غەرب پېنسىيە فوندلىرىنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق شىركەتلەرگە مەبلەغ سالغانلىقى ئاشكارىلاندى
2023.03.17

خىتاي، غايەت زور مەبلەغ كۈچىگە ئىگە بولغان غەرب پېنسىيە فوندلىرىنىڭ نۇقتىلىق مەبلەغ سېلىش نىشانى بولۇپ، نۆۋەتتە بۇ پېنسىيە فوندلىرىنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى ۋە خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى باستۇرۇش ئاپپاراتلىرىغا چېتىشلىق خىتاي شىركەتلىرىنى بايقىشى ۋە بۇ شىركەتلەرگە مەبلەغ سېلىشىنىڭ قانداق ئالدىنى ئېلىشى قىيىن بىر مەسىلە بولۇپ قالماقتا. يېقىندا ئەنگلىيەدىكى شىفېلد ھاللام ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ھېلېنا كېنېدى تەتقىقات مەركىزى بىلەن «خوڭكوڭ كۆزىتىش تەشكىلاتى» ناملىق ئىككى تەتقىقات ئورنى، خىتاينىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى ۋە ئۇيغۇر رايونىدىكى باستۇرۇش ئاپپاراتلىرىغا چېتىشلىق خىتاي شىركەتلىرىگە مەبلەغ سالغان ئامېرىكا، كانادا ۋە ئەنگلىيەدىكى پېنسىيە فۇندلىرىنى ئېنىقلاپ چىققان.
يۇقىرىقى ئىككى تەتقىقات ئورنىنىڭ ئۆتكەن ھەپتە ئېلان قىلغان «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتنى پاسسىپ مەبلەغ بىلەن تەمىنلەش» ماۋزۇلۇق دوكلاتتا، «مورگان ستانلېي خەلقئارا كاپىتال» نىڭ ئۈچ چوڭ ئاكسىيە كۆرسەتكۈچىدىكى پاي چېكىلىرىنىڭ تەركىبى ئانالىز قىلىنىپ، بۇلار تەئەللۇق بولغان خىتاي شىركەتلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەش پروگراممىسى ۋە ئۇيغۇر رايونىدىكى باستۇرۇش ئاپپاراتلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ئېنىقلاپ چىققان.
دوكلاتتا كۆرسىتىشىچە، ئامېرىكانىڭ ۋاشىنگتون شتاتى، پېنسىلۋانىيە شتاتى، نيۇ-يورك ئومۇمى پېنسىيە فوندى، نيۇ-يورك شتاتى ئوقۇتقۇچىلار فوندى، نېۋادا ھۆكۈمەت خادىملىرىنىڭ پېنسىيە سىستېمىسى، شۇنداقلا كانادا پېنسىيە پىلانى قاتارلىق نۇرغۇن فوندلارنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى ۋە جازا لاگېرلىرىغا چېتىشلىق خىتاي شىركەتلىرىگە مەبلەغ سالغانلىقى مەلۇم بولغان.
ھالبۇكى، كانادا پېنسىيە فوندىنىڭ بۇ خىل شىركەتلەرگە مەبلەغ سېلىشى دەرھال كانادادىكى ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ دىققىتىنى تارتقان. «مۇزلۇقتىكى كانادالىقلار مەركىزى» ناملىق ئاممىۋى تەشكىلات دەرھال كانادا پېنسىيە فوندى بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئۇلارنىڭ بۇنىڭغا چۈشەنچە بېرىشى ۋە مەبلىغىنى چېكىندۈرۈپ چىقىرىشىنى تەلەپ قىلغان. مەلۇم بولۇشىچە، كانادا پېنسىيە فوندى ئۇيغۇر جازا لاگېرلىرىدىكى قۇللار ئەمگىكىگە چېتىشلىق خىتاي شىركەتلىرىدە مەبلىغى بار ئىككى پاي چېكى كۆرسەتكۈچىگە 14 مىليارد دوللار مەبلەغ سالغانىكەن. دوكلاتتا يەنە كانادانىڭ باشقا ئىككى فېدېراتسىيە پېنسىيە فوندى بىلەن 6 ئۆلكىلىك پېنسىيە فوندىنىڭمۇ بۇ خىل شىركەتلەرگە مەبلەغ سالغانلىقىى بىلدۈرۈلگەن.
