C4ADS: «يەرشارى دورا تەمىنلەش زەنجىرى ئۇيغۇر رايونىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى بىلەن باغلانغان»

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز نۇرئىمان تەييارلىدى
2024.10.11
Sinopharm-dora-shirkiti.jpg خىتاي دۆلەتلىك دورا گۇرۇھى شىركىتى سىنوفارم (Sinopharm)نىڭ بىناسى. 2022-يىلى 18-يانۋار، بېيجىڭ.
REUTERS/Fabrizio Bensch

خىتاي دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ دورا ئىشلەپچىقارغۇچى، شۇنداقلا دۇنيادىكى ئىككىنچى چوڭ دورا بازىرى. مەلۇم بولۇشىچە، خىتايدىكى بۇ چوڭ دورا بازىرىغا مەسئۇل نۇرغۇن شىركەتلەرنىڭ ئىشلەپچىقىرىش بازىسى ئۇيغۇر ئېلىدە ئىكەن.

مەركىزى ۋاشىنگتوندىكى «ئىلغار مۇداپىئە تەتقىقات مەركىزى(Center for Advanced Defense Studies) (C4ADS) 8-ئۆكتەبىر «قوشۇمچە تەسىر: يەرشارى دورا تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى كىشىلىك ھوقۇققا بولغان باغلىنىشى» (Side Effects: The Human Rights Implications of Global Pharmaceutical Supply Chain Linkages to XUAR) سەرلەۋھىلىك يېڭى دوكلاتىنى ئېلان قىلغان.

C4ADS نىڭ تەتقىقاتچىسى مېشىل كوندى (Mishel Kondi) تەرىپىدىن يېزىلغان مەزكۇر دوكلاتتا دۇنيا دورا سانائىتى بىلەن ئۇيغۇر ئېلىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك ئوتتۇرىسىدىكى باغلىنىش كۆرسىتىلگەن.

دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئۇيغۇر ئېلى خىتايدىكى ئەڭ چوڭ دورا شىركىتى Sinopharm نىڭ تۆتىنچى چوڭ ئىشلەپچىقىرىش بازىسى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن. ئۇيغۇر ئېلى يەنە ئىنسانلارنىڭ پىلازمىسىدىن دورا ​​ئىشلەپچىقىرىدىغان 10 چوڭ شىركەتنىڭ بىرى بولغان شىنجاڭ دېجۈەن بىئو-تېخنىكا شىركىتى (Xinjiang Dejuan Bioengineering) نىڭ مۇھىم مەركىزى، شۇنداقلا دۇنيادىكى PMU ئېستروگېننىڭ %25 ىنى ئىشلەپچىقىرىدىغان، خىتايدا بىرىكتۈرۈلگەن ئېستروگېن سۇيۇقلۇقى (conjugated estrogen creams) ۋە تابلىتكا دورا ئىشلەپچىقىرىدىغان بىردىنبىر شىركەت بولغان شىنجاڭ نوزۇلىن بىيو دورىگەرلىكى(Xinjiang Nuziline Bio-Pharmaceutical) نىڭ تىجارىتىدىكى ھالقىلىق ئورۇن ئىكەن.

ئەمگەك ئەسلىھەلىرىگە يۆتكەلگەن ئۇيغۇرلار كارخانا لىنىيەسىدە ئېكسپورت قىلىنىدىغان كىيىملەرنى قاتلاۋاتماقتا.
ئەمگەك ئەسلىھەلىرىگە يۆتكەلگەن ئۇيغۇرلار كارخانا لىنىيەسىدە ئېكسپورت قىلىنىدىغان كىيىملەرنى قاتلاۋاتماقتا.
Yettesu

دوكلاتقا ئاساسلانغاندا، خىتايدىن ئېكسپورت قىلىنغان 76 خىل ئوخشىمىغان دورا مەھسۇلاتلىرى پەقەتلا ئۇيغۇر ئېلىدە ئىشلەپچىقىرىلىدىكەن. بۇنىڭ ئىچىدە بەزى ئاغرىق پەسەيتىش دورىلىرىمۇ بار بولۇپ، بۇ، يەر شارى تەمىنلەش زەنجىرىگە نىسبەتەن مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىلىش خەۋپىدىن دېرەك بېرىدىكەن. بۇ خىل خەۋپ مەۋجۇت بولغان ئەھۋال ئاستىدىمۇ، ئامېرىكا يېمەكلىك ۋە دورا باشقۇرۇش ئىدارىسى (FDA) بىلەن ياپونىيە دورا ۋە داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى ئىدارىسى (PMDA) ئۇيغۇر ئېلىگە جايلاشقان دورا شىركەتلىرىگە ئىجازەت بەرگەن.

دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، ياپونىيە دورا ۋە داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى ئىدارىسى ئۇيغۇر ئېلىدىكى تيەنشەن دورىگەرلىكى (天山药物) ۋە يىلى چۇەننىڭ (伊利川宁) بىئو-تېخنىكا شىركىتىنىڭ ئىجازەتنامىسىنى تەستىقلىغان. ياپونىيە شىركەتلىرى 2023-يىلى يىلى چۈەننىڭ شىركىتىدىن ۋاسىتىلىك ھالدا مەھسۇلات سېتىۋالغان.

