مۇھاجىر مەمەتتوختى ئىمىن غايىب ئىككى ئوغلى ۋە بىر كېلىنىنىڭ ئۇچۇرىنى «كونا شەھەر ساقچى ئارخىپلىرى» دىن تاپقان
2023.06.01
ئۆتكەن يىلى ئامېرىكادىكى كوممۇنىزم قۇربانلىرىنى خاتىرىلەش فوندى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان «شىنجاڭ ساقچى ئارخىپلىرى» مۇھاجىرەتتىكى بىر تۈركۈم ئۇيغۇرلارنى غايىب ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەردار قىلدى. نۆۋەتتە تۈركىيەدە ياشاۋاتقان 82 ياشلىق مەمەتتوختى ئىمىن ئاكا، 5 يىلدىن بۇيان ئېنىق ئۇچۇر ئالالمايۋاتقان ئۇرۇق-تۇغقانلىرىدىن ئىككى ئوغلى ۋە بىر كېلىنىڭ ئۇچۇرىنى ئەنە شۇ ئارخىپتىن بىلگەن. ئارخىپتا ئىككى ئوغلىنىڭ 11 ۋە 7 يىللىقتىن كېسىلگەنلىكى خاتىرىلەنگەن.
خەلقئارادا «شىنجاڭ ساقچى ئارخىپلىرى» دەپ تونۇلغان، ئەسلىدە كونا شەھەر ناھىيەلىك ساقچى ئىدارىسىگە تەۋە بولغان مەزكۇر ئارخىپتا، 2800 دىن ئارتۇق تۇتقۇننىڭ رەسىمى ۋە يۈزمىڭلارچە تۇتقۇننىڭ ئۇچۇرلىرى ساقلانغان. ئارخىپتا كونا شەھەر ناھىيەسىدىكى تۇتقۇنلار ئاساسلىق سالماقنى ئىگىلەش بىلەن بىرلىكتە تېكەس قاتارلىق يەنە بىر قانچە ناھىيە ۋە شەھەرلەردىكى بىر قىسىم تۇتقۇنلارنىڭمۇ ئۇچۇرلىرى ئورۇن ئالغان. مۇتەخەسسىسلەر ئىلمىي كۆزىتىش ۋە تەھلىللەر ئارقىلىق، بۇ ئارخىپنىڭ چىنلىقى ھەققىدە خۇلاسە چىقىرىپ بولغان بولسىمۇ، خىتاي تەرەپ ئىلگىرىكىگە ئوخشاشلا، بۇ ھۆججەتلەرنىڭ ساختا ئىكەنلىكى، خىتايغا قارشى دۈشمەن كۆچلەرنىڭ ياساپ چىقارغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار، بۇ ھۆججەتلەردىن تونۇغان ئۇرۇق-تۇغقان ۋە تونۇش-بىلىشلىرى ھەققىدە رەسمىي ۋە ئىجتىمائىي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە گۇۋاھلىق باياناتلىرىنى بەرمەكتە.
نۆۋەتتە تۈركىيەدە ياشاۋاتقان 82 ياشلىق مەمەتتوختى ئىمىن ئاكا، بۈگۈن، 31-ماي رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، «كونا شەھەر ساقچى ئارخىپلىرى» دىن ئىككى ئوغلى ۋە بىر كېلىنىنىڭ ئۇچۇرىنى ئالغانلىقىنى مەلۇم قىلدى. ئۇنىڭ دېيىشىچە، چوڭ ئوغلى پولات توختى 11 يىللىق، كىچىك ئوغلى غاپپار توختى 7 يىللىق كېسىۋېتىلگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، پولات توختى ئەسلىدە كەنتتە بىر مەھەللە باشلىقى بولۇپ، ئۇ 2017-يىلىنىڭ ئوتتۇرىلىرى تۇتقۇن قىلىنىپ 2018-يىلى 11 يىللىق كېسىۋېتىلگەن. بەلگىلىك دىنىي مەلۇماتلىق بولغان ۋە توققۇزاقتا دورا-دەرمەك دۇكىنى ئېچىۋاتقان غاپپار توختى 2017-يىلنىڭ بېشىدا تۇتقۇن قىلىنىپ، شۇ يىلى ئوتتۇرىلىرى 7 يىللىق كېسىۋېتىلگەن. ھۆججەتتە ھەر ئىككىسىنىڭ توپلىشىپ جەمئىيەت تەرتىپىنى بۇزۇش بىلەن ئەيىبلەنگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. مەمەتتوختى ئاكا، ئوغۇللىرىنىڭ ساغلام ئىمان-ئېتىقاد ۋە دۇرۇس ئەدەپ-ئەخلاقلىق كىشىلەر ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىرلىكتە، ئۇلارنىڭ پەقەت مىللىي-كىملىكى-ئۇيغۇرلۇقى-سەۋەبلىكلا جازالانغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ.
مەمەت توختى ئاكا، مەزكۇر تىزىملىكتىن، كېلىنى ھاۋانىسا تۇراپ ۋە ۋە كېلىنىنىڭ ئىنىسى پازىل ئەمەتنىڭمۇ ئۇچۇرلىرىنى ئۇچراتقان. مەزكۇر ئارخىپتا يۇرتى كوناشەھەرنىڭ لەڭگەر يېزىسىغا ئائىت 31 بەتلىك ماتېرىيال بارلىقىنى بايان قىلغان مەمەت توختى ئاكا، ھازىرغىچە مەزكۇر تىزىملىكتىن 30 چە تونۇشىنى ئۇچراتقانلىقىنى، ئەگەر زۆرۈر تېپىلسا، ئۇنىڭدىن ئاز دېگەندە 200 چە كىشىنى تونۇپ بېرەلەيدىغانلىقىنى بايان قىلدى.
مەزكۇر ئارخىپ ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، خەلقئارا خەۋەرلەردە، قەشقەر كونا شەھەرنىڭ دۇنيا بويىچە تۇتقۇنلار سانى ئەڭ يۈكسەك ناھىيە ئىكەنلىكى، بىر كونا شەھەردىكى مەھبۇسلار سانىنىڭ پۈتۈن ئامېرىكىدىكى مەھبۇسلار سانىدىنمۇ 10 نەچچە ھەسسە ئارتۇق ئىكەنلىكى خەۋەر قىلىنغان.
«كونا شەھەر ساقچى ئارخىپلىرى» ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، مەزكۇر ئارخىپتىكى 2800 تۇتقۇننىڭ رەسىملىرىدىكى قىياپەت «تەربىيەلەش مەركەزلىرى» نىڭ خىتاي پەردازلىغاندەك-كەسپىي تەربىيە ئورۇنلىرى بولماستىن، بەلكى ئېغىر قىيىن-قىستاق مەركەزلىرى ئىكەنلىكى مەلۇم بولغانىدى.