ئالمۇتادا مەھمۇد قەشقىرىنىڭ «دىۋانۇ لۇغەتىت تۈرك» ئەسىرىنىڭ 950 يىللىقىغا بېغىشلانغان مۇراسىم ئۆتكۈزۈلدى
2024.10.02
بۈگۈنكى ۋاقىتتا خىتاي ھاكىمىيىتى ئۇيغۇر ئېلىدە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تىلى ۋە قەدىمىي مەدەنىيىتىنى چەكلەش، تارىخى ۋە مەدەنىي يادىكارلىقلىرىنى يوقىتىش، ئالىملار، شائىر-يازغۇچىلارنى ئاتالمىش تەربىيەلەش لاگېرلىرىدا تۇتۇپ تۇرۇش ۋە تۈرمىگە قاماشقا ئوخشاش ئەشەددىي سىياسەت ئېلىپ بېرىۋاتقان بىر مەزگىلدە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار، شۇ جۈملىدىن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇرلارمۇ ئۆز كىملىكىنى ساقلاشنىڭ ھەر خىل يوللىرىنى ئىزدەپ، ھەرىكەت قىلماقتا. ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تارىخىدا ئۆتكەن بۈيۈك ئالىملارنىڭ، شائىر ۋە يازغۇچىلارنىڭ ئەمگەكلىرىنى قايتا نەشر قىلىپ، تەرغىب قىلىش ئەنە شۇلارنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. مانا شۇنداق بىر مۇناسىۋەت بىلەن 30-سېنتەبىردە قازاقىستاننىڭ ئالمۇتا شەھىرىدىكى «دوستلۇق ئۆيىدە» بىر پائالىيەت ئۆتكۈزۈلدى.
ئالمۇتا شەھىرى بوستانلىق ناھىيەلىك ئۇيغۇر ئېتنو-مەدەنىيەت مەركىزى تۈركسوي، يەنى خەلقئارا تۈرك مەدەنىيىتى تەشكىلاتى، قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ جۇمھۇرىيەتلىك ھەم ئالمۇتا شەھەرلىك ئېتنو-مەدەنىيەت مەركەزلىرى، ئالمۇتا شەھەرلىك «يىگىت بېشى» ئىتتىپاقىنىڭ قوللاپ-قۇۋۋەتلىشى بىلەن 1074-يىلى مەھمۇد قەشقىرى تەرىپىدىن يېزىلغان تۈركىي تىللارنىڭ تۇنجى ئېنسىكلوپېدىيەلىك لۇغىتى «دىۋانۇ لۇغەتىت تۈرك»، يەنى «تۈركىي تىللار دىۋانى» نىڭ 950 يىللىقىغا بېغىشلانغان «تۈركىي تىللار سىنتاكسىسىنىڭ جەۋھەرلىرى» ناملىق كىتابنىڭ تونۇشتۇرۇش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى.
مەزكۇر مۇراسىمنىڭ مەقسىتى 11-ئەسىر تۈرك خەلقلىرىنىڭ تارىخى، مەدەنىيىتى، دىنى، ئېتنوگرافىيەسى ھەم تىلى ھەققىدە بىلىم بېرىدىغان مەھمۇد قەشقىرى ئەمگىكىنىڭ نەقەدەر قىممەتلىكىنى ھەم تارىخىي ئەھمىيىتىنى كۆرسىتىشتىن ئىبارەت بولغان. ئۇنىڭغا ئالىملار، يازغۇچىلار، جەمئىيەتلىك بىرلەشمىلەر ھەم ئاممىۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ۋەكىللىرى، جامائەت ئەربابلىرى ۋە باشقىلار قاتناشتى. مۇراسىمغا ئالمۇتا شەھىرى بوستانلىق ناھىيەلىك ئۇيغۇر ئېتنو-مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ رەئىسى، «تۇران دۇنياسى» تۈركىي خەلقلەر مەدەنىيىتى فوندىنىڭ مۇدىرى كارلىن مەخپىروف رىياسەتچىلىك قىلدى.
