«مېھرىبان ئانا» ئۇيغۇر ئانا تىل مەكتىپى ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنىڭ ھاياتىدا قانداق روللارنى ئوينىماقتا؟

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز نۇرئىمان تەييارلىدى
2024.02.26
ana-til-paaliyet-01 «مېھرىبان ئانا» (Ana Care) ئۇيغۇر ئانا تىل مەكتىپىدە «ئانا تىلىم-جان تىلىم» ناملىق پائالىيەتتىن كۆرۈنۈش. 2024-يىلى 25-فېۋرال، فەيرفاكس
سۈرەييە ئابلىمىت

25-فېۋرال «دۇنيا ئانا تىل كۈنى» نى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن ئامېرىكانىڭ ۋىرجىنىيە ئىشتاتى فەيرفاكس شەھىرىگە جايلاشقان «مېھرىبان ئانا» (Ana Care) ئۇيغۇر ئانا تىل مەكتىپىدە «ئانا تىلىم-جان تىلىم» ناملىق پائالىيەت ئۆتكۈزۈلدى.

«مېھرىبان ئانا» (Ana Care) ئۇيغۇر ئانا تىل مەكتىپىدە «ئانا تىلىم-جان تىلىم» ناملىق پائالىيەتتىن كۆرۈنۈش. 2024-يىلى 25-فېۋرال، فەيرفاكس
«مېھرىبان ئانا» (Ana Care) ئۇيغۇر ئانا تىل مەكتىپىدە «ئانا تىلىم-جان تىلىم» ناملىق پائالىيەتتىن كۆرۈنۈش. 2024-يىلى 25-فېۋرال، فەيرفاكس
سۈرەييە ئابلىمىت

پائالىيەت زالى ئەتلەس كۆڭلەك ۋە ھەر خىل ئۇيغۇر دوپپىلىرىنى كىيگەن قىز-ئوغۇللار بىلەن لىق تولغان ئىدى. بۇ پائالىيەتنى كۆرگىلى كەلگەن ئۇيغۇر جامائىتىمۇ ئۇچىسىغا ئەتلەس ۋە كانۋاي كۆڭلەكلىرىنى، بېشىغا دوپپىلىرىنى كىيىۋېلىشقانىدى. قاتناشقۇچىلارنىڭ ئارىسىدا يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتىگە قىزىقىدىغان يەرلىك باشقا مىللەت كىشىلىرىمۇ بار ئىدى.

«مېھرىبان ئانا» (Ana Care) ئۇيغۇر ئانا تىل مەكتىپىدە «ئانا تىلىم-جان تىلىم» ناملىق پائالىيەتتىن كۆرۈنۈش. 2024-يىلى 25-فېۋرال، فەيرفاكس
«مېھرىبان ئانا» (Ana Care) ئۇيغۇر ئانا تىل مەكتىپىدە «ئانا تىلىم-جان تىلىم» ناملىق پائالىيەتتىن كۆرۈنۈش. 2024-يىلى 25-فېۋرال، فەيرفاكس
سۈرەييە ئابلىمىت

پائالىيەت باشتىن-ئاخىرى ناھايىتى قىزغىن كەيپىياتتا ئۆتتى. ئانا تىل مەكتىپىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى ئۇيغۇر تىلىدا شېئىر دېكلاماتسىيە قىلدى، ناخشا ئېيتتى. پائالىيەت جەريانىدا بالىلارنىڭ «ئۇيغۇرلار قانداق بىر مىللەت؟» دېگەن سوئالغا ئايرىم-ئايرىم ھالدا «ئۇيغۇرلار كېلىشكەن، چىرايلىق، ئەپۇچان، مېھماندوست بىر مىللەت» دېگەندەك جاۋابلىرى ھەممەيلەننى سۆيۈندۈردى.

مەزكۇر پائالىيەتكە دائىر سىن كۆرۈنۈشلىرى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ھەمبەھىرلەنگەندىن كېيىن، نۇرغۇن باھالار يېزىلغان. دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ ئۇيغۇر تىلىدا كۆرسەتكەن نومۇرلىرىدىن ناھايىتى سۆيۈنگەنلىكىنى ئىپادىلىگەن. ئۇلار يازمىلىرىدا ئۇيغۇر تىلىنى ساقلاپ قىلىش ۋە راۋاجلاندۇرۇشتا ئىزچىللىقنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى تەكىتلەشكەن.

«مېھرىبان ئانا» (Ana Care) ئۇيغۇر ئانا تىل مەكتىپىدە «ئانا تىلىم-جان تىلىم» ناملىق پائالىيەتتىن كۆرۈنۈش. 2024-يىلى 25-فېۋرال، فەيرفاكس
«مېھرىبان ئانا» (Ana Care) ئۇيغۇر ئانا تىل مەكتىپىدە «ئانا تىلىم-جان تىلىم» ناملىق پائالىيەتتىن كۆرۈنۈش. 2024-يىلى 25-فېۋرال، فەيرفاكس
سۈرەييە ئابلىمىت

 «مېھرىبان ئانا» ئۇيغۇر ئانا تىل مەكتىپى «ئېلىي ۋېيسېل (Elie Wiesel) ئىنسانىي ياردەم فوندى» نىڭ بۇ يىللىق ياردىمىگە ئېرىشكەن ئورگانلارنىڭ بىرى. ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر تىلى، تارىخى ۋە مەدەنىيىتىنى ساقلاش ھەم قوغداشتا كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقلىرى ئۈچۈن مەزكۇر فوند مەخسۇس ياردەم مەبلىغى ئاجراتقان.

«مېھرىبان ئانا» (Ana Care) ئۇيغۇر ئانا تىل مەكتىپىدە «ئانا تىلىم-جان تىلىم» ناملىق پائالىيەتتىن كۆرۈنۈش. 2024-يىلى 25-فېۋرال، فەيرفاكس
«مېھرىبان ئانا» (Ana Care) ئۇيغۇر ئانا تىل مەكتىپىدە «ئانا تىلىم-جان تىلىم» ناملىق پائالىيەتتىن كۆرۈنۈش. 2024-يىلى 25-فېۋرال، فەيرفاكس
سۈرەييە ئابلىمىت

بىز بۇ مۇناسىۋەت بىلەن «مېھرىبان ئانا» ئۇيغۇر ئانا تىل مەكتىپىنىڭ مۇدىرى سۈرەييە ئابلىمىت خانىمنى بۈگۈنكى سۆھبەت پىروگراممىمىزغا تەكلىپ قىلدۇق. سۈرەييە خانىم، ئانا تىل مەكتىپىنىڭ قۇرۇلۇش جەريانى، نۆۋەتتىكى ئەھۋالى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى پىلانلىرىنى بىز بىلەن ئورتاقلاشتى.

سۆھبىتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلىغايسىز.  

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.