىغا قوشقان تۆھپىسى» دەپ ئاتىلىپ، بۇ كىتابلار شۇ ناملار بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرىدا ئوقۇلغان دوكلاتلاردىن تۈزۈلگەن. ئەمدى «ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى ۋە مەدەنىيىتى بويىچە تەتقىقاتلار» ناملىق كىتاب مەخسۇس ئۇيغۇرشۇناسلىق تەتقىقاتلار يۆنىلىشىدىكى ئەمگەك بولۇپ، ئۇنىڭ دەسلەپكىسى ئۆتكەن يىلى مەركەز خادىملىرى تەرىپىدىن نەشر قىلىندى. بۇنىڭ ئاپتورى تارىخچى ئالىم، قازاقىستاندا ئاز ئۇچرايدىغان ھىند تىلى مۇتەخەسسىسى، تارىخ پەنلىرىنىڭ نامزاتى مەرھۇم ئەكرەم ئەنۋەروف ئىدى.

تارىخ پەنلىرىنىڭ دوكتورلىرى شايزادا توختابايېۋا ۋە ئەنۋەر غالىيېفلارنىڭ بەرگەن ئىجابىي پىكىرلىرى ئاساسىدا ۋە شەرقشۇناسلىق ئىنستىتۇتىنىڭ ئىلمىي كېڭىشى تەرىپىدىن تەۋسىيە قىلىنغان «ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى ۋە مەدەنىيىتى بويىچە تەتقىقاتلار» كىتابىدا ئورۇن ئالغان ماقالىلەر رۇس ۋە قازاق تىللىرىدا بېرىلىپ، تارىخچى، تىلشۇناس، ئەدەبىياتشۇناس ۋە ئىختىساتشۇناس ئالىملارنىڭ مەخسۇس مەملىكەتلىك ئىلمىي لايىھىلەر پروگراممىسى بويىچە ئېلىپ بارغان تەتقىقاتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

كىتاب 19 باسما تاۋاق ھەجىمىدىن ئىبارەت بولۇپ، ئىلمىي خادىملارغا، ئالىي ئوقۇش ئورۇنلىرى ئوقۇغۇچىلىرى ۋە شەرقشۇناسلىق، جۈملىدىن ئۇيغۇرشۇناسلىق مەسىلىلىرىگە قىزىققۇچىلارغا بېغىشلانغان.

توپلامنىڭ دەسلەپكى سەھىپىلىرىدە تارىخ پەنلىرىنىڭ دوكتورلىرى رىسالەت كەرىموۋانىڭ «قەدىمىي ۋە دەسلەپكى ئوتتۇرا ئەسىرلەردىكى شەرقىي تۈركىستان مەملىكەتلىرى ۋە شەھەرلىرى» ۋە ئابلەت كامالوفنىڭ «خىتاينىڭ دەسلەپكى تاڭ سۇلالىسىدىكى تۈركىيلەر، ئۇيغۇرلار ۋە سوغدىلار» دېگەن ماقالىلىرى ئورۇن ئالغان. تەتقىقاتچىلار دۇنيانىڭ ئاتاقلىق ئالىملىرىنىڭ ئەمگەكلىرىگە يانداشقان ھالدا قىزىقارلىق مەلۇماتلارنى كەلتۈرىدۇ. توپلامغا شۇنداقلا خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئىقتىسادىي سىياسىتى بويىچە مۇتەخەسسىس گۈلجاھان ھاجىيېۋانىڭ «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى، خىتاي خەلق جۇمھۇرىيتىنىڭ غەربىي دىيارنى كەڭ كۆلەمدە ئۆزلەشتۈرۈش ئىستراتېگىيىسىدە» ناملىق ماقالىسىمۇ كىرگۈزۈلگەن. ئالىم كېيىنكى ۋاقىتلاردا ئۇيغۇر دىيارىنىڭ بولۇپمۇ ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرى بىلەن چېگراداش بولغان شىمالىي رايونلىرىدىكى ئىقتىسادىي مەسىلىلىرىنى يورۇتىدۇ.

كىتابنىڭ ئاساسىي قىسمىنى ئەدەبىياتشۇناسلىق، تىلشۇناسلىق ۋە مەنبەشۇناسلىق مەسىلىلىرى تەشكىل قىلىدۇ. ئاتاپ ئېيتقاندا، فىلولوگىيە پەنلىرىنىڭ نامزاتلىرى گۈلبەھرەم مولوتوۋانىڭ «ئېغىز ۋە يازما ئەدەبىياتنىڭ ئالاقىسى (قەدىمىي ۋە ئوتتۇرا ئەسىر يازما يادىكارلىقلىرى مىسالىدا)، رەخمەتجان يۈسۈپوفنىڭ «خىرقەتى مىراسى: ئۇنىڭ ئىجادىيىتىنىڭ ژانىرلىق ۋە بەدىئىي ئۆزگىچىلىكى»، گۈلنارە ئاۋۇتوۋانىڭ «شائىر لۇتفىنىڭ ئىجادىي مىراسى»، خالمىنەم مەسىموۋانىڭ «تاۋارىخىي مۇسىقىئۇن تەتقىقاتىنىڭ تاۋۇشلۇق ۋە لېكسىكا - سىمانتىكىلىق ئالاھىدىلىكى»، شائىرەم باراتوۋانىڭ «مۇھىم قۇرۇلۇملارنىڭ ئۆلچىمى ۋە رىتىمى» ھەم ياش مۇتەخەسسىس ئېلۋىرا مولوتوۋانىڭ «تەزكىرەئىي بۇغراخان بويىچە قاراخانىيلار مەملىكىتىنىڭ تارىخى» ناملىق ماقالىلىرىدە ئۇيغۇر خەلق ئېغىز ئىجادىيىتى، ئوتتۇرا ۋە يېقىنقى دەۋردىكى ئەدەبىي ۋە تارىخىي يادىكارلىقلارنىڭ مۇھىم مەسىلىلىرى قاراشتۇرۇلىدۇ.

ئېگىلىشىمىزچە، ئۇيغۇرشۇناسلىق مەركىزى خادىملىرى كېلەچەكتىمۇ ئۇيغۇر تارىخى ۋە مەدەنىيىتىگە، ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىي دىيارىدىكى سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي مەسىلىلەرگە دائىر تەتقىقاتلارنى نەشر قىلىپ تۇرۇشنى مەقسەت قىلماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.