«تۈركىي تىللار سىنتاكسىسىنىڭ جەۋھەرلىرى» ناملىق كىتاب رۇس تىلىدا ئالمۇتا شەھىرىدىكى «مىر» نەشرىياتى ۋە «تۇران دۇنياسى» تۈركىي خەلقلەر مەدەنىيىتى فوندى تەرىپىدىن «1000 يىلدىن كېيىن مەھمۇد قەشقىرى ئىزى بىلەن» ماۋزۇسىدىكى ئېتنوگرافىيەلىك ئىلمىي تەتقىقات لايىھەسى دائىرىسىگە يورۇق كۆرگەن.
كارلىن مەخپىروف مۇراسىمنىڭ ئاساسىي مەقسىتىنى چۈشەندۈرۈپ، كەلگەن مېھمانلارغا مىننەتدارلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مەزكۇر مۇراسىمنىڭ ئۆتۈشىگە تونۇلغان ئۇيغۇر تىلشۇناس سەيپۇللا ئابدۇللايېفنىڭ تەييارلىغان «تۈركىي تىللار سىنتاكسىسىنىڭ جەۋھەرلىرى» كىتابىنىڭ سەۋەب بولغانلىقىنى ھەمدە قازاقىستاندا «دىۋانۇ لۇغەتىت تۈرك» ئەمگىكىنىڭ يېزىلغانلىقىنىڭ 950 يىللىقىغا بېغىشلانغان بىر قاتار پائالىيەتلەرنىڭ ئۆتكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
شۇنىڭدىن كېيىن مۇراسىمنىڭ بىر قاتار قاتناشقۇچىلىرى كىتابنى تونۇشتۇرۇش مۇراسىمىنىڭ لېنتىسىنى كەستى.
تونۇشتۇرۇش مۇراسىمىدا سۆزگە چىققان تىلشۇناس، ئەدەبىياتشۇناس ئالىملار، ئەزەربەيجان، باشقۇرت، ئۇيغۇر، قىرىم تاتارلىرى، تۈركمەن، خاكاس ۋە ياقۇت مەدەنىيەت مەركەزلىرىنىڭ رەئىسلىرى مەھمۇد قەشقىرىنىڭ ئەمگىكىگە يۇقىرى باھا بېرىپ، ئۇنىڭ 11-ئەسىردىكى تۈركىي خەلقلەرنىڭ تارىخى، مەدەنىيىتى، دىنى، ئېتنوگرافىيەسى ھەم تىلى ھەققىدە باي مەلۇماتلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۇلۇغ مەدەنىي مىراس ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى. ئۇلار يەنە مەزكۇر مۇراسىمنى ئۇيۇشتۇرغان كارلىن مەخپىروفقا ھەم كىتابنىڭ ئاپتورى سەيپۇللا ئابدۇللايېفقا رەھمىتىنى ئېيتتى.
شۇ جۈملىدىن «مەھمۇد قەشقىرى» ناملىق سەھنە ئەسىرى بىلەن تۈركىيەدە مۇكاپاتقا ئېرىشكەن قازاقىستان يازغۇچىلار ئىتتىپاقىنىڭ ئەزاسى، دىراماتورگ ئەكرەم ئەخمەتوفنىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە قىلغان سەپىرى ھەم مەھمۇد قەشقىرى مەقبەرەسىنى زىيارەت قىلغانلىقى توغرىلىق سۆزلىگەن نۇتقى كۆپچىلىكتە قىزىقىش ھاسىل قىلدى. مەلۇم بولۇشىچە، بۇ يىل قۇددۇس غوجامياروف نامىدىكى دۆلەت ئاكادېمىيەلىك ئۇيغۇر مۇزىكا تىياتىرى ئۆزىنىڭ يېڭى مەۋسۇمىنى ئەنە شۇ ئەكرەم ئەخمەتوفنىڭ «مەھمۇد قەشقىرى» سەھنە ئەسىرى بىلەن باشلىغان.
رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئەل-فارابى نامىدىكى قازاق مىللىي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ شەرقشۇناسلىق فاكۇلتېتى تۈركشۇناسلىق بۆلۈمىنىڭ باشلىقى، فىلولوگىيە پەنلىرىنىڭ دوكتورى، پىروفېسسور راۇشان ئاۋاكوۋا خانىم مۇنداق دېدى: «مەھمۇد قەشقىرى ھەققىدە كۆپ ئېيتىشقا بولىدۇ. ئۇ مۇشۇنىڭدىن 950 يىل ئىلگىرى، ھەتتا مىڭ يىل دېسەكمۇ بولىدۇ، ئۆزىنىڭ ‹دىۋانۇ لۇغەتىت تۈرك› ناملىق ئەسىرىنى قالدۇرۇپ كەتتى. مىڭ يىل ئۆتسىمۇ، ئۇ كىتاب ئۆزىنىڭ قىممىتىنى يوقاتمىدى. بىرىنچىدىن، بۈگۈنكى پائالىيەتنىڭ ئۆزى جامائەت ئەربابلىرىنى، ئالىملارنى، ئومۇمەن تۈرك مەدەنىيىتىنى سۆيىدىغان بارلىق زىيالىيلارنى يىغدى. شۇنىڭ ئۆزى بەك مۇھىم. ئىككىنچىدىن، مەھمۇد قەشقىرى ئاتىمىزنى يەنە بىر قېتىم ئەسلىدۇق. ئۈچىنچىدىن، بۇ مەھمۇد قەشقىرى ئەمگىكىنىڭ 950 ياكى 1000 يىللىقى ئەمەس، ئۇنىڭ مەڭگۈلۈك ئىكەنلىكى يەنە بىر قېتىم دەلىللەندى. دۇنيادا قانچە ئىلمىي ئىشلار يېزىلسىمۇ، مەھمۇد قەشقىرىنى تەتقىق قىلىش، دۇنياغا تونۇتۇش، مەھمۇد قەشقىرى ئارقىلىق تۈرك دۇنياسىنى، تۈرك خەلقىنى، ئۇنىڭ مەدەنىيىتىنى، تارىخىنى، تىلىنى، ئېتنوگرافىيەسىنى تونۇتۇش ھازىرقى زامانىمىز ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىمدۇر. بۈگۈن بىز كۆرۈنەرلىك ئالىم سەيپۇللا ئابدۇللايېفنىڭ كىتابىنى تونۇشتۇرۇش مۇراسىمىنى ئۆتكۈزۈۋاتىمىز. بۇمۇ بىز ئۈچۈن چوڭ ئۈلگە. شۇنىڭ ئۈچۈن بىز ئۆز ئەمگەكلىرىمىزنى ئەنە شۇنداق ئۇلۇغ ئاتىمىز، بوۋىمىز، ئىسمى پۈتكۈل دۇنياغا مەشھۇر بولغان مەھمۇد قەشقىرىگە باشلاۋاتىمىز».
قىرغىزىستاننىڭ قاسىم تىنىستانوف نامىدىكى ئىسسىقكۆل دۆلەت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىلمىي كېڭىشى تەرىپىدىن تەستىقلانغان «تۈركىي تىللار سىنتاكسىسىنىڭ جەۋھەرلىرى» ئەمگىكىنىڭ ئاپتورى «رېنېسسانس» ئېتنو-مەدەنىيەت تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى، پىروفېسسور سەيپۇللا ئابدۇللايېفتۇر. ئۇنىڭدا تۈرك تىللىرىنىڭ سىنتاكسىسلىق بىرىكمىلىرىنىڭ ماھىيىتى تەتقىق قىلىنغان. كىتابتا گىرامماتىكىنىڭ ئاساسىي قىسىملىرىنىڭ بىرى بولغان سىنتاكسىس تۈرك خەلقلىرىنىڭ پۈتكۈل ھاياتىي تەجرىبىسىنى ئىزھار قىلىشنىڭ قورالى سۈپىتىدە كۆرسىتىلگەن.
