ۋاشىنگتون شەھرىدىكى «خەلقئارا مەجبۇرىي ئەمگەك تېخنىكا يەرمەنكىسى» دە ئۇيغۇرلار مەسىلىسى مەركىزىي تېما بولدى
2023.03.15

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى 2022-يىلى 21-ئىيۇندىن باشلاپ رەسمىي ھالدا ئىجرا قىلىشقا كىرىشكەن «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» ھازىرغىچە بىر قاتار ئۇتۇقلارنى قولغا كەلتۈرگەنلىكى مەلۇم. ئەمما خىتايدىن ئامېرىكا ۋە باشقا غەرپ ئەللىرىگە ئېكىسپورت قىلىنىۋاتقان توۋارلارنىڭ سان ۋە مىقدار جەھەتتە غايەت زور سالماقنى ئىگىلىشى تۈپەيلىدىن بۇنىڭدا يەنىلا كۆپلىگەن يوچۇقلار مەۋجۇت بولۇپ كەلمەكتە. شۇنىڭ بىلەن بىرگە بۇ ساھەدە ئىشلەشكە تېگىشلىك خىزمەتلەرنىڭ تېخىمۇ كۆپلۈكى كۈنسايىن بىلىنىشكە باشلىدى. ئەنە شۇ خىل كۆپ تەرەپلىمە مەسىلىلەرگە قاراپ چىقىش ئۈچۈن ئامېرىكا تاموژنا ۋە چېگرا مۇداپىئە باش ئىدارىسى (CBP) 14-مارت كۈنىدىن باشلاپ ئىككى كۈنلۈك خەلقئارا يەرمەنكە مەجلىسىگە ساھىبخانلىق قىلدى.
ۋاشىنگتون شەھرىدىكى «رونالد رېگان خەلقئارا سودا مەركىزى» دە چاقىرىلغان يەرمەنكە مۇھاكىمىسىنىڭ تۇنجى مەيدان يىغىنىدا ئالدى بىلەن يىغىن ساھىبخانى، تاموژنا ۋە چېگرا مۇداپىئە باش ئىدارىسى سودا بۆلۈمىنىڭ ياردەمچى ئىجرائىيە كومىسسارى ئانمارىي خايسىمىس (AnnMarie Highsmith) سۆز ئېلىپ مەجبۇرىي ئەمگەك تېمىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن تۇنجى قېتىملىق بۇ خەلقئارا يەرمەنكىنىڭ مۇھىملىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى. شۇنىڭدەك مەجبۇرىي ئەمگەككە باغلىنىشلىق بولغان تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ دۇنيا مىقياسىدا ئاز دېگەندىمۇ 30 مىليون ئادەمگە بىۋاستە باغلىنىشلىق ھادىسە ئىكەنلىكىنى، شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن بۇنى چەكلەش، ئامېرىكا بازىرىغا كىرىشىنىڭ توسۇس ۋە بۇنى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرۈشنىڭ مۇھىملىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى. ئۇنىڭ قارىشىچە، بۇنىڭدا ھەرقايسى ساھەنىڭ ئورتاق ھەمكارلىقتا ئىش كۆرۈشى ناھايىتى مۇھىم بولۇپ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى پەرقلەندۈرۈشتە تېخنولوگىيە دۇچ كېلىۋاتقان قىيىنچىلىقلارمۇ ئاز ئەمەس. شۇ سەۋەبتىن «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» نىڭ تۈزۈپ چىقىلىشى ۋە ئىجرا بولۇشى ئەمەلگە ئاشقان، شۇنىڭ بىلەن بىرگە بۇ ساھەدە بىر قاتار نەتىجىلەر قولغا كەلگەن.
ئارقىدىن ئامېرىكا ۋەتەن بىخەتەرلىك مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى روبېرت سىلۋېرس (Robert Silvers) سۆز ئالدى. ئۇ سۆزىدە نۇقتىلىق قىلىپ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ھازىر ۋە كەلگۈسىدە ئوخشاشلا مەجبۇرىي ئەمگەكنى ھەمدە ئۇنىڭ بەدىلىگە ئىشلەنگەن ھەرقانداق مەھسۇلاتنى مەنئىي قىلىدىغانلىقىنى، بۇنىڭ قانۇنىي مەجبۇرىيەتتىن باشقا يەنە ئەخلاقىي مەجبۇرىيەتكىمۇ ياتىدىغانلىقىنى، 2021-يىلى مۇتلەق ئۈستۈن ئاۋاز بىلەن ماقۇللانغان «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» نىڭ بۇ ساھەدىكى دەۋر بۆلگۈچ بىر قەدەم بولغانلىقىنى، بۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇر دىيارىدىكى خىتاي بولمىغان مىللەتلەر «زامانىۋى قۇللار» غا ئايلاندۇرۇلغان زاۋۇتلاردا ئىشلەنگەن مەھسۇلاتلارنى ئامېرىكا تاموژنىسىدا توسۇپ قېلىشتا دەسلەپكى نەتىجىلەرنىڭ بارلىققا كەلگەنلىكىنى، بۇ ساھەدىكى ئاخىرقى نىشاننىڭ «مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن ئىشلەنگەن مەھسۇلاتلارنىڭ ئامېرىكا بازىرىغا كىرىشىنى قەتئى چەكلەش» ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە ئوتتۇرىغا قويدى.
