پىروفېسسور دوكتور ئوسمان مەرت: «مەھمۇد قەشقەرىنىڭ تۈركىي تىللار دىۋانى تۈرك دۇنياسىنى بىرلەشتۈرمەكتە»
2024.12.06

ب د ت مائارىپ، ئىلىم-پەن ۋە مەدەنىيەت تەشكىلاتى (يۇنېسكو) 2017-يىلى «تۈركىي تىللار دىۋانى» نى غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسى تىزىملىكىگە كىرگۈزگەندىن كېيىن دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا «تۈركىي تىللار دىۋانى» ھەققىدە خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرى چاقىرىلماقتا.
12-ئاينىڭ 4-كۈنىدىن 6-كۈنىگىچە تۈركىيەنىڭ شىمالىدىكى دەنىزلى شەھىرىدىكى پامۇكقالە ئۇنىۋېرسىتېتىدا مەھمۇد قەشقەرى تۈزگەن «تۈركىي تىللار دىۋانى» نىڭ 950-يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن «خەلقئارالىق تۈركىي تىللار دىۋانى ۋە تۈرك دۇنياسى» ماۋزۇلۇق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى چاقىرىلدى. يىغىندا سۆز قىلغان تۈركىيە تىل تەتقىقات ئىدارىسىنىڭ باشلىقى پىروفېسسور دوكتور ئوسمان مەرت ئەپەندى مەھمۇد قەشقەرىنىڭ تۈرك دۇنياسىنى بىرلەشتۈرگەنلىكىنى تەكىتلىدى.
قازاقىستان، ئەزەربەيجان، قىرغىزىستان، تۈركمەنىستان، ئۆزبېكىستان ۋە تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىن كەلگەن 78 تۈركولوگ قاتناشقان بۇ ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا سۆز قىلغان دەنىزلى ۋالىسى ئۆمەر فارۇق جوشقۇن، پامۇكقالە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇدىرى پىروفېسسور دوكتور ئەخمەت قۇتلۇخان، تۈركىيە تىل تەتقىقات ئىدارىسىنىڭ باشلىقى پىروفېسسور دوكتور ئوسمان مەرت ئەپەندى، يۇنېسكو تۈركىيە شۆبىسىنىڭ باشلىقى پىروفېسسور دوكتور ئۆجال ئوغۇز ئەپەندى سۆزىدە مەھمۇد قەشقەرى ۋە ئۇنىڭ ئۆلمەس ئەسىرى «تۈركىي تىللار دىۋانى» نىڭ تۈرك تىلى ۋە تۈرك مەدەنىيىتىگە قوشقان تۆھپىسىنىڭ زور ئىكەنلىكىنى، 9 ئەسىر ئۆتكەندىن كېيىنكى بۈگۈنكى كۈندە تۈرك دۇنياسىنى بىرلەشتۈرۈۋاتقانلىقىنى تەكىتلەشتى. بۇ ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىغا قاتناشقان 78 تۈركولوگ 12-ئاينىڭ 4-كۈنىدىن 6-كۈنىگىچە مەھمۇد قەشقەرىنىڭ ھاياتى ۋە ئۇنىڭ ئۆلمەس ئەسىرى «تۈركىي تىللار دىۋانى» ھەققىدە يازغان ئىلمىي ماقالىلىرىنى ئوقۇپ ئۆتتى.
بۇ ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىغا مەھمۇد قەشقەرى ھەققىدە كۆپ ساندا تەتقىقات ئېلىپ بارغان ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن تۈركىيە ئەگە ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى، پىروفېسسور دوكتور ئالىمجان ئىنايەت «تۈركىي تىللار دىۋانى» ھەققىدە يازغان ئىلمىي ماقالىسىنى ئوقۇپ ئۆتتى.
