ب د ت قارارى: «ئۇلار ئۇيغۇر ۋە مۇسۇلمان بولغانلىقى ئۈچۈن تۇتۇلۇۋاتىدۇ، ئېغىر ۋە سىستېمىلىق كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ»

ئىستانبۇلدىن ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئارسلان تەييارلىدى
2023.06.21
Axbarat-elan-qilish-yighini-2.jpg ب د ت نىڭ ئۇيغۇرلارغا ئالاقىدار قارارى مۇناسىۋىتى بىلەن ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن كۆرۈنۈش. 2023-يىلى 21-ئىيۇن، تۈركىيە.
RFA/Arslan

خىتاينىڭ يىغىۋېلىش لاگېرلىرىدا زىيانكەشلىككە ئۇچراۋاتقان نىغمەت خەمىت، تاجىنىسا ئىمىن ۋە دىلشات ئورالباي قاتارلىق كىشىلەرنىڭ تۈركىيەدە تۇرۇۋاتقان ئۇرۇق-تۇغقانلىرى تۈرك ئادۋوكات گۇلدەن سۇنمەزخانىم ئارقىلىق ب د ت نىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارلىقىغا ئەرز سۇنغان بولۇپ، بۇ ئەرزنامە مەزكۇر ئورگاننىڭ «خالىغانچە تۇتقۇن قىلىش ئىشلىرى گۇرۇپپىسى» تەرىپىدىن كۆرۈپ چىقىلغاندىن كېيىن يېقىندا ئۇلار توغرىسىدا مۇھىم قارار ئېلان قىلغان. قاراردا، «ئۇلار ئۇيغۇر ۋە مۇسۇلمان بولغانلىقى ئۈچۈن تۇتۇلۇۋاتىدۇ، بۇ ئىجرائات خالىغانچە تۇتقۇن قىلىشتۇر، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا قارشى ئېغىر ۋە سىستېمىلىق كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ»، دېيىلگەن ۋە خىتاينى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسىنىڭ 2-ماددىسىنى دەپسەندە قىلغانلىق بىلەن ئەيىبلىگەن.

21-ئىيۇن كۈنى مەزكۇر قارارغا مۇناسىۋەتلىك ئىستانبۇلدا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرىدا زىيانكەشلىككە ئۇچراۋاتقانلاردىن نىغمەت خەمىت، تاجىنىسا ئىمىن ۋە دىلشات ئورالباي قاتارلىق ئون نەچچە كىشىنىڭ ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان تۇغقانلىرى ۋە ئادۋوكات گۈلدەن سۈنمەزخانىم سۆز قىلدى.

شاھىت مەلىكە مەخمۇت خانىم 20 يىللىق تۈرمىگە قامالغان تاغىسى دىلشات ئورالباي توغرىسىدا سۆز قىلماقتا. 2023-يىلى 21-ئىيۇن، تۈركىيە.
شاھىت مەلىكە مەخمۇت خانىم 20 يىللىق تۈرمىگە قامالغان تاغىسى دىلشات ئورالباي توغرىسىدا سۆز قىلماقتا. 2023-يىلى 21-ئىيۇن، تۈركىيە.
RFA/Arslan

بىز بۇ ھەقتە تولۇق مەلۇماتقا ئېرىشىش ئۈچۈن زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارغا ۋاكالىتەن ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارلىقىغا ئەرز سۇنغان ئادۋوكات گۈلدەن سۈنمەزخانىم بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

گۈلدەن سۈنمەز خانىم ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارلىقىنىڭ قارارى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: «بۇ (خىتاينىڭ) جازا لاگېرلىرىغا مۇناسىۋەتلىك ئىنتايىن مۇھىم بىر قارار، بىز يىغىۋېلىش لاگېرلىرىدا زىيانكەشلىككە ئۇچراۋاتقان كىشىلەرنىڭ بۇ قاراردىن كېيىن دەرھال ئەركىن قويۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلىمىز، بۇ قارار ئەسلىدە يىغىۋېلىش لاگېرلىرى ھەققىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش كېرەك بولغان بىر قارار بولغانلىقىنى ئۈچۈن ب د ت نىڭ بۇ خىل قارارىدىن كېيىن خىتاينىڭ ئەمدى قارشىلىق كۆرسىتەلمەيدىغانلىقىنى، شۇ سەۋەبتىن خىتاينىڭ يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنى دەرھال تاقاپ ئىچىدە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان كىشىلەرنى دەرھال ئەركىن قويۇپ بېرىشى شەرت دەپ قارايمىز. خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرىنى ئاقلاپ ئوتتۇرىغا قويۇۋاتقان سەۋەبلەر باھانىلەر، بۇ قارار بىلەن يوققا چىقىرىلغان بولدى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، ئۇ لاگېرلاردا تۇتۇلۇۋاتقانلارنى مەجبۇرىي تۇتقۇن قىلىنغانلىقىغا دائىر بىر ھۆكۈم چىقارغان بولدى. خىتاينىڭ يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنى، قايتا تەربىيەلەش مەركەزلىرى دەپ داۋا قىلىشى ئەمدى خىتاينى توغرا دەپ قاراشقا سەۋەب بولالمايدۇ. چۈنكى ئۇ لاگېرلار ئىنسانلارنى جازالاش ئۈچۈن قۇرۇلغان تۈرمە ئىكەنلىكى، ئىنسانلارنى ئۇ يەردە جازالاش مەقسىتىدە مەجبۇرىي تۇتۇپ تۇرۇۋاتقانلىقى دەلىل-ئىسپات بىلەن ئوتتۇرىغا چىقتى، خىتاي ب د ت دىكى ئۆزىنى ئاقلاش جەريانىدا بۇنى ئىقرار قىلغان بولدى، بۇنىڭدىن كېيىن خىتاي ئۆزىنى ئاقلاش ئۈچۈن ئىلگىرىكى سەپسەتىلىرىنى ئەمدى ئوتتۇرىغا قويالمايدۇ. بىز زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن بىرلىكتە خىتاينىڭ باش ئەلچىلىكىگە بۇ قارارنى ئېلىپ بارىمىز ۋە لاگېرلاردا زىيانكەشلىككە ئۇچراۋاتقان مىليونلىغان ئۇيغۇرلارنى ئەركىن قويۇپ بېرىشىنى ھەم ب د ت نىڭ ئالغان قارارىنى ئىجرا قىلىشىنى تەلەپ قىلىمەن» .

ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا سۆز قىلغان نۇرمەمەت مەتتۇرسۇن، ئانىسى تاجىنىسا ئىمىن ۋە 14 تۇغقىنىنىڭ خوتەندە تۇتقۇن قىلىنىپ 2017-يىلىدىن بۇيان يىغىۋېلىش لاگېرىغا قامالغانلىقى توغرىسىدا ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارلىقىغا ئادۋوكات گۈلدەن سۈنمەز خانىم ئارقىلىق ئەرز سۇنغان بولۇپ، ئانىسى ياشانغان بىر ئايال بولسىمۇ تۇتۇلغاندىن بۇيان ھېچ قانداق خەۋەر ئالالمىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە دادىسى نۇرى مەتتۇرسۇنمۇ ئوخشاشلا خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنىپ لاگېرغا قامالغان بولۇپ، ئۇ يەردە ئىسكەنجە ۋە قىيىن قىستاق بىلەن ئۆلتۈرۈلگەن ھەم ھېچ كىمگە كۆرسىتىلمەستىن ساقچىلار تەرىپىدىن دەپىنە قىلىنغان. باشقا تۇغقانلىرىمۇ ھازىرمۇ لاگېرغا قامالغان ھالەتتە ئىكەن.

گۇلدەن خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە ئۇ قاراردا، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارلىقى قارمىقىدىكى خالىغانچە تۇتقۇن قىلىش ئىشلىرىنى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى، نىغمەت خەمىت، تاجىنىسا ئىمىن ۋە دىلشات ئورالباينىڭ قانۇنغا خىلاپ بىر شەكىلدە تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى، ئاقىۋەتلىرىنى ۋە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئورۇنلىرىنى بىلدۈرمەستىن مەخپىي تۇتۇشىنىڭمۇ قانۇنغا خىلاپ ئىكەنلىكىنى بېكىتكەن. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە تاجىنىسا ئىمىننىڭ يولدىشى نۇرى مەتتۇرسۇننىڭ لاگېردا ئۇچرىغان قىيىن-قىستاق سەۋەبىدىن ئۆلگەنلىكىگە دائىر مەلۇماتلارنى، خالىغانچە تۇتقۇن قىلىش ئىشلىرىنى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ مۇناسىۋەتلىك مەسئۇلىغا بىلدۈرۈپ، بۇ ھەقتە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان.

ب د ت نىڭ ئۇيغۇرلارغا ئالاقىدار ئالغان قارارى مۇناسىۋەتنى بىلەن ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن كۆرۈنۈش. 2023-يىلى 21-ئىيۇن، تۈركىيە.

ب د ت نىڭ قارارىدا ئورۇن ئالغان ئۈچىنچى كىشى 54 ياشلىق دىلشات ئورالباي بولۇپ، ئۇ 2018-يىلى 8-ئايدا ئىككى سىڭلىسى بىلەن بىرگە كۈيتۇن شەھىرىدىكى ئۆيىدىن تۇتۇپ كېتىلگەن. دىلشات ئورالباي كەسپى خىتايچە تەرجىمان بولۇپ خىزمەت قىلىدىغان كىشى ئىكەن.

ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان شاھىت گۇلئايشە ئورالباي تاغىسى دىلشات ئورالباي توغرىسىدا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تاغىسى دىلشات ئورالباي ئۆيىدىن تۇتۇپ كېتىلگەندىن كېيىن ساقچى ئۇنىڭ 25 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقىنى، سىڭلىسى بەختىگۈلنىڭ 19 يىل، كىچىك سىڭلىسى باگىلاننىڭ 15 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ ئۇنىڭغا ئالاقىدار ھېچ قانداق ھۆججەت ياكى ھۆكۈم قەغىزى بەرمەستىن پەقەت سۆز بىلەن ئىپادە بىلدۈرگەن.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان گۇلئايشە ئورالباي خانىم كۆز يېشىنى تۇتالماي، ب د ت قاتارلىق خەلقئارا تەشكىلاتلار، دۆلەت ۋە دۇنيا جامائىتىدىن ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ۋە لاگېرلارغا قامالغان پۈتۈن ئۇيغۇرلارنىڭ ئەركىنلىككە چىقىشى ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە چاقىرىق قىلدى.

ئىگىلىنىشىچە، ب د ت نىڭ بۇ قارارى 4-ئايدا ئېلىنغان بولۇپ، ئادۋوكات گۈلدەن سۈنمەز خانىمغا يېقىندا رەسمىي ھۆججەت بىلەن بىلدۈرۈلگەن ۋە ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارلىقىنىڭ رەسمىي تور سەھىپىسىدە ئېلان قىلىنغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.