مەھمۇد قەشقەرىنىڭ قەشقەردىكى مەقبەرىسى تاقىۋېتىلگەن

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر تەييارلىدى
2024.10.02
Opal_mehmud-kashgiri-maziri-heykel قەشقەر ۋىلايىتى كوناشەھەر ناھىيەسى ئوپال يېزىسىدىكى ھەزرىتى موللام (مەھمۇد كاشىغەرى) مازىرىدىكى مەھمۇد كاشىغەرىنىڭ ھەيكىلى. 2015-يىلى 11-سېنتەبىر، ئوپال
wikipedia.org

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قەشقەردىكى يەرلىك دائىرىلىرى مەھمۇد قەشقىرى مەقبەرىسىنىڭ تاقىۋېتىلگەنلىكىنى دەلىللىدى، ئەمما تاقىلىش سەۋەبىنى دەپ بېرەلمىدى.

يېقىنقى بىر ئىجتىمائىي تاراتقۇ خەۋىرىدە مەھمۇد قەشقىرىنىڭ قەشقەردىكى مەقبەرىسىنىڭ تاقىۋېتىلگەنلىكى ھەققىدە ئۇچۇرلار تارقالغان ئىدى. مۇخبىرىمىزنىڭ قەشقەردىكى ئالاقىدار ئورۇنلارغا قارىتا تېلېفون زىيارەتلىرى داۋامىدا، مەزكۇر مەقبەرىنىڭ تاقىۋېتىلگەنلىكى دەلىللەندى. دائىرىلەر مەقبەرىنىڭ تاقىلىشىنىڭ ۋاقىتلىق ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما نېمە سەۋەبتىن تاقالغانلىقى ۋە قاچان قايتا ئېچىلىدىغانلىقى ھەققىدە جاۋاب بېرەلمىدى.

نورۋېگىيەدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇريار فوندىنىڭ يېتەكچىسى ئابدۇۋەلى ئايۇپ ئالدىنقى يىلى ئالاقىدار قاناللىرى ئارقىلىق مەھمۇد قەشقىرى مەقبەرىسىنىڭ تاقالغانلىقى ھەققىدە بىر ئۇچۇر ئالغان ۋە بۇ ئۇچۇرنى ئارخىپلاشتۇرۇپ ئالاقىدار خەلقئارا ئورگانلارغا تەقدىم قىلغان. ھالبۇكى، بۇ ئۇچۇرنىڭ مەنبەسى رەسمىي ئاخبارات ئورگىنى بولمىغاچقا، ئالاقىدار ئورگانلارنىڭ دىققەت ۋە ئىشەنچىگە ئېرىشەلمىگەن. يېقىندا «دوۋيىن» دا چىققان بىر سىنلىق خەۋەردە قەشقەردىكى مەھمۇد قەشقىرى مەقبەرىسىنىڭ تاقاق ئىكەنلىكى نەق مەيداندىن كۆرسىتىلگەن، ئەمما خەۋەردە مەقبەرىنىڭ تاقالغانلىقى توغرىلىق رەسمىي ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ بايان ياكى ئۇقتۇرۇشلىرىغا ئورۇن بېرىلمىگەن.

سول تەرەپتىكى رەسىم: مەھمۇد قەشقىرى مازىرى دەرۋازىنىڭ بۇرۇنقى كۆرۈنۈشى.  ئوڭ تەرەپتىكى رەسىم: ئىسىم تاختىسىدىكى ئىسىمنىڭ ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىنكى ھالىتى.
سول تەرەپتىكى رەسىم: مەھمۇد قەشقىرى مازىرى دەرۋازىنىڭ بۇرۇنقى كۆرۈنۈشى. ئوڭ تەرەپتىكى رەسىم: ئىسىم تاختىسىدىكى ئىسىمنىڭ ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىنكى ھالىتى.
Social Media