«ياپونىيە ئىقتىساد خەۋەرلىرى» تورىنىڭ 8-ئۆكتەبىر بەرگەن خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، يىلى چۇەننىڭ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ «نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش پىلانى» ۋە «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىق پائالىيىتى» گە قاتناشقان. بۇ ئاتالغۇلارنى ھۆكۈمەت مەجبۇرىي ئەمگەك پىروگراممىلىرىنى مەدھىيەلەشتە قوللىنىپ كەلگەن بولۇپ، تيەنشەن دورىگەرلىكىگە ھۆكۈمەت تەرەپتىن قوشۇلغان پاي كۆپ مىقدارنى ئىگىلەيدىكەن.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ تەمىنلەش زەنجىرىگە قارىتا تەكشۈرۈشىگە قارىغاندا، FDA ئارقىلىق كونترول قىلىنىدىغان دورىلارنىڭ %13 ى خىتايدىكى زاۋۇتلاردا ئىشلەپچىقىرىلغان.

ئامېرىكا ۋە ياپونىيەدىن باشقا، سانلىق مەلۇمات ۋە تېخنىكا شىركىتى بولغان خارون (Kharon) نىڭ تەكشۈرۈشىچە، يىلى چۇەننىڭ 2019-يىلدىن 2023-يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا ھىندىستاندىكى دورا تەمىنلىگۈچى شىركەت Unimax Chemicals قا 6 مىليون دوللار قىممىتىدىكى ئانتىبىيوتىك ئېرىترومىتسىن مەھسۇلاتلىرى تەمىنلىگەن.

مەزكۇر دوكلاتنىڭ ئاپتورى مېشىل كوندى خانىم بۇ ھەقتە رادىيومىزغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: «بىزنىڭ تەتقىقاتىمىزدىكى بايقاشلار خەلقئارالىق ھۆكۈمەتلەرنىڭ دورىگەرلىك ساھەسىدە ئۇيغۇر رايونى بىلەن باغلىنىشنى ساقلاپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. مەسىلەن، ئامېرىكانىڭ FDA ياكى ياپونىيەنىڭ PMDA غا ئوخشاش خەلقئارالىق ھۆكۈمەت ئورگانلىرى يەنىلا شىنجاڭنى بازا قىلغان ئورۇنلارغا ئىجازەتنامە بېرىپ كەلگەن. ئامېرىكادا UFLPA ئىجرا قىلىنىۋاتقان تۇرۇپ، FDA نىڭ شىنجاڭدىكى شىركەتلەرگە ئىجازەتنامە بېرىشى بەك زىددىيەتلىك. ياپونىيەدە ھېچقانداق قانۇن بولمىسىمۇ، ياپونىيە جەمئىيىتى ۋە ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلىمىز. ياپونىيەدە يېزىلغان قانۇن يوق. بۇ پەقەت بىر تەۋسىيە. بۇ ھەقتە سۆھبەتنىڭ باشلىنىشى مۇھىم. شۇڭلاشقا، بۇ ئاساسنى باشلاش ئۈچۈن، ياپونىيە شىركەتلىرىنىڭ ئىشلىتىۋاتقان دورىلىرىنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق بولۇش ئېھتىماللىقىنى بىلىشى ھەقىقەتەن مۇھىم.»

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى 2021-يىلى 19-يانۋار خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزگەن سىياسىتىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ بېكىتكەن. 2021-يىلى 12-ئاينىڭ 23-كۈنى «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» (UFLPA) نى ماقۇللىغان بولۇپ، بۇ قانۇن 2022-يىلى 6-ئاينىڭ 21-كۈنىدىن باشلاپ رەسمىي ئىجرا قىلىنىشقا باشلانغان ئىدى.

كۆزەتكۈچىلەر ئۇيغۇر ئېلىگە باغلانغان دورا شىركەتلىرىنىڭ پەقەت مەجبۇرىي ئەمگەككىلا چېتىشلىق بولماستىن، بەلكى ئىشلەپچىقىرىلغان دورىلارنىڭ 2016-يىلىدىن باشلاپ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي مىللەتلەرگە قارىتىلغان كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇندا لاگېر ۋە تۈرمىلەرگە سولانغان مىليونلىغان كىشىلەرگە سىناق قىلىنىش ئېھتىماللىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

ئامېرىكادا تۇرۇشلۇق لاگېر شاھىتى مېھرىگۈل تۇرسۇن بۇ ھەقتە رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ، 2016-يىلىدىن 2018-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا لاگېردا تۇرغان ۋاقىتلىرىدا تۈرلۈك دورىلارنى يېيىشكە مەجبۇرلانغان.

مېھرىگۈل تۇرسۇن 2018-يىلى 28-نويابىر كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى قارمىقىدىكى خىتاي ئىشلىرى ئىجرائىيە كومىتېتىدا ئۆتكۈزۈلگەن گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىدا، ئۆزىنىڭ چەرچەندە 37 كىۋادرات مېتىرلىق بىر كامېرغا جەمئىي 67 ئايال تۇتقۇن بىلەن بىللە سولانغانلىقى، 3 ئاي ئىچىدە كامېردىكى تۇتقۇنلاردىن 9 نەپىرىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى ھەققىدە گۇۋاھلىق بەرگەنىدى.

گوللاندىيەدە تۇرۇشلۇق سابىق ئوقۇتقۇچى قەلبىنۇر سىدىق خانىم خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە قۇرغان لاگېرلىرىدا مەجبۇرىي خىتاي تىلى ئوقۇتقۇچىسى بولغان بولۇپ، ئۇ لاگېرلاردا ئوقۇتقۇچىلىق قىلىش جەريانىدا تۇتقۇنلارغا بېرىلگەن ھەر خىل دورىلار توغرىلىق كۆرگەنلىرىنى بىز بىلەن ئورتاقلاشتى.

مېشىل كوندى خانىم ئۇيغۇر ئېلىدە ئىشلەپچىقىرىلغان دورىلارنىڭ لاگېردىكى كىشىلەرگە سىناق قىلىنغان ياكى قىلىنمىغانلىقى ھەققىدە توختىلىپ، بۇ ھەقتە بىرەر ئىسپاتقا ئېرىشەلمىگەنلىكىنى ئەمما بۇ خىل ئېھتىماللىقنىڭ ناھايىتى يۇقىرى ئىكەنلىكنى مۇنداق تەكىتلىدى:

«بىزنىڭ بۇ رايوندا يۈز بېرىۋاتقان ئىشلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك يەنى تېببىي سىناقلارنى قىلىشقا دائىر بەزى گۇمانلىرىمىز بار، ئەمما بۇنىڭغا ئائىت ئېنىق ئىسپاتنى تاپالمىدۇق. لېكىن بۇ ھەرگىزمۇ ئۇنداق ئىشنىڭ مەۋجۇت ئەمەسلىكىنى بىلدۈرمەيدۇ. شىنجاڭ دېجۈەن بىئو-تېخنىكا شىركىتى قان توپلايدۇ. ئۇنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا قان يىغىۋېلىش پونكىتى بار. ئۇلار قان بەرگەنلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ پىدائىي ئىكەنلىكىنى دەيدۇ. ئۇلارنىڭ لاگېرلاردىكى كىشىلەرنىڭ قېنى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاشقا ئىمكان بولمىدى. ئۇلار ئىنسانلارنىڭ قېنىدىن پلازمانى ئايرىپ چىقىدۇ ۋە بۇنى ئۆزلىرى ياسىغان دورىلارغا ئىشلىتىدۇ. بۇ خىل دورىلار ئىممۇنىتېت كېسەللىكلىرى ۋە ھەر خىل ۋىرۇسلارغا قارشى ئىشلىتىلىدۇ. تىلغا ئېلىپ ئۆتكىنىمدەك، بىز دورىلارنىڭ لاگېردىكى كىشىلەرگە سىناق قىلىنىۋاتقانلىقىغا دائىر ئىسپات تاپالمىغان بولساقمۇ، لېكىن بۇ، كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ئېغىر رايوندا يۈز بېرىۋاتىدۇ. دوكلاتتا تىلغا ئالغان ئىككى ئورۇن بىلەن سودا قىلىۋاتقانلار ئۈچۈن كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە، ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىلىش خەتىرى ناھايىتى يۇقىرى.»

ئۇ، ئاخىرىدا ھەر قايسى ھۆكۈمەتلەرنىڭ، دورا سانائىتىدىكى پايچەك ساھىبلىرىنىڭ ۋە تەتقىقاتچىلارنىڭ بۇ مەسىلىگە جىددىي قارىشى لازىملىقىنى ئەسكەرتتى. «بىز ھۆكۈمەتلەرنى، خۇسۇسىي ئىگىلىك پايچىكلىرىنى شۇنداقلا تەتقىقاتچىلارنى بۇ مەسىلىگە ئەھمىيەت بېرىشكە چاقىرىمىز. بىز ھەممىمىز بىر جەمئىيەت بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن تەمىنلەش زەنجىرىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەككە قانداق تاقابىل تۇرۇشنى ئويلاش مەسئۇلىيىتىمىز بار. بىز باشقا تەتقىقاتچىلارنىڭمۇ مەسىلىگە قول تېقىشىنى قارشى ئالىمىز. بىز بۇ توغرىلىق توپلىغان سانلىق مەلۇماتلارنى ئورتاقلىشىشنى خالايمىز، يەنى باشقا تەتقىقاتچىلارنى قوللايمىز.»

بىز بۇ دوكلات ھەققىدە FDA بىلەن ئالاقىلەشتۇق. لېكىن، FDA باياناتچىسى بۇ دوكلاتقا قارىتا ھېچقانداق ئىنكاس قايتۇرمىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.