خەلق سەنئەتكارى، ئۇستاز سازەندە مۇساجان روزى:«مەن خەلقىمگە بىرنېمە قالدۇرمىسام، قەرزدار بولۇپ قالىمەن» (8)
2014.10.31
سابىق شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلۇشىدىكى جەڭلەردە ئۆزىنىڭ قەھرىمانلىقى بىلەن تونۇلغان، مول مەزمۇنلۇق، يېقىملىق، ياڭراق ناخشىلىرى،ئۆلمەس ئىجادىي مۇزىكىلىرى بىلەن خەلق قەلبىدىن ئورۇن ئېلىپ كەلگەن، خەلق سەنئەتكارى، سەنئەت مائارىپچىسى، مۇزىكا ئۇستازى مۇساجان روزى بۇ يىل توقسان ياشتىن ھالقىدى. ئۇنىڭ سەنئەت بىلەن شوغۇللانغانلىقىغا سەكسەن يىل بولدى.
بىز شۇ مۇناسىۋەت بىلەن، ئۇستاز سازەندە مۇساجان روزىنىڭ 90 ياشتىن ھالىقىغانلىقىنى قۇتلۇقلاش ۋە شۇنداقلا ئۇنىڭ ھايات سەرگۈزەشتىلىرى ھەققىدە ئەتراپلىق مەلۇماتقا ئېرىشىش ئۈچۈن، ھازىر ئىلىنىڭ پەنجىم يېزىسىدا دەم ئېلىۋاتقان مۇساجان روزى ئاكا بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردۇق.
مەزكۇر سۆھبەتنىڭ بۇ قىسمىدا، مۇزىكا ئۇستازى مۇساجان روزى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مۇزىكا سەنئىتىگە ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشقان ئاتاقلىق سازەندە ئىجاتكارلاردىن زېكرى ئەلپەتتاھ، غىياسىدىن بارات قاتارلىق تۆھپىكار ئۇستازلارنىڭ ئىجادىيەتلىرى شۇنداقلا ئۆزىنىڭ ھازىر يېزىۋاتقان ھايات ئەسلىمىسى،ئۇيغۇر مۇزىكا چالغۇ - ئەسۋاپلىرىنى ياساش توغرىسىدىكى ئىزدىنىشلىرى ھەققىدىكى تەتقىقاتى توغرىسىدا توختىلىپ ئۆتتى.
يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.