قەشقەرگە قارىتا ئېلىپ بارغان تېلېفون زىيارەتلىرىمىز داۋامىدا، مەھمۇد قەشقىرى مەقبەرىسىنىڭ ئوچۇق ياكى تاقاق ئىكەنلىكى ھەققىدە ئالاقىدار خادىملار بەزىدە زىددىيەتلىك، بەزىدە مۈجمەل، بەزىدە سىرلىق جاۋابلارنى بەردى. قەشقەر ۋىلايەتلىك ئاممىۋىي ئۇچۇر ئالاقە مەركىزىنىڭ خادىمى بۇ ھەقتىكى سوئالىمىزغا جاۋاب بېرەلمىدى. ئۇ، بۇ ھەقتە قەشقەر كوناشەھەر (توققۇزاق) ناھىيەلىك ساياھەت ئىدارىسى بىلەن ئالاقە قىلىشىمىزنى تەۋسىيە قىلدى. قەشقەر كوناشەھەر ناھىيەلىك ساياھەت ئىدارىسىنىڭ بىر خادىمى، دەسلەپتە بۇ مەقبەرىنىڭ ئوچۇق ئىكەنلىكى ۋە كىشىلەرنىڭ خالىغان ۋاقىتتا بېرىپ زىيارەت قىلالايدىغانلىقىنى تىلغا ئالدى. بىز ئۇنىڭغا يېقىندا «دوۋيىن» دا تارقالغان بىر خەۋەردە مەزكۇر مەقبەرىنىڭ دەرۋازىسىنىڭ تاقاق ھالەتتە كۆرۈلگەنلىكىنى ئەسكەرتكىنىمىزدىن كېيىن، ئۇ مەقبەرە قۇرۇلۇشىنىڭ رېمونت قىلىنىش ئالدىدا ئىكەنلىكىنى، شۇڭا ۋاقىتلىق تاقالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

بىز بۇ زىددىيەتلىك جاۋابنى ئايدىڭلاشتۇرۇش ئۈچۈن، قەشقەر ۋىلايەتلىك ئۇچۇر ئالاقە مەركىزىگە قايتىدىن تېلېفون قىلدۇق. ئالاقىدار خادىم بۇ نۆۋەت ۋىلايەتلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ مەدەنىيەت-ساياھەت ئىشلىرىغا مەسئۇل خادىمى بىلەن ئالاقىلىشىشىمىزنى تەۋسىيە قىلدى. مەسئۇل ساقچى خادىم، مەزكۇر مەقبەرىنىڭ تاقاق ئىكەنلىكىنى دەلىللىدى. گەرچە بۇ خادىممۇ مەقبەرە قۇرۇلۇشىنى يېڭىلاشنىڭ پىلانلانغانلىقىنى تەكىتلىگەن بولسىمۇ، ئەمما بۇ پىلاننىڭ قاچان ئىجرا قىلىنىدىغانلىقى، كېرەكلىك خىراجەتنىڭ تەستىقلانغان تەستىقلانمىغانلىقى ھەققىدە مەلۇمات بېرەلمىدى. ئۇ ھەتتا «يېڭى قۇرۇلۇش» قاچان پۈتىدىغانلىقى ۋە مەقبەرىنىڭ زىيارەتكە قاچان ئېچىۋېتىلىدىغانلىقى ھەققىدە تەخمىنىي بىر جاۋابمۇ بېرەلمىدى. بۇ خادىم يەنە سىرلىق ھالدا مەقبەرىنىڭ «يېڭىلىنىش پىلانى» نىڭ بىرقانچە تۈرلۈك سەۋەبى بارلىقىنى تىلغا ئالغان بولسىمۇ، بۇ سەۋەبلەردىن بىرەرسىنىمۇ ئىزاھلاپ بېرەلمىدى.

ئابدۇۋەلى ئايۇپنىڭ بايان قىلىشىچە، مەقبەرە تاقىلىشتىن ئاۋۋال قەشقەر شەھەرلىك دۆلەت خەۋپسىزلىك ساقچىلىرى مەقبەرىنىڭ خاتىرە سارىيىدىكى بارلىق كىتاب-ماتېرياللارنى توپلاپ ئېلىپ كەتكەن.

يۇقىرىدا مەھمۇد قەشقىرى مەقبەرىسىنىڭ تاقالغانلىقى ھەققىدە ئاڭلىتىش بەردۇق.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.