سەيپۇللا ئابدۇللايېف ئەپەندى مۇنداق دېدى: «نېمىشقا مۇشۇ ئىككى ۋەقە بىر پائالىيەتنىڭ دائىرىسىگە ئۆتكۈزۈلدى؟ چۈنكى مەھمۇد قەشقىرى ‹دىۋانۇ لۇغەتىت تۈرك› ئەسىرىدىن بۇرۇن يەنە بىر ئەسىرىنى يازغانىدى. بۇنى ‹كىتاب جەۋەھىر ئەن نەھفى فى لۇغەت ئەت-تۈرك› دەپ ئاتاپ، ئۆزىنىڭ ‹دىۋانۇ لۇغەتىت تۈرك› دېگەن كىتابىدا ئېيتىپ ئۆتكەن. لېكىن ئىككىنچى كىتاب بىزگىچە يەتمىدى. بۈگۈنكى تونۇشتۇرۇلۇۋاتقان ‹تۈركىي تىللار سىنتاكسىسىنىڭ جەۋھەرلىرى› ناملىق كىتاب مۇشۇ بوشلۇقنى تولدۇرۇشقا بېغىشلانغان بولۇپ، ئۇنىڭ تۈركىي تىللار ئۈچۈن ئەھمىيىتى نېمىلەردىن ئىبارەت دېگەن سوئال تۇغۇلىدۇ. مەھمۇد قەشقىرى ئۆزىنىڭ كىتابىنى ئەرەب تىلىدا سۆزلەيدىغان كىتابخانلار ئۈچۈن يازغان. مەھمۇد قەشقىرى تالانتلىق تىلشۇناس سۈپىتىدە شۇنى ياخشى چۈشەنگەن ئىدىكى، ئۇ، باشقا تىللاردا سۆزلەشكەن ئادەملەر تۈركىي تىللارنى ئۆگىنىش ئۈچۈن پەقەتلا لۇغەتنى ئەمەس، بەلكى سىنتاكسىسنىمۇ بىلىشى كېرەك دەپ، سىنتاكسىسقا بېغىشلانغان كىتابنى بۇرۇنراق يازغانىدى. مۇشۇ بوشلۇقنى تولدۇرۇش ئۈچۈن مەن ‹تۈركىي تىللار سىنتاكسىسىنىڭ جەۋھەرلىرى› دېگەن كىتابنى يېزىپ چىقتىم. بۇ كىتابنىڭ ماھىيىتى-مەن تۈركىي تىللارغا تەئەللۇق بولغان سىنتاكسىس تۈزۈمىنىڭ جۈملە قۇرۇلمىسى سىستېمىسىنى ئېچىپ، ئۇنى بىر گەۋدە قىلىپ كۆرسەتتىم. بۇنىڭ نەتىجىسىدە تۈركىي تىللار ئەمدى يوقالمايدۇ دېگەن بىر خۇلاسە كېلىپ چىقىدۇ».
دوستلۇق ئۆيىدە ئۆتكەن تونۇشتۇرۇش مۇراسىمىغا يەنە مۇختەر ئەۋېزوف نامىدىكى ئەدەبىيات ۋە سەنئەت ئىنستىتۇتىنىڭ باش ئىلمىي خادىمى، پىروفېسسور ئالىمجان ھەمرايېف، ئابىلايخان نامىدىكى قازاق خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر ۋە دۇنيا تىللىرى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسسورى ۋالېرىي مەخپىروف، يەنە شۇ ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ دوتسېنتى، مەدىنەم ناسىروۋا قاتارلىق ئۇيغۇر ئالىملىرىمۇ قاتنىشىپ، ئۆز پىكىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.