بۇ قېتىمقى يىغىنغا ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغان كىشىلەرنىڭ بىرى، ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى كومىتېتىنىڭ رەئىسى نۇرى تۈركەل ئارقىدىن سۆزگە چىقتى. . ئۇ سۆزىدە ھازىر پۈتۈن دۇنياغا مەلۇم بولۇۋاتقان ئۇيغۇر دىيارىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك ھادىسىسىگە داۋاملىق «بىر كۆزنى قىسىۋېلىش» نىڭ ۋاقتى ئۆتكەنلىكىنى، ئۆزى بوۋاقلىق مەزگىلىدە پۈتكۈل ئائىلىسى بويىچە باشتىن كەچۈرگەن لاگىر ۋە مەجبۇرىي ئەمگەك قاباھىتىنىڭ نۆۋەتتە ئۇيغۇر دىيارىدا يېڭىۋاشتىن ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقانلىقى، بىڭتۇەننىڭ بولسا بۇ ساھەدىكى بايراقدارلىق رولىنى ئويناۋاتقان ئورگان ئىكەنلىكىنى، لاگىرلارغا قامىلىپ بولغان كىشىلەر باشتىن كەچۈرىۋاتقان ھەمدە قىرغىنچىلىقنىڭ بەلگىلىرىدىن بولغان جىسمانىي ۋە روھىي خورلۇقلارنىڭ ھازىر مىسلىسىز دەرىجىگە يەتكەنلىكىنى، بۇنىڭدىن ئامان قالغان كىشىلەرنىڭ دەل مۇشۇ خىل مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىۋاتقانلىقىنى ساناپ ئۆتتى. شۇنىڭدەك خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكىلىۋاتقان مىڭلىغان ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ يېرىم ھەربىي تۈزۈم شەكلىدە مەشققە سېلىنىۋاتقانلىقىنى، شۇ سەۋەبتىن مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ ئاددىيلا «ئەمگەككە سېلىش» بولماستىن پۈتكۈل ئۇيغۇر جەمىيىتىنى ۋەيرانچىلىققا سېلىۋاتقان، مىليونلىغان ئائىلىلەرنى جۇدالىققا گىرىپتار قىلىۋاتقان زور ئىجتىمائىي مەسىلە ئىكەنلىكىنى، مۇشۇنداق رېئاللىق ئاستىدا غەرپ بازىرىنىڭ داۋاملىق ھالدا خىتاي بىلەن سودا ئالاقىسىدا بولۇشىنىڭ ئەمىلىيەتتە ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى ۋە ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى توسۇشقا غايەت زور دەرىجىدە تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى تەپسىلى شەرھىلىدى.
شۇ قاتاردا ئامېرىكا تاموژنا ۋە چېگرا مۇداپىئە باش ئىدارىسىنىڭ مۇۋەققەت باشلىقى تروي مىللېر (Troy A. Miller) ئايرىم سۆز قىلدى. . ئۇمۇ مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ قانۇنغىلا ئەمەس، يەنە ئەقەللىي ئەخلاق نىزاملىرىغىمۇ خىلاپ قىلمىش ئىكەنلىكىنى، ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان ھەمدە ئۇلار قۇربانلىق قىلىنىۋاتقان بۇ خىل قەبىھلىكنى تېخىمۇ ئۈنۈملۈك ھالدا چەكلەش ئۈچۈن قىلىشقا تېگىشلىك خىزمەتلەرنى تېخىمۇ كۆپ ساھەگە كېڭەيتىش لازىملىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى. شۇنىڭدەك «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» ئىجرا قىلىنغان توققۇز ئايدىن بۇيان ئامېرىكا تاموژنىسى بىر ياقلىق قىلغان توۋارلارنىڭ ئومۇمى ئەھۋالىنى سىخېما ئارقىلىق كۆرسەتتى. ئۇنىڭدا كۆرسىتىلىشىچە، ھازىرغا قەدەر ئامېرىكا تاموژنىسىغا يېتىپ كەلگەن 3237 قېتىملىق يۈك توشۇلمىسىدىن 424 قېتىملىقى رەت قىلىنغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە بۇ خىل توشۇلمىلارنىڭ سانى ۋە قىممىتى ئىزچىل تۆۋەنلەپ ماڭغان. ئەكسىچە مالايسىيا ۋە ۋېيتنامدىن يوللانغان ماللارنىڭ سانى تېزدىن ئاشقان ھەمدە 900 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يېقىنلاشقان.
شۇنىڭدىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن مۇھاكىمە باسقۇچىدا ئۇيغۇر دىيارىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسى ھەرقايسى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ مەركىزىي تېمىلىرىدىن بولدى. ئامېرىكا ئەمگەك مىنىستىرلىقىنىڭ ياردەمچى مىنىستىرى سىيا لې (Thea Lee) ئەمگەك مىنىستىرلىقىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە باغلىنىشلىق مەھسۇلاتلار ۋە تەمىنلەش زەنجىرىنى چەكلەش ساھەسىدە قىلىۋاتقان خىزمەتلىرى، جۈملىدىن «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» ئىجرا قىلىنغاندىن بۇيانقى تەرەققىياتلار ھەققىدە چۈشەنچە بەردى. شۇنىڭدەك ئەمگەك مىنىستىرلىقىنىڭ ھەرقاچان مەجبۇرىي ئەمگەكنى چەكلەش مەسىلىسىدە ئەمەلىي يوسۇندا ئىش كۆرىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى قارمىقىدىكى «كېڭەش پالاتاسى ئىستىخبارات پەۋقۇلئاددە كومىتېتى» نىڭ خادىملىرىدىن ئېلنىگار ئېلتەبىرمۇ مۇھاكىمە ئىشتىراكچىلىرى قاتارىدا ئۇيغۇر دىيارىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق بەزى مەسىلىلەر ھەققىدە چۈشەنچە بەردى. ئۇنىڭ بايان قىلىشىچە، ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگىكىگە ياكى بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك تەمىنلەش زەنجىرىگە باغلىنىشلىق بولغانلىكى ھەرقانداق مەھسۇلاتنى ئامېرىكا تاموژنىسىدا توسۇپ قېلىشنىڭ ئۆزى بەكمۇ زور سالماقتىكى خىزمەت. يەنە كېلىپ بۇنىڭدا بىر قېتىملىق جەزملەشتۈرۈشتىن كېيىنلا بىرەر شىركەت ياكى زاۋۇتنىڭ مەھسۇلاتىنى «مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن ئالاقىسى يوق» دەپ مۇقىملاشتۇرىۋېتىشكە بولمايدۇ. بۇنىڭدا ئىزچىللىق ۋە ئۇزۇن مەزگىللىك تەھقىقلەش داۋام قىلىشى لازىم. بولۇپمۇ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى ھەققىدىكى قانۇن ئىجرا قىلىنىشقا باشلىغاندىن بۇيان بىر قىسىم توۋارلارنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا تەييارلىنىپ ئۈچىنچى بىر دۆلەتكە يۆتكىلىشى ھەمدە شۇ جايدا ئوراپ-قاچىلانغاندىن كېيىن ئامېرىكا بازىرىغا يوللىنىشى كۆپلەپ بارلىققا كېلىۋاتقانلىقى مەلۇم. شۇڭا بۇ جەھەتتىمۇ تېگىشلىك تەدبىرلەر ئېلىنىشى لازىم. يەنە كېلىپ بىڭتۇەن باش بولۇپ ئىجرا قىلىۋاتقان پاختا ۋە باشقا مەھسۇلاتلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى نۆۋەتتە ئائىلىلەرنى ۋەيران قىلىش ۋە ئاياللارنى تۇرمۇش جەھەتتىكى ئۆز ئەركىدىن مەھرۇم قىلىش ئارقىلىق خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قىرغىنچىلىق سىياسىتىنىڭ مۇھىم تەركىۋى قىسمىغا ئايلىنىپ قالغانلىقى ئۈچۈن بۇ مەسىلىگە قانداق مۇئامىلە قىلىش ئۆز نۆۋىتىدە ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى توسۇشتىكى ئەڭ مۇھىم چارىلەردىن ھېساپلىنىدۇ. شۇ سەۋەبتىن ئۇيغۇر دىيارىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئامېرىكا بازىرىغا كرىىشى ئەمىلىيەتتە خىتاينىڭ قىرغىنچىلىق سىياسىتىگە شېرىك بولۇشقا ئېلىپ بارىدۇ.
شۇ قاتاردا سۆز ئالغانلاردىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ خەلقئارا ئەمگەك مەسىلىلىرى بويىچە ئالاھىدە مەلۇماتچىسى كېللىي رودرىگۇز (Kelly Rodriguez)، ئامېرىكا ۋەتەن بىخەتەرلىك مىنىستىرلىقىنىڭ ياردەمچى مىنىستىرى بىرىجىت مەكگوۋېرىن (Bridget McGovern) قاتارلىقلارمۇ مەجبۇرىي ئەمگەك ساھەسىدىكى يوچۇقلار ۋە ھەرقايسى مىنىستىرلىقلارنىڭ بۇ مەسىلىدىكى ھەمكارلىقىنى تېخىمۇ يۇقۇرى پەللىگە ئېلىپ چىقىش ھەققىدە توختالدى. يىغىننىڭ باشقا باسقۇچلىرىدا ئون مەيدان مۇھاكىمە ئۇيۇشتۇرۇلغان بولۇپ، ھەرقايسى ھۆكۈمەت تارماقلىرىنىڭ مەسئۇللىرى ۋە مۇتەخەسسىسلەر مەجبۇرىي ئەمگەك تېمىسىدا ئوخشىمىغان نۇقتىلاردىن پىكىر يۈرگۈزۈش ۋە تەۋسىيەلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا تەكلىپ قىلىنغانلىقى مەلۇم.