يۇنېسكو تۈركىيە شۆبىسىنىڭ مۇدىرى، پىروفېسسور دوكتور ئۆجال ئوغۇز ئەپەندى ئېچىلىش مۇراسىمىدا سۆز قىلىپ، يۇنېسكونىڭ ئۇيغۇر مۇقامى بىلەن مەشرەپنى غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسى تىزىملىكىگە كىرگۈزگەنلىكىنى، باشقا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلەرنىڭ قوللىشى بىلەن تۈركىيەنىڭمۇ «تۈركىي تىللار دىۋانى» نى غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسى تىزىملىكىگە كىرگۈزگەنلىكىنى بايان قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «بىزنىڭ 30 ئەتراپىدا مىراسىمىز يۇنېسكو تەرىپىدىن غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى. تۈركىيەدىن باشقا تۈركىي خەلقلەرنىڭ مىراسلىرىمۇ مەزكۇر تىزىملىكتە مەۋجۇت. 2017-يىلىدا بىز تۈركىيە نامىدىن «تۈركىي تىللار دىۋانى» نى يۇنېسكوغا سۇنغان ئىدۇق، قوبۇل قىلىندى. دۇنيا مىراسلىرى تىزىملىكىگە ئېلىشنىڭ بىرلا شەرتى بار ئىدى، ئۇ بولسىمۇ ئۇ ئەسەرنىڭ بىزدە ساقلىنىۋاتقان بولۇشى ئىدى. «تۈركىي تىللار دىۋانى» نىڭ ئارگىنالى ئىستانبۇلدىكى مىللەت كۇتۇپخانىسىدا ساقلانماقتا».
«تۈركىي تىللار دىۋانى» يېزىلغانلىقىنىڭ 950-يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن بۇ يىلنىڭ بېشىدا قىرغىزىستاننىڭ پايتەختى بىشكەكتە، ئارقىدىن ئەزەربەيجاننىڭ پايتەختى باكۇدا، ئۆتكەن ئايدا تۈركىيەنىڭ قەھرىمانماراش ۋىلايىتىدە «تۈركىي تىللار دىۋانى» ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى چاقىرىلغان بولۇپ، تۈركىيە تىل تەتقىقات ئىدارىسىنىڭ باشلىقى پىروفېسسور دوكتور ئوسمان مەرت ئەپەندى بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «بۇ يىغىننىڭ بىرىنچىسىنى بىشكەكتە ئۆتكۈزدۇق. ھەممىمىزگە مەلۇم «تۈركىي تىللار دىۋانى» پەقەتلا تۈركىيە تۈركلىرىنىڭ ئەمەس، پۈتۈن تۈركىي خەلقلەرنىڭ ئەسىرى، شۇڭا تۈركىي خەلق جۇمھۇرىيەتلىرىدىمۇ ئۆتكۈزەيلى دېدۇق. مەقسىتىمىز «تۈركىي تىللار دىۋانى» ئارقىلىق تۈركىي خەلقلەرنى بىرلەشتۈرۈش ئىدى، بۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇۋاتىمىز. كېيىن ئەزەربەيجاندا تۇنجى ئەرەبچە نۇسخىسى نەشر قىلىندى. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن بۇ يەردە ئۆتكۈزدۇق. ئارقىدىن تۈركىيەنىڭ قەھرىمانماراش شەھىرىدە ئۆتكۈزدۇق. بۈگۈن دېنىزلى شەھىرىدە ئۆتكۈزۈپ ئولتۇرۇپتىمىز. بۈگۈنكى كۈندە ‹تۈركىي تىللار دىۋانى› تۈرك دۇنياسىنى بىرلەشتۈردى».
ئۇيغۇر زىيالىيلىرى گەرچە ئۆز ۋەتىنىدە ئۇلۇغ ئالىمى مەھمۇد قەشقەرى يازغان «تۈركىي تىللار دىۋانى» يېزىلغانلىقىنىڭ 950-يىللىقىنى قۇتلىيالمىغىنىغا كۆڭلى يېرىم بولۇۋاتقان بولسىمۇ، تۈرك دۇنياسىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا بۇنداق كۆركەملىك ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرىنىڭ چاقىرىلغانلىقىدىن ئىنتايىن خۇرسەن بولۇۋاتقانلىقىنى بايان قىلىشماقتا. پىروفېسسور دوكتور ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى يىغىن توغرىسىدىكى تەسىراتىنى بىز بىلەن ئورتاقلاشتى. ئۇ، «تۈركىي تىللار دىۋانى» نىڭ يۇقىرى ئىلمىي قىممەتكە ئىگە بولۇپلا قالماستىن، شەرقىي تۈركىستاننى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتىنى تونۇشتۇرۇش ئۈچۈنمۇ زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
ئۇيغۇر زىيالىيلىرى بۇ خىل ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرىدا ئۆزلىرىنىڭ مەھمۇد قەشقەرى ھەققىدە ئېلىپ بارغان ئىلمىي ماقالىلىرىنى ئوقۇپ ئۆتۈش بىلەن بىرلىكتە، خىتايلارنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى، بولۇپمۇ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا تىلىدا ئوقۇتۇش ۋە تەلىم-تەربىيە ئېلىپ بېرىشىغا توسقۇنلۇق قىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشمەكتە.