دوكتور ئاندېرس كور: «شىنجاڭدىن ئىتالىيەگە ئەۋەتىلگەن ‹دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرى› خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى نورماللاشتۇرۇش تەشۋىقاتىغا يانتاياق بولىدۇ»

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئۇيغار تەييارلىدى
2024.05.15
xitay-italiye-poyiz «شىنجاڭ دېھقانچىلىق ۋە چارۋىچىلىق مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى» نامىدىكى خىتاي دۆلەت ئىگىلىكىدىكى شىركەت «دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرى» نامىدا ئۈرۈمچىدىن ئىتالىيەنىڭ سالېرنو شەھىرىگە ئەۋەتىش ئۈچۈن يۈك پويىزىغا قاچىلانغان مال. 2024-يىلى 26-ئاپرېل.
ts.cn

خىتاي خەۋەرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، 4-ئاينىڭ ئاخىرى «شىنجاڭ دېھقانچىلىق ۋە چارۋىچىلىق مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى» نامىدىكى خىتاي دۆلەت ئىگىلىكىدىكى بىر شىركەت «دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرى» نامىدا بىر يۈك پويىزىغا قاچىلانغان مالنى ئۈرۈمچىدىن ئىتالىيەنىڭ سالېرنو شەھىرىگە شەھىرىگە ئەۋەتكەن. چەت ئەللەردىكى كۆزەتكۈچىلەر، بۇ خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋەزىيىتىنى «نورماللاشتۇرۇش» ۋە ئۆزىنىڭ قاتتىققول باستۇرۇش سىياسىتىنى ھەقلىق قىلىپ كۆرسىتىش ئۇرۇنۇشىنىڭ بىر قىسمى، دەپ قارالماقتا.

«شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ بۇ ھەقتىكى مەخسۇس خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى ئىگىدارچىلىقىدىكى «شىنجاڭ دېھقانچىلىق ۋە چارۋىچىلىق مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى» غا تەۋە 82 ۋاگونلۇق بىر خىتاي يۈك پويىزى ئۈرۈمچىدىن ئىتالىيەنىڭ سالېرنو (Salerno) شەھىرىگە قاراپ يولغا چىققان.

«زىمىستان» (Bitter Winter) تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بۇ يۈك پويىزدا ئىتالىيەگە ئېلىپ بېرىلغان «دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرى» نىڭ نېمىلىكىنى ۋە ئۇنىڭ قانداق ئىشلەپچىقىرىلغانلىقىنى ئېنىقلاش ھازىرغىچە مۇمكىن بولمىغان. خىتاي ھۆكۈمىتىمۇ ئۇيغۇر دىيارىدىن ئىتالىيەگە ئەۋەتىلگەن بۇ مەھسۇلاتلارنىڭ خاراكتېرى ھەققىدە، يەنى ئۇنىڭ قانداق ۋە كىملەر تەرىپىدىن ئىشلەپچىقىرىلغانلىقى ھەققىدە ھېچقانداق ئۇچۇر بەرمىگەن.

تۈركىيە ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوتسېنتى، تارىخ پەنلىرى دوكتورى ئەركىن ئەكرەم بۇ ھەقتە ئىنكاس قايتۇرۇپ، ئۇيغۇر دىيارىدىن ئىتالىيەگە ئەۋەتىلگەن بۇ ئېكىسپورت مەھسۇلاتلىرىنىڭ گۇمانلىق ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى بىلەن ئىشلەپچىقىرىلغان بولۇش ئېھتىمالىنىڭ يۇقىرى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى تەتقىقات گۇرۇپپىسىنىڭ دىرېكتورى دوكتور ھېنرىك شاجىۋسكى (Henryk Szadziewski) ئۇيغۇر دىيارىدىن ئىتالىيەگە ئەۋەتىلگەن «دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرى» نىڭ ئەمەلىيەتتە ھازىرقى ۋەزىيەتتىكى ئېغىر بىر مەسىلە ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى. ئۇنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇر دىيارىدىن چەت ئەللەرگە ئېكىسپورت قىلىنغان ياكى ئەۋەتىلگەن ھەر قانداق بىر مەھسۇلاتتا مەلۇم مەسىلە مەۋجۇت بولۇپ، ئۇلارنى مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن چېتىشلىق، دەپ پەرەز قىلىشقا بولىدىكەن.