«مۇزلۇقتىكى كانادالىقلار مەركىزى» ناملىق تەشكىلاتنىڭ قۇرغۇچىسى ۋە دىرېكتورى رىك پېتېرسون 14-مارت زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، كانادا پېنسىيە فوندىنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك لاگېرلىرىغا ۋاسىتىلىك مەبلەغ سېلىشى مۇۋاپىق بولمىغانلىقىنى بىلدۈردى.
رىك پېتېرسون مۇنداق دەيدۇ: «كانادا پېنسىيە پىلانى خىتاي ۋە ئاسىياغا مۇناسىۋەتلىك بەزى كۆرسەتكۈچ فوندلىرىغا مەبلەغ سالغان. بۇ دوكلاتنىڭ بىزنىڭ دىققىتىمىزنى تارتتى. چۈنكى، كۆرسەتكۈچ فوندىدىكى بەزى شىركەتلەر ئۇيغۇر قۇللار ئەمگىكى لاگېرلىرىغا چېتىشلىق بولۇپ چىققان. كانادا پېنسىيە فوندى بۇنىڭغا ۋاسىتىلىك مەبلەغ سالغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ لاگېرلارنى مەبلەغ بىلەن تەمىنلىگەن. شۇڭا، بىز بىر كانادالىق بولۇش، بىر تەشكىلات بولۇش سۈپىتىدە كانادا پېنسىيە فوندىنىڭ ئۇيغۇر قۇللار ئەمگىكى لاگېرىغا مەبلەغ سېلىشىنى مۇۋاپىق، دەپ قارىمايمىز».
رىك پېتېرسوننىڭ ئېيتىشىچە، ئۇلار بۇ توغرىلىق كانادا پېنسىيە فوندى بىلەن ئالاقىلىشىپ، ناھايىتى ياخشى نەتىجىگە ئېرىشكەن.
رىك پېتېرسون مۇنداق دەيدۇ: «كانادا پېنسىيە فوندى بىلەن بىز بىلەن ئالاقىلىشىپ، سۆھبەتلىشىشنى تەلەپ قىلدى. بىز ئۇلار بىلەن روژدېستىۋا بايرىمىدىن بۇرۇن كۆرۈشۈپ، ئۇلارغا بىزنىڭ ئەندىشىلىرىمىز يەتكۈزگەن. شۇنداقلا ئۇلارغا ۋەزىيەتنى تونۇش توغرىسىدا تەۋسىيەلەردە بولغانتۇق. ئۇلار بۇ شىركەتلەرنىڭ كۆرسەتكۈچ فوندلىرىنى سېتىۋالماسلىقى كېرەكلىكىنى قوبۇل قىلىپ، دوكلاتنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىپ، بىزنىڭ كۆرسەتكۈچ فوندلىرىنى كۆپ خىللاشتۇرۇش تەلىپىمىزنى چۈشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. شۇڭا، بىز كەلگۈسى بىر قانچە ھەپتە ئىچىدە ئۇلارغا يەنە تېلېفون قىلىپ، ئۇيغۇر قۇللار ئەمگىكى لاگېرلىرىغا چېتىشلىق شىركەتلەرنىڭ كۆرسەتكۈچ فوندلىرىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن قانداق قىلغانلىقىنى سورايمىز ۋە بۇنىڭ نەتىجىسىنى كۈتىمىز».
«خوڭكوڭ كۆزىتىش» تەشكىلاتى بىلەن ھېلېنا كېنىدى تەتقىقات مەركىزىنىڭ دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئۇلار مورگان ستانلېينىڭ «MSCI تەرەققىي قىلىۋاتقان بازار كۆرسەتكۈچى»، «MSCI خىتاي كۆرسەتكۈچى» ۋە «MSCI ھەممە دۆلەتلەرنىڭ دۇنيا كۆرسەتكۈچى» قاتارلىق 3 پاي چېكى كۆرسەتكۈچىنى تەكشۈرگەن. ئۇلار بۇ 3 پاي چېىكى كۆرسەتكچىنى تەكشۈرۈپ «MSCI خىتاي كۆرسەتكۈچى» دىن ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى ۋە ئۇيغۇر رايونىدىكى جازا لاگېرلىرىغا ۋە باستۇرۇش ئاپپاراتلىرىنىڭ قۇرۇلۇشىغا قاتناشقان 12 شىركەتنى، «MSCI بازار تەرەققىيات كۆرسەتكۈچى» دىن 13 شىركەتنى، «MSCI ھەممە دۆلەتلەرنىڭ دۇنيا كۆرسەتكۈچى» دىن 4 شىركەتنى تېپىپ چىققان.
