قازاقىستان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا 2014 - يىلى يۈز بەرگەن مۇھىم ۋەقەلەر
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئويغان
2014.12.31
2014.12.31
يازغۇچى ۋە دراماتۇرگ ئەخمەتجان ھاشىروف (سولدا) تۈرك مەدەنىيىتى خەلقئارا تەشكىلاتنىڭ باش كاتىبى دۇيسەن قاسېئىنوف بىلەن بىللە، 2014 -يىلى تۈركىيە
قازاقىستانلىق ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ ئۆتمۈش تارىخى، مەدەنىيىتى، ئەدەبىياتى، مائارىپى ۋە باشقا ساھەلىرىدە يۈز بەرگەن مۇھىم ۋەقەلەرنى ئەسلەش، بۈيۈك نامايەندىلىرى ھۆرمىتىگە ئاممىۋىي پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈش ۋە باشقا پائالىيەتلەرگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈپ كەلمەكتە. شۇ جۈملىدىن ئەدەبىيات ساھەسىدىمۇ بىر قاتار پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلدى.
2014 - يىلى قازاقىستانلىق ئۇيغۇرلار ئەدەبىيات ساھەسىدە قانداق پائالىيەتلەرنى ئۇيۇشتۇردى؟ ئۇيغۇر يازغۇچىلىرى قانداق ئۇتۇقلارغا ئېرىشتى؟
بىز بۇ ھەقتە قازاقىستان يازغۇچىلار ئىتتىپاقى تارمىقىدىكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتى بۆلۈمىنىڭ باشلىقى، يازغۇچى ۋە دراماتۇرگ ئەخمەتجان ھاشىروف بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.









