ئۇچتۇرپان ئىماملىرىم دېھقانلىرى ياڭاق كۆچىتىنى ھەقسىز تىكىشكە ۋە ياڭاقلىق باغلاردا ھەقسىز ئىشلەشكە مەجبۇرلانغان

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر تەييارلىدى
2025.02.12
چەت ئەلگە ئېكسپورت قىلىنىۋاتقان خوتەن ياڭىقىنىڭ پايدىسى كىمگە بولۇۋاتىدۇ؟ ھوسۇل ئالغان ياڭاقلارنى تۈرلەرگە ئايرىۋاتقان دېھقانلار. 2019-يىلى 6-سېنتەبىر، خوتەن.
Xinhua

ئاشكارىلىنىشىچە ئۇچتۇرپاننىڭ ئىماملىرىم يېزىسىدا دېھقانلار مەجبۇرىي ياڭاق كۆچىتى تىكىشكە ۋە خىتاي كۆچمەنلىرى ھۆددىگە ئالغان ياڭاقلىق باغلاردا ھەقسىز ئىشلەشكە مەجبۇرلانغان. يەنە ئاشكارىلىنىشىچە، ئۇچتۇرپاندىكى پەمىدۇر قىيامى ئىشلەپچىقىرىدىغان COFCO مېۋە-كۆكتات شىركىتىنىڭ قوشۇمچە تىجارەتلىرىدىن بىرى ياڭاق سودىسى بولۇپ، ئىماملىرىمدىكى مەزكۇر مەجبۇرىي ئەمگەكتىمۇ بۇ شىركەتنىڭ ۋاسىتىلىك ھالدا قولى بار ئىكەن. تۆۋەندە مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇرنىڭ بۇ ھەقتە تەييارلىغان پىروگراممىسى دىققىتىڭلاردا بولىدۇ.

بەيدۇ ئۇچۇر ئامبىرىدا تونۇشتۇرۇلۇشىچە، ئۇچتۇرپان ناھىيەسى سۈيىنىڭ ئەلۋەكلىكى سەۋەبىدىن 370 مىڭ مو كۆلەمدە باغۋەنچىلىك مەيدانىغا ئىگە بولۇپ، ياڭاق ئاساسلىق مەھسۇلاتلاردىن بىرى ئىكەن. بايان قىلىنىشىچە، ئۇچتۇرپان ناھىيەسى 2022-يىلى 77 توننا ياڭاق ئىشلەپچىقارغان، بۇ مىقدار يىلىغا %14.6 دىن ئېشىپ ماڭغان. خىتاي خەۋەرلىرىدە تەنتەنە بىلەن تىلغا ئېلىنىۋاتقان بۇ مىقدار ۋە نىسبەتلەر، ئۇچتۇرپاندىكى يەرلىك ئاھالىلەرنىڭ يۈكىنى، يەنى يىللاردىن بېرى داۋام قىلىپ كېلىۋاتقان مەجبۇرىي ئەمگەك تۈرى ۋە ۋاقتىنى تېخىمۇ كۆپەيتكەن. ۋەزىيەتتىن خەۋەردار كىشىلەردىن بىرىنىڭ ئىنكاس قىلىشىچە، ئۇچتۇرپاندىكى COFCO مېۋە-كۆكتات شىركىتىنىڭ تەلىپىگە بىنائەن دائىرىلەر ئۇيغۇر دېھقانلىرىنى ئۆزلىرىنىڭ باغ ياكى ئېتىزلىرىدا يېڭى سورتلۇق ياڭاق كۆچىتى تىكىشكە مەجبۇرلىغان. دېھقانلار بازارنىڭ ئېھتىياجى ۋە ئۆزلىرىنىڭ تەجرىبە ۋە ماھارەتلىرىگە قاراپ ئىشلەپچىقىرىش بىلەن شۇغۇللىنىش ئىمكاندىن مەھرۇم قالدۇرۇلغان. ئۇچتۇرپاندىن تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان ئالاقىدار خادىملاردىن بىرى دەسلەپتە ئۇچتۇرپاندا ئاھالىلەرنىڭ ئىشلىرىنىڭ ئوڭ ۋە تۇرمۇشىنىڭ راھەت كېتىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالدى. ئارقىدىن ئۇ، سوئاللىرىمىزغا جاۋابەن، ئۇچتۇرپاندا يەرلىك ئاھالىلەرنىڭ يېڭى سورتلۇق ياڭاق كۆچەتلىرىنى تىكىشكە مەجبۇرلانغانلىقىنى ئاشكارىلىدى.

ۋەزىيەتتىن خەۋەردار كىشىنىڭ يەنە دېيىشىچە، ئۇچتۇرپاننىڭ ئىماملىرىم يېزىسىدىكى ئۇيغۇر دېھقانلار خىتاي كۆچمەنلىرى ھۆددە ئالغان ياڭاقلىق باغلاردا دائىرىلەر تەرىپىدىن ھەقسىز ئىشقا سېلىنغان. ئىماملىرىمدىن تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان بىر ئامانلىق مۇدىرى تەۋەلىكىدىكى ئۇيغۇر دېھقانلىرى بىلەن خىتاي كۆچمەنلىرى ئارىسىدا ئېغىر مەنپەئەت توقۇنۇشى بارلىقىنى يوشۇرۇشقا ئۇرۇنغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇر دېھقانلارنىڭ ياڭاقلىق باغ پەرۋىشىنىڭ ئالدىراش مەزگىللىرىدە ھەقسىز ئىشلىتىلگەنلىكىنى يوشۇرالمىدى.

بەيدۇ ئۇچۇر ئامبىرىنىڭ ئىماملىرىم يېزىسى ھەققىدىكى تونۇشتۇرۇشىدا بايان قىلىنىشىچە، ياڭاق، بۇ يېزىنىڭ ئاساسلىق كىرىم مەنبەلىرىدىن بىرى بولۇپ، بۇ يېزا 2011-يىلى باغ مەھسۇلاتلىرىدىن 52 مىليون 880 مىڭ يۈەن كىرىم قىلغان، بۇنىڭ 41 مىليون 980 مىڭ يۈەنىنى ياڭاق كىرىمى تەشكىل قىلغان. خىتاي تەشۋىقاتلىرىدىن بۇ مىقدار ۋە نىسبەتنىڭ يېقىنقى يىللاردا تېخىمۇ يۈكسەلگەنلىكى مەلۇم، ئەمما تەقسىماتتا بۇ كىرىمدىن قانچىلىك قىسمىنىڭ يەرلىككە، قانچىلىك قىسمىنىڭ خىتاي كۆچمەنلىرىگە ياكى مەزكۇر خىتاي شىركىتىگە تەئەللۇق بولغانلىقى ئالاقىدار ماتېرىياللاردا قەيت قىلىنمىغان. بۇ يىلقى خىتاي خەۋەرلىرىدە يەنە، ئۇيغۇر ئېلىنى خىتاينىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش بازىسىغا ئايلاندۇرۇش بىلەن بىرلىكتە خىتايدىكى ئەڭ چوڭ سالمون بېلىقى يېتىشتۈرۈش بازىسىغا ئايلاندۇرۇشقا كىرىشكەنلىكى تىلغا ئېلىنغان. كۆزەتكۈچىلەر بۇ ئەھۋالغا قاراپ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك تۈرىنىڭ بېلىقچىلىق ساھەسىدىمۇ كېڭىيىش ئېھتىماللىقىنى پەرەز قىلىشماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.