ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق مودا ماركىلىرى ئۈستىدىن قايتا ئەرز قىلىندى
2023.05.30
ئالدىنقى ھەپتە مەركىزى پارىژدىكى ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنستىتۇتى، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش سەپەرۋەرلىك تەشكىلاتى شېرپا (Sherpa)، بەلگە چاپلاش ئەخلاقى كوللېكتىپى ۋە لاگېردا مەجبۇرىي ئەمگەككە شاھىت بولغان بىر لاگېر شاھىتى تەرىپىدىن سكېچېر، زارا ۋە باشقا بىر قانچە مودا ماركىلىرى ئۈستىدىن سوتقا ئەرز سۇنغان.
ئەرز قىلىنغان ماركىلارنىڭ ئىچىدە ياپونىيە كىيىم-كېچەك ماركىسى يۇنىكلو(Uniqlo) نىڭ فىرانسىيە تارماق شىركىتى، ئۇنىڭ ئانا شىركىتى تېز پارچە سېتىش (Fast Retailing) شىركىتى، شۇنداقلا زارا (Zara) ماركىسىنىڭ باش شىركىتى ئىندىتېكس(Inditex)، فىرانسىيە مودا ئۆيى SMCP ۋە ئامېرىكادىكى ئاياغ ئىشلەپچىقارغۇچى سكېچېرس ( Skechers) قاتارلىقلار بار.
پائالىيەتچىلەر خەلقئارالىق مودا ماركىلىرىنى تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلغان بولۇپ، ئۇلارنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان جىنايەتلىرىگە شېرىك دەپ ئەيىبلىگەن. ئاشۇ شىركەتلەرنىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت، ئىرقىي قىرغىنچىلىق، ئېغىر قۇللۇق ئەمگىكى ۋە ئادەم ئەتكەسچىلىكىگە چېتىشلىق ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
ئەرزنامىدە، دۇنيادىكى پاختا ئىشلەپچىقىرىشنىڭ %20 تىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىن كېلىدىغانلىقى، شۇڭا ھەر بەش پاختا كىيىم-كېچەكنىڭ بىرى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن بۇلغىنىشى مۇمكىنلىكى كۆرسىتىلگەن.
يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان گۇرۇپپىلار 2021-يىلى 4-ئايدا مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئەرزنى بىرىنچى قېتىم سۇنغان. ئەمما، پارىژدىكى تەپتىش مەھكىمىسى بۇ خىلدىكى جىنايەتنى سوتلاش ھوقۇقى يوق دەپ باھانە قىلىپ ئەرزنى توختىتىۋەتكەن.
بىز بۇ ھەقتە تېخىمۇ تەپسىلىيرەك مەلۇماتقا ئېرىشىش ئۈچۈن ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنستىتۇتىنىڭ مەسئۇلى، مەزكۇر ئەرزنى سۇنۇشتا ھالقىلىق رول ئوينىغان ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچى دوكتور دىلنۇر رەيھاننى بۈگۈنكى سۆھبەت پروگراممىمىزغا تەكلىپ قىلدۇق.
سۆھبتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن ئاڭلىغايسىلەر.