ئۇ مۇنداق دېدى: «مېنىڭچە، خىتاينىڭ شىنجاڭدىن ئىتالىيەگە بىر يۈك پويىزى مال ئەۋەتىشى چوڭ بىر تەرەققىيات. نېمشقا دېگەندە، ھازىر غەربىي ياۋروپا خىتاينىڭ ئېلىپ كېلىدىغان ئىقتىسادىي خەتىرىدىن قۇتۇلۇشقا تىرىشىۋاتىدۇ. ياۋروپا يېقىندا ‹مەجبۇرىي ئەمگەكنى چەكلەش قانۇنى› نى يولغا قويدى. ئىتالىيە خىتاينىڭ ‹بىر بەلباغ بىر يول› قۇرۇلۇشىنى قوللىغان ۋە بۇ قۇرۇلۇشقا قاتناشقان دۆلەت ئىدى. ئەمما ئىتالىيە كېيىنچە ‹بىر بەلباغ بىر يول› قۇرۇلۇشىدىن چېكىندى. ئىتالىيە غەربى ياۋروپادىكى ئىقتىسادى كۈچلۈك بىر دۆلەت. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ياۋرو-ئاسىيا قۇرۇقلۇقىدىن مال يۆتكىيەلىشى خىتاي ئۈچۈن بىر غەلىبە. شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە، خىتاي بۇ ئارقىلىق ‹بىر بەلباغ بىر يول› قۇرۇلۇشىنىڭ ياۋرو-ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقىغا سوزۇلغان ئىقتىسادىي كارىدور ئىكەنلىكىدەك بىر ئىلگىرى سۈرۈشكە تىرىشىۋاتىدۇ. دېمەكچىمەنكى، ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى مەسىلىسىنى تەتقىق قىلىۋاتقان نۇرغۇن كىشىلەر ئۇيغۇر رايونىدىن كەلگەن ھەر قانداق مەھسۇلاتتا مەسىلە بار، يەنى مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن چېتىشلىق بولۇشى مۇمكىن دەپ پەرەز قىلالايمىز. چۈنكى، شىنجاڭدا ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلار ھەققىدە يەنى مەھسۇلاتلارنىڭ قانداق ۋە كىملەر تەرىپىدىن ئىشلەپچىقىرىدىغانلىقى توغرىسىدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغىلى بولمايدۇ. شۇڭا بۇ بىر چوڭ مەسىلە».

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى، ئۇيغۇر ئامېرىكا جەمئىيىتى ۋە بىخەتەرلىكىنى قوغدىغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئىتالىيەنىڭ ۋاشىنگتوندىكى باش ئەلچىخانا خادىملىرىغا خەت بەرگەن كۆرۈنۈش. 2024-يىلى 7-ماي.
ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى، ئۇيغۇر ئامېرىكا جەمئىيىتى ۋە بىخەتەرلىكىنى قوغدىغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئىتالىيەنىڭ ۋاشىنگتوندىكى باش ئەلچىخانا خادىملىرىغا خەت بەرگەن كۆرۈنۈش. 2024-يىلى 7-ماي.
UAA

پىروفېسسور لاۋرا مورفى ۋە نىرولا ئېلىمانىڭ 2022-يىلى 1-ئايدىكى دوكلاتىدا مۇنداق دېيىلگەن: «ئۇيغۇر رايونىدىكى دېھقانچىلىقتا ئىشلىتىلگەن ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى يەر شارى تەمىنلەش زەنجىرىگە ئېغىر تەھدىت سالىدۇ. خىتاي ئىشلەپچىقارغان ئومۇمىي پاختا مەھسۇلاتىنىڭ 85 پىرسەنتى، پەمىدۇرنىڭ 70 پىرسەنتتىن كۆپرەكى، (ئېكسپورت قىلىنىدىغان پەمىدور قىيامىنىڭ 90 پىرسەنتى)، ياڭاقنىڭ 50 پىرسەنتى ۋە ئۈزۈمنىڭ 28 پىرسەنتى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئۆستۈرۈلىدىكەن.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 2017-يىلىدىن بۇيان ئۇيغۇر دىيارىدا لاگېر سىستېمىسى قۇرۇپ ۋە ئۇيغۇرلارنى كەڭ كۆلەمدە تۇتقۇن قىلىپ، مىليونلىغان ئۇيغۇرلارنى زامانىۋى قۇل سۈپىتىدە لاگېر ۋە زاۋۇتلاردا مەجبۇرىي ئەمگەككە سالغانلىقى ئىسپاتلانغان ئىدى.