لېكىن كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، نۆۋەتتە پېنسىيە فوندلىرىنىڭ مەبلەغ سېلىشتا ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى ياكى خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى باستۇرۇش ئاپپاراتلىرىغا چېتىشلىق خىتاي شىركەتلىرىنى ئالدىنئالا بايقىشى قىيىن مەسىلە ئىكەن. رىك پېتېرسون 14-مارت زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا، كانادا پېنسىيە فوندىنىڭ مەبلەغ سالغان شىركەتنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق ئىكەنلىكىنى ئالدىنئالا بىلىشى مۇمكىن ئەمەسلىكىنى، «خوڭكوڭ كۆزىتىش تەشكىلاتى» نىڭ دوكلاتى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن ئۇنىڭ دىققىتىنى قوزغىغانلىقىنى بىلدۈردى.
رىك پېتېرسون: «بۇ دېلودا ئۇيغۇر قۇللار ئەمگىكى لاگېرىلىرى مەسىلىسى بۇ دوكلات ئارقىلىق ئۇلارنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان. دوكلاتتا مەسىلىسى بولغان 12 شىركەت ئالاھىدە تىلغا ئېلىنغان. چۈنكى، مەلۇم نۇقتىدىن بۇ شىركەتلەرنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك لاگېرلىرى بىلەن چېتىشلىقى بار. شۇڭا بۇ پاي چېكى كۆرسەتكۈچىدىكى شىركەتلەر كانادا پېنسىيە فوندىنىڭ دىققىتىنى تارتىشتىن بۇرۇن، ئۇنىڭ بۇ شىركەتلەرگە دائىر بارلىق تەپسىلىي ئەھۋاللارنى تولۇق بىلىپ كېتىشى مۇمكىن ئەمەس» دېدى.
ھېلېنا كېنىدى تەتقىقات مەركىزى بىلەن «خوڭكوڭ كۆزىتىش» تەشكىلاتىنىڭ 48 بەتلىك دوكلاتىدا، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئەمگەك كۈچلىرىنى ئۇيغۇر رايونىنىڭ ئىچى ۋە سىرتىغا يۆتكەش پروگراممىسىنىڭ خاراكتېرى مەجبۇرىي ئەمگەك ئىكەنلىكى، ئىشچىلارنىڭ بۇنى رەت قىلىش ئەركىنلىكى بولمايدىغانلىقى، ئۇلارنىڭ قايسى ساھەدە، قانداق تۇرمۇش ۋە ئەمگەك شارائىتىدا خىزمەت قىلىشنى تاللاش ئەركىنلىكى بولمايدىغانلىقى، ئەگەر ئىشچىلار بۇنى رەت قىلسا، ئۆزلىرىنىڭ ياكى ئائىلىسىنىڭ جازالىنىدىغانلىقىى بىلدۈرۈلگەن.
دوكلاتتا يەنە ئامېرىكا، ئەنگلىيە، كانادا قاتارلىق دۆلەتلەرگە بەزى تەۋسىيەلەر بېرىلىپ، بۇ دۆلەتلەرنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە قارىتا بەزى تەدبىرلەرنى ئېلىشى تەلەپ قىلىنغان. دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكا، مەجبۇرىي ئەمگەكنى چەكلەش قانۇنىنىڭ قارا تىزىملىكىدىكى شىركەتلەرنى كۆپەيتىپ، «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» غا ئاساسەن مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق شىركەتلەرنىڭ ئامېرىكاغا مال ئېكسپورت قىلىشىنى چەكلىشى، شۇنداقلا كۆپ خىل مەبلەغ فوندلىرى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق شىركەتلەرگە قارىتا مۇۋاپىق تەدبىر ئالمىغىچە، ئۇلارنىڭ ئامېرىكا پېنسىيە فوندى كۆزنىكىدىن پايدىلىنىشىنى توختىتىپ قويۇشى كېرەك ئىكەن.