مەھمۇد قەشقەرى ۋە ھۈسەيىن تەجەللى ھەيكىلىنىڭ چېقىۋېتىلگەنلىكى دەلىللەندى

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر تەييارلىدى
2024.10.04
Opal_mehmud-kashgiri-maziri-heykel قەشقەر ۋىلايىتى كوناشەھەر ناھىيەسى ئوپال يېزىسىدىكى ھەزرىتى موللام (مەھمۇد كاشىغەرى) مازىرىدىكى مەھمۇد كاشىغەرىنىڭ ھەيكىلى. 2015-يىلى 11-سېنتەبىر، ئوپال
wikipedia.org

نورۋېگىيەدىكى ئۇيغۇر يار فوندىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، 2017-يىلدىكى چوڭ تۇتقۇندا ئۇيغۇرلارنىڭ ھايات ياشاۋاتقان سەر خىللىرى زەربىگە ئۇچراپلا قالماستىن، ئۇيغۇر تارىخىدىكى مەشھۇر شەخسلەرنىڭ ھەيكەللىرىمۇ نىشانلىق زەربە بېرىش ئوبيېكتىغا ئايلانغان. ئۇيغۇر يار فوندىنىڭ ئىگىلىشىچە، قەشقەردىكى مەھمۇد قەشقىرى ھەيكىلى، قاغىلىقتىكى مەۋلانە ھۈسەيىن تەجەللى ھەيكىلى ۋە ئاقسۇدىكى موللا مۇسا سايرامى ھەيكىلى قاتارلىقلار 2018‏-يىلى ئومۇميۈزلۈك ھالدا چېقىۋېتىلگەن.

بىز بۇ ئۇچۇرنىڭ توغرا-خاتالىقىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش ئۈچۈن قەشقەردىكى ئالاقىدار ئىدارە-ئورگانلارغا تېلېفون قىلدۇق. تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان كوناشەھەر ناھىيەلىك مەدەنىيەت ۋە ساياھەت ئىدارىسى خادىمى مەھمۇد قەشقىرى ھەيكىلىنىڭ چېقىۋېتىلگەنلىكىنى دەلىللىدى. قەشقەر شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ مەدەنىيەت-ساياھەت ئىشلىرىغا مەسئۇل بىر خادىمىمۇ مەھمۇد قەشقىرىنىڭ ھەيكىلىنىڭ چېقىۋېتىلگەنلىكىنى دەلىللىدى.

 تەتقىقاتچى ئابدۇۋەلى ئايۇپ، بۇ ھەيكەلنىڭ چېقىلغانلىقىنى ئاڭلىغان چېغىدا قىلچە ھەيران قالمىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇنىڭ دېيىشىچە، ئۇيغۇر پېشۋالىرىنىڭ قىممەتلىك يازمىلىرى جەمئىيەتنىڭ ئوقۇمۇشلۇق قاتلىمىغا ئۆز تەسىرىنى كۆرسەتسە، ھەيكەللەر 7 ياشتىن 70 ياشقىچە بولغان بارلىق كىشىلەرگە تەسىر كۆرسىتىش، ئەسلىتىش ۋە ئۈلگە يارىتىش رولىغا ئىگە؛ شۇڭا خىتاي دائىرىلىرى بۇ ھەيكەللەرنى چېقىۋېتىش ئارقىلىق ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى يىلتىزىدىن ۋە ئومۇميۈزلۈك يوقىتىشنى نىشانلىغان.

 قاغىلىق ناھىيەلىك ساقچى ئىدارىسى خادىمى قاغىلىق مىللىي تېبابەت دوختۇرخانا قورۇسىدىكى مەۋلانە ھۈسەيىن تەجەللىي ھەيكىلىنىڭ چېقىۋېتىلگەنلىكىنى ئاشكارىلىدى. بۇ خادىم يەنە ھەيكەلنى چېقىشقا «مەي جىڭگۈەن» دەپ تونۇلغان بىر ساقچىنىڭ مەسئۇل بولغانلىقىنى مەلۇم قىلدى.

 ئۇيغۇر پېشىۋالىرىنىڭ ھەربىرىنىڭ ئۇيغۇر تارىخىدا ئۆزىگە خاس ئورنى ۋە ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە ئۆزىگە خاس تەسىرى بارلىقىنى تەكىتلىگەن ئابدۇۋەلى ئايۇپ، مەھمۇد قەشقىرىنىڭ «تۈركى تىللار دىۋانى» ئارقىلىق ئۇيغۇر ۋە خىتاي مەدەنىيىتى ئارىسىدىكى تاغدەك بىر چېگرانى سىزىپ ھەم كۆرسىتىپ بەرگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ئۇنىڭ دېيىشىچە، مانا بۇ يىمىرىلمەس چېگرا، ئۆزىنىڭ «دۆلەت پۈتۈنلۈكى» دىن، يەنى مۇستەملىكىچى ھاكىمىيىتىنىڭ كېلەچىكىدىن ئەندىشە قىلىپ كېلىۋاتقان خىتاي دائىرىلىرىنى قاتتىق بىئارام قىلغان.

 ئابدۇۋەلى ئايۇپ يەنە ھۈسەيىن تەجەللىي ھەيكىلىنىڭ چېقىلىش سەۋەبى ئۈستىدە توختىلىپ ئۆتتى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.