ئامېرىكادىكى سىياسىي ئانالىزچى، دوكتور ئاندېرس كور (Anders Corr) بۇ ھەقتە جىددىي ئىنكاس قايتۇرۇپ مۇنداق دېدى:

«مېنىڭچە، خىتاينىڭ بۇ يۈك پويىزىنى ئىتالىيەگە ئەۋەتىشنىڭ ئىككى تۈرلۈك مەقسىتى بار. بىر تەرەپتىن، خىتاي سودا جەھەتتىكى بىر ئاز پايدىنى كۆزلىگەن بولۇشى مۇمكىن. مەن ئىتالىيەگە ئەۋەتكەن بۇ پويىزنىڭ خىتايغا ئېلىپ كەلگەن ئەڭ چوڭ پايدىسىنى تەشۋىقات ساھەسىدىكى غەلىبە، دەپ قارايمەن. يەنى خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق بولۇۋاتقان شىنجاڭدىن لىق مال قاچىلانغان بىر يۈك پويىزىنى مۇشۇنداق شەكىلدە ئوچۇق-ئاشكارا ھالدا ياۋروپادىكى بىر دۆلەتكە ئەۋەتىشى، ئۇلار ئۈچۈن بىر تەشۋىقات غەلىبىسى ھېسابلىنىدۇ. خىتاي بىر قىسىم دۆلەتلەرگە، يەنى خىتاي بىلەن ھەمكارلىشىشنى خالايدىغان دۆلەتلەرگە شىنجاڭدا ئىشلەپچىقارغان مەھسۇلاتلارنى ئېلىشنى تەشۋىق قىلىۋاتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە چەت ئەلدىن ئادەم ئېلىپ كېلىپ شىنجاڭنى ساياھەت قىلدۇرۇۋاتىدۇ. بۇ شىنجاڭدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋەزىيىتىنى ‹نورماللاشتۇرۇش› قا پايدىلىق. ئېنىقكى، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ئارقىلىق ئۆزىنىڭ رايوندىكى مۇستەبىت سىياسىتىنى ھەقلىق قىلىپ كۆرسىتىشكە ئۇرۇنۇۋاتىدۇ».

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى، ئۇيغۇر ئامېرىكا جەمئىيىتى ۋە «قوغدىغۇچىلار» جەمئىيىتى (Safeguard Defenders) ئىتالىيەنىڭ ئامېرىكادا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى مارىئانگېلا زاپپىيا (Mariangela Zappia) غا بىرلەشمە مەكتۇپ ئەۋەتىپ، ئۇيغۇر دىيارىدىن ئىتالىيەگە ئەۋەتىلگەن «دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرى» قارىتا ئۆزلىرىنىڭ ئەندىشە ۋە تەلەپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلارنىڭ ئىتالىيەگە كىرىشىگە يولغا قۇيۇش، ئىتالىيە ئىمزا قويغان خەلقئارالىق ئەھدىنامىلەر ۋە شەرتنامىلەرگە خىلاپ ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

بۇ مەكتۇپنى يېزىشقا قاتناشقان ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئەلفىدار ئىلتەبىر خانىم رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، مۇنداق دېدى: «بىز مەكتۇپىمىزدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ئىشلىگەنلىكىنى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ كەڭ كۆلەمدە مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىۋاتقانلىقىنى ئىسپاتلىرى بىلەن بىلدۈردۇق. ئىتالىيەنىڭ ئامېرىكادا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى مارىئانگېلا زاپپىيا خانىمدىن ئىتالىيە ھۆكۈمىتىگە بېسىم ئىشلىتىپ، ئىتالىيەگە ئەۋەتىلگەن ‹دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرى›نى تەكشۈرۈشىنى تەلەپ قىلدۇق».

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جوۋ بايدېن 2021 يىلى 12-ئايدا ئىمزا قويغان «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» 2022-يىلى 21-ئىيۇندىن باشلاپ رەسمىي ئىجرا قىلىنىشقا باشلىغان. مەزكۇر قانۇنغا ئاساسەن ئۇيغۇر دىيارىدا ئىشلەپچىقىرىلىپ، ئامېرىكاغا ئىمپورت قىلىنىدىغان ھەر قانداق مەھسۇلاتنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى بىلەن چېتىشلىقى يوقلۇقى قايىل قىلارلىق دەلىللەر بىلەن ئىسپاتلانمىغۇچە، ئامېرىكا بازىرىغا كېرىشى چەكلەنگەن ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.